(بۇ ئوپىرانى شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىگى 1980-يىلى ئورۇنلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق كىلاسسىك داستانىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.) سىنارىست-ئېلى ئېزىز.رىژىسۇر-لى جۈنشىن.مۇزىكىسىنى رەتلىگۈچىلەر: زىكرى ئەلپەتتا، غىياسىدىن بارات، ھۈسەنجان جامى،ئابلىزخان مامۇت قاتارلىقلار .ئاساسلىق روللاردا: غېرىپ- ھەيتەم ھۈسەن. سەنەم-ماھىرە زاكىر. جالالىدىن موللا-تۇرسۇن توختى.ئىلياس-ئىبرايىم پەخىردىن. مىھرىبانۇ-زۇنۇنقىز ھىلاخۇن.گۇلجامال-ھەنىپە ئىسمايىل. ئاقچى ئانا-پاتەم راھىدىن.زومىرا-ئاپرىل سەمەت. شاھى ئابباس-نىجات ئەكبەر. قاسىم ۋەزىر-داۋۇت نىياز. شاۋاز ۋەزىر-مەمەت ئىبرايىمجان.ئابدۇللا شاتىرى-مەمەت شىرىپ ئوپىرانىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: «غېرىپ-سەنەم»ھىكايىسى ئوتتۇرا ئەسىردە مەلۇم بىر ئۇيغۇر خاندانلىقىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە بولۇپ، بۇنىڭدا ھەسەن ۋەزىرنىڭ ئوغلى غېرىپ، شاھى ئابباسنىڭ قىزى-سەنەم بىلەن ئوقۇپ ئۆسۈش جەريانىدا بىر –بىرنى ياخشى كۆرۈپ، چىن ۋە مۇستەھكەم دوستلۇق ئورنىتىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ھەسەن ۋەزىر بەخىتسىزلىككە ئۇچراپ، ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ، شاھى ئابباسخان بۇرۇن تۈزگەن ۋەدىنامىگە خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدۇ. ئەينى يىللاردا ھەسەن ۋەزىرنىڭ ئورنىغا چىققان مەھكار ۋەزىر شاۋازنىڭ ئوغلى- ئابدۇللا شاتىر شاھ تەختىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن،سەنەمنى خوتۇنلۇققا ئېلىش قەستىدە بولىدۇ. دادىسى-شاۋازمۇ غېرىپقا قارا چاپلاپ، شاھى ئابباسنىڭ ئەينى يىللاردا ھەسەن ۋەزىر بىلەن تۈزگەن ئەھدىنامىسىنى يىرىتقۇزىۋىتىدۇ ھەمدە غېرىپنى ياقا-يۇرۇتقا پالاتقۇزىۋىتىدۇ. يۇرتىدىن يىراققا پالانغان غېرىپ بىر قەدىمىي قەلئەدە ساھىپجامال بىر ئايال سەردارنى ئۇچۇرتىدۇ. غېرىپنى بىر كۆرۈپلا ئىشقى ئوتى تۇتاشقان سەردار غېرىپنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۇنىڭ سەنەمگە بولغان سادىق مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ، غېرىپنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىشىغا يارىدەم قىلىدۇ. پادىشاھ-شاھى ئابباسخان ئاخىرى ئەس-ھۇشىنى تاپىدۇ. ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كۆچۈرگەن غېرىپ بىلەن سەنەم ئاخىرى ئوردىدا كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، مۇرادىغا يېتىدۇ. «غېرىپ-سەنەم» ئوپىراسى 1980-يىللىرىدا ئوينالغان بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان سەھنە ئەسىرىگە ئايلانغان. بۇ ئوپىرادا ئاساسلىق روللارنى ئالغان ھەيتەم ھۈسەن، ماھىرە زاكىر، ئىبرايىم پەخىردىن، مەمەت شىرىپ.... قاتارلىق چولپانلىرىمىز رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان. بىز ئۇلارغا ئەڭ ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىمىز. يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 7-ئىيۇن يېزىلدى. قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-9 05:02 PM
|