مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2341|ئىنكاس: 0

شىنفاڭ كوللىكتىپ ۋەقەسىدىكى خاتالىقلار  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5885
تۆھپە نۇمۇرى: 1098
توردا: 1374 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 08:07:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنفاڭ كوللىكتىپ ۋەقەسىدىكى خاتالىقلار



شىنفاڭ شەھرىدە 7-ئاينىڭ2-كۈنى خەلىق ئاممىسىنىڭ مۇھىت بۇلغۇنۇشقا قارشى نامايىش قىلىش ۋە شۇنىڭدىن كىيىن بەزىلەرنىڭ شەھەرلىك پارتىكومغا ھۇجۇم قىلىشتەك كوللىكتىپ ۋەقەسى يۈزبەردى، ۋەقەدىن كىيىن يەرلىك ج خ تارماقلىرى ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقانلارنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۈزىنى مەلۇم قىلىپ كەڭچىللىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىشقا ئىرىشىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى ۋە ئۈچ كىشىنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە قولغا ئالدى، بىرنەچچە كىشىنى مەمۇرى جەھەتتىن توختۇتۇپ قويدى، يىگىرمە نەچچە ئادەمنى تەربىيە بىلەن قۇيۇپ بەردى. بۇۋەقەنى بىرتەرەپ قىلىشتا ئەھۋال زادى قانداق؟ باشقا جايلاردا شۇنداق كوللىكتىپ ۋەقە يۈربەرسە بۇساۋاقنى قانداق قۇبۇل قىلىش كېرەك؟

مۇھىت ئاسراش باھالاش نەتىجىسى ئۆزۋاقتىدا ئېلان قىلىنمىغان.

شىنفاڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇتۈرگە بىرمىلىياراتتىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان چوڭ تۈر بۇلۇپ، تۈرنىڭ مۇھىت ئاسراشقا بولغان تەسىرى نەچچە يىل ئىلگىرىلا باھالاشقا سۇنۇلغان، شۇچاغدىن باشلاپلا كىشىلەردە گۇمانى قاراشلار بارئىدى، ئەمما نەتىجىسى چىققانداق بولسا ۋاقتىدا ئېلان قىلمىغان ۋە نەتىجە ئېلان قىلغاندا بولسا " لاياقەتلىك" دېگەندىن باشقا مۇناسىۋەتلىك سان-سىفىرلارمۇ يوق. كىشىلەرنىڭ نەتىجىنى بىلمەسلىكى تۈپەيلى مۇھىت ئاسراش مەسلىسىدىن ئەندىشە قىلىشىنى (ئاساسىلىقى بۇزاۋۇتنىڭ ئەتىراپتا راك كېسىلى پەيدا قىلىشى مۇمكىن دىيىلگەن سۆزلەرنى) كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئاخىرى نامايىش قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇقۇرلۇش ئەلرايى بىلەن كارى بولماي ئېلىپ بېرىلغان " خەيىم-خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش" قۇرلىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئالدىراپ ئىش باشلاپ، يەنە قارشى تۇرۇش ئاستىدا ئالدىراپ توختىغان قۇرلۇش.

ئەلرايىغا سەل قارالغان، نۇقۇل GDP قوغلاشقان ئىستىل.

شەھەرئاھالىىسى شۇشەھەرنىڭ خۇجايى، شەھەر تەرەققىياتى ھەققىدىكى پىلانلارنى بىلىشكە ھۇقۇقلۇق. مۇنداق چوڭ تۈرلەرنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئاۋۋال خەلىققە بىلدۈرۈش  ھەم خەلقنىڭ قۇللىشىغائىرىشىش كېرەك، بىريۈرۈش بولغان ئىلمى ۋە مۇۋاپىق مۇھىت ئاسراش دوكلاتى بۇلىشى كېرەك. بەزى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە خەلىقنىڭ قارشى ئاۋازى بولسا، ئاۋۋال " خەلقنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى" چاقىرىپ، خەلقنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ، مۇۋاپىقلىرىغا قارتا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش ئېلىپ بارىدۇ، ئاممىنىڭ پىكىرى بىردەك بولغاندائاندىن  تەستىقلىتىپ قۇرلۇشنى باشلايدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى قۇرلۇشلار ئەلرايىنى ئاڭلاش تەرتىۋىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتىدۇ، مانابۇ كوللىكتىپ ۋەقەنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياقماقتا. نەچچە مىلىيارت مەبلەغ سېلىنغان قۇرلۇشتا، پايدىغا ئىرىشىدىغىنى ئەلبەتتە كارخانا، مۇھىت بۇلغۇنۇشنىڭ زىيىنىنى تارتىيدىغىنى ئەلبەتتە پۇقرالار. شىنفاڭ شەھرى ۋەقەدىن كىيىن خەلق قوللىمىسا بىز بۇتۈرنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز دەپ ئېلان قىلدى، ناۋادا كوللىكتىپ ۋەقە يۈزبىرىشتىن بۇرۇن شۇنداق خەلقنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ئاندىن ئىش باشلىغان بولسا شۇۋەقەمۇ يۈزبەرمەيتى.

زورلۇق كۈچى بىلەن مۇقىملىق قوغداش ، پۇزىتسىيىسى قاتتىق بۇلۇش

ۋەقە تەرەققى قىلىش جەريانىدا، يەرلىك ئەمەلدارلار خەلقنىڭ نامايىشىنى "رەزىللىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ " دەپ تەسۋىرلىگەن، ھەمدە ئۈزىنى ئاقلاپ:" قۇراللىق ساقچىلىرىمىز تىللىسا تىل قايتۇرمىدى، ئۇرسا قول قايتۇرمىدى، پەقەت ئامال بولمىغاندا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە سىلكىندۈرۈش بومبىسى ئېتىپ كىشىلەرنى تارقىتىۋىتىشكە مەجبۇربولدۇق" دېگەن. يەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ ئېلانىدىمۇ " قانۇنىسىز يىغىلىش- نامايىشنى قاتتىق چەكلەش" كەسكىن تەلەپ قىلىنغان. بۇ گەپنىڭ مەنىسى " شىنفاڭ خەلقىنىڭ يەنە نامايىش قىلىپ، ئۈزىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى بىلدۈرش دەرۋازىسى تاقالدى" دېگەنلىك ئىدى، بۇ يەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ مۇشۇخىل ۋەقەلەرگە بولغان كەسكىن پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ بىرەتتى.

"يەرشارى ۋاقىت گېزىتى" نىڭ ئوبزۇرىدا تەھلىل قىلىنغانغا ئوخشاش، يەرلىك ئەمەلدارلار تەلەي سىناش پىسخىكىسى بار، ئۇلارنىڭ قارىشىچە خەلقنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى يېڭىش ئاسان، ھەمدە خەلق ھۇقۇقىنى قوغداش جەھەتتە كەسكىن تەدبىر قوللىنالمايدۇ. بۇخىل قاراش ئاستىدا بەزى يەرلىك ئەمەلدارلار پاسسىپ ئۇرۇنغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ.

جامائەت پىكىرى بېسىمى ئاستىدا ئامالسىز تۈرنى توختاتقان.

7-ئاينىڭ3-كۈنى ھۈكۈمەت تەرەپ بۇتۈرنى توختاتقانلىقىنى ھەمدە مۇندىن كىيىن بۇتۈرنى ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى ئېلا قىلدى. يەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ مۇنداق تىزلا پوزىتسىيە بىلدۈرىشى، جامائەت پىكىرى بېسىمىنىڭ نەتىجىسى بۇلۇپ،ھەرگىزمۇ بۇتۈرنىڭ ناچارتەسىرىنى تۇنۇپ يەتكەنلىكى ئەمەس ئىدى.ئەمەلىيەتتە، يەرلىك ھۈكۈمەت يەنىلا " بۇتۈرنىڭ  ئىشقائۇرۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمىشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پايدىىسى زور ئىدى " دېمەكتە.

بۇتۈرتوختدى،  بۇتۈر ئەسلىدە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ئىدىغۇ، ئۇنداقتا مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدە مەسلە بارمۇ؟ بۇنىڭغا قارتا يەرلىك ھۈكۈمەت تېخى جاۋاپ بەرمىدى. بۇتۈرنى توختۇتۇش ھەرگىزمۇ بۇتۈرنىڭ زىينى تۈپەيلى بولماستىن بەلكى جامائەت پىرىكىنىڭ بېسىمى ۋە مۇقۇملىقنى ساقلاش ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززارسى ئۈچۈن ئىدى.

مەنبە: شىنلاڭ تورى.

http://news.sina.com.cn/z/sfsj/

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yadikar- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-9 08:08 PM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
国民党 + 10 سۈكۈت قىلىش جىنايەت
15199705544 + 10 شىنجاڭدا بوپقالماپتۇ .
白绿光 + 10 مىسرانىمدا بىر گەپ با.
arman312 + 10 ج خ ئىدارىسغا تىزىمغا .
natik + 10 قۇلۇپتىنىڭ ساختسنى سا.
zanjir34 + 10 ترورچىلارنى ئاتماپتى.
篮球美女 + 10 نىمە تولا ۋەقە بۇ ؟

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 70   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش