مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 771|ئىنكاس: 22

ئەمدى قانداق قىلىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       سىز ئوقۇتقۇچىمۇ؟ ياكى ئۆيىڭىزدە ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز ئارىسىدا بىرەر ئوقۇتقۇچى ( ئەلۋەتتە دېمەكچى بولغىنىم يېزا مەكتەپلەردە ئىشلەيدىغان ) بارمۇ ؟ سىز ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ ، شۇلارنىڭ خىزمىتى، مەكتىپى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ باققانمۇ ؟ ھە راست، سىز مائارىپقا كۆڭۈل بۆلەمسىز؟ كەڭ يېزا مائارىپىنىڭ قانداقراق كېتىۋاتقانلىقىنى بىلگۈڭىز كېلەمدۇ ؟ سىز يېزىلارغا بېرىپ باققانمۇ؟ يېزا مەكتەپلىرىگە كىرىپ دەرس ئاڭلاپ، ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سىردىشىپ باققانمۇ ؟ قېنى، سىز قاقشىمىغان، خىزمىتىدىن دادلىمىغان بىرەرى بىلەن ئۇچرىشىپمۇ قالدىڭىزمۇ؟ قېنى، كىم مەن بۇ خىزمىتىمدىن بەك رازى، مەن بۇ كەسپىمنى ھەقىقەتەن سۆيىمەن، مېنىڭ بارلىقىم مۇشۇ خىزمىتىم ئۈچۈن دەپ باقتى؟                              سىزگە دېسەم قاراڭ ، يېزا مائارىپىدىكى بۇ ئەھۋاللارنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ ، بەزىلىرىگە ئادەم ھەيرانلىقتا ھاڭ-تاڭ قېلىشقا، ھەتتا بەزىلىرىگە ياقا، بارماق چىشلەشكە مەجبۇر ! قېنى سىز قانداق مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا كۆچۈرۈشنى ئۆگەتكىنىنى كۆرگەن ؟ قانداق مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەتتا ئىمتىھاندا كىرىپ ئوقۇغۇچىغا دەپ بەرگىنى، يېزىپ بەرگىنىنى كۆرگەن ؟ يەنە سىز قانداق مەكتەپتە باشلانغۇچتا بەش يىل ئوقۇپ يەنە تولۇق بىر سىنىپ بالىنىڭ تولۇقسىزغا ساۋاتسىز كۆچكىنىنى كۆرگەن ؟ بەلكىم كۆرگەنسىز ، بەلكىم ئاڭلىغانسىز، بەلكىم ھازىر ئاڭلاپ ھەيران قېلىۋاتقانسىز؟ بەلكىم ئۆزىڭىز شۇنداق مەكتەپلەردە ئىشلەپ باققانسىز، ھەتتا ئۆزىڭىز كىرىپ كۆچۈرۈپ بەرگەنمۇ تېخى؟                 بىلىپ قويۇڭ جاھاندا، يەنە كېلىپ بىزنىڭ بۇ تارىم گىرۋەكلىرىدە بۇنداق ئىشلار ساماندەك تولا، ھىچكىم ھازىر ئۇنىڭدىن ھەيران قالمايدۇ . بۇ يەردىكى يېزا مەكتەپلەردە دەرس ئۆزلەشتۈرەلمەسلىك، ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ سىنىپ بويىچە لاياقەتسىز بولۇشى تولىمۇ ئادەتتىكى ئەھۋال ، ئىمتىھاندا 5،7،9،10 نومىر ئېلىش نورمال ئىش . ھازىر بۇ يەرلەرگە 100 نومىرنى ئۆلچەم قىلماي، 50 نومۇرنى ئۆلچەم قىلىپ، 25 تىن يوقۇرى ئالغانلارنى ئۆتتى، دەپ ھېسابلىسا سەل قاملىشار، سىز تولۇقسىز 3- يىللىققا خەنزۇ تىلى دەرس بېرىپ قالسىڭىز، ئاۋۋال ئۇلارغا پىنيىن ئۆگىتىشكە مەجبۇر بولىسىز. پىنيىن بىلىدىغان بالىلار بولسا خېلى خوش بولسىڭىز بولىدۇ . بۇ مەكتەپلەردە تېخىچە بالىلارنى مەكتەپكە تولۇق ئەكىلىش باش ۋەزىپە ، ئۇلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈشى ، ئۆگىنىش ئەھۋالى دېگەنلەرمۇ ئىشقىلىپ باش ۋەزىپە .                     سىز دېھقانلار بىلەن پاراڭلىشىپ باققانمۇ؟ بولۇپمۇ بىرەر بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان دېھقان بىلەن . مەن سىزگە شۇنداق ھۆددە بېرەلەيمەنكى، ئەگەر 10 ئادەم بىلەن پاراڭلاشسىڭىز، كەم بولغاندىمۇ يەتتىسى ئۆزىنىڭ بالىسىنى مەكتەپتىن ئاجراتقۇسى بارلىقىنى ، ئەمما يول تاپالماي قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يەردىكى <ئاجرىتىش> دېگەن سۆزنى ئويلاپ باقسىڭىز سەل قىزىق . بۇ يەردە دېھقان بالىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرسە ياكى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مەكتەپكە بارمايدىغان بولسا ، بالام مەكتەپتىن <ئاجرىدى> دەيدۇ . سىزنىڭچە بۇ <ئاجرىدى> دېگەن سۆز قانداق مەنە بىلدۈرەر ؟ بۇ دېھقانلارنىڭ: ئۇھ، ئاخىر بالام مەكتەپكە بارمايدىغان بولدى ، خويمۇ ئوبدان بىر قۇتۇلدۇق ، دېگىنى. ئۇلار بالىسىنى مەكتەپتىن ئاجرىتىۋالسا، خۇددى تۈرمىدىن چىقىرىۋالغاندەك خۇش بولۇپ كېتىدۇ . بۇ خىل ئەھۋال 30، 40 يىلدىن بۇيان يېزىلاردا ئۆزگەرگىنى يوق . بالىلار مەكتەپكە ئۆزلىكىدىن بارغۇسى كېلىدىغان ، دېھقانلارمۇ بالىلىرىنى مەكتەپكە ئاكتىپلىق ، رازىمەنلىك بىلەن ئەۋەتىدىغان ۋەزىيەت تا بۈگۈنگىچە مەيدانغا كەلگىنى يوق . ئەگەر مەن بۇ خىل .ەھۋال بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغارلىشىدۇ، دېسەم سىز ئىشىنەمسىز ؟ ئىشىنىڭ ، ئەمدى تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ . مەن بۇ يەردە يېزا مەكتەپلەردىكى ئالامەت ، كارامەتلەرنى سۆزلەپ يۈرمەي، بۇنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ . بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ ، يەنى دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بارغۇزمايدىغان ئەھۋالنىڭ نېمىشقا ئەمدى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، دېگەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ ئۆتەي .          دېمىسىمۇ دېھقانلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپكە نېمىنى كۆزلەپ ئوقۇتىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن ، ئەلۋەتتە ئۇلار بالام دېھقان بولمىسىكەن، كەتمەندىن قۇتۇلسىكەن، مائاش ئالىدىغان كادىر بولسىكەن، دەپ ئوقىتىدۇ . ئىلگىرى بۇ خىل ئۈمىد پات-پات ئەمەلگە ئېشىپ قالاتتى، دېھقان بالىلىرى تولۇقسىزدىنلا ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئۆتۈپ مائاشلىق كادىر بولۇپ قالاتتى . ئەلۋەتتە، ناھايىتى ئاز ساندىكىسى، ۋەھالانكى ھالا بۈەۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەھۋال تۈپتىن ئۆزگەردى. ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ چاقىرىققا ئېرىشمەك بەسىي مۈشكۈل، ئەمما، ئاجايىپ خوشاللىنارلىق ئىش ئىدى ، ئەمما ھازىر ئىمتىھانغا قاتناشسىلا، چاقىرىقتىن بەك غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ . ئەمما، يەنىلا دېھقانلارنىڭ بالىلىرىنى كادىر قىلىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ . چۈنكى ھەممىگە ئايان، ھازىر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش تەقسىم قىلمايدىغان بولدى ، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئۆزى تاپىدۇ ، بۇ خىل ئەھۋالدا مۇقەررەركى دېھقانلار ئەمەس، ھەرقانداق ئاتا-ئانا، بالىلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش- ئوقۇتماسلىقنى ئويلىشىپ باقىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا بەلكىم ئىككىلا تاللاش يولى بولۇشى مۇمكىن، بىرى ئالاھىدە ياخشى ئوقۇپ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ياكى ھۈنەر كەسپ تۈرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش، يەنە بىرى، تۆت-بەش يىل ئوقىسىمۇ يەنە خىزمەت يوق، مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچە بالىلىرىنى بالدۇرراق ئاجرىتىۋېلىپ، ھۈنەرگە بېرىش ياكى سودىغا سېلىش. چۈنكى، جان بېقىش ئەڭ مۇھىم مەسىلە، بۇ ھەرقانداق ئادەمگە ئورتاق. يېقىندا مەن نۇرغۇن زىيالىي، مائاش ئالىدىغان ئاتا- ئانىلارنىڭمۇ ئەمدى بالىنى ئوقۇتقاننىڭ پايدىسى قالمىدى، دېگىنىنى ئاڭلىدىم .             بىز بۇ خىل ئەھۋالدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز: ئىلگىرى ھەممىمىز بالىلىرىمىزنى مەكتەپكە تاشلاپ قويغان، بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى مەكتەپتىن ئىزدىگەن ، بالىمىزنى ئۆزىمىز تەربىيلەش خىيالىمىزغا كىرسىمۇ ئەمەلىيىتىمىزدە بولۇپ باقمىغان. ئەمدى بىز قانداق ئاتا-ئانا بولىمىز؟ بالىلىرىمىزنى قەنداق تەربىيەلەيمىز؟ ياكى يەنە ئاۋۋالقىدەك مەكتەپلەرگىلا تاشلاپ قويۇپ، كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندە ھېلى ئۇ باشلىق، ھېلى بۇ باشلىقنىڭكىگە قاتناپ، ئۇلارنىڭ سوغۇق چىراي، توڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ سارغىيىپ يۈرەمدۇق، ياكى بالدۇرلا بالىمىزنىڭ تەربىيىسى، كېيىن جېنىنى قانداق بېقىشى ھەققىدە ئويلىنىپ بىرەر تەدبىر قوللىنامدۇق ؟              يەنە بىرى بىز بالىلار ئەمدى قانداق بالا بولىمىز؟ قانداق ياشايمىز؟ مۇھىمى نېمىمىزگە تايىنىپ ياشايمىز؟ يەنە ئاتا-ئانام باققاندىكىن، بىر ئامال قىلسۇن، دەپ نۇمۇس قىلماي يەنە بېزىرىپ ئولتۇرامدۇق ياكى ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ بىر ئامال قىلالايمىزمۇ؟ ئەگەر ئۆز كۈچىمىزگە تايانساق، قايسى كۈچىمىزگە، نەدىن ئېرىشكەن كۈچكە تايىنىمىز؟ بىزدە زادى شۇنچىلىك كۈچ بارمۇ-يوق؟       قانداق، سىزنىڭچە بۇ  مەسىلىلەر ئويلىنىشقا ئەرزىمدىكەن؟ مۇقەررەركى، مائارىپىمىزدىكى نۇقسانلارنىڭ زىيىنىنى بىز ئاتا-ئانىلار، بىز بالىلار تارتىمىز .      مائارىپىمىزغا شامال تەگسە بىزگە زۇكام تېگىدۇ، زۇكام تەگسە چوقۇم بىز ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا بولسا، مۇقەررەركى بىز راكقا مۇپتىلا .         مەنبە: <مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز> دىن  .   ئاپتورى : ئابدۇرېھىم دۆلەت .                     بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-9 09:50 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 484
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى نىمە دېگۇلەك

ھەي جۇڭگۇچىلىق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5626
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4583 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ھازىر ئاتا ئانىلار باللىرىنى مەكتەپكە تولۇق بارغۇزۋاتىدۇ . قالغىنىنى ئىسل جۇڭگۇچە مائارىپتىن ئويلاشساق ھەم ئىسل ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ باللارغا دەرىس ئۆتۈش مىتودى ، باللارغا بولغان تەسىرى، تەربىيلەش ئۇسسۇلى قاتارلىق ھەر جەھەتتىن ئويلىشىش كىرەك .شەخسەن ئاتا ئانىلارغىلا قويۋالساق بولماسمىكىن .
مەنمۇ ئالدىنقى قېتىم خىزمەت ئىشى بىلەن قەشقەرگە باردىم ئەھۋال ئۇنچىۋالا دىگۈدەك ئەمەستەك ھىس قىلدىم يا ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sazguri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-9 10:36 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10
aㄒamaη + 10 ئوخشاش پىكىر ............. ئ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 936
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 20791
تۆھپە نۇمۇرى: 1799
توردا: 6936 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدىرھىم دۆلەتنىڭ ‹‹مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلىقىمىز››دېگەن كىتابىدا كۆپ مەزمۇنلار يۇرۇتۇلغان،بۇلۇپمۇ كىتاب مۇقاۋىسىنىڭ مۇنبەت تۇپراق ئىچىدە قاراڭغۇلۇقتا بىخ سۈرگەن بىر يۇمران كۆچەتنى چىقىرىپ قۇيۇشى كىتابنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان.
ئابدىرھىم دۆلەت تۇنجى بۇلۇپ تېلۋۇزۇرنى دىلبۇزۇر دېگەن مەنە بىلەن سېلىشتۇرۇپ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تېلۋۇزۇرنىڭ كۆپ تەرەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن يېتىلۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بىرى.
ئۇنىڭ مائارىپ،جەمىيەت،مەكتەپ،ئىجتىماھىي تۇرمۇشتا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا باغلاپ،ئىلمىي،قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان يازمىلارنى يېزىپ،بىزنى خېلى خوشال قىلغان ئىدى.لېكىن،ماڭا ‹‹مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلىقىمىز››دېگەن كىتابتا يۇرۇتۇلغان بەزى مەزمۇنلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىرى بولسىمۇ،قىسمەن نۇقتىنى ئۇمۇمىيلىققا باغلاپ چۈشەندۈرگەن ئىشلاردىن ساقلىنالمىغان.ئابدىرھىم دۆلەت كېيىنكى يېزىقچىلىق ئىجادىيىتىدە مۇشۇ نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسە ياخشى بولاتتى.
ئىلگىرى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدىكى ‹‹مەدەنىيەت بوستانى››پىرۇگراممىسىدا نۇرغۇن ماگىسىتىر -ئاسپىرانتلار سۆز قىلغان،كۆپىنچىسى يوقاپ كەتتى،بىرەر ئىلمىي ئەمگىكىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدۇق.ئابدۇلئەھەت ئابدۇرشىد بەرقىي،ئابدىرھىم دۆلەت،دىلئارام قۇربان ئايتۈرك،نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇنى ...قاتارلىقلارنىڭ يازمىلىرى كىتابخانىلاردا يوقاپلا كەتتى.بولسا،ئۇلار ئىگىلىك تىكلەش بىلەنلا قالماي،يېزىقچىلىق بىلەن خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى ئاشۇردىغان ئىشلار بىلەن ئاز-تولا مەشغۇل بولسا بەك ياخشى بولاتتى.


Hey, poor Uyghur, wake up, you have slept long enough,
You have nothing, what is now at stake is your very life.
If you don’t rescue yourself from this death,
Ah, your end will be looming, your end will be looming.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 341
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 384 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ  نۇرغۇن  دوسلۇرۇم   ھازىر  مالىم  بوپ  كەتتى ،    كۆپىنچىلىرى  يېزىغا  چۈشۈرۋىتىلدى ، ئۇلار بىلەن  كۆپ  پاراڭلىشىپ  قالىمەن  بۇ جەھەتلەردە ،  يۇقىردا  سەزگۈرى دەپتۇ ، ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەس دەپ ،  قارىغاندا  سەزگۈرى كۆرگەن جايلاردا  بىر قەدەر  ياخشى بۇلۇشى مۈمكىن ،  لىكىن  كۆپىنچى يېزىلاردا  ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئەھۋاللار  ئېغىر .

-ھە بۇرادەر نىمىش قىلىشىپ  ؟
-نىمىش بۇلاتتى  ، يەنەشۇ كانسىپىك يىزىپ . يۇقىردىن تەكشۈرۈش كەلسە مۇشۇنىلا كۈرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن كىتىدۇ ،  باشقا  ئۇقۇغىچىلارنىڭ ئەھۋالى نەدىن نەگىچە كارىسى يوق .....

-ھە ئىنتاھان دەۋاتقانتىڭلار ،قانچىلىك باللار ئۆتتى ؟
- قانچىسى بۇلاتتى ، ئەڭ ئۇستا بىر بالام باتتى ، 45 ئاپتۇ ...

-ھە 6 يىللىقتىكى باللىرىڭىلا خەنزۇچە سۆزلىشەلەمدۇ ؟
- نىم دەيدىغاندۇ ، پىنيىن ئۈگىتۋاتىمەن ھازىر .....








بۇنداق ئچىنى ئاچچىق قىلىدىغان پاراڭلار بۇلۇپ تۇرىدۇ تېلفۇندا .....ھازىر سورىمايدىغانلا بولدۇم...

يەزر  =  ئۇيغۇر  =  ئۇيۇشۇش ~!

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتس

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3000
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى دېسە يېقىندا ‹پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى 65 ياشقا ئۆزگەرتىدىكەن›دېگەن خەۋەر چىقتى،ئەگەردە بۇ پىلان ئەمەلگە ئېشىپ قالسىلا بولدى،ئىشنىڭ ئوخشىغىنى شۇ،خۇدايىم ئوڭ كۆزىدە قاراپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ قالساق ،خۇدايىم 65 يىل ئۆمۈر بەرسىغۇ بەردى،بولمىسا مۇنچە يىل ھۆكۈمەتكە ئىشلەپ راھىتىنى كۆرەي دېگەندە خۇدايىم ئامانەتنى ئېلىپ بولغان،ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قارىسا مۈكچەيگەن بوۋاي-مومايلار ئىشلەپ يۈرگەن،سىرتتا بولسا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىزمەتكە ئورۇنلىشالماي يۈرگەن،مانا كۆر،تاماشا دېگەن شۇ چاغدا.....

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان، نەپرەت بوپ كۆرۈنەر ئەكسىم ئەينەكتىن.

زەنجىردەك بوغارمەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 909
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhabbatsiman يوللىغان ۋاقتى  2012-7-9 11:30 PM
بۇنى دېسە يېقىندا ‹پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى 65 ياشقا ئۆزگ ...


نىمە  ؟! 65 ياشقا  ئۆزگەرتەمدىكەن .،.،،  توۋا  بۇ ئېنىقلا   بۇقىنى  چىمداپ  ئۆلتۈرمە  دىگەندەكلا  گەپكەنغۇ .،.،. ھېلىمۇ  خۇدايىم  بىر  ساقلاپ
  ئالى مەكتەپتە  ئوقۇماپتىكەنمە  خۇداغا شۈكرى.،.،.،.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zanjir34 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-10 01:10 AM  


قاغا ئۇچسا  قاناتىگە  قالاڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 538
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhabbatsiman يوللىغان ۋاقتى  2012-7-9 11:30 PM
بۇنى دېسە يېقىندا ‹پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى 65 ياشقا ئۆزگ ...

ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچى بولماي جۇمۇ

پەخرىم بىلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ بۇخەتنى بېسىپ كىېىپ كۈرۈڭ
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1017
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1567
تۆھپە نۇمۇرى: 1503
توردا: 1135 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا داداممۇ پىنسىيگە چىقالماي يۈردۇ ھازىر . بىردەم مەسچىت بىقىشقا قويسا بىردەم چازا ھەييييييييييييييييييي   ئىشقىلىپ ئىش تۇلا ھازىر .

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 2155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5402
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2604 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-10 12:46 AM
نىمە  ؟! 65 ياشقا  ئۆزگەرتەمدىكەن .،.،،  توۋا  بۇ ئېنىقلا  ...

قايسى ۋاقتتا پىنسيگە چىقشىنى ئۇيلسڭىز ھۆكۈمەتكامدىن سورمايلا چىقۋالسزكەن مانا

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش