مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 741|ئىنكاس: 12

ئارىسلان:مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81899
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 748
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1 . سالاملىشىش - كۆرۈشۈش ۋە ئولتۇرۇش - قوپۇش، سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر مەسىلىلەر 1 ) كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلارغا، ئۇلاغلىق كىشى پىيادىلەرگە، ئىشىكتىن كىرگۈچىلەر خانا ئىچىدىكىلەرگە سالام قىلمىقى ئەۋزەلدۇر. سالام بەرگۈچىلەر «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ ئەھۋال سورىشى، سالامنى ئىلىك ئالغۇچىلار «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دېيىش بىلەن ئەھۋاللىشىشى كېرەك. كىشىلەر بىلەن سالاملىشىش - كۆرۈشۈش ۋە خوشلىشىشلاردا كۈلۈمسىرەش، تەبەسسۇم قىلىش ياخشىراقتۇر. قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، باشقىلارنىڭ قولىنى بەك چىڭ قىسىۋېتىش ياكى خوشياقمىغاندەك قول بېرىش، باشقا ئادەم بىلەن قول ئېلىشىۋېتىپ تۇرۇقلۇق، يەنە باشقا ئادەمگە، باشقا ياققا قاراش، قول ئېلىشىۋاتقان ئادەمگە ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىك جۈملىسىگە كىرىدۇ. بىر ئائىلە ئەزالىرى، قوشنىلار ۋە بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلارنىڭ ئەتىگەندە سالاملىشىپ ئەھۋال سورىشىدىغان، سىرتلارغا چىققاندا ياكى ئىشتىن چۈشكەندە ئۆزئارا ئامانلىق تىلەپ خوشلىشىدىغان ئادىتى ئەدەپ - ئەخلاق مىزانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر. سالام بەرگەندە، ئوڭ قولىڭىزنى كۆكسىڭىزگە (قورسىقىڭىز ياكى كىندىك ئەتراپىغا ئەمەس)! ئېلىپ، بېشىڭىزنى سەل ئېگىڭ.
2 )ئولتۇرۇش - قوپۇش ھالىتىڭىز دۇرۇس بولسۇن. ئادەم بارلىكى جايلاردا، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئولتۇرۇش ھالىتىڭىزنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. مەسىلەن، باشقىلارغا بەك يېقىن ئولتۇرۇش، سۈركىلىپ ئولتۇرۇش، پۇتىنى ئۆز ئۇدۇلىغا قويماي باشقىلارنىڭ ئالدىغا سۇنۇپ ئولتۇرۇش، پۇتىنى باشقىلارنىڭ پۇتىغا تەگكۈزۈش، پۇتىنى توختىماستىن لىكىلدىتىش، باشقىلارنىڭ ئورۇندۇقى كەينىگە پۇتىنى ئېلىۋېلىش، چېتىنى كېرىپ، پۇت ياكى يوتىسىنى ئېچىپ ئولتۇرۇش، نامۇۋاپىق ھالدا باشقىلارغا كەينىنى قىلىۋېلىش، ئادەم بار يەردە قاقىرىپ تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، باشقىلارغا قاراپ تۇرۇپ يۆتىلىش - چۈشكۈرۈش، كېرىلىش، قۇلاق - بۇرنىنى كولاش، چىشلىرىنى تازىلاش، ئېغزىنى توسۇۋالماي ئەسنەش، كىيىمىنى سېلىپ قېقىشتۇرۇش، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاچچىقلىنىش ياكى ھەددىدىن زىيادە تېلىقىپ كۈلۈش، ۋارقىراش - جارقىراش، تېلېفونلىشىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.
ئاشخانا - رېستورانلارغا ياكى بىراۋنىڭ ئۆيىگە ۋە ياكى توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىغا بارغاندا، تەكلىپ بويىچە ئۆز ۋاقتىدا بېرىش، تېگىشلىك جايدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇش، مويسىپىتلارنى ۋە چوڭلارنى، ئالىم - زىيالىيلارنى تۆرگە تەكلىپ قىلىش، تۆر تالاشماسلىق لازىم. سىرتتىن كىرگۈچىلەر ئولتۇرغانلارغا سالام بېرىپ، ئىمكان قەدەر ئولتۇرغانلارنى قوزغىۋەتمەستىن ئورۇن ئېلىشى، ناۋادا ئۇلار غىزالىنىۋاتقان بولسا، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىكى كېرەك. ئەگەر سورۇندا كۆرۈشۈش زۆرۈر كىشىلەر بولسا، جامائەتنى ئارىلاپ ئۇدۇل ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشۈشكە ئالدىرىماسلىق، داستىخاندىن كېيىن مۇۋاپىق پۇرسەتتە كۆرۈشۈپ ئەھۋاللىشىش لازىم. باشقىلارغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇش ياكى بەدىنىنى ئۆزگىلەرگە تەگكۈزۈپ ئولتۇرۇش، قىستاش، دىۋاندا ئولتۇرغاندا سونايلىنىۋېلىش، ئولتۇرغان پېتى ئۇخلاش، بىراۋ سىرتقا چىقىپ كىرىش ئۈچۈن ماڭسا ئۇنىڭ جايىدا ئولتۇرۇۋېلىش، يېنىدا ئولتۇرغان بىراۋ بىلەن قانداقتۇر ئىشلار ئۈستىدە ۋالاقلاپ كۈلۈشۈش، بولمىغۇر قىلىق چىقىرىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپسىزلىك جۈملىسىدىندۇر.
داستىخاندا ئاۋۋال چوڭلار مەزەگە قول ئۇزاتسۇن. تەخسىلەردىكى قورۇمىلارنى چوكىڭىز بىلەن ئاستىن - ئۈستۈن ئۆرۈمەڭ، بىر نەرسىلەرنى ئىلغىماڭ. ئالدىڭىزغا ئايرىم قاچىدا كەلتۈرۈلگەن غىزانى ئاشۇرۇپ قويماڭ، يەپ بولالماسلىق ئېھتىمالىڭىز بولسا، قاچىغا تەگمەي تۇرۇپ، ئېھتىياجىڭىزنى ساھىبخانىغا ئېيتىڭ. غىزا - تائاملارغا ۋە گېزەك، يەل - يېمىشلەرگە ئاچ كۆزلەرچە تېگىش قىلماڭ، ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن تېتىپ كۆرسىڭىزلا كۇپايە.
ئۆيىڭىزگە مېھمان كەلگەندە، روھىي كەيپىياتىڭىزنىڭ نورماللىقىنى ساقلىشىڭىز، قىزغىن بولۇشىڭىز، قانداقتۇر مۇھىم ئىشلارنىڭ سىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتمەسلىكىڭىز، سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىكىڭىز ياكى سائەتكە تولا قارىماسلىقىڭىز،بالىلارغا ياكى ئىت - مۈشۇك، توخۇ - ئۆردەكلەرگە ئاچچىقلانماسلىقىڭىز لازىم. باشقىلارنى تائامغا، ئىچىملىك - چېكىملىكلەرگە زورلاش، قولنى يۇغاندا سىلكىش، يېمەكلىكلەرنى چېچىش، ئۇيەر - بۇ يېرىنى قاشلاش، قولىنى ياكى غىزا سايمانلىرىنى يالاش، داستىخانغا دەسسەش، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى يېمەكلىكلەرنى تارتىپلا ئېلىۋېلىش، باشقىلار غىزادىن قولىنى تارتماستىنلا قول سۈرتۈشكە باشلاش قاتارلىقلار ئەدەپ جۈملىسىدىن ئەمەس. غىزادىن كېيىن ئاۋۋال چوڭلار دۇئاغا قول كۆتۈرسۇن، ئاندىن چوڭلارنىڭ ئىشىكتىن چىقىشىنى كۈتۈڭ؛ ئاۋۋال ئىشىككە يېقىن ئولتۇرغانلار، ئاندىن تۆردە ئولتۇرغانلار ئىشىكتىن چىققىنى مۇۋاپىق.
پۇت ۋە پايپاقنىڭ تازىلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرنىڭ پۇت ۋە پايپىقىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئايىغىنى سالسىلا سېسىق پۇراپ كېتىدىغانلىقىنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. سىز ئۆزگىلەرنىڭ گىلەم سېلىنغان ئۆيلىرىگە، ئىشخانىلىرىغا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سورۇنلارغا كىرگىنىڭىزدە ۋەياكى كۆرپە ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، جەزمەن ئايىغىڭىزنى سېلىۋېتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق چاغلاردا پايپىقىڭىزدىن پۇراق چىقسا، سىزنىڭ بۇنداق بولمىغۇر ئادىتىڭىز تەبىئىي ھالدا باشقىلارنى بىزار - بىئارام قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىگىسى ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىشى، ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىزمۇ ئوسال بولىسىز. ئادەتتە پۇت پۇراش ناھايىتى ئاز ساندىكى پۇت تەرلەش كېسەللىكىدىن كۆرۈلسە، كۆپ ساندىكىلىرى ئاخشىمى پۇت ۋە پايپاقنى يۇيۇۋېتىپ ياتماسلىقتەك ناچار ئادەتتىن كېلىپ چىقىدۇ. دېمەك، ھەر كۈنى ئاخشىمى پۇت ۋە پايپاقنى يۇماسلىق، ئاياغنى پاكىزە تۇتماسلىق، ھەتتا گىلەم، كۆرپىلەرنىڭ ئۈستىگە ئاياغ بىلەنلا چىقىپ ئولتۇرۇش قاتارلىقلار ئەدەپ - قائىدىگە يات ئىللەتلەردۇر.
تاماكا چېكىش ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. باشقىلارنىڭ ئۆيىدە، ئىشخانىدا، تاماكا چەكمەيدىغانلار قېشىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، خانىم - قىزلار، بالىلار - ئۆسمۈرلەر ھەمدە مويسىپىت - چوڭلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. بۇ جەھەتتە، چەت ئەللەردىكى بەزى ئەدەپ - قائىدىلەر بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. چەت ئەللەرنىڭ كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىن شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز: تاماكا چەكمەكچى بولغان بىر كىشى ئۆي- خانىلەردىلا ئەمەس، بەلكى دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، باغچىلاردا، ھەتتا ئوچۇقچىلىقلاردىمۇ يېنىدىكى ھەمراھىدىن: «يېنىڭىزدا تاماكا چەكسەم بولامدۇ؟» دەپ ئىجازەت سورايدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىدا ئۆز مەيلىچە تاماكا چېكىشنى ئۆزگىلەرگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، باشقىلارنىڭ ئىززەت - نەپسىگە تەگكەنلىك، كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك، دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان. بىزدە ئاممىۋى سورۇنلاردا، كىشىلەرنىڭ يېنىدا تاماكا چېكىش چەكلىنىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ، ئەمما بەڭگىلەرنىڭ ئۆز مەيلىچە ئۇدۇل كەلگەن يەرلەردە تاماكا چېكىپ يۈرگىنىنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. سىزنىڭ ئەدەپسىزلىككە ياتىدىغان تاماكا چېكىشتەك ناچار ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ياكى تاماكا تاشلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراش ھوقۇقىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىڭىز باركى، ئۆز خۇمارىڭىزنى بېسىش بەدىلىگە مۇھىتنى بۇلغاشقا، جۈملىدىن ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشكە زىنھار ھەققىڭىز يوق.
3 ) سۆزلەش ۋە سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر يۈرۈش - تۇرۇشتىكى ئەدەپ - ئەخلاق مىزانىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرىدۇر. دانىشمەن ئاتا - بوۋىلىرىمىز «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە» دېگەن ھېكمىتى ئارقىلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سۆزلەش ۋە سۆزلىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىدىن بىزگە تەربىيە بەرگەن. سۆز خۇددى ئاتقان ئوققا ئوخشىشىدۇ، ئۇ ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ؛ سۆز خۇددى تۇغۇلۇپ بولغان بوۋاققا ئوخشىشىدۇ، قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇلىدۇكى، ئۇنى قايتىدىن تۇغۇش - تۇغدۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس؛ سۆز خۇددى ئۆتكۈر تىغقا ئوخشىشىدۇ، يامان سۆز قەلبنى جاراھەتلەندۈرىدۇ، تەن جاراھىتىنى ساقايتىش ئاسان، ئەمما قەلب جاراھىتىنى ساقايتماق تەستۇر. دېمەككى، ئەدەپ - قائىدىگە مۇخالىپ كېلىدىغان سۆزلەردىن ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئۆزىنى چەكلىشى، ئېغىز قۇلۇپىنى ئەقىل - پاراسەت ئاچقۇچى بىلەن ئاچمىقى توغرىدۇر.
«يولۋاس ئىزىدىن يانماس، يىگىت سۆزىدىن» دېگەن ماقالدىكى «يىگىت» سۆزى ئەرلەر تائىپىسىگىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى «لەۋزىدە تۇرىدىغان چىن ئادەم» دېگەن مەنىدە كەلگەن بولۇپ، ئەر - ئايال پۈتكۈل ئىنساننى ئۆز ئىچىگە مۇجەسسەملەيدۇ. بۇ ماقال جىنس ئايرىمىسىدىن مۇستەسنا ھالدا چىن ئىنساننى «يىگىت» سۆزى بىلەن سۈپەتلەيدۇ. بۇ يەردىكى چىن ئىنسانلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۈكسەك بولۇپ، راستچىللىق، سەمىمىيلىك ۋە ئۆزى قىلغان سۆزگە مەسئۇل بولۇشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىگە چىن ئىنسانلىق دەرىجىسىنى ساقلاشنى، ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزۈشنى، ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي قەدىر - قىممىتىنى ھەم ئابرۇي - ئىناۋىتىنى ساقلاشنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىق يولىنى نۇرلاندۇرۇشنى ئويلايدىغان ھەربىر ئەقىل ئىگىسى «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دېگەندەك، گەپ - سۆزنى كۆڭۈل تارازىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئاغزىدىن چىقىرىشى، راست گەپ قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، كۆڭۈلدە غۇم ساقلىماسلىقى ۋە قىلغان سۆزىگە مەسئۇل بولۇشى شەرت. يالغانچىلىق، لەۋزىدە تۇرماسلىق، سەمىمىيەتسىزلىك، ئىككى يۈزلىمىلىك، ئالدامچىلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قاتارلىق قەبىھ ئىللەتلەر ئىنساننىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنى پايخان قىلىدۇ، قەدىر - قىممىتىنى ۋە ئابرۇي - ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ.
سۆزلەش - سۆزلىشىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار كونكرېت مەسىلىلەر بار. مەسىلەن، سۆزلىگەندە ئاڭلىغۇچىغا بەك يېقىن تۇرۇۋالماسلىق، ئاڭلىغۇچىغا تىنىق ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن، تۈكۈرۈك چاچراپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەربىر ئادەم ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. سۆزلىگەندە توختىماي قول پۇلاڭلىتىدىغان، قول شىلتىيدىغان، ئاڭلىغۇچىنى پات - پات نوقۇپ قويىدىغان، ئۈستەلگە مۇشتلايدىغان، ئۇرىدىغان، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەيدىغان ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا گەپنى بۆلۈپلا سۆزلەپ كېتىش، سۆزلىگۈچىنىڭ سۆز تېمىسىنى باشقا ياققا بۇراش، سۆزلىگۈچىگە دىققەت - نەزەرنى بەرمەي ئۇياق - بۇياققا قاراش ياكى قولغا قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ باشقا ئىشقا مەشغۇل بولۇپ كېتىش قاتارلىقلار ئەدەپسىزلىككە ياتىدۇ. سىز ئىشلەۋاتقاندا، قېشىڭىزغا كەلگەن كىشى سىزگە گەپ قىلغان بولسا، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى قويۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاڭ. ئۈچ ئادەم بار يەردە ئىككىسى كۇسۇرلىشىپ سۆزلەشمىگىنى ياكى بىرنېمىلەرنى دېيىشىپ كۈلۈشمىگىنى ياخشى. ئەگەر سىز سۆزلەۋاتقاندا ئاڭلىغۇچى گېپىڭىزگە قىزىقمىغاندەك پوزىتسىيىدە بولسا، ئۇنى گېپىڭىزنى ئاڭلاشقا زورلىمىغىنىڭىز ياكى گەپنى باشقا تېمىغا يۆتكىگىنىڭىز ۋە ياكى گېپىڭىزنى پەم بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىنىڭىز تۈزۈك. مېھمان بولغاندا ياكى مېھمان كۈتكەندە، سۆزلىشىشكە تېگىشلىك گەپنى سورۇندا تۈگىتىش، ئۇزىتىش ياكى خوشلىشىشتا ساھىبخانىنى، مېھماننى تولا گەپكە تۇتماسلىق لازىم. جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەربىيىلىنىشى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى، مەسىلىلەر ۋە شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، تونۇشى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، بىراۋ «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك» سۆزلەپ كەتسە ياكى ئەمەس گەپلەرنى دېسە، ئۆزىڭىزنى تۇتۇشنى بىلىشىڭىز، ئۇنى مەسخىرە - مازاق قىلماسلىقىڭىز لازىم. ئورۇنسىز گەپ قىلىش، نادان بىلەن گەپ تالىشىش، قىلچە ئەھمىيىتى يوق گەپلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىش، بىراۋنى يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئەيىبلەش ياكى تەنقىدلەش جىم تۇرغان تامغا ئۈسۈگەنلىك بىلەن باراۋەر. بىزدە: «ئالدىدا ماڭغاننىڭ بۇرنى قاناپتۇ، كەينىدە قالغاننىڭ كۆتىگە تاياق تېگىپتۇ» دەيدىغان گەپ بار، «پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، تىل يۈگۈرۈكى تاشقا» دەيدىغان گەپمۇ بار. گەپ - سۆزدە ئالدىراقسانلىق قىلىش، گېپىم بار دەپ ھەممىنى بىراقلا تېرە ئۈستىگە تۆكۈۋېتىش، مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ھاپىلا - شاپىلا پوزىتسىيە بىلدۈرۈۋېتىش، چوڭلارنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىش، بىراۋ گەپنىڭ بېشىنى چىقىرىپ بولغۇچە ئاخىرىنى سۆزلەپ ئالدىپەشلىك قىلىش، كۆپ سانلىقلارنىڭ پىكىر يۆنىلىشىگە قارشى چىقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ - قائىدىسىزلىك بولۇپ، بۇ خىل ئىللەتلەر ئادەمگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. پالتىنىڭ ئىشىنى يىڭنە، يىڭنىنىڭ ئىشىنى پالتا قىلالمىغىنىغا ئوخشاش، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، كىشىلەرگە باھا بەرگەندە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە، بىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يەنە بىرىنى چۆكۈرۈشكە بولمايدۇ. كىشىلەرنى ماختىغاندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، تەنقىدلىگەندە ھەممىنى ئىنكار قىلىش ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئىشى ئەمەس. غەيۋەتخورلۇق، چېقىمچىلىق، كاززاپلىق، پىتنە - پاسات تارقىتىش، بوھتان چاپلاش، گۇمانخورلۇق قاتارلىق ئىللەتلەر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نائەھلىيلەرنىڭ قىلمىشى بولۇپ، ئەخلاق - پەزىلەت گۈلىستانىغا تەگكەن ۋابا، ئادىمىيلىك قوغۇنلۇقىغا ئۈنگەن شۇمبۇيىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەخپىيەتلىكىڭىزنى بىراۋغا سۆزلەپ يۈرمەڭ، ئۆزىڭىز ساقلىيالمىغان مەخپىيەت ئىككىنچى بىرسىنىڭ قورسىقىدا جىم تۇرمايدىغانلىقى ئېسىڭىزدە بولسۇن. مەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا كىشىلەردىن گەپ كوچىلىماڭ، بىراۋنىڭ ئاللىقانداق مەخپىيەتلىكى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سۆزلەپ يۈرۈش، شەخسىيىتىگە چېقىلىش، ئەيىب - نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلاش، بىلىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارغا يېپىشىۋېلىش، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئاختۇرۇش، خەت - چەكلىرىنى كۆرۈش، نام - شەرىپىگە، غۇرۇرىغا چېقىلىش ئاقىللارنىڭ قىلىقى ئەمەس. ئۆزىدىن چوڭلارغا چاقچاق قىلىش، قىزىقچىلىق قىلدىم دەپ كىشىلەرگە ياقمايدىغان قىلىقلارنى چىقىرىش، ئۆزىدىن كىچىكلەرگە قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ - قائىدىدىن چىققانلىق، تېتىقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. ئېرىڭىز ياكى ئايالىڭىزغا باشقىلارنىڭ ئەر - ئاياللىرىنى ماختاپ ئۇچۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ يۈرمىگىنىڭىز ياخشىدۇر. ئائىلىدە بولۇنغان ھەر خىل گەپلەرنى، بولۇپمۇ ئائىلىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە تاقىلىدىغان ئىشلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈش ھاماقەتلىك بولىدۇ. چىرايلىق سۆزلەش، گەپ - سۆزدە ئىلمىي ھەم سىلىق - سىپايە بولۇش، گەپنى مېغىزلىق، ئىخچام قىلىشقا ئادەتلىنىش ئىنسانغا ئەدەپ - ئەخلاق خەزىنىسىنىڭ ئېسىل نېمەتلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ. سەت، بەدەۋى سۆزلەرنى قىلىش، گەپ - سۆزدە قوپال بولۇش، ئادەم تىلغا ئېلىشقىمۇ ئۇيىلىدىغان قىپيالىڭاچ سۆزلەرنى، ئۇياتلىق ئاتالغۇلارنى ئاتاش، تېتىقسىز گەپلەردىن تىلنى تارتماسلىق، تولا گەپ قىلىش، ئەزمىلىك، تەنە - ياپتا گەپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ - ئەخلاق گۆھىرىنى تاشقا ئۇرىدۇ. بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ مۇنداق چۈش كۆرۈپتۇ: چۈشىدە ئۇنىڭ ھەممە چىشى چۈشۈپ كەتكۈدەكمىش، پەقەتلا بىر تال چىشى قالغۇدەكمىش. ئەتىسى چاقىرتىلغان چۈش تەبىرچىسى: «پادىشاھىم، بۇ، سىلىنىڭ بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرى سىلىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، سىلىنىڭ يالغۇز قالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ» دەپتۇ. پادىشاھ دەرھال بۇ تەبىرچىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىپتۇ. يەنە بىر چۈش تەبىرچىسى چاقىرتىلىپتۇ. ئۇ: «پادىشاھى ئالەم، بۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆمرى بارلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئۇزاق بولىدىغانلىقىدىن بېشارەتتۇر» دېگەنىكەن، بۇنىڭدىن پادىشاھ مەمنۇن بوپتۇ ۋە تەبىرچىنى تارتۇقلاپتۇ. ئىككى تەبىرچى ئېيتقان تەبىرلەرنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئىپادىلەشتە، سۆزنىڭ ئېيتىلىشىدا مۇئەييەن پەرق بار. شۇڭا، بۇ ئىككى خىل تەبىرنىڭ ئاڭلىغۇچىغا ئىككى خىل — بىرىنىڭ يېقىملىق، يەنە بىرىنىڭ قوپال ئاڭلىنىشى تەبىئىي ئەھۋال. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سۆزنى چىرايلىق قىلىشقا، كۆڭۈلدىكىنى ئەڭ گۈزەل تىل ۋاسىتىسى بىلەن ئىپادىلەشكە، سۆزنى مېغىزلىق ھەم ئاددىي قىلىشقا ئادەتلەنگەن كىشى ھەردائىم ئەخلاق - پەزىلەت بۇلىقىدىن كەۋسەر سۈمۈرىدۇ، گۈزەل سۆزلەر خاسىيىتىدىن نۇسرەت تاپىدۇ.
يانفون، تېلېفون ئىشلەتكەندە ۋە ئىنتېرنىت تورىغا چىققاندا ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم. تېلېفوندا تولا گەپ قىلىش، ئەتراپتا ئادەم بار - يوق دېمەي، تېتىقسىز سۆز - ئىبارىلەرنى تىلغا ئېلىش، كىشىلەر يىغىلغان تىنچ سورۇنلاردا تېلېفون قوبۇل قىلىش - ئۇرۇش، ۋارقىراپ - جارقىراپ سۆزلەش، ئۆزى تونۇيدىغان ياكى يېقىن ئۆتىدىغان يۇقىرى ئابرۇيلۇق ئەربابلارغا كىشىلەر ئالدىدا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش دېگەندەك قىلمىشلار ئەدەپ - ئەخلاق بابىغا زىت ناچار ئىللەت ھېسابلىنىدۇ. تىياتىرخانا، دەرسخانا، مەجلىسخانا قاتارلىق سورۇنلاردا يانفون ئىشلەتكۈلۈك ئەمەس. يانفونىڭىزنىڭ ئېكرانىدىن، ئېلېكترونلۇق يوللانما قوبۇل قىلىش - يوللاش ئىقتىدارىدىن، ئاۋازسىزلاندۇرۇش، تىترىتىش قاتارلىق ھەر خىل رولىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. بۇلار سىزنىڭ يانفون ئىشلەتكەندە ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. يانفون شەخسىي مۈلۈك بولۇپ، ئۇنى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. ئائىلە ۋە ئىشخانىلاردىكى خاس تېلېفونلارمۇ ئىگىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنى باشقىلارنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىشىمۇ ئەدەپ جۈملىسىگە كىرمەيدۇ. دوستلىرىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ، ئايالىڭىز ياكى ئېرىڭىزنىڭ يانفونىنى نازارەت قىلىدىغان، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى ھەمدە يانفوندىكى قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىقچە كۆرىدىغان بولمىغۇر قىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ. باشقىلارنىڭ يانفونى ياكى خاس تېلېفونىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئىگىسىدىن ئىجازەت سورىغىنىڭىز، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۆي تېلېفونىنى ئىشلەتمىگىنىڭىز دۇرۇستۇر.
ئىنتېرنىت تورىدا ئەدەپلىك بولۇشنى تەكىتلەش ھازىرقى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ھەممە نەرسىنىڭ ياخشى ۋە يامان تەرىپى بولغىنىدەك، ئىنتېرنىت تورىدىمۇ بەزى پاسسىپ، ناچار نەرسىلەر مەۋجۇت. ئىنتېرنىت تورىدىن شەھۋانىي، مەزمۇنى ساغلام بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرۈش، ناتونۇش كىشىلەرگە قالايمىقان يوللانمىلارنى ئەۋەتىش، تور بېكەتلىرىنىڭ سۆز قالدۇرۇش مۇنبەرلىرىگە قاملاشمىغان مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلار ئەخلاقسىز، پەزىلەتسىز، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن بىنورمال ئادەملەرنىڭ قىلمىشىدۇر. ئىنتېرنىت تور بېكەتلىرىدىكى «چايخانا» ۋە قق لاردا ناتونۇشلار تونۇشىدۇ، تورداشلار پاراڭلىشىدۇ، يېقىن دوستلار كۆرۈشۈپ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ يەردىكى پاراڭلىشىش - مۇڭدىشىش ھەر خىل تېمىلاردا، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارىچە بولىدۇ. بۇ خىل پاراڭلىشىشتا، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپ - قائىدىلىك بولۇش، گۈزەل سۆز - ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش، ئۆزئارا ھۆرمەت - ئىززەتنى ساقلاش لازىم. ھە دېسىلا، بىر - بىرىنىڭ شەخسىيىتىگە، غۇرۇرىغا تېگىش، يوقىلاڭ سەۋەبلەرنى دەپ قوپال، سەت سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ھەتتا تىللىشىش، ھاقارەت قىلىشتەك ئەدەپسىزلىك ئامىللىرىدىن ساقلىنىڭ.

2. كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا دىققەت قىلىش زۆرۈر مەسىلىلەر دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئەنئەنىسى، ئۆرپ - ئادىتى، قائىدە - يوسۇنلىرى بار. شۇڭا، تارىختىن بېرى ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېستېتىكىلىق قاراشلىرىدا مۇئەييەن پەرقلەر ساقلىنىپ كەلگەن. ئەمما، مەيلى قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانلا بولىدىكەن، يەنىلا ئۇلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش سەنئىتىدە ھەم ئەخلاقىدا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار، ئورتاق تەرەپلەر ھامان مەۋجۇت بولىدۇ.
گۈل ئۆزىنىڭ ياپرىقى بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەللىككە ۋە چىنلىققا تويۇنغىنىدەك، ئادەم كىيىنىش ۋە ياسىنىش بىلەن ئېسىل، قەددى - قامەتلىك، سالاپەتلىكتۇر. ئادەم سىرتقى جەھەتتىن ئېيتقاندا كىيىم - كېچىكى، ئۆزىنى تۈزىشى ۋە ھاياسى بىلەن ئادىمىيلىككە، جەلپكارلىققا ھەم ئەخلاققا ئىگىدۇر. ئادەملەرنىڭ ھايۋاناتتىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرۇشىمۇ، ئۇنىڭ كىيىم - كېچەك ئارقىلىق ئۈستۋېشىنى يۆگەيدىغان «مەخلۇقات» بولغانلىقىدا خاراكتېرلىنىدۇ. ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر بولغان ھايا، جۈملىدىن ئەدەپ - ئەخلاق ھەرقاچان - ھەرزامان كىيىم -كېچەكنى، ياسىنىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. كىيىم -كېچەك ئادەمنىڭ يۆگەشكە تېگىشلىك جايلىرىنى يۆگەپ، «ئادەم»نى ئادەم قىلىدۇ. يارىشىملىق كىيىم - كېچەك ئادەمنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ، قامىتىگە سۆلەت، چىرايىغا بەرنالىق ۋە زىبالىق بەخش ئېتىدۇ.ئۈستۋاشتىكى كىيىم - كېچەك كۆپىنچە ھاللاردا ئادەمنىڭ ئوبرازىغا، ئابرۇي - ئىناۋىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىيىم - كېچەك يەنە ئادەمنى سوغۇق، ئاپتاپ، شامال قاتارلىقلارنىڭ زەربىسىدىن ساقلاپ، سالامەتلىك جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا، مىللىتىمىزنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن ئىلمىيلىق، مەنتەقە، ئېستېتىكا كەم بولغان ئەمەس.
بىزنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىشىمىز گۈزەل ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزگە، قائىدە - يوسۇنلىرىمىزغا، مىللەت خاراكتېرى ۋە ئوبرازىغا، كەسپىي ئالاھىدىلىككە، تۈرلۈك سورۇن - يىغىلىشلارغا ئۇيغۇن، يارىشىملىق بولسۇن. ئادەتتە، كىيىم - كېچىكىنى ياش ئالاھىدىلىكى، بەدەن قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ خاراكتېرى قاتارلىق تەرەپلەرگە، شۇنىڭدەك زامان، ماكانغا لايىقلاشتۇرۇپ كىيەلىگەن ئادەم كىيىنىش ئەخلاقىنىڭ ئەقەللىي ساۋاتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. مەسىلەن، بەدىنىڭىز زىلۋا بولسا بەك كەڭ كىيىملەرنى، سېمىز بولسىڭىز، بەك تار كىيىملەرنى كىيمىگىنىڭىز تۈزۈك. يېشى چوڭلار ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان ياشلار - ئۆسمۈرلەرگە خاس كىيىملەرنى، ياشتا كىچىكلەر چوڭلارنىڭ كىيىمىنى كىيمىگىنى ياخشى. رەتسىز كىيىنىش، ئىسكەتىنى تۈزەپ يۈرمەسلىك ۋە كىيىمنىڭ رەڭگى، پاسونى، رەختىنى ئۆزىنىڭ رەڭگى، قامىتى، يېشى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ئېتىبارسىز قاراش، ئۆزىنىڭ يېشى، بەدەن قۇرۇلمىسى بىلەن ھېسابلاشماستىن، قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىش، ئۆزىگە ياراشقان - ياراشمىغانلىقى بىلەن كارى بولماي غەلىتە گىرىم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاقىلانىلىك بولمايلا قالماي، بەلكى مەنىۋى پۇچەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەممىگە ئايانكى، ئايرىم خانىم - قىزلىرىمىزدا مودا قوغلىشىش خاھىشى خېلىلا گەۋدىلىك. تەھقىقكى، مودا كىيىملەرنىڭ ئۆمرى ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا، ئۆتكەن يىلدىكىنى بۇيىل كىيىشكە بولمايدۇ - دە، ئۈزلۈكسىز يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىپ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلانماق تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مودا كىيىملەر ھەركىمگە ماس كېلىۋەرمىگەچكە، نۇرغۇن مودا قوغلاشقۇچىلار كىشىلەرنىڭ «پىچىر - پىچىر» تېمىسى بولۇپ قالىدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، مودا قوغلىشىش بىر خىل پسىخىكىلىق كېسەللىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىيىم كىيگەندە قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىشتىن ساقلىنىپ، كىيىم - كېچەكنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى، بەدەنگە ھۇزۇرلۇق بولۇشىنى ۋە گۈزەللىك قىممىتىنى ئويلاشقان تۈزۈكتۇر.
كىيىم تاللاپ سېتىۋېلىشتا ۋە ھەر خىل كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشتە، پەسىل، سورۇن، تۈرلۈك مۇراسىم - يىغىلىشلارغا دۇرۇس كەلتۈرۈشمۇ ناھايىتى مۇھىم. خاس پاسون، رەڭ تاللاش ۋە كىيىملەرنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ كىيىش كىشىنى سۆلەتلىك، قەددى - قامەتلىك، جەسۇر، لەۋەن، گۈزەل ۋە ئەدەپ - قائىدىلىك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەرلەر ئايالچە كىيىملەرنى، ئاياللار ئەرەنچە كىيىملەرنى كىيمىسۇن. كىيىم - كېچىكىڭىز دائىم پاكىز - رەتلىك، تۈگمىلىرىڭىز مۇۋاپىق ئېتىلگەن بولسۇن. ئىش ئورنىغا رەتسىز كىيىنىپ كېلىش، تەرەت كەشى كىيگەن پېتى كېلىش مۇۋاپىق ئەمەس (ئىشخانىڭىزغا گىلەم سېلىنغان بولسا بۇ باشقا ئەھۋال).
پۇلۇم بار دەپ ، ھەددىدىن زىيادە سۆلەتۋازلىق قىلىشتىن، قولۇم قىسقا دەپ بەك ئاددىي، كىشىلەر ئالدىدا چېنىپ قالىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىڭ. بەزى سورۇنلاردا كىيىم - كېچەككە قاراپ مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىمۇ سەمىڭىزدە بولسۇن. نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار: نەسىردىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ كونا، ئادەتتىكىچە كىيىملىرىنى كىيگەن پېتى ئېشىكىنى يېتىلەپ، پادىشاھ ئوردىسىغا كىرمەكچى بولىدۇ. ياساۋۇللار ئۇنىڭ ئۈستۋېشىدىن ئۇنى گاداي ياكى ئادەتتىكى ئادەم دەپ قارايدۇ - دە، دەرۋازىدىن كىرگۈزمەيدۇ. ئەھۋالنىڭ تېگىگە يەتكەن نەسىردىن ئەپەندى قايتىپ كېتىدۇ ۋە ئېسىل تون - سەرپايىلەر بىلەن ياسىنىپ ھايال ئۆتمەستىنلا يەنە كېلىدۇ. بۇ چاغدا، ھېلىقى ياساۋۇللار نەسىردىن ئەپەندىگە ئېگىلىپ تەزىم بەجا كەلتۈرۈشىدۇ ۋە ئۇنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا مەرھەمەت قىلىدۇ... بۇ گەرچە كونا زاماندىكى ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۇ لەتىپە ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئۆز تىندىنسىيىسى بىلەن كىشىلەرگە كىيىنىش ۋە ياسىنىشنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەلىي دەرس بېرىدۇ. دېمەك، سىزنىڭ كىيىنىش ئادىتىڭىز ياكى سەنئىتىڭىز ئەدەپ - ئەخلاققا باغلىق بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى سىزنىڭ ئوبرازىڭىز، مىللەت خاراكتېرىڭىز ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىڭىز بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. گېزى كەلگەندە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىرىدىن ھېسابلىناتتى. لېكىن، ھازىر يېزا - قىشلاقلاردىكى ئايرىم ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مىللىتىمىزگە خاس كىيىم - كېچەكلىرىمىزنى سەھنىلەردىكى ئارتىسلارنىڭ ئۈستۋېشىدىلا كۆرۈۋاتىمىز. ئەسلىدە، بىر ئادەمنىڭ كىيىم - كېچىكىگە قاراپلا، ئۇنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈۋالغىلى بولسا، ئاندىن كىيىم - كېچەك جەھەتتە مىللەت خاراكتېرىدىن سۆز ئاچقىلى بولاتتى. بىز بۇ جەھەتتە ياتلاشقان روھىمىزنى بالدۇرراق تونۇپ، ئۆزلۈك ئېڭىمىزغا سادىق بولۇشىمىز، كىيىنىشتىمۇ مىللەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق، پەرۋىشكارلىق پوزىتسىيىسىنى تۇتۇشىمىز قىممەتلىكتۇر.
بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىك بىر مۇھىم مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش مەسىلىسى. ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرىدىن بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئۈستۋېشىدىكى كىيىم - كېچىكىنىڭ مەدەنىي، ئاددىي - ساددا، پاكىز، رەتلىك بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلاردىن پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كىيىنىش ۋە ياسىنىش سەنئىتى، خاراكتېر، ئەخلاق - پەزىلەت قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىملەرنى، تەسىرلەرنى ئالىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ كىيىنىش - ياسىنىشى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەم ئەمەلىي، ھەم تەسىر كۈچى زور، جانلىق ئۈلگىدۇر. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنى دورايدۇ، ئوقۇتقۇچى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاجايىپ - غارايىپ كىيىنىپ - ياسىنىپ، زىبۇزىننەت - زۇننارلارنى تاقاپ ياكى ئالىيېشىل كىيىملەرنى كىيىپ، چاكىنا ياسىنىپ دەرسخانىغا كىرمەسلىكى لازىم. بۇنداق قىلىش ئاممىۋى ئەدەپ - قائىدىگە خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كەسپىي ئەخلاققىمۇ مۇخالىپ كېلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئاجايىپ - غارايىپ كىيىنىپ - ياسىنىپ دەرس ئۆتسە، ئوقۇغۇچىلارغا يامان تەسىر بېرىپ قويىدۇ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىكى ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. ھەممىدىن يامىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتى چېچىلىپ، پسىخىكىسى غىدىقلىنىپ، دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئۈنۈمى تەبىئىي ھالدا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئوقۇتقۇچى خانىم - قىزلار غەيرىي كىيىنسە، ئالتۇن زىبۇزىننەت - زۇننارلارنى كۆپلەپ تاقىسا، چېكىدىن ئاشۇرۇپ گىرىم قىلسا، مۇقەررەر ھالدا قىز ئوقۇغۇچىلاردا بىنورمال ياسىنىش ئادەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولماي قالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كىچىك قىزلار ياسانچۇق بولۇپ قالىدۇ، كىيىم - كېچەك دېسە ئۆزىنى ئۇرىدىغان مىجەز يېتىلدۈرۈۋالىدۇ، ناچار ئادەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋالىدۇ، ھەتتا تەدرىجىي ھالدا يامان يولغا مېڭىپ قالىدۇ. چۈنكى، خانىم - قىزلار ئۆزلىرىنىڭ كىيىم - كېچەككە، زىبۇزىننەت - زۇننارلارغا ئامراق بولۇشتەك كەمچىلىكىگە ھەر دائىم دىققەت قىلمىسا، ئۇلار ئائىلە تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى، ئۆينى بۇزۇشى، ھەتتا ئاسانلا خاتا يولغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ سەترىدە شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ:«بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، ئىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى» دەپ ئىنتايىن توغرا ئېيتقان. بۇ يەردىكى مەنە چوڭقۇرلۇقى كىيىنىش ۋە ياسىنىش گۈزەللىكىگە قەلب گۈزەللىكىنىڭ ماس كېلىشى، بولۇپمۇ قەلب گۈزەللىكى كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا ئالدىنقى شەرت بولىدىغانلىقى لىنىيىسىدە تىرەنلىشىۋاتىدۇ. مۇبادا، ئوقۇتقۇچىلاردا بۇ خىل ئەدەپسىزلىك ئىللەتلىرى ساقلىنىدىكەن، ئۇ ھالدا ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك پاسسىپ ئامىللارنى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۆگىنىۋالىدۇ. ئەر ئوقۇتقۇچىلار ساقال - بۇرۇتلىرىنى ئۆستۈرۈۋالماسلىقى، چاچلىرى رەتسىز، ئاياغلىرى توپا ھالەتتە دەرسخانىلارغا كىرمەسلىكى لازىم. ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بەك قىسقا كىيىملەرنى، تار كىيىملەرنى ياكى مەيدىسى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك. دېمەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئەخلاقى بىر پۈتۈن مائارىپنىڭ سۈپىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
كىيىم - كېچەكنى رەتلىك، پاكىز، ئۆزىگە ماس كىيمەسلىك، زىبۇزىننەت - زۇننارلارنى مەنمەنلىك تالىشىپ چېكىدىن ئاشۇرۇپ تاقىۋېلىش، ئېسىۋېلىش،ئادەتتىن تاشقىرى گىرىم قىلىۋېلىش، بەدەننىڭ يۆگەشكە تېگىشلىك جايلىرىنى ئوچۇق قويۇش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ - ئەخلاققا يات ئىللەتلەرگە كىرىدۇ.
خانىم - قىزلارنىڭ گىرىم قىلىشى مەسىلىسىدە، بىز يەنىلا تەبىئىي گۈزەللىكنى تەكىتلەيمىزكى، چېكىدىن ئاشۇرۇپ گىرىم قىلىش، ئۆزىنىڭ مىللەتكە خاس ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ چەت ئەللىكلەرنى قارىغۇلارچە دوراش، بەدەن تېرىسىنىڭ ئۇيەر - بۇيېرىگە ياكى يۈز - كۆزىگە، قاش - قاپىقىغا خال چېكىش، خەت ۋە رەسىملەرنى سىزىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ناچار ئىللەت ھېسابلايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسى قېنىق گىرىم قىلىشنىڭ تەن سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. شۇڭا، چەكتىن ئاشۇرۇپ ياسانماسلىق، غەلىتە گىرىم قىلماسلىق، گىرىم قىلغاندا تەبىئىي گۈزەللىك ئاساس، سۈنئىي گۈزەللىك قوشۇمچە بولۇشى لازىم.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، كىرلەشكەن، داغ چۈشكەن كىيىملەرنى، بولۇپمۇ ياقىسى كىرلەشكەن، پۈرلەش كىيىملەرنى، تۈگمىلىرى ئۈزۈلگەن، سىيرىتمىلىرى بۇزۇلغان كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈش ئۆز - ئۆزىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلاشنى بىلمىگەنلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەدەپ - قائىدىنى بۇزغانلىق سانىلىدۇ. بىزدە: «دوستۇڭ بېشىڭغا قارار، رەقىبىڭ ئايىغىڭغا» دەيدىغان گەپ بار. بۇ، ئادەمنىڭ تاشقى سۈپىتىدە ئاياغ كىيىمنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئاياغ كىيىمگە ئېتىبارسىز قارىماسلىق لازىملىقىنى دەلىللەيدۇ. بەزى كىشىلەر قىممەت باھالىق ئاياغلارنى قوغلىشىپ كىيىدۇ - يۇ، ئايىغىنىڭ پاكىزلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ. بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ كىيىملىرىڭىزدە ئايىغىڭىزنىڭ پاكىزلىكى كىيىمىڭىزنىڭ ياقىسىدىن قالسىلا، بەلگىلىگۈچ سالماق تۇتىدۇ. ئايىغىڭىزنىڭ قىممىتى پۇتىڭىزغا كىيگەندىن باشلاپلا، ماگىزىندىكى باھاسى بىلەن ئەمەس، بەلكى پاكىز - پارقىراقلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئاياغ كىيىمنى مايلاپ، پارقىرىتىپ كىيىش، ھەركۈنى سۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ئاياغ بوغقۇچىنى چىڭ چىگىش، ئاياغ ئىچىدىكى پېتەكلەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئىمكانىيەت يار بەرسە ئاياغ كىيىمنى پات - پات ئالماشتۇرۇپ كىيىش، پايپاقنى پاكىز تۇتۇشمۇ ئەدەپ - ئەخلاق جۈملىسىگە تەۋەدۇر.
ئەرلەر چاچ ۋە ساقال - بۇرۇتلىرىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ياسىتىشقا دىققەت قىلسۇن. ساقال - بۇرۇت قويمايدىغان كىشىلەر ساقال - بۇرۇتلىرىنى قىرىپ، ئىڭەكلىرىنى پارقىرىتىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنسۇن. بەزى ئەرلەرنىڭ خانىم - قىزلارچە، ئايرىم خانىم - قىزلارنىڭ ئەرەنچە چاچ قويۇۋېلىشلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا، قائىدە - يوسۇنلىرىغا تۈپتىن يات، خىجىل بولۇشقا تېگىشلىك ئىللەتتۇر. بىز ئىككى خىل جىنسقا خاس چاچ پاسونلىرىنى ئېلىشتۇرۇۋەتكۈچىلەرنى ۋە چاچلىرىنى غەلىتە، ئالىيېشىل بويىۋالغۇچىلارنى مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاق تارازىسى بىلەن ئۆلچەپ قاتتىق تەنقىد قىلىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ تېزرەك ئۆزىنى تېپىۋېلىشىنى، ئۆزلۈك ئەخلاققا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئەرلەرنىڭ ئەركەكلەرچە چاچ قويۇشىنى، خانىم - قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك ئېلېمېنتلىرىدىن بىرى بولغان چېچىنى كەسمەسلىكىنى بۇ ھەقتىكى پارلاق تارىخىمىزنى سېغىنىش ئىلىكىدە تەكىتلەيمىز. قۇشلار ئۆزىنىڭ پەي - قاناتلىرى بىلەن گۈزەل بولغىنىدەك، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ مەجنۇنتالدەك ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن ئوماق - چىرايلىقتۇر، مىللىي ئەنئەنىمىزگە خاستۇر ھەم جەزبداردۇر.
خانىم - قىزلىرىمىز كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا كۆپرەك سادىر قىلىۋاتقان ھەمدە دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان يەنە بىر مەسىلە بار. نۇرغۇن ئاياللار كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرسىمۇ، ئەپسۇسكى ئائىلىدە بۇ ئىشقا ئېتىبارسىز قارايدۇ. «بۇ دېگەن ئۆز ئۆيۈمغۇ ... قانداق كىيىنسەم بەرىبىرغۇ...» دەپ ئويلاپ، ئۆي ئىچىدە مەينەت - كىر، پۈرلەش كىيىملەرنى، جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن تەرەت كەشىنى كىيىۋالىدۇ. چاچلىرىنى تارىمايدۇ، ھەتتا ئۆزىنى تۈزەشتۈرمەي، ئېرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئالدىدا خۇددى ھازىرلا مۇنچىدىن چىققاندەك يۈرۈۋېرىدۇ... سىز ئاياللىق خاراكتېرىڭىز ۋە قىياپەت جەھەتتە ياسىنىش جەزبدارلىقىڭىز بىلەن ئايالسىز، سىزنىڭ ياسىنىشىڭىز ئالدى بىلەن ئائىلىڭىز ئۈچۈن، ئېنىقراقى ئېرىڭىز ئۈچۈن، ئاندىن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. «ئاياللار ئۆينىڭ گۈلىدۇر» دېگەن گەپ بىكاردىن چىقمىغان. بەزى ئەرلەرنىڭ:«خوتۇنۇمنىڭ تالالىقى بارۇ، ئۆي ئىچىلىكى يوق» دېگەن گېپىنى ئاساسسىز دېگىلى بولماس. بۇ گەپ گەرچە نوقۇل ھالدا كىيىنىش ۋە ياسىنىشنى كۆزدە تۇتمىسىمۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ ئۆي ئىچىدە ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە سەل قارايدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالماي قالمايدۇ. خانىم - قىزلار:«بۈگۈن مەن سىرتلارغا چىقمىغاندىكىن... زۆرۈرىيىتى يوققۇ...» دېمەسلىكى، ئۆي ئىچىدىمۇ مۇۋاپىق كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرگىنى ياخشى. ئېرىڭىزنى «ئۆز» كۆرۈپ، ئەسكى كىيىملەرنى كىيىۋالغىنىڭىز، چېچىڭىزنى تۈزەشتۈرۈشكە ئېرىنگىنىڭىز بىلەن، شۇنداق چاغلاردا ئۆيىڭىزگە تۇيۇقسىز مېھمان كېلىپ قېلىشى، دەرھال سىرتلارغا چىقىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇشى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يۈز بېرىشى ھەم ئوسال ئەھۋالدا قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىزدە يەنە:«ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە» دەيدىغان گەپمۇ بار. مانا بۇ، خانىم - قىزلارنىڭ ئەخلاق گۈزەللىكىنى، قىياپەت ئوبرازىنى ۋە جەزبدارلىقىنى ساقلىشىدا كەم بولماسلىقى زۆرۈر يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

3. يولدا دىققەت قىلىش زۆرۈر مەسىلىلەر شەھەر - بازار يول - كوچىلىرىدا يول يۈرگەندە، قاتناش قائىدىسى بويىچە يۈرۈش، يەنى پىيادىلەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە ۋېلىسىپىت يوللىرىغا كىرىۋالماسلىق، پىيادىلەر يولىدا ئوڭ قولىنى بېسىپ مېڭىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىدىن كېسىپ ئۆتمەسلىك، ئۆتۈشكە توغرا كەلسە بەلگىلەنگەن يەرلەردىن، يەر ئاستى يوللىرىدىن، ئاسما كۆۋرۈكلەردىن ئۆتۈش قاتارلىق قائىدىلەرنى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلسىمۇ، ئەپسۇسكى ئايرىم بىر قىسىم كىشىلەر مۇشۇنداق ئەقەللىي ساۋاتلارنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، يەنە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىدۇ. بۇ، ئەدەپ - قائىدىسىزلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل قاراملىق، مەدەنىيەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، سىز پىيادە يول يۈرگەندە، كىچىككىنە قۇلايسىزلىقتىن قېچىپ ياكى ئازراق ۋاقىتنى تېجەيمەن دەپ، ئەدەپ - قائىدىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىڭىز لازىم.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ بىرمۇنچە پالاكەتكە، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىغا ۋە بەختسىزلىكلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقسىزلىق ئامىللىرىنى سادىر قىلغانلىقى سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئاتا - بوۋىلىرىمىز:«تەلىيىڭنىڭ كاجلىقىنى ئۆز خۇيۇڭدىن كۆر» دېگەن. يول - كوچىلاردا ماڭغاچ ئۇياق - بۇياققا قاراپ ھاڭۋاقتىلىق قىلىش، بىرنەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئەدەپسىزلىككە ياتىدۇ. يول يۈرگەندە دىققىتىڭىز بۆلۈنسە ياكى ئەتراپىڭىزغا سەل - پەللا دىققەت قىلمىسىڭىز، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىشى تۇرغانلا گەپ. كىشىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىشىڭىز، بۇنىڭ بىلەن كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقۇشىڭىز مۇمكىن. كىچىك بالىلارنى ئۇرۇۋېتىشىڭىز، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈشىڭىز، بىرەر نەرسىگە ئۈسۈۋېلىشىڭىز مۇقەررەر ئەھۋال. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ - قائىدىسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى بولۇپ، ناۋادا چوڭراق بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇقسىڭىز، ئۇ چاغدا ئۆمۈرلۈك پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىسىز. شۇڭا، يول بويلىرىدىكى ۋىۋىسكا، ئېلانلارنى كۆرمەكچى، مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلانماقچى ياكى ماتېرىيال كۆرمەكچى بولسىڭىز، يولنىڭ چېتىگە چىقىپ توختاڭ. مانا بۇ، ھەم ئەدەپ - قائىدىلىك بولغانلىق، ھەم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلغانلىق بولىدۇ.
كوچىلاردا بوۋاي - مومايلارغا، ئاجىز - مېيىپلارغا، خانىم - قىزلارغا ۋە ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا، ئىككىقات ئاياللارغا يول بەرگۈلۈك. بىرقانچە ئادەم بىللە كېتىۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بۆسۈپ ئۆتمىگۈلۈك. بولۇپمۇ ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئاراچلىرىدىن قىسىلىپ ئۆتكۈلۈك ئەمەس. كېتىۋاتقان كىشىلەرگە بەك سەپسېلىپ قاراش، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يات جىنسلىق كىشىلەرگە قايرىلىپ تۇرۇپ كەينىدىن كۆز يۈگۈرتۈش، بىللە كېتىۋاتقان كىشىنى توختاشقا مەجبۇرلاپ پاراڭ قىلىش، كوچىدا ئۇزاق توختاپ گەپلىشىش، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش، ۋارقىراش - جارقىراش، قاتتىق تېلىقىپ كۈلۈش ياكى يىغلاش، جېدەل - ماجىرا قىلىش، كىشىلەرنىڭ قوي - كالا، ئىت - مۈشۈك، توخۇ - ئۆردەك، كەپتەر قاتارلىق ھايۋانلىرى ۋە قۇشلىرىنى ئۈركۈتۈۋېتىش، يول - كوچىلاردا يېتىش، ئۇخلاش، ئۇدۇل كەلگەنلا يەرگە بىرنەرسە تاشلاش، تۈكۈرۈش، مىشقىرىش قاتارلىق ئىللەتلەر ئەخلاقسىزلىقتىن، تومپايلىقتىن بېشارەت بېرىدۇ.
باشقىلار بىلەن سالاملىشىش - كۆرۈشۈشكە توغرا كەلگەندە ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق:«نەگە؟»، «نەدىن كېلىۋاتىسىز؟»، «نەگە ماڭدىڭىز؟» «نېمە ئىش قىلماقچىسىز؟»، «بۈگۈن نېمە ئىش قىلدىڭىز؟»، «قولىڭىزدىكى نېمە؟» دېگەندەك ئورۇنسىز سوئاللارنى سورايدىغان، كېتىۋاتقان ۋە ئالدىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنى بىكاردىن - بىكار ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق قۇرۇق گەپكە تۇتىدىغان ئادەملەرنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، بۇمۇ ئەدەپسىزلىكنىڭ ساقىندىلىرىدۇر. ئەگەر كېتىۋاتقان ياكى ئالدىڭىزغا ئۇچرىغان بىراۋدا ئىشىڭىز بولمىسا، ئۇنىڭدىن يۇقىرىدىكىدەك تۇتۇرۇقسىز گەپلەرنى سوراپ يۈرمەڭ. قىزغىنلىقىڭىزنى سالاملىشىپ قىسقىچە ئەھۋاللىشىش ئارقىلىق ئىپادىلىسىڭىزلا كۇپايىلىنىدۇ. بىرمۇنچە كىشىلەر مۇشۇنداق قىلچە زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئورۇنسىز سوئاللارنى سوراپ، باشقىلارنى قۇرۇق گەپكە تۇتۇپ تەڭقىسلىقتا قويىدۇ... يول - كوچىلاردا ئۇچراتقان تونۇش - بىلىش، دوستلىرىڭىزنى بىھۇدە گەپكە تۇتماڭ. يولدا باشقىلار بىلەن بىللە كېتىۋاتقان بولسىڭىز، يولدا ئۇچرىشىپ قالغان بىراۋلار بىلەن ئۇزاق پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپ، بىللە مېڭىۋاتقان ھەمراھىڭىزنى ساقلاتماڭ. باشقىلارنى ئاللىقانداقتۇر بىر يەرلەرگە بىللە بېرىشىپ بېرىشكە ياكى بىللە كوچا ئايلىنىشقا زورلىمىغىنىڭىز ياخشىراقتۇر.
كىشىلەر سۇ ئىچىدىغان ئېرىق - ئۆستەڭلەردە، كۆللەردە چۆمۈلمەڭ، ئۇ يەرلەردە قول - پۇت، باش - كۆزىڭىزنى يۇيماڭ. ئادەم ساقلاشقا ۋە ئۆچىرەتلەردە تۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، جەزمەن تېگىشلىك ئورۇنغا بېرىپ تۇرۇش، جىق ئادەم بار يەردە قىستاشماسلىق، كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا چىققاندا، پەلەمپەيلەردە، لىفتلاردا، تار - قىسىلچاقلاردا بوۋاي - مومايلارغا، چوڭلارغا، ئاجىز - مېيىپلارغا، كېسەلمەن كىشىلەرگە، ئاياللارغا ۋە ئۆسمۈرلەر - بالىلارغا ئورۇن بېرىش لازىم؛ باشقىلارغا يۆلىنىۋالماسلىق، چاپلىشىۋالماسلىق كىشىلەرنىڭ ئايىغىغا دەسسەپ سېلىشتىن ياكى ئايىغىڭىزنى بىراۋنىڭ ئايىغىغا تەگكۈزۈۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. ئەرلەر ئەرلەرنىڭ قېشىدىراق، ئاياللارمۇ ئاياللارنىڭ قېشىدىراق تۇرغىنى ياخشىدۇر. باشقىلارنى ئىتتىرىۋېتىشتىن، باشقىلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭ. ئاپتوبۇستا، پويىزدا ياكى ئايروپىلان، پاراخوتلاردا قېشىڭىزدا ئولتۇرغان كىشىگە يۆلىنىپ ئۇخلىماڭ، يات جىنسلىق كىشىلەر بىلەن بىر ئورۇندا ئولتۇرغان بولسىڭىز تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىڭ. سەپەردىشىڭىزغا ھەمكارلىشىڭ، ئۇ بىرەر ئىش بىلەن ئورنىدىن ئايرىلسا، ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالماڭ، يېتىۋالماڭ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋە نەرسە - كېرەكلىرىگە قاراپ قويۇڭ. كىچىك ماشىنىلارغا ئولتۇرغاندا يىغىنچاق ھالىتىڭىزنى ساقلاڭ، باشقىلارنى قىستاپ قويسىڭىز ئوبدان بولمايدۇ.
يولدا كېتىۋاتقاندا، مەقسەتسىز ياكى مەقسەتلىك ھالدا گال قىرىش، غەلىتە يۆتىلىش، قالايمىقان ئاۋاز چىقىرىشتىن ساقلىنىڭ. يول - كوچىلاردا بولۇنۇۋاتقان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ پارىڭىغا، ئىشىغا ئۆزىڭىزچە ئارىلاشماڭ. زۆرۈر تېپىلمىسا، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ جېدەل - ماجىرالىرىدىن نېرى بولغايسىز، ئۆز يولىڭىزغا ماڭغايسىز. ئەتراپتا ئادەم بولسۇن - بولمىسۇن، يول بويلىرىغا، دوقمۇشلارغا، بۇلۇڭ - پۇچقاقلارغا ياكى يول بويلىرىدىكى دالدا يەرلەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. يېزا يوللىرىدا يۈرگەندە زىرائەت ئېتىزلىرىنى، كىشىلەرنىڭ ھويلا - ئارام، باغلىرىنى ئارىلاپ كېسىپ ئۆتۈشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكىگە چېقىلىش، يول بويلىرىدىكى مېۋە - چېۋىلىرىگە خالىغانچە قول ئۇزىتىش، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئىشىكى ئەتراپىدا ئولتۇرۇۋېلىش، ئىسقىرتىش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىقلارمۇ ئەدەپ - قائىدە بىلمىگەنلىك بولىدۇ. بىرەر ئىش بىلەن باشقىلارنى ئىزدەپ بارغان بولسىڭىز، ئىشىڭىزنى تۈگىتىپلا قايتقىنىڭىز، ئۇنىڭ يېنىدا بىھۇدە پاراڭ قىلىپ ئولتۇرمىغىنىڭىز ياخشىدۇر.
كىيىنىش - ياسىنىش ۋە يۈرۈش - تۇرۇشتا دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان ئەدەپ - ئەخلاق ئۆلچەملىرى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەنلىرىمىز بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇلاردىن باشقا، يەنە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئەدەپ - قائىدىلىك بولغىلى، كىشىلەردە ياخشى تەسىر قالدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ.

4. ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ۋاقىتنى قەدىرلەش __ ئىنسانىي سۈپەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئادەم ئۈچۈن نېمە ئەڭ قىممەتلىك؟ ھايات، تۇرمۇش، مۇھەببەت، ئۆگىنىش، ئىجاد - ئىختىرا، تىرىكچىلىك، خىزمەت، دوستلۇق، ئەخلاق - پەزىلەت، ئابرۇي - ئىناۋەت، ئىززەت - ھۆرمەت، قەدىر - قىممەت، ۋىجدان - غۇرۇر، ۋاپا - ساداقەت، پۇل، مال - دۇنيا ... شۇنىڭغا ئوخشاش ئامىللارنىڭ ھەر بىرسى يۇقىرىقى سوئالغا جاۋاب بولالىشى مۇمكىن. ئەمما، تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئامىللار سوئالىمىزنىڭ ھەقىقىي، توغرا ھەم مۇپەسسەل جاۋابى بولالمايدۇ. ئۇنداق بولسا، بۇ سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ بىز بۇ سوئالغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايات - پائالىيىتى، ۋاقىت قارىشى، توغرا دۇنياقارىشى، كىشىلىك قىممەت قارىشى بويىچە ۋە ھاياتلىق مەركىزىمىزدە تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بېرىمىز: ئادەم ئۈچۈن ۋاقىت ئەڭ قىممەتلىك. چۈنكى، ۋاقىت بولغاندىلا ھەممە مەۋجۇت بولىدۇ. دۇنيا ۋاقىتنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ۋاقىت ھەممىنى تەشكىللەيدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ھەل قىلىدۇ. شۇڭا، ۋاقىتنى قەدىرلىگەنلىك __ ھاياتنى قەدىرلىگەنلىكتۇر. تەھقىقكى، ۋاقىت __ ھايات، ۋاقىت __ تۇرمۇش، ۋاقىت __ مۇھەببەت، ۋاقىت __ ئۆگىنىش ھەم نەتىجە، ۋاقىت __ ئىجاد - ئىختىرا، ۋاقىت __ ھۈنەر - كەسىپ، ۋاقىت __ خىزمەت، ۋاقىت __ دوستلۇق، ۋاقىت __ ئابرۇي - ئىناۋەت، ۋاقىت __ قەدىر - قىممەت، ۋاقىت __ ۋىجدان - غۇرۇر، ۋاقىت __ ۋاپا - ساداقەت، ۋاقىت __ پۇل ھەم مال - دۇنيا، ۋاقىت __ مۆجىزە ...
كىشىلىك قەدىر - قىممىتى ئىلىم بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئىلىم __ ئىنسانغا پايدىلىق بولغان پۈتكۈل بىلىم - ساۋاتلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىلىم - ساۋاتلار چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىلماستىن، ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرىپىنى، جۈملىدىن مەنىۋى ۋە ماددىي ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، ئادەم ھەقىقىي قەدىر - قىممەتكە ئېرىشىش، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىش، ھاياتىدىن مەڭگۈلۈك ئىز قالدۇرۇش، ئەقەللىيسى ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىلىم ئىگىلىشى، ئۆگىنىشى، ئىزدىنىشى، بىرەر ھۈنەر - كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولۇشى، ئىختىرا قىلىشى لازىم. مانا بۇلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ۋاقىت بولۇشى شەرت. ۋاقىت __ ئىنسان ھاياتىنى تەشكىل قىلغۇچى بىردىنبىر مۇھىم ئامىل بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ۋاقتى شۇ كىشى ئۆمرىنىڭ مۇئەييەن بۆلىكىدۇر. شۇڭا، كىشىلەر ۋاقىتتىن، ماھىيەتتە ئۆز ئۆمرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىشى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىلىمدىنمۇ مۇھىم بىلىم ھېسابلىنىدۇ.
ئەجدادلىرىمىز بىزگە ۋاقىتنىڭ قىممىتى ھەققىدە «ۋاقتىڭ كەتتى __ بەختىڭ كەتتى» دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇ ھېكمەتلەر ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ۋاقىت قارىشىنى، شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاق يوسۇنلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ۋاقىتنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاق ئەلمىساقتىن تارتىپ بىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىمىز بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىزدە ۋاقىت قارىشى تۆۋەن بولۇشتەك يامان ئادەت داۋاملىق مەۋجۇت بولماقتا. ئالايلۇق، بىزدە توي باغاقلىرىغا «سائەت ئىككىگە» دەپ يېزىلسا، مېھمانلار سائەت تۆتكە بارىدىغانلىقى، باشقا ھەرخىل سورۇنلارغا تەكلىپ قىلىنغاندىمۇ مېھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكە قەدەر كېچىكىپ بارىدىغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «سائەت مانچىدە كۆرۈشەيلى...» دەپ ۋەدىلەشكەن تۇرۇپمۇ، ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغانلىقىدەك ئىنتايىن ناچار ئىللەتلەر مەۋجۇت. شۇنى قەيت قىلىش زۆرۈركى، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈش __ ئۆزىنى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر؛ ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق __ ئۆزىنىڭ گۆھەردەك قەدىر - قىممىتىنى تاشقا ئۇرغانلىقتۇر؛ باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش __ قاتىللىق قىلغانلىق، قان تۆككەن بىلەن باراۋەردۇر.
بىز ھەقىقىي مەنىسىدىن ئىنسانىي سۈپەت يېتىلدۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەڭ ئالدى بىلەن، ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى قەدىرلىشىمىز، جۈملىدىن ئۆز ھاياتىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز شەرت. يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋاقىت قارىشىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ ئۆگىنىش، تەتقىقات، خىزمەت، ھۈنەر - كەسىپ، تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە باشقا ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن سۆز ئېچىش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس. ۋاقىت قارىشىغا ئىگە بولۇش ھەمدە ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ئۈچۈن، ئىشنى يەنىلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە كېلىپ، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش مەلۇم ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئادەم دەپ ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئورتاق ئىشى.
ۋاقىت قارىشى يېتىلدۈرۈش ھەمدە ۋاقىتنى قەدىرلەش ئۈچۈن، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەرتىپلىك پىلانى بولۇشى لازىم. بۇ خىل پىلاننى يىللىق، پەسىللىك، ئايلىق، ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك دەپ تۈزۈۋېلىش مۇمكىن. ھەممىگە ئايانكى، بىر كۈن سەھەردىن باشلىنىدۇ. شۇڭا، بىر كۈنلۈك ئىشنى سەھەردىن باشلاپ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىپ، بىر كۈن ئىچىدە شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلغاندا، ۋاقىتنىڭ بىلىپ - بىلمەي ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاتا - بوۋىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، مىللىتىمىز كىشىلىرى ئارىسىدا ئادەتتە تاڭ يورۇش ئارىلىقىدا ئورۇندىن تۇرۇپ كېتىش ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشقان. شۇڭا، بىزدە كۈن قىزىلى ۋاقتىدىمۇ ئورۇندىن تۇرماسلىق، ھەتتا ئاخشىمى ياتقانچە ئەتىسى قۇياش چىققاندىمۇ ئورۇندىن قوپماسلىق ئىنتايىن قەبىھ ئىللەت، مەينەتچىلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، سىز سەھەر تۇرماسلىق، ۋاقىت قىستاپ كەلگەندە ھاپىلا - شاپىلا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، يۈز - كۆزىڭىزنى چالا - بۇلا يۇيۇپلا ئىشقا مېڭىش، ئاندىن ئىش ئورنىڭىزدا ناشتا قىلىشتەك ناچار ئادىتىڭىز بولسا دەرھال ئۆزگەرتىڭ. ئاخشاملىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەك كەچ يېتىشمۇ ئەتىسى سەھەر تۇرۇشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا بىر كۈنلۈك كەيپىياتىڭىزنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، پۈتۈن بىر كۈنلۈك ئىشلىرىڭىزنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىڭ.
تۈرلۈك سورۇنلارغا دەل بېكىتىلگەن ۋاقىتتا بېرىپ بولۇڭ. باشقىلار بىلەن مەلۇم جايدا كۆرۈشمەكچى بولغان بولسىڭىز، بېكىتىلگەن ئورۇنغا دەل ۋاقتىدا ھازىر بولۇڭ، كىشىلەرنى ساقلاتماڭ، كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلماڭ.
بىراۋ بىلەن كۆرۈشمەكچى، بىراۋنى ئىزدەپ بارماقچى، كېسەل يوقلاپ بارماقچى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، شۇ كىشى بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ۋاقتى بار - يوقلۇقىنى سوراڭ ھەمدە مەقسەتنى ئېنىق ئېيتىپ، كۆرۈشمەكچى بولغان يەرنى، ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىۋېلىڭ. بۇنداق بولغاندا، ھەم باشقىلارنىڭ ۋاقتىغا ھۆرمەت قىلغان بولىسىز، ھەم ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز بىھۇدە ئاۋارە قىلىۋېلىشتىن ساقلىنالايسىز.
ھەرخىل سورۇنلاردا، سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقتىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. باشقىلارنى ئۇزاق ئولتۇرۇشقا قىستاش، قۇرۇق گەپ سېتىپ، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش، باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ بولۇشقا زورلاش قاتارلىق قىلمىشلار ئەخلاق جۈملىسىدىن ئەمەس.

5. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش «ئۆمۈر __ ئاتقان ئوق». خۇددى مىلتىقتىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكەن ئوقنى قايتۇرۇپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولمىغىنىدەك، كەتكەن ئۆمۈرنى زىنھار قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى 70 يىل دېگەندىمۇ، مۇشۇ ۋاقىتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇخلاش ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن سەرپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەمنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئۆگىنىش، ئىختىرا، خىزمەت، ھۈنەر - كەسىپ قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقتىمىز ئاران 15 __ 20 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ... بۇنى ئويلىسا، ھەر كىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولماي قالمايدۇ.
ۋاقىتنى قەدىرلەش ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، ھەممە نەرسىگە تەڭ ئېسىلىۋېلىشتىن، ئۇدۇل كەلگەنلا ئىشلارغا زېھىننى چېچىشتىن، پىلانسىزلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. گېرمانىيىلىك ئالىم ھېگىننىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بىر ئالىم كېچە - كۈندۈز تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىسىمۇ، ئۇ، بىر كۈن ئىچىدە ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈش زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنىڭ پەقەت بەش پىرسەنتىنىلا كۆرەلەيدىكەن. بىر خىمىيە ئالىمى ئەگەر ھەپتىلىك كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنى 40 سائەت بويىچە ھېسابلىسا، ئۇنىڭ دۇنيا بويىچە بىر يىلدا نەشردىن چىققان خىمىيىگە ئائىت ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ماتېرىياللارنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن 48 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن. لوندوندا «دۇنيا ئەدەبىياتى بىئوگرافىيىسى» نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ جەمئىي 754 تومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەجمى 52 مىليون 72 مىڭ بەت ئىكەن، ئېغىرلىقىمۇ ئىككى يېرىم توننا كېلىدىكەن... بۇ مىساللار بىزگە كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشتىمۇ ئېنىق نىشان بولۇشى كېرەكلىكىنى، چەكلىك ۋاقىتتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ھەردائىم سەمىڭىزدە بولسۇنكى، يۈرىكىڭىزنىڭ ھەر بىر سوقۇشى __ سىزنىڭ ئۆلۈم دەرۋازىسىغا بىر قەدەم يېقىنلىشىۋاتقانلىقىڭىزدىن، ۋاقتىڭىزنىڭ بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆمۈر دېمەك __ ۋاقىت دېمەكتۇر. بىز ئۆمرىمىزنى قەدىرلەيمىز دەيدىكەنمىز، ھەر بىر سائەت، ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئۆزگىلەرنىڭ ۋاقتىنىمۇ ئىسراپ قىلىشنى ئەڭ چوڭ جىنايەت ھېسابلىشىمىز لازىم.

6. قوشنىدارچىلىقتىكى ئەدەپ - ئەخلاق ئائىلە __ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ھۈجەيرىدۇر، جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ ساغلام بولۇش - بولماسلىقى شۇ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ھەربىر ئائىلىنىڭ، ھەربىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئەخلاق ساپاسىغا باغلىق. تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكس ئەتكىنىگە ئوخشاش، بىر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىدىن، جۈملىدىن شۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەخلاق - پەزىلەتتىكى ئەمەلىي ئىپادىسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشى ئائىلە ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك، ئائىلە ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشىمۇ قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، قوشنىدارچىلىقتىكى ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى ئورنى ۋە رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇش، ئولتۇراقلىشىش ئېھتىياجى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا قوشنا بولۇشىنى ھەمدە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن. دۇنيادا يالغۇز دەرەخ ئورمان ھېسابلانمىغىنىدەك، كىشىلىك تۇرمۇشتا ھېچكىم قوشنىدارچىلىقتىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەجدادلىرىمىز قوشنىدارچىلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتلارغا ئەگىشىپ، قوشنىدارچىلىقنىڭ نۇرغۇن قائىدە - يوسۇنلىرىنى شەكىللەندۈرگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن، بۇ جەھەتتە مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ - ئادىتى، ئۆزگىچە گۈزەل ئەنئەنىسى بار. بۈگۈنكى كۈندە، زامانىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئائىلىلەردە، بولۇپمۇ يېزا - قىشلاقلاردا قوشنىدارچىلىقنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىنىپ، تۇرمۇشتا ئەپ، ئىناق ئۆتۈشتەك گۈزەل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، بىرقىسىم ئائىلىلەر، بولۇپمۇ شەھەر - بازارلاردىكى بەزى ئائىلىلەر قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتەلمىگەنلىكتىن، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قولۇم - قوشنىلار ئەپ ئۆتمەسلىك، سۈركىلىش پەيدا قىلىش ھەم زىددىيەتلىشىشتەك تېگىشلىك بولمىغان ناچار ئامىللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. قوشنىدارچىلىق تۇرمۇشتىكى بىرقەدەر نازۇك مۇناسىۋەتلەردىن بىرى بولغاچقا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككىچە بولغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا يا ئۇنداق، ياكى مۇنداق ئىپادىلىنىپ، قولۇم - قوشنىلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇھىم قائىدە - يوسۇنلارنى دائىم تەكىتلەپ تۇرۇش زۆرۈر.
جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، شەھەرلىشىش يۈزلىنىشى، تۇرمۇش رىتىمىمىزنىڭ بارغانسېرى تېزلىشىپ كېتىشىدەك ئامىللار بەزى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن نۇرغۇن قائىدە - يوسۇنلىرىمىزنى ئاستا - ئاستا ئۆزگەرتىۋەتتى ياكى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى. شەھەر - بازارلاردا ئېگىز بىنالاردا ئولتۇراقلىشىش كۈندىن - كۈنگە ئومۇملىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە بۇرۇلۇش بولغانسېرى، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ئۇنتۇلۇپ ياكى چاكىنىلىشىپ، بەزى كىشىلەردە سالام - سەھەتكە سەل قاراش، ئۆزئارا كىرىپ - چىقىشنى ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى بىلمەسلىك، ھەتتا ئۆز قوشنىلىرىنىمۇ تونۇماسلىق قاتارلىق زامانىۋى ئىللەتلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولماقتا.
ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ مۇقەددىمىسى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم»دىن باشلىنىدۇ. بىز بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقان قوشنىدارچىلىقتىكى ئەدەپ - ئەخلاق مەسىلىسىمۇ ئالدى بىلەن سالام - سەھەت بىلەن ئىزىغا چۈشىدۇ. شۇڭا، قوشنىلار ھەر كۈنى سەھەردە ئۇچراشقاندا ئۆزئارا قائىدىلىك سالام بېرىش ۋە «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، خەيرلىك سەھەر!»، «تىنچ - ئامان تۇرۇپسىزمۇ؟»، «ئوبدان قوپتىڭىزمۇ؟» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تىنچ - ئامانلىق سورىشى، كەچلەردە ئۇچراشقاندا «خەيرلىك كەچ»، «ياخشى چۈش كۆرۈڭ»، «ئامان بولۇڭ...» دەپ خوشلىشىشلىرى زۆرۈر. ھازىر مۇشۇ ئەقەللىي ساۋاتنىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ (بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغانلارنى بىلمەسلەردىن سانايمىز.) بەزى كىشىلەر قوشنىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سالاملىشىش سۆزلىرىنى تىلغا ئېلىشنى قىيىن ئىش دەپ قارامدۇ ياكى ئادەتتىكى تىنچلىق سوراش سۆزلىرىنى ئۆگەنمىگەنمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزىگە «مۆرىمەس» ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالغانكى، قوشنىلىرى بىلەن سالاملىشىشقا خوشى يوق. بېزىلەر ئۆزئارا ئۇچراشقاندا قائىدىلىك سالاملىشىشتىكى قىزغىن، خۇشال - خۇرام، يۈكسەك ئىززەت - ھۆرمەت تۈسىنى يوققا چىقىرىپ، بىلىنەر - بىلىنمەس باش لىڭشىتىپ قويۇشنى سالاملىشىش ئادىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. بۇنداق بىمەنە قىلىقنى سالاملىشىش ياكى ئەخلاق جۈملىسىدىن دېگىلى بولمايدۇ.
قوشنىلار بىر - بىرىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك. مەسىلەن، ئاخشىمى بالدۇرراق يېتىپ ئارام ئالمايدىغان، ئەتىسى سەھەر تۇرمايدىغان ياكى تاڭ يورۇماستىلا ئورۇندىن تۇرۇۋالىدىغان ئادەتلەر قوشنىدارچىلىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاخشاملىرى مۇۋاپىق ۋاقىتتا يېتىپ ئارام ئالمىسىڭىز، ئۆيىڭىزدىكى پاراڭ، تېلېۋىزور، ئۈنئالغۇلارنىڭ ئاۋازى ۋە تۈرلۈك تاراق - تۇرۇقلار بېسىقمايدۇ - دە، قوشنىلىرىڭىزنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلىسىز. ئەتىگىنى بەك بالدۇر تۇرۇۋالىدىغان ئادىتىڭىز بولسا، قوشنىڭىزنىڭ ئورنىدىن تۇرغان - تۇرمىغىنىدىن پەرۋايىڭىز پەلەك ھالدا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلسىڭىز ياكى رادىئو، ئۈنئالغۇلىرىڭىزنى بولۇشىغا ياڭراتسىڭىز، بۇمۇ قوشنىڭىزنى ھۆرمەتلىمىگەنلىكىڭىز بولىدۇ. ياز كۈنلىرى چۈشتە، كىشىلەر مەلۇم ۋاقىت يېتىپ ئارام ئالىدۇ، بۇنداق چاغلاردا قوشنىلارنىڭ ئارام ئېلىشىنى كۆزدە تۇتۇش، تىنچلىقنى ساقلاش كېرەك. بولۇپمۇ زاۋۇت، ماگىزىن قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان قوشنىلار بەزىدە گۇرۇپپا ئالمىشىپ كېچىلىرى ئىشلەپ، كۈندۈزلىرى ئارام ئالىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك لازىم. تەھقىقكى، ئۆي ئەتراپى، مەھەللە - كوينىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش ھەربىر قوشنىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى.
تۇرمۇشتا ئەر - خوتۇنلار ئارا گەپ تالىشىش، تېگىشىش، قىزىرىشىپ قېلىشتەك ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا، يەنىلا قوشنىڭىزنى نەزەردە تۇتۇشنى ئۇنتۇماي، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ - جارقىراشتىن ئۆزىڭىزنى تۇتالىسىڭىز، بىردەملىك ئاچچىق سەۋەبىدىن ئۆزىڭىزنىڭ چاۋىسىنى ئۆزىڭىز چىتقا يېيىشتىن، قوشنىلار نەزىرىدە ئائىلىسى ئىناق ئەمەسكەن، ئۆكتەم - ئۇرۇشقاق خەقكەن، دېگەندەك چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنالايسىز.
سەپەرگە چىقماقچى بولسىڭىز ياكى بىرقانچە كۈنگىچە ئۆيگە قايتىپ كەلمەيدىغان بولغىنىڭىزدا، قوشنىلىرىڭىز بىلەن خوشلىشىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ؛ قايتىپ كەلگەندە قوشنىلاردىن ئامان - ئېسەنلىك سوراش سەمىڭىزدە بولسۇن. قوشنىڭىز بىريەرگە كەتسە، ئۇنىڭ ئۆيى ۋە نەرسىلىرىگە كۆز - قۇلاق بولۇپ قويۇڭ. قوشنىڭىز بىلەن بىرقانچە كۈنگىچە كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىغاندىن كېيىن ئۇچراشقاندا، «يېقىندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭىزمۇ؟»، «كۆرۈنمەيسىزغۇ؟»، «بىر يەرگە بېرىپ كەلدىڭىزمۇ؟» دېگەندەك تەكەللۇپ - تۈزۈت سۆزلىرى بىلەن ئەھۋاللىشىشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز. ئەكسىچە، قوشنىڭىز ئۆيىدە بار - يوقلۇقى، ھەتتا ئۆلەر - تىرىلىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسا، بۇمۇ قوشنىڭىزغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. قوشنىلار ئۆزئارا بىر - بىرىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەككى، ھېچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىقمۇ قوشنىدارچىلىققا يات ئىللەتتۇر.
توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ، مېھمان چاقىرىش قاتارلىق ئىشلارغا تۇتۇش قىلغاندا، ئالدى بىلەن بۇ ئىشتىن قوشنىلىرىڭىزنى خەۋەرلەندۈرۈڭ. ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز، قوشنىڭىزنىمۇ چاقىرىپ قويغىنىڭىز ياخشى. قوشنىڭىز ئۆزىنىڭ ئائىلە ئىشلىرى توغرىلىق سىزگە مەسلىھەت سالسا، مۇۋاپىق مەسلىھەت بەرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما قوشنىڭىز سىزگە دېمىگەن ئىشلار ياكى دېيىشنى خالىمىغان، دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارغا ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەڭ، گەپ كوچىلىماڭ. قوشنىڭىزنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماڭ، قوشنىلارنىڭ بەزىبىر ئەيىب - نۇقسانلىرى توغرىسىدا ۋە قوشنىلار ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇماڭ، ئوتتۇرىدىن گەپ ئۆتكۈزمەڭ، گەپ يورغىلاتماڭ. ئائىلىدىكى قانداقتۇر بىر ئىشلارنى قوشنىلارنىڭكىگە سېلىشتۇرۇپ ماختىنىش، كەمسىتىشكە ياتىدىغان سۆزلەرنى قىلىش، قوشنىسىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئەيىبلەش، قوشنىسى ھەققىدە ئۆزگىلەرگە دادلاش قاتارلىقلار ئەخلاق ئىگىسىگە ياراشمايدۇ. ئۆيدە بولۇنغان ھەممە گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەتلەرنى قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە، قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە بولۇنغان گەپ - سۆزلەرنى ئۆز ئۆيىگە كۆتۈرۈپ چىققۇلۇق ئەمەس.
قوشنىڭىز توي - تۆكۈن، چوڭراق مېھماندارچىلىق ۋە ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى بىلەن بولغاندا، ھەرقانداق جىددىي ئىشىڭىز بولسىمۇ قويۇپ، قوشنىڭىزنىڭ يېنىدا بولۇشىڭىز، ئىشلىرىغا ھىممەت كۆرسىتىشىڭىز جايىزدۇر. ھېيت - ئايەملەردە، ئەڭ ئالدى بىلەن، قوشنىلىرىڭىزنىڭ ئۆيىگە پەتىگە كىرىڭ. قوشنىلار ئۆيىدە ياكى دوختۇرخانىدا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسا، ۋاقىتنى كەينىگە سوزماي ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرۇش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تەسەللى بېرىش قوشنىدارچىلىقنىڭ ھەققىدۇر.
بەزى ئىشلارنى قىلماقچى بولغاندا، بولۇپمۇ قوشنىلارنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىشلىق ياكى يېقىن تۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماقچى بولغاندا، قوشنىلار ئۆزئارا مەسلىھەتلەشكىنى تۈزۈك. يېزا - قىشلاقلاردا زىرائەتلەرنى سۇغارماقچى بولغاندا، ئايرىم ساندىكى قوشنىلارنىڭ بىر - بىرىگە يول قويماسلىقى، سۇ تۇتۇشتا نۆۋەت تالىشىشلىرى، سۇ تالىشىشلىرى قوشنىدارچىلىققا يات، يامان قىلمىشتۇر. ئۆي ئەتراپىغا تام سوقۇش، ھاجەتخانا سېلىش، چەللە - باراڭ ياساش، كۆل ياكى ئېرىق چېپىش، كۆچەت تىكىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا باشلاشتىن بۇرۇن، «مەن مۇنداق بىر ئىشنى قىلاي دەپ ئويلىغان...» دېگەندەك تۈزۈت سۆزلەر بىلەن گەپ باشلاپ، ئەھۋالنى قوشنىلارنىڭ سەمىگە سالغان ۋە مەسلىھەت ئالغان ياخشى. گەرچە، قىلىۋاتقان ئىشىڭىز ياكى قىلماقچى بولغىنىڭىز ئۆزىڭىزگە توغرا ھەم يوللۇق بولغىنى بىلەن، ئۆزىڭىز بىلگەنچە ئىش قىلىشىڭىز كۆپ ھاللاردا قوشنىلار ئارا كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا قىلىپ قويىدۇ، ھەتتا جېدەل - ماجىراغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
نۇرغۇن ئائىلىلەردە ھاجەتخانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. ھاجەتخانىنى ئەڭ ياخشىسى ھويلىڭىزنىڭ ئىچىگە، ئەتراپنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغىمايدىغان قىلىپ سالغىنىڭىز ھەم ئۇنى ۋاقتى - قەرەلىدە تازىلاپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرغىنىڭىز تۈزۈك، بۇمۇ قوشنىدارچىلىقتىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى. بۇنداقتا، قوشنىلار، يولدىن ئۆتكۈچىلەر ۋە مەھەللىڭىزگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ بۇلغانغان ھاۋا سەۋەبلىك سىزگە لەنەت ئوقۇشىدىن خالىي بولالايسىز. كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇنداق ئەھۋالغىمۇ دۇچ كېلىپ تۇرىمىز: بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەندە، قانداقتۇر بىر خىل غەيرىي ياكى سېسىق پۇراقلار دىمىغىمىزغا ئۇرۇلىدۇ - دە، كۆڭلىمىز بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق پۇراق كۆپىنچە شۇ ئۆيدىكى يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە، شۇ ئائىلە كىشىلىرى ئۇ خىل پۇراققا كۆنۈپ قېلىپ ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدۇ. بۇ بىر نازۇك مەسىلىكى، ئۆيىڭىزدە دائىم غەيرىي پۇراق مەۋجۇت بولسا، سىزنىڭ قوشنىلار ئارىسىدىكى ئوبرازىڭىزغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ئائىلە تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، يېمەك - ئىچمەكلەرنى، بولۇپمۇ گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق ساقلىماسلىق لازىم. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ھويلا - ئارام، كوچا - مەھەللە تازىلىقىغا پەرھىز ئورنىدا مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن خەلق. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشى ئۆي ئىچى، كارىدور، ھويلا - ئارام، كوچا - مەھەللىنى سۈپۈرۈپ سۇ سېپىش بولىدۇ. ئەمما، ھەممە ئادەمنىڭ بۇ گۈزەل ئەنئەنىگە ئەمەل قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن. بەزى چاغلاردا قوشنىڭىز مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىشلارنى قىلالماسلىقى مۇمكىن. مۇبادا، قوشنىڭىزدا پاكىزلىكنى سۆيىدىغان ئادەت كەمچىل بولسا، سىز سەۋرچان بولۇڭكى، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىك ئالدىنىلا تازىلاپ، قوشنىڭىزنىڭ ئىشىك ئالدىنى ئايرىپ قويۇشتىن نومۇس قىلىڭ، قوشنىڭىزنىڭ ئىشىك ئالدىنى تازىلاپ قويغىنىڭىز ئۈچۈن مىننەت قىلماڭ. قوشنىڭىز ئىشىك ئالدىڭىزنى تازىلاپ قويغان بولسا، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ «بىزنى مەينەت كۆرۈۋاتامسەن؟ تازىلىق قىلىشنى بىزگە ئۆگىتىپ قوياي دەۋاتامسەن؟» دەپ ئويلاپ تاپا - تەنە قىلماڭ. دۇنيادا قۇياش نۇرى ئاستىدا ئېرىمەيدىغان مۇز بولمىغىنىدەك، ياخشى خۇلق - مىجەز، مېھىر ئاپتىپىدىن تەسىرلەنمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاشۇ قوشنىڭىزنىڭ سىزگە ھەمدەم بولۇپ، كارىدور، كوچا - مەھەللىنىڭ تازىلىقى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان، بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە خەيرخاھلىق قىلىشنى بىلىدىغان بىر ياخشى قوشنىغا ئايلىنىشىدا شەك يوق.
ئىشىكىڭىزنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ سىرتقا سۇ چاچماڭ، دېرىزىڭىزدىن تاماكا قالدۇقى دېگەندەك نەرسىلەرنى سىرتقا ئاتماڭ. قوشنىڭىزنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يۇندا تۆكمەڭ، ئەخلەت تاشلىماڭ، ئەخلەتلەرنى سىيرىپ - سۈپۈرۈپ ئەكېلىپ، قوشنىڭىزنىڭ ئىشىك ئالدىغا دۆۋىلەپ قويىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ. بىنادىن يوللارغا، قوشنىڭىزنىڭ ئۆگزىسىگە، ھويلىسىغا بىرنەرسىلەرنى تاشلاشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. بىنا ئۆيلەردە بولسىڭىز، بالكونلاردىكى گۈل تەشتەكلىرىگە سۇ قۇيغاندا دىققەت قىلىڭكى، سۇ تۆۋەنگە تېشىپ چۈشسە بولمايدۇ. ئۆگزىدە قۇياش نۇرى مۇنچىسى بولسا، ئۇنىڭدىن سۇ تېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەمىڭىزدە بولسۇن.
ئوچۇق ھاۋانىڭ جۇدۇنى، تولۇن ئاينىڭمۇ يۈزىدە داغ بولغىنىدەك، دۇنيادا ئەيىب -نۇقسانسىز ئادەم مەۋجۇت ئەمەس. قوشنىدارچىلىقتا بەزىدە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەنجىشىپ قېلىشتىن، تۈرلۈك سۈركىلىشلەردىن خالىي بولماق تەس. بۇنداق چاغلاردا، مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ قوشنىڭىز بىلەن سالماق، ئېغىر - بېسىق كەيپىياتتا سىرداشقىنىڭىز ئەۋزەلكى، قاتمال ۋەزىيەتنى ئارقىغا سوزۇش، باشقا قوشنىلار ئۈستىدە يەنە باشقا قوشنىلارغا دەرد ئېيتىش، ئارقىدا غەيۋەت - شىكايەت قىلىش، سۆز - چۆچەك تارقىتىش ئەخلاق جۈملىسىدىن ئەمەس.
مۇبادا، خوتۇنىڭىز قوشنىڭىزنىڭ خوتۇنى بىلەن جېدەللىشىپ قالسا، بۇ ئىشتا كىمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن قەتئىينەزەر، يەنىلا خوتۇنىڭىزغا ھاي بېرىپ، تەنقىد - تەربىيە قىلىشىڭىز كېرەككى، خوتۇنىڭىزنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، قوشنىڭىزنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىشىڭىز لازىم. ئەرلەر ئاياللارنىڭ بەزى ئىشلىرىغا، ئاياللار ئەرلەرنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغىنى ياخشى. شۇنىمۇ تەكىتلەش زۆرۈركى، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالا ئارىسىغا كىرىش سەۋەبلىك قولۇم - قوشنىلىرى بىلەن جېدەللىشىپ سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ. چوڭلارنىڭ بالا ئارىسىغا كىرىشى بىر خىل نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بالىڭىز قوشنىڭىزنىڭ بالىسىدىن ئازار يېگەن بولسا، قوشنىڭىزنىڭ پەرزەنتىنى ئەيىبلەشتىن، ئۇرۇش ياكى سىلكىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ. بالىڭىز قوشنىڭىزنىڭ بالىسىنى ئۇرغان بولسا ياكى سەۋەنلىك بالىڭىزدىن ئۆتۈلگەن بولسا، دەرھال قوشنىڭىزدىن ئەپۇ سورىشىڭىز كېرەك. پەرزەنتلىرىڭىزنى قوشنىڭىز ئالدىدا تەنقىدلىمەڭ، سىلكىمەڭ. ئانچە - مۇنچە سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەندە، چوڭلار كىچىكلەر ئارىسىغا، ئەرلەر خوتۇنلار ئارىسىغا، خوتۇنلار ئەرلەر ئارىسىغا كىرمىسۇن.
بەزى كىشىلەر تۈرلۈك ھايۋانلارنى بېقىشقا خۇشتار كېلىدۇ. ھايۋان باققاندا، قوشنىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم. مەسىلەن، كالا، قوي، توخۇ - ئۆردەكلىرىڭىزنىڭ قوشنىڭىزنىڭ زىرائەتلىرىگە كىرىشىدىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك. ئىشىك ئالدىڭىزغا، ھويلىڭىزغا ئىت باغلايدىغان ئادىتىڭىز بولسا، ھەر كىم سىزدىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. شۇڭا، ئىت باققۇچىلار ئىتنى ئارقا ھويلا، باغ قاتارلىق يەرلەرگە باغلاپ قويغىنى ياخشىراق. قوشنىڭىز ئالدىدا، ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرى ۋە تۈرلۈك نەرسە - كېرەكلىرىڭىزنى، شۇنداقلا تەبىئەت، جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەرنى تىلغا ئېلىپ تىللىماڭ. قوشنىڭىزنىڭ توخۇ، توشقان، ئىت، مۈشۈك، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ھويلىڭىزغا ئۈسۈپ كىرسە ياكى گۈل - گىياھ، زىرائەتلىرىڭىزگە زىيان يەتكۈزسە، ئۇلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ غوۋغا كۆتۈرمەي، پەم بىلەن ھەيدەپ چىقىپ، قوشنىڭىزغا تاپشۇرۇپ بەرگىنىڭىز ياكى ئاچچىقلانماستىن قوشنىڭىزنى چاقىرغىنىڭىز تۈزۈك.
سىزنىڭ ئۇ ھەپتىدىن - بۇ ھەپتىگىچە، ئۇ ئايدىن - بۇ ئايغىچە قوشنىڭىزنىڭ ئۆيىگە يېقىن يولىمايدىغان ئادىتىڭىز بارمۇ؟ ئەگەر بۇنداق ئادىتىڭىز بولسا، سىزنى قوشنىدارچىلىقنى بىلمەسلەر قاتارىغا چىقىرىۋېتىش مۇمكىن، ھەتتا سىزنى قوشنىدارچىلىقتىكى مۇھىم ساۋاتلاردىن خەۋەرسىز ساۋاتسىزلاردىن ساناش ئارتۇقلۇق قىلماس. بۇنداق ئادەتنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغان كىشىلەرنىڭ قوشنىدارچىلىقتىكى مۇناسىۋىتى سۇس ياكى ناچار بولىدۇ. قوشنىلار ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆزئارا كىرىپ - چىقىش قىلىپ تۇرغىنى ئەۋزەلدۇر. قوشنىڭىزنىڭ ئۆيىگە پەقەتلا كىرمىسىڭىز، قوشنىڭىزغا خۇددى: «مەن سېنىڭ ئۆيۈڭگە كىرمىگەندىكىن، سەنمۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىرمە» دېگەندەك ئىپادە بىلدۈرۈپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. ئارىلاپ قوشنىلارنى ياخشى غىزا - تائاملارغا تەكلىپ قىلىش، ياخشىراق تاماق ئەتكەندە، قوشنىلارغا بىرەر قاچا نېسىۋە سۇنۇۋېتىش، ۋاقتى - قەرەلدە قوشنىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ پاراڭلىشىش، ھال - مۇڭ بولۇش، قوشنىلارنىڭ يىراقتىكى تۇغقانلىرى كەلگەندە، ئۇلارنى چاقىرىۋېلىش قاتارلىقلار قوشنىدارچىلىقنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىندۇر. «قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ» دېگەندەك، نورمال كىرىپ - چىقىش قوشنىلار ئارا يېقىنچىلىقنى كۈچەيتىدۇ، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ. ھالبۇكى، كىرىپ - چىقىشمۇ ئەدەپ - قائىدە ئىچىدە بولۇشى شەرت. قوشنىڭىزنىڭ ئۆيىگە نىسبەتەن، سىز ھەرقانداق ئەھۋالدىمۇ مېھمان ھېسابلىنىسىز. قوشنىڭىز بىلەن ھەرقانچە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىز يەنىلا قوشنىڭىزنىڭ ئائىلە ئەزاسى ئەمەس. شۇڭا، قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە ئالدىن ئۇقتۇرۇپ قويماي تۇيۇقسىز قەدەم تەشرىپ قىلىش، ئىشىك چەكمەيلا ئۈسۈپ كىرىش، ھەر كۈنى دېگۈدەك كىرىپ ئولتۇرۇۋېلىش، قوشنىلار مېھمان كۈتۈۋاتقاندا چاقىرىلمىغان مېھمان بولۇپ قىستۇرۇلۇۋېلىش، ئەر قوشنا يالغۇز چاغدا ئايال قوشنىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئولتۇرۇش، ئايال قوشنا يالغۇز بولسا، ئەر قوشنىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئولتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەدەپ - ئەخلاق جۈملىسىگە كىرمەيدۇ. قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە سايمانلىرىغا خالىغانچە قول تەگكۈزۈش، بىرەر نەرسىسىنى سورىمايلا ئېلىپ چىقىپ كېتىش قائىدىسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئادەم __ ئادەم بىلەن ئادەمدۇر. قوشنىلارنىڭ ئۆزئارا يار - يۆلەك بولۇشى، ئىشلاردا ياردەملىشىشى ۋە بىر - بىرىگە كۆيۈنۈشى ئېسىل ۋە ئالىيجاناب خىسلەت. ياخشى كۈنلەردە قوشنىڭىزنىڭ خۇشاللىق - شادلىقىغا ئورتاقلىشىپ، ياخشى كۈننىڭ يامىنى كەلگەندە قايغۇ ۋە دەرد - ئەلەملەردىمۇ قوشنىڭىز بىلەن ئورتاقلىشالمىسىڭىز، ياردەمدە بولالمىسىڭىز، قىسقىسى جانغا ئەسقاتمىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىزنى قوشنىدارچىلىققا يارىماسلاردىن ساناش كېرەك. قوشنىڭىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، ئۇنىڭغا قۇربىڭىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرەلىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ مەرد ھەم ئالىيجانابلىقىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ. قوشنىڭىز بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا، بىلسىڭىزمۇ بىلمەسكە سېلىپ يۈرسىڭىز، بۇ، سىزنىڭ قوشنىدارچىلىققا يارىمىغانلىقىڭىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەقىل ئىگىلىرىگە مەلۇمكى، قوشنىدارچىلىقتىكى ئەدەپ - ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، دىققەت قىلىش مۇھىم بولغان مەسىلىلەر يۇقىرىدا تىلغا ئالغانلىرىمىز بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. نېمە قىلىش ۋە نېمىلەرنى قىلماسلىقنى ئەقىللىق ئوقۇرمەنلىرىممۇ ھېس قىلىپ تۇرۇپتۇ ۋە ئويلاپ يېتەلەيدۇ. قوشنىدارچىلىقتىكى ئەدەپ - ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى» دېگەن ھېكمەتكە يىغىنچاقلاپ، بۇ ماقالەمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

7. ئائىلىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق توغرىسىدا ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئائىلە قۇرۇش، ئائىلە مەدەنىيىتى يارىتىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەنئەنىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئۇلار ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، قائىدە - يوسۇنلۇق بولۇشىنى تۈرلۈك كەسىپ، ھەر خىل ئىشلارنىڭ راۋاج تېپىشىغا، بىر پۈتۈن ئائىلىنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئابرۇي - ئىناۋىتى، بەخت - تەلىيى، قۇت - ئامىتىگە باغلىغان؛ ئەدەپ - ئەخلاقلىق، قائىدە - يوسۇنلۇق بولۇشتا ئائىلىنى باشلىنىش نۇقتىسى، مۇھىم تەربىيىلىنىش بۆشۈكى قىلغان. شۈبھىسىزكى، مىللىتىمىز ناھايىتى ئۇزاق تارىختىن بۇيان، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئائىلە مەدەنىيىتىگە ئىگە مىللەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىگە خاس ئائىلە ئەخلاقىنىڭ ئەتراپلىق ھەم نازۇك قائىدە - يوسۇنلىرىنى مىزانلاشتۇرۇش بىلەن ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ھەم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە بىر پارچە قىممەتلىك گۆھەردەك چاقناپ كەلگەن مىللەتتۇر.
تارىختىن بۇيان، ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئائىلىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق مىزانلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، بۇ جەھەتتە پەرزەنتلەرگىمۇ ئۈلگە بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەكس تەسىرى، بىر قىسىم پەرزەنتلەرنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئائىلىدىن ئايرىلىپ ئوقۇش جەريانىدا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەخلاقىغا سەل قارىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزى قائىدە - يوسۇنلىرىمىز ئۇنتۇلۇپ ياكى سۇسلىشىپ، ئايرىم ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەردە ئائىلە ئەخلاقىغا سەل قاراشتەك ناچار ئىللەتلەر مەۋجۇت بولماقتا. شۇڭا، ئائىلىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق قائىدە - يوسۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشسەك ئارتۇقلۇق قىلماس.
ئاتا - ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش __ ھەر بىر پەرزەنتنىڭ باش تارتىپ بولماس شەرەپلىك بۇرچىدۇر. ئاتا - ئانىلار بىر ئۆمۈر پەرزەنتلىرى ئىشقىدا كۆيىدۇ، نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەتلەرنى تارتىش بەدىلىگە پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشىدۇ. پەرزەنتلەر ئۆمۈر بويى ئاتا - ئانىلىرىنىڭ خىزمىتىدە پايپېتەك بولسىمۇ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەجرىنى زىنھار قايتۇرالمايدۇ. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەر ئۈچۈن مەڭگۈ ھۆرمەتلىنىشكە، قەدىرلىنىشكە، كۆيۈنۈش - ئاسراشقا تېگىشلىك ئۇلۇغ مېھنەتكەشلەردۇر. پەرزەنتلەر چوڭ بولغاندىن كېيىن، مۇستەقىل ياشاش يولىنى تېپىشى، ئاتا - ئانىسىغا يۆلىنىۋېلىشتىن خىجىل بولۇشى، ئۇلار ئۈچۈن ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىشنى بۇرچ، خۇشاللىق دەپ بىلىشى لازىم. ئاتا - ئانىلىرىنى چىن دىلىدىن ھۆرمەتلىيەلىگەن، باقالىغان ھەم ئاسرىيالىغان پەرزەنت ئەخلاق - پەزىلەت گۈلىستانىنىڭ خىسلەتلىك قەدىمىنى باسقان بولىدۇ. قېيناتا - قېينانىلارنى، شۇنداقلا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇشمۇ ئەخلاق جۈملىسىدىندۇر.
ئائىلىدە تەرتىپلىك تۇرمۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك. نۇرغۇنلىغان تەجرىبە - ساۋاقلارغا ئىگە ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىزگە: «سەھەر تۇرغان سائادەتلىك بولۇر» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان. بىزدە يەنە: «بىر كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن، بىر يىلنىڭ ئىشى باھاردىن باشلىنىدۇ»، «قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ» دەيدىغان ھېكمەتلەرمۇ بار. ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلىنىش، يۇيۇنۇش - تارىنىش، ناشتا قىلىش، ئاندىن ھەركىم ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتمەك لازىمدۇر. بەزى كىشىلەر ئادەتتىكى كۈنلەردە سەھەر تۇرسىمۇ، ئەمما دەم ئېلىش كۈنلىرىدە «قېنىپ بىر ئۇخلىۋالاي» دەپ، ناشتا ۋاقتىنىمۇ ئۆتكۈزۈۋېتىپ، ئورنىدىن خېلىلا ۋاخچە تۇرىدۇ. بۇنداق قىلىش دۇرۇس ئەمەس، بولۇپمۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋاقتىدا تۇرماسلىقى پەرزەنتلەرگە ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ. ئەگەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە قېنىپ ئۇخلىۋالماقچى بولغاندا، كۈندىكىدەك ئادەت بويىچە رىتىملىق ھالدا ئورۇندىن تۇرۇپ كېتىش، يۇيۇنۇپ - تارىنىپ، ناشتا قىلىش ۋە ئۆينى يىغىشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن يېتىپ ئارام ئېلىش كېرەك. مىللىتىمىز كىشىلىرى ئەلمىساقتىن تارتىپلا ئاخشىمى بىر ياتقانچە ئەتىسى كۈن قىزارغىچە، ھەتتا ئاپتاپ چىقىپ ئاش پىشىم ۋاقتى بولغۇچە ئورۇندىن تۇرماسلىقنى يامان ئېلىپ كەلگەن. ئۇلار ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن نۇرغۇنلىغان تەجرىبە - ساۋاقلىرىغا ئاساسەن: «سەھەر تۇرمىغان ئادەمنى مەينەتچىلىك باسىدۇ»، «سەھەر تۇرمىغان كىشىگە كېسەل چاپلىشىدۇ»، «سەھەر تۇرمىغان ئادەم يالجىمايدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىرى راۋاج تاپمايدۇ...» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ئىلىم - پەن ئىسپاتلىدىكى، ئادەم كېچىدە ئارام ئېلىۋاتقاندا، بەدەندە نۇرغۇن زىيانلىق ماددىلار پەيدا بولىدىكەن ۋە تاڭ سۈزۈلۈشكىچە توپلىشىپ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن. بۇ زىيانلىق ماددىلار ئادەم كۈن قىزىلىدىن بۇرۇن تۇرۇپ كەتكەن ھامان بەدەندىن چىقىپ كېتىدىكەن. ئادەم قۇياش چىققۇچە ئورۇندىن تۇرمىسا، زىيانلىق ماددىلار بەدەنگە تاراپ كېتىدىكەن - دە، نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىكەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش يەكۈنى ۋە ئىلىم - پەن تەتقىقاتى نەتىجىلىرىدىن سەھەر تۇرماسلىق پەقەت ئائىلىدىكى ئەخلاقسىزلىق ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەن ناچار ئادەت ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىنساننىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئۆينى ئازادە، رەتلىك، كۆركەم ۋە ئاددىي - ساددا بېزەش، ئائىلىنىڭ رەتلىك، پاكىز بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش گۈزەللىكنىڭ ھەمدە ئائىلە ئەخلاقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرىدۇر. ئۆي بېزەشتە، ئائىلە ئەزالىرىغا، شۇنداقلا كېلىپ - كېتىدىغان مېھمانلارغا ئارامبەخشلىك تۇيغۇسى بېغىشلاشنى ئويلىشىش دۇرۇسكى، ھەرگىزمۇ تاپقاننىڭ ھەممىسىنى تام بىلەن يەرگە چاپلاپ داغۋازلىق قىلماسلىق، «تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال» بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ھەممىگە مەلۇمكى، ئادەم پۈتۈن ئۆمرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك قىسمىنى ئائىلىدە ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا، ئۆينى رەتلىك، پاكىز تۇتۇش ئائىلە ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىنى پاكىز جاي، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆيلەرنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى سىرتقىي مۇھىتنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، كىشىلەر ئۆز ئۆيىدە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بۇلغىغۇچى ھەر خىل ماددىلار سىرتتىكىدىن كۆپ. بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرمىغاندا، ئۆينىڭ بۇلغىنىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بەزى كىشىلەر ئۆيىدە تۈرلۈك خىمىيىۋى دورىلار ھەم ئەتىر قاتارلىق خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ، ئاسان بۇزۇلىدىغان نەرسىلەرنى ئۆيىدە ئۇزاق ساقلايدۇ. بەزى كىشىلەر ئۆي بېزىگەندە سالامەتلىككە زىيىنى چوڭ بولىدىغان بېزەك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىدۇ. بەزى ئۆيلەرنى بېزىگەندە، ئايرىم جايلاردا كامار - تۆشۈكلەر قېپقالىدۇ - دە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ يەرگە چاشقان، قۇرت - قوڭغۇز قاتارلىقلار كىرىۋېلىپ ئۆلۈپ قالىدۇ... مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۆي بۇلغىنىدۇ ھەمدە ئۆيدە تۈرلۈك غەيرىي پۇراقلار پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۆيىڭىزگە كەلگەن مېھمان كۆڭلى ئېلىشىپ يىرگىنىش ھېس قىلىشى مۇمكىن. بىلىشىڭىز كېرەككى، بۇنداق ئىشلار سىزنىڭ ئابرۇي - ئىناۋىتىڭىزگە دەخلى يەتكۈزىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە ئۆينىڭ تېگى ھەر كۈنى بىرقانچە قېتىم تازىلانسىمۇ، لېكىن تام - تورۇسلارغا يېپىشقان تورلار، دېرىزە ئەينەكلىرىدىكى داغلار، دېرىزە پەردىلىرىنىڭ پاكىز ياكى پاكىز ئەمەسلىكى، كارىۋات - سافالارنىڭ تېگى قاتارلىقلار ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۆينى ھەر كۈنى ئادەتتىكىچە يىغىشتۇرۇش، سىيرىپ - سۈپۈرۈشتىن باشقا، ئۆيدە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك چوڭ تازىلىق قىلىش لازىم. ئۆي ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا دىققەت قىلىش، كىگىز - گىلەملەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا تازىلىتىش، يوتقان - كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇق يۇيدۇرغان كىيىملەرنى ئاپتاپقا سېلىپ شامالدىتىش، كىيىم - كېچەكلەرنى ئۆينىڭ خالىغان يېرىگە تاشلاپ قويماسلىق، ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۆزىنىڭ كىيىم - كېچىكىنى خاس ئورۇنغا رەتلىك قويۇش، ئاياغ كىيىم ئىچىنىڭ قۇرۇق ھەم پاكىز بولۇشىغا، پايپاقنى ھەر كۈنى كەچتە يۇيۇشقا، 2 __ 3 كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنۇشقا، ھەر كۈنى كەچتە چىشنى چوتكىلاشقا ئادەتلىنىش مۇھىم. مېدىتسىنا ئالىملىرى: «ئاخشىمى ئىسسىق سۇدا پۇتنى يۇيۇپ ئۇخلاش قۇۋۋەت دورىسى يېگەنگە باراۋەر» دەيدۇ، بۇنداق ياخشى ئادەت پاكىزلىققا، تېخىمۇ مۇھىمى سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە پايدىلىق.
ئائىلىدە غىزالىنىش تەرتىپلىك، ۋاقتىدا بولسۇن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، بىرمۇنچە ئائىلىلەردە ئۇ ھەپتىدىن بۇ ھەپتىگىچە ئاش - تاماق ئېتىلمەيدىغان، كىشىلەر سىرتتىكى ئاشخانىلاردا غىزالىنىدىغان ئادەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ، مىللىتىمىز پسىخىكىسىغا يات غەيرىي نورمال ئەھۋال بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاتا - بوۋىلىرىمىز: «كۈندە مورىسىدىن تۈتۈن چىقىپ تۇرمايدىغان ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ» دەيدۇ. بۇنداق ئۆيلەردە ئائىلە ئىللىقلىقى، ئاياللىق پەزىلىتى، سۈپىتى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىپ تۇرۇشى، ئۆزئارا مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق قاتارلىقلار سۇسلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا، ئائىلە ئەزالىرى كەم دېگەندىمۇ كۈندە بىر ۋاخ داستىخان ئەتراپىغا جەم بولۇپ، ئۆيدە بىللە غىزالىنىشقا ئادەتلىنىشى زۆرۈر. ئاياللار ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىنى، شۇنداقلا ئاياللىق پەزىلىتى، سۈپىتى، مەجبۇرىيىتى ۋە تۆشۈككە ماھىرلىقىنى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزلىرىنىڭ كۆيۈمچانلىقى، مېھرىبانلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىقى لازىم. مۇبادا، سىز ئاش -تاماق ئېتىشكە ئېرىنچەك ئايال بولسىڭىز ياكى تۆشۈك ئىشلىرىنى بىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئاياللىق سۈپىتىڭىزنىڭ تەڭ يېرىمىدىن ۋاز كەچكەن بولىسىز. تۆشۈك ئىشلىرىغا ماھىر بولۇشمۇ ئائىلىدە ئاياللىق ئەخلاقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. داستىخان تارتىلغاندا، دۇرۇس ئولتۇرماسلىق، غىزا - تائاملارغا قاراپ يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش، ئۇ يەر - بۇ يېرىنى قاشلاش، تولا گەپ قىلىش، ئاچچىقلىنىش، تاماكا چېكىش، ئىچىملىككە بېرىلىش، بولۇپمۇ پەرزەنتلەر ئالدىدا ھاراق - شاراب ئىچىش، غىزا - تائاملاردىن ئىۋەن چىقىرىش قاتارلىقلار ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىمىزغا يات قىلمىشتۇر. غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، تائام تەييارلىغۇچىغا رەھمەت - تەشەككۈر ئېيتىشىڭىز لازىمكى، «تاماق ئېتىش دېگەن ئايال كىشىنىڭ ۋەزىپىسىغۇ، رەھمەت ئېيتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟» دەپ قارىماڭ. چاي ئىچكەن چىنە - پىيالىلەر ۋە تاماق ئەتكەن، غىزالانغان قازان - قومۇچلار ئۆز ۋاقتىدا يۇيۇۋېتىلىشى، ئۆي تازىلىغاندىكى ئەخلەت ئۆيدە تۇرۇپ قالماسلىقى كېرەك.
ھۇرۇنلۇق ئادەمنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ، ئىشچانلىق ئادەمنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ئۆي ئىشلىرىنى «سېنىڭ - مېنىڭ» دەپ ئايرىمىچىلىق قىلماسلىقى، ئائىلىگە تەۋە ھەر بىر ئادەم ئۆي ئىشلىرىنى ئۆز ئىشىم دەپ بىلىشى كېرەك. بەزى ئەرلەر بىكار يۈرسە يۈرىدۇكى، ئۆي تازىلاش، بۇزۇلغان سۇ جۈمەكلىرىنى ئوڭلاش، چېقىلغان دېرىزە ئەينەكلىرى ئورنىغا يېڭىدىن ئەينەك ئالماشتۇرۇش، بالىلارغا قاراشتەك ئائىلىدىكى بىر قاتار ئىشلارنى «خوتۇن كىشىنىڭ ئىشى» دەپ قولىنى ئەگرى قىلىپمۇ قويمايدىغان، بەزى ئاياللار ئۆيگە كېرەكلىك نەرسە - كېرەكلەرنى سېتىۋېلىش، سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۆي چارۋىلىرى، ئۆي قۇشلىرىغا قاراشتەك ئىشلارنى «ئەر كىشىنىڭ ئىشى» دەپ، بۇنداق ئىشلار بىلەن كارى بولمايدىغان ئەھۋاللار خېلى كۆپ سانلىق ئائىلىلەردە مەۋجۇت. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆي ئىشلىرىدا ئۆزئارا بەس سالمىغىنى، ئەڭ ياخشىسى، ئاياللارمۇ ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىققىنى، ئەرلەرمۇ «ئۆي ئىشى دېگەن خوتۇن كىشىنىڭ ئىشى» دەيدىغان بىمەنە قاراشلاردا بولمىغىنى ياخشىراق. بەزى خىزمەتچى ئاياللار ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېلىپلا ئۆزىنى تاشلاپ، ئۆي ئىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. بۇنداق ناچار قىلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئادەتكە ئايلىنىدۇ - دە، باشقىلاردا نارازىلىق، بىزارلىق كەيپىياتى تۇغدۇرىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، جاپا - مۇشەققەتكە چىداش، ئائىلە ئىشلىرىنى مۇمكىنقەدەر كۆپرەك قىلىش، ۋاپادار خوتۇن، مېھرىبان ئانا بولۇش خانىم - قىزلىرىمىز ئەزەلدىن جارى قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى يۈكىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈشى، ئۆي ئىشلىرىغا كۆپرەك ياردەملىشىشى لازىم. بېزىلەر ئۆي ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرۈپ پايپېتەك بولىدۇ - يۇ، قىلغان ئىشىدىن غودۇرايدۇ، مىننەت قىلىدۇ. سىز بىر ئوبدان ئىشلارنى يۈرۈشلەشتۈرگەن تۇرۇقلۇق، ئارقىدىن مىننەت قىلسىڭىز، ئاشۇ ياخشىلىقىڭىزنى يۇيۇۋەتكەن بولىسىز، نەتىجە شۇكى، قىلغان ئىشلىرىڭىز قىلمىغانغا باراۋەر بولىدۇ، خالاس. ئۆيدە چىنە - قاچىلارنىڭ چېقىلىشى، شۇنداقلا ھەر خىل ئائىلە سايمانلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئوخشاش ئىشلار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغلاردا، ئۆزىنى بېسىۋېلىش، سەۋىرچان بولۇش لازىم. بۇزۇلغان نەرسە ئاچچىقلانغان، چېچىلغان، تاپا - تەنە قىلغان بىلەن ھەرگىز ئورنىغا كەلمەيدۇكى، ئەكسىچە كۆڭۈلسىزلىك ئۈستىگە كۆڭۈلسىزلىك قوشۇلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك كۆڭۈلسىزلىكلەرگە دۇچ كەلگەندە، ئائىلە ئەزالىرى ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلىشى ئاقىللىقتۇر، بىر - بىرىنى ئەيىبلەش قائىدىسىزلىكتۇر.
ئائىلىدە ئىش - ھەرىكەت دۇرۇس، تەرتىپلىك،گەپ - سۆز سىيلىق، گۈزەل بولسۇن. ئائىلە __ كىشىلەرنىڭ راھەتلىك ئارامگاھى، يەپ - ئىچىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان خاس جايى، شۇنداقلا ئەڭ ئەركىن، بىمالال سۆزلەيدىغان، ھەرىكەت قىلىدىغان سورۇنى. ئەمما، ئۆز ئۆيۈم دەپ، نېمە قىلسا، قانداق سۆزلىسە بولۇۋېرىدىغان، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ماكانمۇ ئەمەس. دۆلەتتە قانۇن بولغىنىدەك، ئائىلىدە مۇئەييەن قائىدە - يوسۇن بولۇشى لازىم. مەسىلەن: ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن قايتقاندىن كېيىنكى ۋاقتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاقتى ۋە ئارام ئېلىش كۈنلىرى ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولسىمۇ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھامان قائىدە - يوسۇن ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە ئائىلە ئەڭ ئاز بولغاندا ئەر - خوتۇن ئىككىلا ئادەمدىن تەركىب تاپىدۇ. مەيلى چوڭ ئائىلە بولسۇن، مەيلى كىچىك ئائىلە بولسۇن، ھەرقانداق ئائىلىنىڭ چوڭ - كىچىك ئەزالىرى ئىشتىن چۈشكەندە ياكى مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ئۆيگە ۋاقتىدا قايتىپ كېلىشى، ئائىلىدىكى چوڭلارنى خەۋەرلەندۈرمەيلا بىر يەرلەرگە كەتمەسلىكى كېرەك. تۈرلۈك چايلارغا قاتنىشىش، ئۇرۇق - تۇغقان، دوستلارنى يوقلاش، شۇنىڭدەك جەمئىيەتتىكى ھەر خىل مۇراسىم، پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا توغرا كەلگەندىمۇ، ئايال ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز بىر يەرگە كېتىپ قالمىغىنى، ئەرمۇ ئايالىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماستىن سىرتلاردا يۈرمىگىنى ياخشى.
«ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇقى، پۇت - قولۇمنىڭ بوشلۇقى» دەپ، ئۆي ئىچىدە، بولۇپمۇ پەرزەنتلەر ئالدىدا چەكتىن ئاشقان ھەرەڭ - سەرەڭ قىلىقلارنى چىقىرىش، قالايمىقان گەپ - سۆزلەرنى قىلىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. ئۆي ئىچى بولغاندىكىن دەپ، رەتسىز، كۆرۈمسىز كىيىنىش، ئۆز ئوبرازىغا دىققەت قىلماسلىقمۇ ئادەمگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. سىرتلارغا چىقىشتا، ئەرلەر ئاياللارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش - تارىنىشىغا ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىۋالمىغىنى، ئاياللارمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس كىيىنىش - ياسىنىش ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلغىنى ئەۋزەلدۇر. ئەرلىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىگە ئاياللارنىڭ ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرۇش، كىيىمىنىڭ ياقىسى كىرلەشكەن بولسا، دەرھال ئالماشتۇرۇۋېلىشنى ئەسكەرتىش، ھەتتا ئاياغ كىيىمىنىڭ پاكىزلىكىنى نازارەت قىلىشقىچە ھوقۇقى بولىدۇ. گېزى كەلگەندە تەكىتلەش كېرەككى، بىر ئەرنىڭ كىيىنىشىگە قاراپ، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ساپاسىغا ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن. ئەر - خوتۇنلار ئۆي ئىچىدە ئۆزئارا ئەدەپ - قائىدىنى ساقلىشى، ئويۇن - چاقچاقلار پەردىشەپ ئىچىدە بولۇشى لازىم. خۇشال بولغاندا ئۆزىنى تۇتالماي كۆرەڭلەش، ئاچچىقلانغاندا ھەممەيلەنگە زەھىرىنى پۈركۈش، بېشەملىك، گۇمانخورلۇق، كۈنلەمچىلىك، چېپىلغاقلىق، بۇيرۇقۋازلىق، غەيۋەت - شىكايەت قىلىش، ھەممە ئىش مېنىڭ ئىرادەم بويىچە بولۇشى كېرەك، دەپ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى باشقىلارغا تېڭىشقا ئۇرۇنۇش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس. بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك كۆزقاراشلىرى ھەممە جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئادەتتىكى ئىشلاردا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش زۆرۈركى، ھالقىلىق مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە، سەۋرچانلىق بىلەن پىكىر بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرگەن تۈزۈك. ئۆيدە يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىش قاملاشمايدۇ. تەھقىقكى، گەپ قىلىشتىكى مەقسەت باشقىلارغا مەقسەتنى ئۇقتۇرۇش بىلەن تاماملىنىدۇ. شۇڭا، تۆۋەن ھەم يېقىملىق ئاۋازدا سۆزلەشكە ئادەتلەنسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ جىددىيلىشىپ كەتمەيسىز، باشقىلارمۇ ئۆيدە ئازادىلىك ھېس قىلىدۇ. گەپ - سۆزىڭىزنى باشقىلار ئاڭلىسىلا كۇپايە.
ئەر - خوتۇنلار ئۆزئارا سۈركىلىشلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈر. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يا ئۇنداق، يا مۇنداق ئىشلار سەۋەبىدىن، خاپا بولۇش، ئۆزئارا رەنجىش ۋە ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئامراق ئەر - خوتۇنلارمۇ گەپ تالىشىشتىن، قىزىرىشىپ قېلىشتىن، بەزىدە جېدەل - ماجىرادىن خالىي بولالمايدۇ. يوقىلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن بىر - بىرىنى كۈنلەش، ھەسەتخورلۇق، ئىچى تارلىق قىلىشتەك ئەھۋاللارمۇ سادىر بولىدۇ. بۇنداق چاغلاردا، كەڭ قورساق بولۇشقا ئادەتلىنىش، ئۆزئارا يول قويۇش، تەگىمەي ئۆتكۈزۈۋېتىش كېرەككى، ھە دېگەندە، گۇناھتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ غۇرۇرىغا، ئىززەت - نەپسىگە تېگىشتىن، تاكاللىشىش، ۋارقىراپ - جارقىراش، ئۆزئارا ئازار بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەر - خوتۇننىڭ ئىناق، ئېجىل ئۆتۈش - ئۆتمەسلىكى شۇ ئائىلىنىڭ قولۇم - قوشنىلار، ئەل - يۇرت، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن، ئەر - ئاياللارنىڭ بىر - بىرىگە قېيىداپ، بىرقانچە كۈنگىچە گەپ - سۆز قىلىشماسلىقى يارىماس ئىللەت، بۇنداق مىجەز ئەرلەرگە تېخىمۇ ياراشمايدۇ. ئەر - خوتۇنلار ئۆزئارا ئەپۇچان بولۇشقا ئادەتلەنسە، ئائىلىدە خۇددى يامغۇردىن كېيىنلا ئاپتاپ چىققاندەك يېقىملىق مەنزىرە پەيدا بولىدۇ.
بەزى ئاياللار ھە دېسىلا ئەرلىرىنىڭ ئىشلىرىغا چات كېرىۋېلىشقا خۇشتار؛ يەنە بەزى ئەرلەرمۇ باركى، ئايالىنىڭ ئىشلىرىدىن پۇتاق چىقىرىشقا ئامراق. ئۇلار ئادەتتىكى ئىشلاردىن تارتىپ تۆشۈك ئەتراپىغىچە ئايالىنىڭ قېشىدا دېۋەيلەپ، تىنىم تاپماي ئىۋەن ئىزدەيدۇ، قازانغا قۇيىدىغان ياغ، سالىدىغان گۆش، چۆپ، گۈرۈچ ۋە ئوتياشلارغىچە ئارىلىشىۋالىدۇ. ئەر - خوتۇنلار ئۆز ئابرۇيىنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقى، ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلىشى، كەلسە - كەلمەس ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىشى لازىم. ئەر - خوتۇنلار مېھمان ئالدىدا بىر - بىرىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ماختاش، ئەيىبىنى ئېچىپ تەنقىدلەش ۋە پەرزەنتلەرنى ئۇچۇغداشتىن ئېھتىيات قىلمىقى زۆرۈر.
ئەرلەر ئۆيدە يالغۇز چاغدا، ئايالىنىڭ يېقىن - يورۇقلىرى كېلىپ قالسا، ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتسە، ئاياللار ئېرىنىڭ دوست - يارەنلىرىنى ئۆيگە باشلاپ مۇڭدىشىپ كەتسە دۇرۇس ئەمەس. ئۆيگە كەلگەن مېھماننىڭ، بولۇپمۇ يات جىنىستىكى مېھماننىڭ تۇرقىغا، چىرايىغا سەپسېلىپ قاراش، ئۇلاردىن تېگىشلىك بولمىغان گەپلەرنى كوچىلاشمۇ ئەدەپ جۈملىسىگە كىرمەيدۇ.
ئائىلە ئىقتىسادى __ تۇرمۇشنىڭ مەنبەسى، ئىقتىساد بىلەن تۇرمۇشنىڭ بىرىكىشى ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك. بىر قىسىم ئەر - خوتۇنلار ئىقتىسادىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبىدىن ئۆزئارا ئىشەنچنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە ئىناقسىزلىق ئامىللىرى بېسىقمايدۇ، ھەتتا بىر ئوبدان ئائىلىنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئاشۇنداق ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىغا تەڭ ئىگە بولماسلىق، ئائىلىنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، جورىسىدىن يوشۇرۇنچە پۇل توپلاش، ئورۇنسىز قەرز ئېلىش، بەتخەجلىك قىلىش، ھەتتا بۇزۇپ - چېچىشتەك ئىللەتلىرى ئائىلىۋى ئىقتىسادىي ئەخلاققا زىت قىلمىشتۇر. شۇنداقمۇ ئەرلەر باركى، ئۇلار ئائىلىسى ئۈچۈن خەجلەشكە كۆزى قىيمايدىغان پۇلنى نەدىكى ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈن، ھەتتا ناتوغرا يوللارغا مېڭىپ بۇزۇپ چاچىدۇ؛ شۇنداق ئاياللارمۇ باركى، ئۇلار ھە دېسىلا مودا قوغلىشىپ، دائىم كىيىم - كېچەك غەلۋىسىنى قىلىدۇ، باشقىلاردىن بەس تالىشىپ، ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ئىللەتلەرگە چەك قويۇلمىسا، ئائىلە ئىقتىسادىدا تەڭپۇڭسىزلىق تۈگىمەيدۇ. بىر ئائىلىگە باش بولغان ئەر - خوتۇننىڭ تاپقاننى ئائىلىسى، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ، ئائىلىنى روناق تاپقۇزۇش مەجبۇرىيىتى باركى، ھەر كىمنىڭ ئۆزى تاپقان پۇلنى چۆنتىكىگە سېلىۋېلىپ خالىغانچە خەجلەش ھوقۇقى يوق. ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇشتا، ئەر - خوتۇنلار بامەسلىھەت ئىش قىلىشى، ئورتاق پىلان بولۇشى، ئۆز يانچۇقىدىكى پۇلنى ئۆزى ئوغرىلاشتىن زىنھار ھەزەر ئەيلىشى، ئائىلە ئىقتىسادىنى مونوپول قىلىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى شەرت. ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي بىرلىك بولمىسا، ئائىلىنى پىلانلىق، تېجەشلىك باشقۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ - دە، ئائىلە خۇددى سۈيى يوق قۇدۇققا ئوخشاپ قالىدۇ. بىر قىسىم ياشلار بالاغەتكە يەتكەن، ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولغان تۇرۇقلۇق، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاتا - ئانىلىرىغا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا يۆلىنىۋالىدۇ. بۇمۇ قائىدە - يوسۇندىن، ئەخلاق - پەزىلەتتىن چەتنىگەنلىك.
ئائىلە __ چوڭلارنىڭ كۆڭۈل ئاۋۇندۇرۇش، ئارام ئېلىپ كۈچ توپلاش قورغىنى، پەرزەنتلەرنىڭ دەخلىسىز، خۇشاللىق باغچىسى. ئائىلىنى ھۇزۇرلۇق، ئىللىق ماكانغا ئايلاندۇرۇش، شاد - خۇراملىققا چۆمدۈرۈش __ ئائىلىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ، بولۇپمۇ چوڭلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئادەمنىڭ كەيپىياتى ھەمىشە ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا سىرتتىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ۋە خىزمەتتىكى ناچار كەيپىياتنى ئائىلىگە ئېلىپ كېلىش، بىگۇناھلارغا بىكاردىن - بىكار كايىپ ئاچچىقىنى چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر سىز ئائىلىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ دائىم خۇشخۇي كەيپىياتىنى، ئىللىق چىرايىنى كۆرۈپ تۇرۇشنى خالايدىكەنسىز، ئۇنداقتا ئالدى بىلەن، ئۆزىڭىز ئۆيگە دائىم خۇشال كىرىشنى، ئۆيدە ھەمىشە خۇشخۇي بولۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىڭىز لازىم. كۈلۈمسىرەشكە ھېچقانداق ۋاقىت، ئېنېرگىيە سەرپ بولمايدۇ، سىزنىڭ تاتلىققىنە بىر قېتىملىق كۈلۈمسىرىشىڭىز جورىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىشى مۇمكىن.
ئەر - خوتۇنلار ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، پات - پات مۇڭدىشىپ - سىردىشىپ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، بىر - بىرىگە سەمىمىي - سادىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزئارا كۆيۈنىدىغانلىقىنى، بىر - بىرىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. شۇنىمۇ تەكىتلەش زۆرۈركى، ئادەم مەڭگۈ قانائەت قىلمايدىغان مەخلۇق. ئائىلىدىن مىننەتدار، تۇرمۇش مەئىشەتلىرىدىن رازى بولۇش، ھۇزۇرلىنىش - بەھرىمەن بولۇشنى بىلىش ۋە ئەر - خوتۇنلارنىڭ ئۆزئارا قانائەتچان بولۇشىمۇ ئائىلىگە ئىناقلىق، كۆڭۈللەرگە باھاردەك ئىللىقلىق، بەخت - نۇسرەت بەخش ئېتىدۇ. ھەرقانداق تەلەپ چەكتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇ مەڭگۈ خام خىيال بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇبادا، سىز دېڭىز بويىدا تۇرۇپ، قۇياش چىقىۋاتقانلىقىنى تاماشا قىلغاندا، قۇياشقا قاراپ: «مېنىڭ ئوڭ تەرىپىمگە كۆپرەك نۇرۇڭنى چۈشۈر! نۇرلىرىڭ بىلەن سايەمنى ئۆچۈر!» دەپ ۋارقىرىسىڭىز ياكى «ماڭا ئىنفرا قىزىل نۇرۇڭنى كۆپرەك چاچ!» دەپ تەلەپ قويسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئەخمەقلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ ، خالاس. بۇ يەردە سىزنىڭ قۇياش چىقىۋاتقان سىرلىق مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش - بىلمەسلىكىڭىز ئىنتايىن مۇھىم.
ئائىلىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق يوسۇنلىرى يۇقىرىدىكى سۆھبىتىمىز بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بۇ جەھەتتە يەنە قايسى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش، نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىقنى ئەقىل ئىگىلىرى ئويلاپ يېتەلەيدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئائىلىدىكى ئەدەپ - ئەخلاق قائىدە - يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنى ئەخلاق قۇياشى بىلەن نۇرلاندۇرالىسا، ھەر بىر ئائىلە نازۇنېمەتلىرى مول بەخت - سائادەتلىك جەننەتكە ئايلىنىدۇ.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ansar1013 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
sazguri + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 60   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1370
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
يەنە تاماقنى ئوڭ قولىدىدا يېيىش،بىسمىللاھ دەپ يېيىش ،ئالدىدىن يېيىش ،پاكىزە يېيىش.
ئوڭ تەرەپتىن باشلاش دىگەندەك........................................

مەخەتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5962
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 1092 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلاق ئادەمنىڭ ھەم مەڭگۈلۈك زىننىتى ھەم ماھىيەتلىك زىننىتىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 541
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھازىر  سىرتقا ماڭغان بېشىنى ئازراق ئۇقۇدۇم ياخشىدەك قىلىدۇ قالغىنىنى ئاخشاملىققا ئۇقاي ، ،،،،،،،،،،،،.......

پەخرىم بىلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ بۇخەتنى بېسىپ كىېىپ كۈرۈڭ
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت

AHLAK ADAM ZINNITI

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8532
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5345
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىمىكەن .

ھەقىقەت چۈمۈلىنىڭ قولىدا بولسىا پىلمۇ سالامغا كىلىدۇ.!

مىھرىگىياھ~~مىھن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17740
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3467
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فولىكلور مەدىنيىتىمىزگە قىزىقىدىكەنسىزدە ؟ مەنمۇ بەك قىزقىمەن

مىھنەت سەندىلىدە چاچرىغان ئۇچقۇن قەدىر -قىممەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز !    ~~~~~~مىھرىگىياھ

بولۇپ قالدى مۇز يۈرەك.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن ھازىر بۇ قائىدىلەر بىر چەتكە تاشلاپ قۇيۇلماقتا  ،
سالامنىڭ ئورنىغا باش لىڭىشتىش،كۈلۈپلا  ئۆتۈپ كىتىش،
پۇلى بار لار مىرسىدىس ماشىندا  ئولتۇرۇپ ھەشەمتنىڭ كەينىدىن قۇغلاشماق
قولى قىسقىلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن ھەۋەس بىلەن قارىماي ھەسەت بىلەن قاراش،
بەزى گەپلەرنى دىسەك تىل كۆيىدۇ ،دىمىسەك دىل كۆيىدۇ ،

ئادەمدە  يۈكسەك غايە  ئىشەنچ ۋە  چىدام بولدىكەن چۇقۇم كۆزلىگەن نىشانغا  يىتەلەيدۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 975
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 1385 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ئەزەلدىن قىلىنىپ كىلىۋاتقان ھازىر ئۇنتۇلۇپ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى توغرا ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4426
تۆھپە نۇمۇرى: 1099
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇللا ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ ؛ « پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ناچار سۇز ،ناچار ئىشلاردىن يىراق ئىدى ،ئۇ مۇنداق دەيىتتى ،ئىچىڭلارددىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۇزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر .» ( بۇخارى رىۋايىتى )


ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن ؛« ھەرقانداق نەرسىدە ھاياسىزلىق بولىدىكەن،ئۇ نەرسىنى سەتلەشتۇرىدۇ ،ھەرقانداق نەرسىدە ھايالا بولىدىكەن ئۇ نەرسىنى گۇزەللەشتۇرىدۇ .» ( تىرمىزى رىۋايىتى )

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئاجايىپ + 11 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئۇنتۇلماس نەپرەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81712
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرلار بەك ئەدەب ئەخلاقلىق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش