بەربات
ئەگەر تەلۋە ئاشىق ۋىسالىغا يىتەلمىسە، ئاقىۋەتتە ئۇ چۇقۇم بىر قانخور قىساسكارغا ئايلىنىدۇ.
-دانالار سۆزىدىن
ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىنى ئويۇۋېتىش كېرەك! چۈنكى ئاشۇ بېھىسساب شېرىنلىككە، تەسىۋىرلىگۈسىز گۈزەللىكە تولغان قاپقارا جۈپ كۆزلەر مېنى سانسىز چۈشكۈنلۈككە، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرت-ھەسرەتكە دۇچار قىلغان.
ئۇنىڭ چىرايلىق يۈزلىرىنى تىلىۋېتىش كېرەك! چۈنكى ئاشۇ مەن كېچە-كۈندۈز كۆرۈشنى ئىستىگەن، تەلپۈنگەن بۇ دۇنيادىكى بارچە مۇھەببەت بارچە ئىزگۈلۈك بارچە پاكلىق مۇجەسسەم بولغان نۇرلۇق يۈز مېنى ھىجران ئازابىدا سەكپارە قىلىپ، يالغۇزلۇقنىڭ، تەنھالىقنىڭ يەنە ئازاب چېكىشنىڭ مەڭگۈلۈك زۇلمىتىگە مەھكۇم قىلغان.
ئۇنىڭ جىنەستىدەك، ياق! ئالۇچىدەك! ياق! ئۇنى بۇنداق ئوخشىتىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ مەن دائىم ئاچكۆزلەرچە قارايدىغان، چىراي ھەركىتىگە خوپ ياراشقان غۇنچىدەك لەۋلىرىنى تىلىۋېتىش كېرەك! چۈنكى ئاشۇ جان ئالغۇر لەۋلەر، ئاشۇ لەززەتلىك ۋە تاتلىق تەم، ئاشۇ ئىبلىسلارچە ئېزىقىش مېنى بۇ جېنىمدىن جاق تويغۇزۇپ، مېنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۈمۈدسىز، ئەشەددىي چۈشكۈن بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.
ئۇنىڭ ئۇزۇن-ئۇزۇن، تىقىمىدا يەلپۈنۈپ تۇرىدىغان قاپقارا چاچلىرىنى يۇلۇۋېتىش كېرەك! چۈنكى ئاشۇ قارىدىن قارا چاچلار مەيىن شامالنىڭ نازلىق پىچىرلاشلىرىغا مەسىت بۇلۇپ تەسۋىرلىگۈىسىز، چەكسىز گۈزەللىك بىلەن كۆز ئالدىمدا يەلپۈنۈشكە باشلىغاندا، مەن مىڭ يېرىمدىن تۆكۈلگىنىمچە ئالەمچە پەريادلار چېكىپ ۋاقىت دوزىخىغا مەڭگۈلۈك مىخلىنىمەن. كۆيىمەن، ئۆلىمەن! ئېچىشنىلىق ۋاقىرايمەن!
ئۇنىڭ ئاپئاق، بۈدۈرۈققىىنە كەلگەن ئوماق بارماقلىرىنى چانىۋېتىش كېرەك! چۈنكى ئاشۇ بارماقلار مېنىڭ چەكسىز مۇھەببىتىم ۋە ساداقىتىم بەدىلىگە سۇنۇلغان ئەتىرگۈلنى رەھىسمزلىك بىلەن قارا يەرنىڭ مۇزدەك باغرىغا تاشلاپ قۇيۇپ كېتىپ قالغان. چۈنكى ئاشۇ بارماقلار باشقىلارنىڭ (بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىپلاس، ئەڭ رەزىل مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىم) قولىنى يىنىك سىلىغان ھەمدە بار كۈچى بىلەن كۈچەپ سىققان.
ئەگەر ئۇ بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولمىغان بولسا، ياكى مەجۇت بۇلۇپ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقاتقان بولسا..
بەلكىم مېنىڭ ئازابلىرىممۇ يىنەكلەپ قالار ئىدى، بەلكىم مەنمۇ بۈگۈنكىدەك ئازاپلىق لىرىكىلار قوينىدا تۇنجۇقۇپ يۈرمەيتتىم.
شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىم: بىر نەرسىنىڭ مەۋجۇتلىقى يەنە بىر نەرسىنى شۇنداق ئازاپلايدىكەن. سېنىڭ شۇنداق چاغلىرىڭمۇ كېلىدىكەنكى: سەن بۇ دۇنيالىقتىكى سەن ئەڭ قىزغىن مۇھەببەت بىلەن سۆيگەن ئادىمىڭنىڭ ئەڭ ئېچنىشلىق كۈنلەرگە قېلىشىنى ياكى ئۈزۈل-كېسىل بەربات بۇلۇشىنى شۇنداق ئۈمۈد قىلىپ كېتىسەن. بىراق، بۇ- بىر ئىپلاسلىق! بۇ- بىر ئاجىزلىق! بۇ- بىر پەسكەشلىك! بىراق،بىراق... مەن راستىنلا شۇنداق بۇلۇشىنى بەك...بەك..بەك ئۈمۈد قىلىمەن!
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-9 06:34 PM