غەيۋەت قىلىپ قالدىم
ئىلگىرى يالغۇزلۇقنى سېغىنىپ قالغان كۈنلىرىممۇ بولغان، ئۇ كۈنلەرگىمۇ ئېرىشتىم، لىكىن ھازىرچۇ، مانا سېنىڭ بەش يىل ئىلگىرى يازغان خېتىڭنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئالى مەكتەپ ھاياتىم باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىككىمىز تۇنۇشۇپ قالدۇق، سىنىڭ خۇشىخۇي مىجەزىڭ، ئەقىللىقلىقىڭ مىنىڭ ساڭا بولغان تۇنۇشۇمنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بارا-بارا سەن بىلەن ئۇچىرىشىدىغان ۋاقتىم كۆپەيدى، كۇنىشىپ قالساق كىرەك، سەن يوق بولساڭ ئەتىراپتىن سىنى ئىزدەيدىغان، سەندىن ئەنسىرەيدىغان بوپ قالدىم، بۇ ۋاقىت مىنىڭ قەلبىمنى ئىگەللەپ بولغان ۋاقتىڭ ئىكەن ئەمەسمۇ.
سەنمۇ مىنى ياخشى كۆرەتتىڭ، مەندىن ئاشۇرۇپ ياخشى كۆرەتتىڭ ھەتتا مەكتەپتە بىرەر سائەت يوقاپ كەتسەم ياكى بىرەر قىز بىلەن سالام-سائەت ياكى چاقچاق قىلىشىپ قالىدىغان بولسام نەچچە كۈن يىغلايتىڭ، ئاستا-ئاستا سىنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىڭ مىنىمۇ ئەسىر قىلىپ سەندىن ئايرىلالمايدىغان، دەرىستىن سىرىت ۋاقىتلارنى، ھەتتا دەرىس تەكىرارلىغان ۋاقىتلارنىمۇ سەن بىلەن ئۆتكۈزەتتىم، ئارام كۈنلىرى باغچىلاردا سەيلى قىلاتتۇق، قوغلىشاتتۇق، سۇلار چېچىشاتتۇق.... ھېرىپ-چارچىغان ۋاقىتلاردا كەلگـۈسىمىز توغرىسىدا شىرىن ئارزۇلارنى قىلىشاتتۇق........ دىمەك بىز ئۆزىمىز سەزمىگەن ھالدا بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدۇق.
نە چارە ھايات ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىكەن، ئەكسىچە ھايات سەن نىمىنى ياخشى كۆرسەڭ، نىمىدىن ئايرىلىشتىن قورقساڭ سەندىن ئاۋال شۇنى تارتىۋالىدىكەن.
بىز يۇرۇپ ساق بەش يىل بولغان كۈنى سەن بىلەن كۈرۈشۈش ئازۇسىدا سىنىڭ يۇرتۇڭغا قاراپ يول ئالدىم، قارىمامسەن مىنىڭ نادانلىقىمغا، سىنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىش ئويىدا ساڭا خەۋەر قىلمايلا مېڭىپتىمەن، نەدىن بىلەي بۇچاغ سەن باشقا بىرى بىلەن توي مەسلىھەتىنى قىلىشىۋاتقان ۋاقىت ئىكەن ئەمەسمۇ. شۇنداق قىلىپ بىز ئالى مەكتەپتە ياندۇرغان مۇھاببەت شامىنى ساق بەش يىللىق خاتىرە كۈنىمىزدە پەرۋاسىزلا ئۆچەردىڭ، سەندىن شۇنداق سورىغۇم كىلىدۇ : سەن مەن بىلەن يۈرۈپ باشقىىسى بىلەن توي قىلىش ئالدىدا مىنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ ئويلىغان بولساڭ قانداق ئويلىدىڭ؟؟؟؟؟ ماڭا نىسبەتەن بۇ كۈن قىيامەتقۇ، نىمىشقا....نىمىشقا ....؟؟؟؟
ياق چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، ئۇ مەندىن ئايرىلمايدۇ، ياكى بولمىسا كوڭلى يېرىم بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. ئەپسۇس بۇ پەقەت ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.
رېئاللىق ھامان رىئاللىق دەپ تەن بىرەتتىم، ئىلگىرى سەن ئۈچۈن ساۋاقداش، دوست، ھەتتا يۇرۇتداشلىرىمنىمۇ ئىزدىمەي ئالاقىنى ئۈزۈپ قۇيۇپتىكەنمەن، پۈتۈن ھىسيادىم سەن بىلەنلا مانا سەندىن ئايرىلدىم، قانداق تىز يۈرگەن بولساق شۇنداق تىز ئايرىلدۇق. قەلبىمدە يالغۇزلۇق، مىسكىنلىك چۇقانلىرى ھۈكۈم سۈرمەكتە، گاھىدا پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىمەن مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم قېنى؟ دوسلۇرۇم قېنى؟ دەپ ئۇنلۇك ئاۋازدا توۋلايمەن، «ئەمدى ئاۋارە بولما سەن ئۇلانىڭ ھەممىنى مۇھاببەتكە تىگىشكەن ئىدىڭ» دىگەن سادا قۇلىقىمدىن كىرىپ پۇتۇن ھۇجۇدۇمدا قورقۇنىچ پەيدا قىلىدۇ. كوچىلاردا بىرگە ماڭغان قىز-يىگىتلەرنى كۆرسەم، باغچىلارغا كىرسەم، سەن ياخشى كۆردىغان تاماقلارنى يىسەم ھەتتا سىنىڭ يۇرتۇڭنىڭ شىۋىسىدە گەپ قىلغاننى ئاڭلىساممۇ سىنى ئەسلەيمەن. كىچىللىرى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ، ئۇخلىساملا چۇشلىرىمگىمۇ ھۈكىمىرانسەن، باش-ئاخىرى يوق خىياللار، قورقۇنۇشلۇق چۇشلەر ماڭا ئارام بەرمەيدۇ. ئۆزۈمنى، ئۆزۈمنىڭ شوخلىقىمنى قارغايمەن بىراق سىنى، سىنىڭ مۇھاببىتىڭنى قايتۇرۇپ كىلەلمەيمەن، ھاياتىمدىن ئېچىنىمەن لىكىن ئۆزگەرتەلمەيمەن..... ئەجىبا بۇ مىنىڭ سىنى ياخشى كۆرگەنلىكىمنىڭ جازاسىمۇ؟ سەنمۇ مىنى سېغىنارسەنمۇ؟
يالغۇزلۇق جىسمىمغا تاشتەك پېتىپ قىينىماقتا، ھاياتىمنىڭ بەتلىرى سىنىڭ ئىسمىڭ بىلەن تۇشۇپ كەتكەن تۇرسا مەن بۇ تەنھالىققا قانداقمۇ خاتىمە بېرەي؟؟
2-ئاينىڭ 14- كۈنى «بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن» دىگەن ئۇچۇرۇڭنى كۆرۈپ تۇلىمۇ ئەپسۇسلاندىم، بۇ كۈن بەلكىم ساڭا بايرام بولسا كېرەك ، لىكىن ماڭا بايراملار كەلمەسكە كەتكەن.
مەن بۇ يەردە غەيۋىتىڭنى قىلىۋاتقان بولسام سەن شىرىن ئۇيقۇدا ياتقانسەن. مىنى كەچۈر ئەزىزىم، بەخىتلىك بول يالغۇزلۇق ئازابى مىنى غەيۋەتخور قىلىۋەتكەن ئوخشايدۇ.
ئالىمجان ئاتۇش: