مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1248|ئىنكاس: 34

ئەر+ئايال= ھەقىقىي تۇرمۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16380
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6757 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىنى  قەلەم تەۋرىتىشكە قىستىغان بىرقىسىم ئىشلارنى سىلەر بىلەن بىللە مۇلاھىزە قىلىشنى توغرا تاپتىم . قۇلاق سالغايسىلەر ..

ھازىر جەمىيەتدە ئاجىرشىش ، كىچىك توي قىلىش ، بالدۇر رەسمىيەتنى ئۆتۈش ،قاتارلىق بىرقىسىم ناچار ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ ، بۇ ئىشلاربەك ئەۋج ئەپ كەتتى بولۇپمۇ جەنۇپتا ..... شۇنى بىر ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك مەسىللەرنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن .

1 – كىچىك توي قىلىش - ئادەم بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن ، بەدىندە تىزلا شۇنىڭغا قارتا سىزىملار بولىدۇ . ئوغۇل – قىزلارنىڭ ھەممىسىدە شەھۋەت ئۇرغۇش دىگەندەك بىر قاتار مەسىللەر شىپپىدە كىلىپ ، يەنە شىپپىدە كىتىدۇ . بۇلار ئۆزلىرىنىڭ  نىمە بولغىننى بىلەلمەيدۇ . شەيتانغا كىچىك تۇرۇپ ئەگىشىپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ پەقەت ئىسلامدا ھالال بولغاندىن كىيىنكى لەززەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ،تىبابەتتە بولسا تەن سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ . بۇلار بىر ئادەمدىن سوراشنى خىجىللىق دەپ بىلىدۇ . دىيەلمەي مۇشۇنداق ئەھۋاللادا پەقەت ھوزۇرلىنىش ئىكەنلىكىنىلا بىلىدۇ ، كىيىن ئاتا – ئانىسى ئامالسىز كىچىك دىمەي ئەرگە بىرىدۇ ، ئوغۇل بولسا مەيلى دەپ يۇرۇيدۇ . بۇ بىزدىكى ئىسلام تەربىيسىنىڭ قانچىلىك سۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ .  ئەخلاى تەربىيسى بىرىنجى .ئىسىڭىزدە بولسۇنكى سىز بالىڭىزنىڭ قانداقتۇر قارىم – ئۆلىما بولۇشنى ئۈمۈت قىلسىڭىز ، بالىڭىز ئەخلاقسىز بولسا ئۇ چاغدا يەنە سىز بىر يارامسىز ئاتا – ئانا بولىسىز . بالىڭىزنى دىندا ئوقۇتۇش پەرىز بولسا ، ئەخلاقمۇ پەرىز . سىز بالىڭىزغا نىمىگە پەتىشەپ قىلىىسىز ؟ ئىسلامدا ئاتا – بالا ئوتتۇرسىدىكى نەسەھەت ئۇسۇلىدا پەتىشەپ يوق . ئوغۇل بولسا دادىسى نەسەھەت قىلىدۇ ، قىز بولسا ئانىسى . بالىڭىزنى قانچىلىك ئەخلاقلىق تەربىيلىسىڭىز ، سىزگە بولغان ۋاپادارلىقىمۇ ئاشىدۇ . ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىسى بولىسىز . ئىسلام دىنى ئەدەپ – ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغان . بالا تەربىيسى ئەڭ مۇھىم . بىرلا بالا ئىدى دەپ كۆزىگە قاراپ چوڭ قىلسىڭىز ھازىرقى جەمىيەتتە بالىڭىز سىزنى سورىۋىتىدۇ . بالا دىگەننى تىپىۋالمەن دىگەن ئۈمۈتتە بالىڭىزغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىڭ . شۇندىلا سىز ھەممە ئادەمنىڭ دۇئاسىغا نائىل بولسىىز ، جىنىسى تەربىيە ھازىر مۇھىم بولۇپ قالدى . شەرمىي ھايا دىگەننى قۇلقىغا قۇيۇپ تۇرسىز ، بولمىسا كىچىك تۇرۇپ قۇدا ۋاجىلىق بولۇپ قالىسىز .

2  -ئاجىرشىش  -  جەمىيەتتە ھازىر بويتاق خوتۇنلار بەك ئاۋۇپ كىتىپتۇ . ھەممىسى ئىرىدىن نارازى ئىكەن . تولىسى گاۋسۇڭ ئۆيدىن ، پۇلى بايدىن ، بىلىملىك ئەردىن تاماسى باركەن . توي قىلىپ ئۆتكەن كۈنىگە شۈكىرى قىلماي ، ئاجىرشىپ كىتىپ سىرىتلاردا تەمتىرەپ تىنىنى سىتىپ ، ئۆزىنى خوش قىلىپ يۈردىغانلار بەك كۆپ . ھەممىسى دەل شۇ ئاتا – ئانىسى مۇسۇلمان ، ئەھلى ناماز ، ياخشى ئادەملەرنىڭ باللىرى . ئىسىت دەپ كىتىمەن . بىردەملىك ھىسياتقا بىر ئۆمۈرلۈك ئازاپنى تىگىشۋالدىكەن . ئىرى پۇل تاپسۇن 0 تاپمىسۇن يەنىلا ئىرى ياخشى ، ھەرگىزمۇ ئەرگە ئىغىر تەلەپ قويۇش ياخشى ئىش ئەمەس . بەزىلىرىگە راستىنلا ئۇۋال بوپتۇ . ئىرى قىمارۋاز ، پاھىشۋاز ، ھاراقكەش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇنلىندىكەن . شۇڭا چىدىماي خىتىنى ئاپتۇ . بويتاق يۈرەرمىش . ئەرلەرنىڭ ھەممىسى بىرخىلمىش . تۈفى پەقەت گۇمانخور ئادەم مۇشۇنداق دەيدۇ .

تۇرمۇش ئۇ بىر ھاياتنىڭ كارتىنىسى ئەر – ئاياللىق مۇھەببىتىنىڭ كۆركەم بىغى . ئەرلەر ئايالسىز ياشىيالمايدۇ ، ئاياللارمۇ ھەم . شۇڭا تۇرمۇشنى ئىغىر بىسىقلىق بىلەن ، سەۋىرچانىلىق بىلەن ، كەڭ قوساقلىق بىلەن ئىلىپ باردىغان نەرسە . سەۋىر قىلىڭ . 1 يىل قىلىڭ ، 2 يىل قىلىڭ . تاكى ئۆلگۈچە قىلىڭ ، بۇ دىگەن خۇدالىق ئالەم بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىدە قالمايدۇ . ئەجىرىنى ئاللاھھ بىرىدۇ . سىز ئىنسانغا ئەمەس سىزنى ، مىنى ، كائىناتنى ياراتقان رەببىمىزگە يارسىڭىز بولدى ، شۇڭا زورلاپ ئۆي تۇتۇڭ . سىزنى ساقلاپ تۇرغان ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىزنىڭ ۋىجدانى بولسا ، ئىپپىتىڭىزنى ساقلايدۇ ، بولمىسا نىيتى ئەكىسچە بولىدۇ .

تۇرمۇشتا سوقۇشۇش ھەمىشە بولۇپ تۇردۇ . ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلى يوغىناپمۇ كىتىدۇ . ئۇنداق ئىشلارغا ئىغىر بىسىقلىق قىلىڭ .

ئەرلەرمۇ ھازىر لامزەللىشىپ كەتكەن ۋاقىت ، بىر خوتۇننى ئالغۇچە ئالتۇن ، ئەپ بولۇپ تۆمۈر كىسەكچىلىكمۇ قەدىرلىمەس بولۇپ كەتتى . ئەمما ھەممىسى ۋاقىتلىق ئىشلار ئوغۇل بالا ئىتتىك ھۇشىنى تاپىدۇ ، تاپالمىغىنى مەينەت قولىدا نان يەپ قالغان ، كۆڭلىرى قارا بولىدۇ .

ئىسلامدىنمۇ كۆرىلى پەيغەمبەر ئەلەيسىسالامنىڭ 6 خوتۇنى بار . ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ، كىيىمىنى ئىتىپ ، قوسقىنى توقلاپ ، خەجنى تەڭ بىرىپ 6 ئايالى پەيغەمبىرىمىزدىن رازى بولۇپ ئۆتكەن . چۈنكى ئۇ زاتنىڭ ئۆيىدە ئەركىشى قىلدىغان ئىش ئايرىم ، ئايال كىشى قىلدىغان ئىش ئايرىم ئەمەس ئىدى . ئەر- خوتۇن ئىككەيلەن بەس سىلىشمايتى . نامرات بولسىمۇ تۇرمىشى كۆڭۈللۈك ئىدى .ھازىرقى جەمىيتىمىزدە ئۆيىدە بالا باققۇچىسى بار ، تاماق ئىتىدىغان ئادىمىبار ئۆيلەردىمۇ ئاجىرىشى ھەممىدىن ئىتتىك .

قاراڭلار سىلەر بايلىقنى خوتۇن ئىلىشقا تىپىۋاتامسىلەر ؟ سىلەردە غايە يوقمۇ ؟ ئايالىڭلارنى قۇل بازىرىدىن ئىلىپ كەلسەڭلارمۇ ، سىلەرنىڭ  پاداڭلار ھىساپلىنىدۇ ، بىر ئوبدان تۇرمۇشنى بۇزۇشنىڭ ئۆزى ئادەم قىلپىدىن چىققانلىق  . كاللاڭلارنى سىلكىڭلار ئەركەكلەر .  بالا تاپالمىساڭلار ئايالىڭلاردىن كۆرمەڭلار  .

مۇشۇ تۈركىيەدە ئاجراشقانلارنى بەك ئۆچ كۆردىكەن . ئاجراشقان ئايالنى كىيىنكى قىتىم ئەر ئالمايدىكەن ، ئاجراشقان ئەرگە خاتۇن تەگمەيدىكەن .  ھەدىستىمۇ بار : تالاق قىلىنغۇچىغا لەنەت ، تالاق قىلغىچىغىمۇ لەنەت دەپ كاللا ىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن . دوزاخ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈنلا ياسالغان ئەمەس ، نىكاھ ئوقۇغان قارىملارمۇ توي قىلغان باللارغا نەسەھەت قىلىۋەرمەي ، ئىسلامنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە ، ئاندىن تۇرمۇش گۈزەللىككە ئايلانغۇسى !

3 – بالدۇر رەسمىيەتنى ئۆتۈش -  بۇ ئەڭ ئەۋجىگە ئالغان بىر ئىش . مىنىڭ كەسپىم توي مۇلازىمەت نۇرغۇن تويلارغا بارغان دىسەممۇ بولىدۇ . تولىسى كىچىك بالا ، بالدۇر ئەر خوتۇندارچىلىق قىلىپ قويغان ، ئامالسىزلىقتىن توينى قىلغان . كىيىن ياش سەل چوڭايغاندا ، چىقشالماي ئاجراشقان . توۋا دەپ كىتىمەندە . كىچىك – كىچىك شۇمتەكلەرنى ئۆيلەپ قويسا ، غەيرى تۇردىكەن ، ئەرەپلەرنىڭ قىزلىرى بالدۇر بالاغەتكە يەتكەچكە ، كىچىك تويىنى قىلىدۇ .

كونىلاردا مۇنداق بىر گەپ بار قاسساپنىڭ قىزى بالدۇر يىتىلىدۇ دەپ . شۇ كونىلار قىزلارنى كۈچلۈك تاماقتىن نىرى باققان . بالدۇر توي قىلىشقا قارشى ئەمەس ئەمدىلا 15 ياشقا ، چوڭى 17 ياشقا كىرگەن باللارنى ئۆيلەشكە مەخبۇر قىلغان ئىش نىمە ؟ دەل شۇ قىلىقسىزلىق ، ئەخلاقسىزلىق ئەگەردە ئىسلام قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلدىغان بولساق ، بۇ ئىككى كىچىك توي قىلىشقا مەرېكە زالىغا ئەمەس ، چالما كىسەك جازا مەيدانىغا بارىدۇ ، ئاتا – ئانىسىمۇ قالمايدۇ . يەنە ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دەمسىز ؟ سىز شەرىئەتكە قارشى چىقىپ بولدىڭىز ، بالىڭىزنى ياخشى تەربىيلىيەلمىدىڭىز . ئاشۇلارغا پەتىشەپ دەپ ئولتۇرۇپ جىنسىيەت تەربىيسىنى بىرەلمىدىڭىز .

ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ مىلللىي ئەنئەنسى ، شەرىئەت ئەھكاملىرى بىلەن ياشىساق ، يۇرتىمىز تىخىمۇ گۈزەل ، كۆڭلىمىز ئازادە ، قىيامەتتە ،سوراقتا مەردانە تۇرالايمىز . بولمىسا مەھشەر كۈنى پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتەلمەيسىز . سىزنى مۇشۇ دۇنيادا ياشاپ بولغان بولىسىز . شۇڭا  ھەممە ئىشقا ئاۋال ئىسلامىي كۆز قاراش بىلەن قاراپ ، قانۇن بىلەن يۇغۇرۇپ ، ئاندىن ھەزىم قىلسىڭىز ھەممىدىن ياخشى .

شۇ توينى قىلىپ ، خوتۇنىغا ئىگە بولمىغان بىر ئىنساننى ، ھەممە ئەركەككە چىتىۋالماڭلار ، ھەممىسى بىر يۈرەك بولغان بىلەن ئىچىدىكى زەردە باشقا . ۋىجدان باشقا . ھازىر جەمىيەت مۇشۇنداق يوسۇندا كىتىپ باردۇ . ياخشى ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن زىمىن بىزنى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇردى ، بولمىسا بىزمۇ قايسى قەۋىمگە ئوخشاش قۇم دىڭىزىغا غەرىق بولاتتۇق .   قىزلار سىلەر دىگەن ئەركىشىنىڭ نىممىتى ، سىلەر پەقەت ئىپپىتىڭلار بىلەن قىز بالا ، ئايال كىشى دەپ تەرىپلىنىسىلەر ، سىلەر ياخشى بولساڭلار . سىلەرگە بىرىلدىغان ئىنئام قىيامەتتە ئەڭ كۆپ . سىلەر ئۈممەت كۆپەيتىسىلەر ، سىلەر مۆئىمىن ئىرىڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسىلەر !
ئوغۇل بالا بۇزۇق ئىش قىلىپ  تۈزەلگىنى بىلەن ، قىزلارنىڭ نامى مەڭگۈ تۈزۈلمەيدۇ .
سىلەر بىردەملىك ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرسەڭلار تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە ئازابىنى تارتىسىلەر .
ئاياللار بىر پارچە ئاق رەخىتكە ئوخشايدۇ . ئۇنى پاكى تۇتۇش كىرەك ، ئۇمۇ قالايمىقان يەرلەرگە تاشلىنىو قالماسلىقى كىرەك .   
ئەرلەرگىمۇ شۇنداق بىر خىتاپ بار ؟  قىيامەتتە سىلەر ئۆز پاداڭلاردىن سورسىلەر !   
بۇ جانابى ئاللاھنىڭ سۆزى ؛ يەنى ئەركىشى خۇددى پادىچىغا ئوخشايدۇ ، پادىچى ئۆز پادىلىرىنى ياخىشى باشقۇرمىسا ، ئىگە بولمىسا بولمغىندەك .... قىيامەتتە شۇنداق سۇئاللار ئىلىنىدۇ ،  ئايال بىر تۇققان ھەمشىرەڭلارغا ئىگە بولۇڭلار . ئۇلارغا كۆز قۇلاق بولۇڭلار ، كۈيئوغۇل بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىڭلار . ئاشۇرۋەتمەڭلار . چۈنكى ئۇ شۇ ئۆينىڭ يۈكىنى ئەپ چىكەتتى ئەمەسمۇ !      

ئاياللار بۇ دۇنيادا ئەرلەرگە بىرىلگەن ئەڭ چوڭ نىھمەت . ئۇنى قەدىرلەش كىرەك . تۇرمۇش ھەرگىزمۇ بىر ئادەمدىن چىقمايدۇ ، ئىككى ئادەمنىڭ مۇھەببىتىدە ھاسىل بولىدۇ .

ئاياللارغا ئىغىر ئىشلار بولسا قىلىپ بىرىڭلار ،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئۆيىدە  ئەر - ئايال دەيدىغان خىزمەت يوق ئىدى . قولىمىزدىن كەلسە قىلىپ بەرگەنگە سايىم بولۇپ كەتمەيمىز . قوساق ئاچسا تاماق ئىتىشنى بىلگەنلىك ھەرگىزمۇ يامان ئىش ئەمەس

                                                        تۈگىدى    كاشغەرى
                                                         مەنبەسى ھىسياتلرىىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-9 05:43 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈمەييە + 100 ھەممىمىز ئويلىنىشقا ت.
bayhenim + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
subhy809 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 120   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1370
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
نىكاھ ھەقىقەتەن تولىمۇ زىل نەرسە ئىكەن
ئەپۇچان بولايلى

مەخەتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5962
تۆھپە نۇمۇرى: 557
توردا: 1092 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئالەمنىڭ گۈزەللىكى ئادەملەر بىلەن، ئادەمنىڭ گۈزەللىكى ئائىلە بىلەن، ئائىلىنىڭ گۈزەللىكى ئەر- ئايال ياكى ئاتا-ئانىلار بىلەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 952
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيغەمبىرىمىز:«كېىمكى ئىلىم .ئىلش يولىغا ماڭسا ،اللا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئىچىپ بەرگەن بولىدۇ»دىگەن. ياش ۋاقىتىدا بىلىم ئىلش كېرەك ،مەيلى پەننى ۋە دىننى بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا ئىلىم،بەزىلەر ئىلىم-پەن ئۈگەنسە يامان بولىدۇ،بۇيەردىكى ئىلىم دىنغا قارىتىلغان دەپ قارايدىكەن،پەيغەمبىرىمىز يەنە:«ئىلىم يىراق چىن ئىلىدە بولسىمۇ بىرىپ ئۈگەن »دىگەن،بۇ بىر نەقىل ،ئىلىم يىراق جايلاردا بولسىمۇ بىرىپ ئۈگەن دىگەن گەپ ،لىكىن چىن دۆلىتىنى مىسالغا ئىلىش ،پەيغەمبىرىمىز ئىيتىقان بۇ ئىلىمىنىڭ پەننىي بىلىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقنى بىلىش تەس ئەمەس.....

بۇ يەرنى بىسىپ كىرىڭ!بىيجىڭ مىللەتلەر ئونۋىرسستىتى ئەرەپ تىلى قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،تېلفۇن ئارقىلىق تىزىملىتىڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82374
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 699
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشلار دىمىسىمۇ ئەۋىج ئېلىپ كەتتى  ھازىر شۇنداق قارايدىغان بولساق ھازىرقى بىر قىسىم قىزلار مەكتەپكە بارىمىز دەپ ۋاڭباغا  كەچلىكى دوستۇمنىڭ ئۆيىدە ئۈەىنىز قىلىمىز دەپ دىباغا يۈگۈرەيدىغان كىچىلىرى دىبادىن  كۈندۈزى ۋاڭبادىن چىقمايدىغان بوپكەتتى نەگە قارىسا بىردىن ئوغۇل بالىنى قولتۇقلاپ ماڭغان خىجىلمۇ بولماي  خۇدا ساقلىسۇن بۇنداق ئىشلاردىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5006
تۆھپە نۇمۇرى: 663
توردا: 4416 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yidayat164 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-9 02:18 AM
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
نىكاھ ھەقىقەتەن تولىمۇ زىل نەرسە ئ ...

نىكاھ ھەقىقەتەن تولىمۇ زىل نەرسە ئىكەن
。,。 مەن ئويلايمەن سىزگە ئەكەلگەنلىرى شۇنداق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5006
تۆھپە نۇمۇرى: 663
توردا: 4416 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yidayat164 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-9 02:18 AM
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
نىكاھ ھەقىقەتەن تولىمۇ زىل نەرسە ئ ...

نىكاھ ھەقىقەتەن تولىمۇ زىل نەرسە ئىكەن
。,。 مەن ئويلايمەن سىزگە ئەكەلگەنلىرى شۇنداق .

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2781
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2841
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1487 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھ غايىب ، نىكاھ ئۇلۇغ ، نىكاھ گۈزەل نەرسە .........نۇرغۇن ھېكىمەتلەرگە تولغان .
ئاپتاپنىڭ مۇنداق ئېسىل بىر تېمىنى يوللايدىغانلىقىنى پەقەت ئويلىمىغان ئىكەنمەن ~

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 2781
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2841
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1487 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھ غايىب ، نىكاھ ئۇلۇغ ، نىكاھ گۈزەل نەرسە .........نۇرغۇن ھېكىمەتلەرگە تولغان .
ئاپتاپنىڭ مۇنداق ئېسىل بىر تېمىنى يوللايدىغانلىقىنى پەقەت ئويلىمىغان ئىكەنمەن ~

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

بولۇپ قالدى مۇز يۈرەك.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كەمدىكى ئاتىلار_ بولۇپ قاپتۇ لاتىلار ،
بۇ ئىش ئاپتۇر دىگەندەك جەنۇپ تەرەپتە خىلى  زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ ،بالدۇر توي قىلىش .بالدۇر ئاجرىشىش  ،ئەتىسىلا سەندىن مەن قالارمەنمۇ دەپ يەنە  تۇي قىلىش  ،
بەزى ئاتا ئانىلار  پۇلى بولسىلا چوڭ كىچىك دىمەي قىزىنى بىرىۋىردىغان ،قىزنىڭ بەختى بىلەن ھىساپلاشماي يانجۇققا كىرگەن پۇل بىلەن ھىساپلىشىدىغان،قىزىنى كىلىشەلمىسە  6ئايغا بارا بامايلا  خىتىنى ئالدىغان ،ئىدىتى توشا توشماستا  يەنە پۇلنى ئويلايدىغان ،،،،،،،،،،،،
بۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۈرۈپ كەتتىم ،بولدىلا  كۆپ سۆزلىمەي ...

ئادەمدە  يۈكسەك غايە  ئىشەنچ ۋە  چىدام بولدىكەن چۇقۇم كۆزلىگەن نىشانغا  يىتەلەيدۇ ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش