|
|
|
|
مۇنبەرگە كىرەي دېسە، ئاجراپ كەتتى ئىشىكى. ئايىقىمنى سالسام مەن، يىرتىلىپ كەتتى كېشىكى.
مامۇق كارۋات ئۈستىدە، قىزىل ئۆتۈكۈم ئۇخلاپتۇ. مارستىن ئاپام چۈشۈپ، ‹‹قېنى سەن ››دەپ توۋلاپتۇ.
مۇنبەردىكى تېمىدىن، چىقىپ كەلدى بىرقىزچاق. مەھەللىمىزدىكى قاسىم، ئاسمانغا ئاتتى پىچاق.
تاققا –تۇققا باشلىسام. يىغلاپ كەتتى بىر تال ئىت. مۇنبەردىكى قازاندىن، يۈگۈرۈپ چىقتى بىر تال كىت.
ئېسىلىۋالدى مۈشۈكۈم، تاققا –تۇققام قېنى دەپ. مۇنبەردىكى بالىلار ، يۈرەرمىش مېنى ئىزدەپ.
ئۆيگە بۇغداي تېرىسام، چىقىۋاپتۇ باراڭغا. ساقلار قېلىپ بىر چەتتە. جاھان قاپتۇ ساراڭغا.
مۇنبەردىكى بىر يىگىت، ئاي قېشىدا تۇرىدۇ. تاققا –تۇققا سۆزلىسەم، باشقۇرغۇچىلار ئۇرىدۇ.
مەنبە : تاققا –تۇققا ئىلھاملىرىم
ئەسكەرتىش: بۇ تاققا –تۇققا قوشاقلار بەك ئەھمىيەتلىك بولمىسىمۇ، مۇنبەر كەيپىياتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،قىزىقارلىق سۆزلەر ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش مەقسىدە يېزىپ يوللۇدۇم،ئىنكاس يازغاندا مەلۇم بىر شەخسنىڭ زىتىگە تېگىدىغان،جىدەل پەيدا قىلىدىغان ،چاقچاقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ،قوپال سۆزلەرنى ئىشلىتىدىغان ،ئىنكاسلارنى يازماسلىقىڭلارنى سورايمەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-9 04:00 PM
|
|
|
|
|
|