قىزىل چىراق
«1–ئاۋغۇست كىنو سىتودىيىسى 1975-يىلى ئىشلىگەن بولۇپ،
ئۇيغۇرچە ئوشاق مۇقامى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن.»
ئاساسلىق روللاردا:
لى يۈخې-ئابلىمىت سادىق،ھېيتەم ھۈسەن
لى موماي-ئايشەم كېرىم
لى تېيمېي-تۇنىسا سالاھىدىن
ۋاڭ لىيەنجۈي-مەخمۇت ھامۇت
جىيۇ شەن- ئابدۇكىرىم باقى
فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
ياپۇن باسقۇنچىللىرىغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە لوڭتۇەن پويىز ئىستانسىسى تۆمۈر يولىدا ئىشلەيدقغان يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى،تۆمۈر يول ئىشچىسى-لى يۈخې پارتىيە تەشكىلىدىن ئىبەرتكەن مەخپىي ھۆججەتنى بەيشەن پارتىزانلار ئەتىرتىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما ۋاڭ لىيەنجۈينىڭ ئاسىيلىق قىلىشى ئارقىسىدا لى يۈخې ئائىلىسىدىكى لى موماي، لى تېيمېي قاتارلىق كىشىلەر ياپۇن قاراقچىللىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. لى يۈخې تۈرمىدە دۈشمەنلەرنىڭ ھەر خىل يۇمشاق-قاتتىق جازالىرىغا قىلچە باش ئەگمەيدۇ. دۈشمەنلەر ئاخىرى تۈرمىدە لى يۈخې بىلەن لى موماينى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. تېي مىنىڭ ئاغزىدىن مەخپى ھۆججەتنىڭ ئىز-دىرىگىنى ئالماقچى بولغان ياپۇن قاراقچىللىرى لى تېيمىنى قويۇپ بېرىپ يوشۇرۇن كۈزۈتۈپ تۇرغاندا تېيمىنىڭ خوشنىسى- خۇيلىيەننىڭ ياردىمىدە لى تېيمىي بۆرە چاڭگىلىدىن سالامەت قۇتۇلۇپ، مەخپى ھۆججەتنى بىخەتەر ھالدا بەيشەن پارتىزانلار ئەتىرتىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئارمىيىمىز مەخپى ھۆججەتنى تاپشۇرىۋىلىپ بارلىق دۈشمەنلەرنى تامامەن تار-مار قىلىدۇ.
بۇ فىلىم بېيجىڭ تىياتىرى قىزىل چىراق ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئاساسلىق ناخشىلارنى ھەيتەم ھۈسەن، ئايشەم كېرىم، تۇنىسا سالاھىدىن قاتارلىق مەشھۇر چولپانلار ئورۇنلىغان. بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق ئۆزگىچە بولۇپ،ئوشاق مۇقامى ئاساسىدا ئورۇنلانغان بۇ ناخشىلار تاماشىبىنلارنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىغا ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ.مەسىلەن:
دادام ئۆلگەم جەسۇر قورىقماس،ۋۇجۇدى كۈچ بىلەن تولغان.
ئىنقىلاپچقلار تىرەپ ئالار، گەر ئۆرۈلسىمۇ ئاسمان.
نەشىرگە تەييارلىغۇچى-قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپتىن-
ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 3- ئىيۇن قەشقەر