مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8914|ئىنكاس: 205

قەشقەر تاكسىسىغا قانداق سۆزىڭىز بار؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مۇنبەرداشلار سىلارگە كەمىنە چوغدىن سالام. دوسلا مەن بىر تاكسى شوپۇرى. مەن قارىسام بۇ مۇنبەردە مەندىن باشقا كۆپلىگەن دوسلىرىمىز ھەر دەرجىلىك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم.شۇڭا سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دىگەن.

قانداق قېلغاندا قەشقەر شەھرىمىزدىكى تاكسىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ؟
قانداق قېلغاندا قەشقەر تاكسىچىلىقىنى پۈتۈن شىنجاڭغا تونۇتقىلى بولىدۇ؟
نەزىرىڭىزدىكى قەشقەر تاكسى شوپۇرلىرنىڭ كەسپى ئەخلاقى قانچىلىك؟

ھازىر قەشقەر شەھرىمىزدە ئاز كەم 1900تاكسى ئاپتوموبىلى بار،بۇنىڭ90%تى بىز ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز قولىدا.
بۇ ئۇيغۇرلىرىمىز پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك سان. لىكىن مۇلازىمەت سۈپىتىمىز بەكلا تۆۋەن. ھازىر تاكسى شوپۇرلىرىمىز پۇل قوغلۇشۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋاتىدۇ. ئالدىنقى كۈنى بىر قىرىندىشىمىز قۇرۇق تاكسىنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئادەملەر توپى ئارىسىدىن قىرىنداشلىرىمىز ئالدىدىن توختىماي ئۆتۈپ يالغۇز تۇرغان بىر خەن قىزنى ئىلىپ ماڭدى. مەن ئالدىراپ ئۇئىلىشنى رەت قىلغان قىرىنداشلىرىمىزنى ماشنامغا سالدىم دە تىز ھەيدەپ ئاشۇ شوپۇرنىڭ چىرايىنى بىر كۆرۈشكە ئالدىردىم. تەلىيىمگە قىزىل چىراقتا ئۇچرۇشۇپ قالدۇق.ئۇ ئادەم مەندىن چوڭكەن40ياشلاردا بار. مەن ئۇنىڭدىن نىمىشقا ئۇنداق قىلغىنىنى سورىسام ئۇ ماڭا ئۇلارنى كىرا قىلسام چازىلاردا تەكشۈرمىز دەپ مەنمۇ ئاۋارە بولىدىكەنمەن. مەن ئۇنىڭ گىپىنى بۆلىۋەتتىم سىلى بىيجىڭ ياكى گۇاڭجۇدا ھەيدىسلە بوپتىكەن تاكسىنى ئۇ يەردە سىلنى ئاۋارە قىلدىغان ئۇيغۇرلار يوقتى، گىپىم تۈگىمەي يىشىل چىراق يىنىپ ئۇ كىتىپ قالدى. سىزمۇ ئالمىسىڭىز مەنمۇ ئالمىسام قىرىنداشلىرىمىزنى ئۇلار ئالامۇ؟

بىزنىڭ شۇنداق ئىسىل شوپۇرلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە.مەسىلەن ماشىنىسنىڭ ئەينەكلىرگەمىيىپ ئىغىر كىسەللەر ئۈچۈن ھەقسىز ماشىنا دىگەن خەتلەر يىزىلغان.ئۇنداق ماشىنلارنى كۆرگەن ئادەم تەسىرلەنمەي تۇرالمايدۇ.ھەقىقى قەشقەر كىشلىرى مانا مۇنداق بولىدۇ قىرىنداشلار.قەشقەرگە باشقا شەھەرلەردىن ھەتتا پۈتۈن يەر شارىدىن ساياھەتكە كىلىدىغانلار كۆپ ،شۇڭا گەپ سۆزىمىزگە دىققەت قىلىلى.مەيلى ساياھەتچىلەر بولسۇن،مەيلى تىجارەتچىلەر بولسۇن،مەيلى رەھبەرلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ بىرىنجى بولۇپ ئۇچرىتىدىغىنى سىز،ۋە بىز تاكسى شوپۇرلىرى.بەلكىم سىز ۋە مەن پۈتۈن دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىشىمىز مۇمكىن.بولسا ئازراق ئىنگىلىس تىلى ئۈگۈنۈپ قويىلى.

ئەمدى يولوچىلارغا كەلسەك بەزى يولوچىلار تاكسى توسماق تەس،توسساق توختىماي كىتىدۇ دىيىشىدۇ.مىنىڭچە قەشقەر شەھرىمىزدە تاكسى توسۇش ئۇنچە تەس ئەمەس.گەپ سىزنىڭ تاكسى توسقان ئورنىڭىز توختۇتۇشقا بولمايدىغان بولىشى مۇمكىن،ۋەياكى سىز مەست ياكى قولىڭىزدا تاماكا بولىشى مۇمكىن،ۋەياكى سىز ئاپتۇۋۇز بىكىتىدە بولىشىڭىز مۇمكىن باشقا ئەھۋاللاردا چوقۇم توختايدۇ.تاكسى ھەيدەش بۇ بىر جاپالىق خىزمەت ئادەم ئاسانلا چارچايدۇ.بەزى يولوچىلانىڭ بىرەر ئىغىز سۆزى ئۇلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ قويۇشى مۇمكىن .بارىدىغان مەنزىلگە بىرىپ بولۇپ،ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تىگىشلىك ھەق بىرىسىز شۇنداختىمۇ بىر ئىغىز رەخمەت دەپ قويسىڭىز ئۇلار سىزنىڭ شۇ گىپىڭىزدىن ئالەمچە خوش بوپ كىتىدۇ.

شوپۇر دوسلار؛ماشنىڭىز ئىچىدە تاماكا چەكمەڭ،ماشنىڭىزنى پاكاز تۇتۇڭ،ماشىنىڭىىزغا ھەرخىل چىراق ۋە ياڭراتقۇلانى ئورنۇتۇۋالماڭ ماشىنا سىزنىڭ بولغان بىلەن ماھىيەتتن ئىيتقاندا خەلىقنىڭ.بىز تىرشىپ مۇلازىمەت سۈپىتىمىزنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ پۈتۈن شىىنجاڭ بويىچە ئەڭ ياخشى تاكسى دىگەن نامنى قولغا كەلتۈرۈشكە
ئورتاق تىرشىپ باقساق دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

مۇنبەر داشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەنقىدلىرى بولسا ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ئايىماي بىرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن شۇنداقلا باشقۇرغۇچىلانىڭ بۇ تىمانى تەستىقلاپ بىرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن رەخمەت

                    2012-يىلى7-ئاينىڭ9-كۈنى  تۇرغۇنجان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-9 03:31 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
molla-zaidin + 10 ناۋات...
ABDUS + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
subhy809 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 120   باھا خاتىرىسى

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1218
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 21798
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 8021 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىشىمىز ناھايىتى ياخشى مەسىلىنى مۇنازىرە تېمىسى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. تاكسى تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى بېجىرىشتىكى مۇھىم قاتناش قۇرالى بولۇپ قالدى.
تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ساپاسى، مۇلازىمەت پوزىتسىيىسى شۇ تاكسى ھەيدىگۈچىنىڭ تىجارىتىگە بېۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن بەلكى خېرىدارلارنىڭ تاكسى شوپۇرلىرىغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىغىمۇ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. شۇنداقلا باشقا يۇرت، باشقا مىللەتكىلەرنىڭ ئۇيغۇر تاكسى شوپۇرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسىغا باھا بېرىشتىكى ۋاستىلىك رولىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.
شۇڭا تورداشلارنىڭ تېمىغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ سەمىمىي تەكلىپلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەنە شۇ تاكسى ھەيدەۋاتقان شوپۇرلار ئىچىدە سىزنىڭ، مېنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى ، يۇرتداشلىرى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-9 03:52 PM  


ئەي ئىنسان ئويلىغىن، تارىخنى ئەسلەپ،
يوقاتتىڭ نېمىنى، تاپتىڭ ھەم نېمە؟
كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر،
بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نېمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30908
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1624
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  ئىنكاس  يۇق  ئەمەس  بېراق  تاكسىچېلار  بىرلېككە  كىلەلمەيسىلەر  ،دەپ  بەرسەممۇ  ،راستىنلا  كۇپ  ئىېدى  ،بىراق  ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ھەي جۇڭگۇچىلىق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5601
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4594 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-9 03:38 PM
ئۇخمايمەن شۇ ھىچ ماڭا مىدال بىرەي دىمەيدۇ

يۇقۇردىكى  بىر نەچچىڭلار ماۋۇ تىمىنى كىيۇ كىيۇ قىلماڭلار ....ئايرىم ئۇچۇردا دىيىشىڭلار ....



كىراكەشلىك دىگەن خەلىققە مۇلازىمەت قىلدىغان كەسىپ ...مۇلازىمەت قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار  دىگەنلىك باشقىلارغا ئىللىق چىراي ئېچىش سىلىق سىيايە سۆزلەش ...ھە دىسىلا مەن ھەممىنى بىيلمەن دەپ ئۇزۇن ئېغىزلىق قىلماسلىق دىگەنلىك . مەنغۇ قەشقەردە كىرا ماشىنىسىغا چىقسام سالپا شۇنداق ئىسىل ،ھەقىقى كىراكەشلىككە توشۇدىغان كىشلەرنىڭكىگە چىقىپتىمەن .. ئىشقىلىپ خېلى رازىمەن

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-9 03:46 PM
يۇقۇردىكى  بىر نەچچىڭلار ماۋۇ تىمىنى كىيۇ كىيۇ قىلماڭ ...

سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزدىن خوش بولدۇم.قەشقەرگە كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sazguri + 10 مەن توققۇزاقتىن شۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

باشقىلارغا تەبە

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6144
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 5869 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەملىي گەپنى دىمەي چاقچاق ئارلاشتۇرۇپ ،بۇ تېمىغا كۆڭۈلدىكىدەك ئىنكاس چۈشمەپتۇ. قېرىنداشلار بىز سەمىمىي مۇلازىمىتىمىز  بىلەن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەيلى .

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

سىز ۋە بىز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82204
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-6-27
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەردە تاكسى ھەيدەۋاتقانلار توسساق توختايدۇ ماشىنىغا ئاماي تۇرۇپ نەگە بارسىلە دەپ سورايدۇ ، شۇنداق بىرە بازارلىق كوچىنىڭ گىپى چىقسا ، مەن گاز قاچىلىغىلى ماڭغانتىم شۇ تەرەپكە ماڭساڭلا ئالغاچ كىتەي دەپتىم دەپ نەدىكى يولى تەتۈر گاز پوكىتىنىڭ گىپىنى قىلىپ تىكىۋىتىدۇ قىشنىڭ كۈنىدىمۇ 8 ماشىنا توسسام 6 تىسى گاز قاچىلايدىغان 2 سې قوش كىراغا يولى توغرا كەلمەيدىغان بولاپ چىقىپ ، ئاچچىغىمدا قارا تاكسىغا بولسىمۇ چىقىپ ماڭاي دەپ يولدا توختاغلىق بىر ماشىنىنىڭ ئېچىگە بىشىمنى تىقىپ كىرا قىلاملا دەپ ساپتىمەن ، ھە كىرا قىلىدىغاندەك كۆرنىۋاتامدىمەن دەيدۇ ئەسلى قاتناش ساقچىسىكەن فورمىسىنى كۆرمەپتىمەن ، مۇشۇنداق ئېشتىن نەچچىنى ئەرىز قىلىپ قويدۇم ، بولسا مۇشۇنداق ، ئادەم جىق يەرگە كىرەلمەيتىم ، كىسەل بولسا يۆتكىيەلمەيتىم دەيدىغان شوپۇرلارنى ئەرىز قىلىپ،ھوقوقىمىزنى قوغدىساق ، بەزى شوپۇرلار بار شۇنداق ئىلمىي باردىغان يەرگە ئاپىرىپ بولۇپ پۇل تەڭلىسە بولدى دەپ كۈلۈپ قويدىغان ، چوڭلار ماشىنىغا چىقسا سىلىق ھەيدەيدىغان .  تېمىڭىزغا رەھمەت بۇرادەر ياخشى ئورتاقلاشقۇدەك تېما يىزىپسىز ، سىزنىڭمۇ ياخشى شوپۇرلىقىڭىزنى بىلىۋالدۇق ،مەن يولۇققان ئېشلار مۇشۇ ئاتۇقچە ئويلاپ كەتمىگەيسىز.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
miradil1123 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
@tulpar@ + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

خۇشاللىقنى پۇلغا سىتىۋالغىلى بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4426
تۆھپە نۇمۇرى: 1099
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن 2011 - يىلى  10 - ئايدا  قەشقەرگە پويىزدا  بىلەن باردىم  ،  پويىزدىن چۈشۈپ سىرتقا چىقتىم  ، نۇرغۇن تاكسىلار بار ئىكەن  ، ئارىمىزدىن بىرەيلەن شەھەرگە  كوچا ئاپتوبۇسىدا كىرەيلى ، بىخەتەررەك بولۇدۇ دىدى ، شۇ ئەسنادا بىر تاكسى شوپۇرى(ئۇيغۇر ) بىز بىلەنلا قالدى  . سەپەرداشلار بىرلىككە كېلىپ بولغۇچە مەن تاكسى شوپۇرىدىن ئاۋۇ ئاپتوبۇس ھېيتكا تەرەپكە بارامدۇ  ؟  دەپ  سورىدىم   . شوپۇر ياق ، ئۇ ئاپتوبۇس  شەھەرگە  كىرمەيدۇ دىدى  ،  شۇنداق قىلىپ بىز ئاخىرىرى شۇ شوپۇرنىڭ ماشىنىسىدا ھېيتكاغا  30 يۈەنگە  باردۇق   .    ماشىدىن چۈشۈپ يۈك - تاقلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ مىھمانخانا تارەپكە ماڭدۇق ، دەل شۇ ۋاقىتتا  پويىز ئىستانسىسىدىكى ھېلىقى ئاپتوبۇسمۇ يېنىمىزغىلا كېلىپ توختىدى ، يولۇچىلار چۈشۈپ - چىقىۋاتىۇ ...
سەپەرداشلاردىن بىرى ، قاراڭلار ئاۋۇ ئاپتوبۇسقا  ، تاكسى شوپۇرى شەھەرگە كىرمەيدۇ دىگەنتى ، دىدى  .
ئىچىمدە ھېلىقى تاكسى شوپۇرىغا لەنەتلەر ئوقۇدۇم  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80329
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-5-19
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىللەت  تۇزەلمىسە  مىللەت  تۇزەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 590
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1539
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 404 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما مەنمۇ تاكسىغا چىقسام  رەخمەت ھە  دىيىش نى  ئۇنتۇپ قالمايمەن،  ياخشىمىكەنمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش