|
|
|
|
يىڭىدىن سىرلانغان ئۇرۇندۇق
ئاجايىپ گۈزەل بىر ۋۇجۇد، ئوماق بىر ئالۋاستى(ئۇ بەكمۇ چىرايلىق بولغاچقا ئالۋاستىغىلا ئوخشايتى) ئاستا، ئۇششاق قەدەملىرى بىلەن مەن تەرەپكە-ماڭا يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. قولىدا لىققىنە كىتاپ، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئوماق چېھرىدە تاتلىققىنە تەبەسسۇم... ئاھ ، ئىنسان بالىسىمۇ بۇندق بۇلامدىغاندۇ؟ ئۇ ماڭا قاراپ كۇلدى، بۇ كۈلكە شۇنداق تەبئىي، شۇنداق سەمىمىي ئىدىكى، مەن بۇ دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق، بۇنىڭدىنمۇ ئىللىق كۈلكىنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم. دېرىزىدىن ئۇرۇلغان شوخ شامال ئۇنىڭ مەجنۇنتالدەك سۇمبۇل چاچلىرىنى يەلپۈيتتى، قاردەك ئاپئاق كۆڭلىكى قەدەم ئېلىشلىرىغا ئاجايىپ ماسلاشقان بۇلۇپ شامالدا لەرزان يەلپۇنەتتى، ئۇ چاغدىكى گۈزەل مەنزىرە، ئۈ چاغدىكى مەندىكى تۇيغۇ... ئاھ، ياشاش نېمىدېگەن ئازاپلىق-ھە؟! ئۇ ماڭا يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى... مەن گويا روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بۇ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىدىن قەلبىم لال بولغان ھالدا ھىچبىر ئىپادىسىزلا ئېغىزىمنى يوغان ئاچقىنىمچە ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدىم. بىر دانە بانان شۆپۈكى.ۋاي،ئاناڭنى! ھەممىنى قىلغان شۇ! ئۇ ئېھتىياتىسزلىقتىن قايسىدۇر بىر لەنىتى تاشلاپ قويغان بانان شۆپۈكىگە دەسسىۋېلىپ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشتى. ھا...ھا.. نېمىدېگەن كۈلكىلىك-ھە! مەن يۈگۈرۈپ بېرىپلا ئۇنى يۆلىمەكچى بولدۇم. بىراق، شۇنچە كۈچەپمۇ خۇددى بىرسى كاسامنى قانداقتۇر بىر ئاجرالماس يىلىم بىلەن چاپلاپ قويغاندەك ھېچ مىدىرلىيالمىدىم. ۋاي،خۇدايىم! مەن ئولتۇرغان بۇ ئۇرۇنداق يىڭىلا سىرلانغانكەن ئەمەسمۇ!؟
مەنبە: ئۆزۈم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-9 07:36 PM
|
|
|
|
|
|