مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1256|ئىنكاس: 35

ئۇيغۇرلاردىكى شەرمىي-ھايا ئىسراپچىلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شىنجاڭ سىرىقبۇي

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9366
تۆھپە نۇمۇرى: 1030
توردا: 1753 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەرمىي-ھايا ـ بىر جەمئىيەتنىڭ نازۇك پوستى، بىر مىللەتنىڭ ئېسىل ئەڭگۈشتەرى. ئۇ ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك لىباس، ئۇ ھەرقاندق ئىنساندا تەلتۆكۈس بولۇشى كېرەك بولغان گۆھەر! بۇ يەردە بىز ئاساسلىقى قىز-ئاياللار ھەققىدىلا توختىلىمىز. چۈنكى ھەممە ئائىلىدە قىز-ئاياللار بار، قىز-ئاياللار مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى تۇغقۇچى ۋە يېتىشتۈرگۈچىدۇر!

غەرب ئەللىرى كىنو-تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەدەنىيەت سورۇنلىرىمىزغا شىددەتلىك باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن بىللە كىرگەن ئاتالمىش پادىچى ئىشتانلىرى ۋە يەڭسىز كوپتىلىرى بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ يارىشىملىق كۆينەكلىرىنى سالدۇرۇپ تاشلاشقا ئۈلگۈرۈپ، تال-تال سۇمبۇل چاچلارنى قىسقارتىپ، يالىڭاچلىنىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىپ بولغان ئىدى. يارىشىملىق رەڭمۇ-رەڭ كۆينەكلەرنىڭ ئورنىغا ئالمىشىۋالغان پادىچىلار ئىشتىنىنى كىيگۈچىلەرنى ھەزىلكەشلەرنىڭ ئاتىشى بويىچە « تەمبۇر پاچاق، دۇتتار قوڭ »قىلىپ كۆرسەتتى؛ بۇنى بىز « يەرشارى خاراكتېرلىك ھادېسە »دەپ سۈكۈت قىلىپ تۇرساق، بۇخىل كېيىم بارغانسېرى تار، بارغانسېرى شالاڭلىشىپ ئۇياتلىق جايلارنىمۇ ياپالمايدىغان دەرىجىگە تەرەققىي قىلىدى. بىر تۈركۈم خانىم-قىزلىرىمىز ئارىسىدا ئالدىدىن قارىسا كىندىكى ۋە كىندىك ئەتراپى، كەينىدىن قارىسا ئارقا ئېرىقچىسى بىمالال كۆرۈنۈپ تۇرۇش ياكى بولمىسا ئاپئاق پاچاقلار تۇغما ھالەتتە نامايان بولۇش مودا بولدى. ئىشتاننىڭ ئېغى كىچىكلەپ، بېغى بوشاپ، ئۇلار بارغانسېرى بالىلىق ۋاقتىدىكى تۇرقىغا، قىلىقىغا قايتقىلى تۇردى؛ ئېغىدا دۇكان ئېچىشتىن ئۇيالمايدىغان ئەركىنلىك، كىيىملەرگە پاتماي قېلىۋاتقان « يەرلىك مەھسۇلاتى »نى كۆز-كۆز قىلىشتەك دادىللىق بارلىققا كەلدى. بۇ، بىز غەربلىكلەردىن قىزىقسىنىپ ئالغان ھارام سوۋغا ـ ئىپپەتنى ئۇنتۇپ، ئاتالمىش « زامانىۋىلاشقان » ھاياسىزلىق ئىدى!…

خوش، ئادەمنىڭ بوۋاق ۋاقتىدىكى، 2-3 ياشلىق ۋاقتىدىكى كىيىم كېيىش ئادىتى، تەقى-تۇرق شەكلى چوڭ بولغاندىمۇ يارىشارمۇ؟ ئۇچاغدا ئوماق كۆرۈنگەن نەرسە، تۇيۇلمايدىغان ئەۋرەت بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنداق تۇيۇلمايدۇ، ئەلبەتتە. ھازىر بەزى چوڭ شەھەرلەردىكى چار يىلاندەك تولغۇشۇپ « بولاق مانتا! كۆرسەڭ كۆزۈڭگە، يېسەڭ ئۆزۈڭگە پايدا » دېگەندەك مېڭىشىۋاتقان قىز-چوكانلىرىمىزغا ھەرگىزمۇ ياراشمايدۇ. چۈنكى، شۇلارنىڭ بەزىلىرى ئانا بولۇش يېشىغا يەتكەن، بەزىلىرى نەچچە بالىغا ئانا بولۇپ بولغانلاردۇر. ئېنىقكى، ئۇلار دىيانەتلىك، ھايا-نۇمۇسلۇق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، ھىچ بولمىغاندا ئاتا-ئانىلىرى دىنسىز ئەمەس!… ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى شۇكى، ئاتا-ئانىلار ساپاسىز بولمىغىنى بىلەن شۇنداق ئائىلىلەردە ئەقىدە-ئىتىقاد، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئەخلاق قارىشى سۇسلاشقان…

ھەممىگە ئايانكى، ئەخلاق ـ ئىنساننىڭ ئىنسانلىق زىننىتى. ئەخلاقى ئۆلگەن جەمئىيەتنى قانۇن تولۇق ئىدارە قىلىشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايدۇ، ھۆكۈمەتمۇ باشقۇرۇپ بولالمايدۇ. ئەخلاقى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن قەۋمنى تەبىئەت ھالاك قىلىدۇ. ساماۋىي كىتاپلاردا بۇنداق بايانالار ئوچۇق بولۇپ، بۈگۈنكى ئىلىم-پەنمۇ بۇنى ئىنكار قىلمايدۇ. بۈگۈنكى ھالاكەت ۋە پالاكەت ـ « ئەيدىز »نى مەركەز قىلغان مەرەزلىكلەر ئەخلاقى يوقالغان ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئادەمگە « ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيۈش » نەزەرىيىسى بويىچە كېلىۋاتقان ئاپەتلەردۇر. شۇڭا، ئاچچىق تولغاقتىن مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلىپ بالا تۇغقان ئانىلار، تەرلەپ-تەپچىرەپ، پەپىلەپ بالا باققان ئاتىلار پەرزەنتلەرنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئىشتانلىرىنىڭ ئېغى ھەم بېغىغا ھېزىي بولمىساق بولمايدۇ. پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تەربىيلەش مەجبۇرىيىتىنى بوينىغا ئالغان مەكتەپلەر، مۇئەللىملەرمۇ بۇ ئىشتا تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشلىرى كېرەك. ھەربىر ئادەم، ئاتا-ئانا، ھەربىر يۇرت بالىسىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى باققان ئىت-مۆشۈكلەرگىمۇ ئېگە بولۇشى، ئۇنىڭ تەقدىرىگە، ھايات-ماماتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ خارلىشى، يەكلىشىدىن، نامراتلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايمىز! ئىشلىرىمىز ئالغا باسمايدۇ، روناق تاپمايمىز، ياخشى تىلەكلىرىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ!… ئويلاپ كۆرەيلى، ئىنساننىڭ قولتۇق، چاتلىرىدا قانچىلىك گۈزەللىك بولسۇن؟ بولمىسا ياراتقۇچىمىز اللە ئۇنى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جايغا ئەمەس، بەلكى تەبىئىي ھالدا يوشۇرۇلىدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرارمىدى؟!…

يۇرت كاتتىلىرى، چوڭلار، بايلار، ئۆلىما-ئالىملارنىڭ، ئېسىل بىنا-داچا، ئالىي ماشىنىدا ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىمۇ باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭكىدىن كەم ئەمەستۇر. باشقىلار بىلەن كارى بولماي ئۆز نەپسىنى ئويلاش، قولىدىكى نام-ئەمەل، بايلىقنى ياشىۋېلىشنىڭ پۇرسىتى، دەسمايىسى دەپ قاراش ـ ئەخمەقلىق، نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. باشتا تىلغا ئېلىپ تەكىتلىگىنىمىزدەك، ھەرقانداق ئىشنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن، سىزدىكى بايلىقنىڭ، سىزدىكى ئەمەل-مەنسەپنىڭ، سىزدىكى يۈز-ئابروينىڭ، سىزدىكى ئىلىم-بىلىمنىڭ، سىزدىكى ھۈنەر-كەسىپنىڭ!… بىر راھەتنىڭ مىڭ پاتمان جاپاسى، ئون كوي پۇلنىڭ يۈز كويلۇق دەردى بولغاندەك، بىر لەززەتنىڭ يۈز ئازاپلىق مەسئۇلىيىتى بولماي قالامدۇ؟ شۇڭا ھەربىر ئادەم بىرخىل مەسئۇلىيەت مۇھىتىدا ياشىشى كېرەك. بۇ يەردە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويۇشنى ئەۋزەل بىلدىم، مەلۇم بىر مەشھۇر قىزبېدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە « قىز » توشۇپ، بەش يىلدا 400 مىڭ كوي پۇل تاپقان ئىكەن، ئالتىنچى يىلى بىر ئىپلاس كېسەل بىلەن يۇقۇملۇنۇپ، كاتتا دوختۇرخانىدا 600 مىڭ كويغا داۋالىنىپ ئاران ساقىيىپ، 200 مىڭ كويغا قەرزدار بولۇپ قاپتۇ… ئېنىقكى، تەبىئىي ھالال بولمىغان ئىشتا ئىنسانغا ئارتۇقچە ياخشىلىق يوق! مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ بەگلىك ۋە بايلىقنىڭ راھىتىدىن كۆرە ئازابى كۆپىيىپ كەتمەكتە. يالغان بايلىقنىڭ دەردى-بالاسى كۆپەيمەكتە. بەگ-بايلارنىڭ بايلىقىدىن قەرزى كۆپ، ئۆتىدىغان سۆزىدىن ئۆتمەيدىغان گېپى جىق بولماقتا!…

خوش، گېپىمىزگە قايتساق، بەزى قىز-چوكانلارنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئېغى قالمىغاندە، بەزىلەرنىڭ ئاغزىنىڭ بېغى قالماسلىق يەنە بىر ئەگەشمە ھاياسىزلىق بولىۋاتىدۇ. كوچىدا ماڭسا قېرى ئىتنىڭ كونا سۆڭەككە كۈچى يەتمەي سۆڭەكنى كاراسلاتقاندەك ئاغزىدىن پاقىنىڭ گېلىدىكى شاردەك كۆپۈك چىقىرىپ سېغىز چايناپ مېڭىشلار؛ يولدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا توختىماي ماك چايناشلار… قېلىپىدىن چىققان ھاياسىزلىق، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئەيمەنمەي ئەرلەر بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش بەزىبىر بۇزۇق ئاياللارنىڭ نورمال ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى. ئاپتوبۇسلاردا، ئادەم كۆپ يەرلەردە يەل مىلتىق ئاتقاندەك چاڭىلداپ سۆزلىشىۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: « … ئاخشامقى سورۇندا ھېلىقى مەتۇلارغا پۇلنى تازا جىق خەجلەتتۇق دېگىنا ئاداش! قىممەت سەيلەرنى دىڭلا قىلىپ، ياڭجۇ بىلەن داخې، دا چىش قىلدۇق… ئاندىن… كېچىچە تۈزۈك ئۇيقا يوق… ھازىر تاۋيەندەخېڭ، چىشلىۋالغان ئوخشايدۇ…»

لەنەت!!!… مۇشۇنداق گەپلەر ئەسلىدە بىزنىڭ خوتۇن-بالىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىشقا تېگىشلىك گەپلەرمىدى جامائەت؟! قىزبالا دېگەننىڭ سۆزى ھايالىق، مۇلايىم، سىلىق، يېقىشلىق، لەززەتلىك بولمامتى؟ يوشۇرۇشقا تېگىشلىك جايلار لايىقىدا يوشۇرۇلسا تېخىمۇ جەلپكار كۆرۈنمەمتى؟…

بىر قىسىم خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئېزىپ كېتىشىدە، توغرا يولدىن تېيىپ كېتىشىدە ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ، ھەربىر ئەركەك تۈكى بار يىگىتنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بولىشى كېرەك!…
« ھاياسىز ئەلدە بەرىكەت بولماس » دەيدۇ كونىلار، ئۇنىڭغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك!…


مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى

http://www.tewpik.com/asar/article.asp?id=100 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sirikbuya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-8 07:48 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zanjir34 + 10 ئسىىل تىما !!
aklala220 + 126 ئەھمىيەتلىك تىما
sazguri + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 146   باھا خاتىرىسى

ئۇچالايدىغان چاغدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ،سۆيەلەيدىغان چاغدا سۆيگۈدىن ۋاز كەچمەڭ

ھەي جۇڭگۇچىلىق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5601
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4594 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ئىىسىل ئەسەر



ئاۋۇنداق گەپلەرنى جىق ئاڭلاپ كەتتىم ..
تېخى ئۈلۈشكۈنغۇ دەيمەن قىزىل بايراق كومپىيۇتىر شەھەرچىسىدىن ئىشتىن چۈشۈپ كىلۋاتسام ھېلقى يەر ئاستى يولنىڭ ئېغىزىدا قازاقلارنىڭ بىر ktvسى بار  شۇ يەردە ئاجايىپ ئىسىل كالتا ئىشتانلارنى كىيۋالغان ئىككى قىز نىڭ بىرى تىلفۇندا :چىقمامسىز ؟-
....
نىمە قىلاتتۇق ئوينىمامدۇق ماۋۇ شىياۋشىمىندا دەيدۇ
...
ئىسىت سىنىڭ ئوغۇل بالا بوپ قالغىنىڭ سائەت 5بولماسلاردىن سىرىتقا چىقالماي ...

يەنە بىرمۇينچە گەپلەر بولۇندى ...ئاڭۈىچە مەنمۇ لىفىتتىن چىقىپ بولدۇمدە ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىغا كىرىپ قارمايلا شالاققىدە تۈكۈرۈپ قويۇپ يولۇمنى ماڭدىم

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 700
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1702
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1980- يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەپ ئىشلەنگەن كىنو-فىلىملەردىمۇ شەھەر قىز-ئاياللىرى ياغلىق چىگىپ،ئۇزۇن كۆينەكلەرنى كىيىپ،يوپكا كىيىپ چىقاتتى....شۇنىڭغا قاراپ مۇشۇ 30نەچچە يىلدا ئۇيغۇر دىيارىمىزدا مەدەنيەتنىڭ قانچىلىك تۇقۇنۇشۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز........

ھازىر دوپپا كىيگەن يىگىتنى ئۇچۇرتۇپ قالساق سەھرالىق تومپاي دەيمىز،
يوپكا كىيىپ،ياغلىق چىگىپ يۈرىدىغان قىز-ئاياللارنى كۆرسەك مەتو دەيمىز.

بىرەرسى ساپ ئۇيغۇرچە گەپ قىلسا ئۇنى مەسخىرە قىلىمىز.

بىرەرسى ھەق ئۈچۈن سۆزلىسە بىز ئۇنى ھۆكۈمەتكە چاقىمىز...


تورداشلار دەپ بېقىڭلارچۇ نىمە ئۈچۈن ياخشىلار ھەمىشە كىشىلەر تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىدۇ
؟ياخشى كىشىلەرنىڭ يۇلى تارمۇ؟؟؟؟

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tumurkala + 50 ھەق گەپ!
natik + 100 تىتىملىق ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 150   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 943
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قىزلىرىمىزدىكى  ئەدەپ-ئەخلاق قارىشىنىڭ تۈۋەنلەۋاتقانلىقىنىڭ ، ئىمان-ئىتقاتتىن بارغانچە يىراقلىشىۋتقانلىقنىڭ مەھسۇلى بولسا كىرەك.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1016
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1566
تۆھپە نۇمۇرى: 1503
توردا: 1135 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-8 10:56 PM
1980- يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەپ ئىشلەنگ ...

سىزنىڭ مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ئىنكاسىڭىز مۇشۇ بوپتۇ ،  ...

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16380
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6757 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا پىكىر ؟ ھازىر جەمىيەت مۇشۇنداق يوسۇندا كىتىپ باردۇ . ياخشى ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن زىمىن بىزنى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇردى ، بولمىسا بىزمۇ قايسى قەۋىمگە ئوخشاش قۇم دىڭىزىغا غەرىق بولاتتۇق .   قىزلار سىلەر دىگەن ئەركىشىنىڭ نىممىتى ، سىلەر پەقەت ئىپپىتىڭلار بىلەن قىز بالا ، ئايال كىشى دەپ تەرىپلىنىسىلەر ، سىلەر ياخشى بولساڭلار . سىلەرگە بىرىلدىغان ئىنئام قىيامەتتە ئەڭ كۆپ . سىلەر ئۈممەت كۆپەيتىسىلەر ، سىلەر مۆئىمىن ئىرىڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسىلەر !
ئوغۇل بالا بۇزۇق ئىش قىلىپ  تۈزەلگىنى بىلەن ، قىزلارنىڭ نامى مەڭگۈ تۈزۈلمەيدۇ .
سىلەر بىردەملىك ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرسەڭلار تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە ئازابىنى تارتىسىلەر .
ئاياللار بىر پارچە ئاق رەخىتكە ئوخشايدۇ . ئۇنى پاكى تۇتۇش كىرەك ، ئۇمۇ قالايمىقان يەرلەرگە تاشلىنىو قالماسلىقى كىرەك .   
ئەرلەرگىمۇ شۇنداق بىر خىتاپ بار ؟  قىيامەتتە سىلەر ئۆز پاداڭلاردىن سورسىلەر !   
بۇ جانابى ئاللاھنىڭ سۆزى ؛ يەنى ئەركىشى خۇددى پادىچىغا ئوخشايدۇ ، پادىچى ئۆز پادىلىرىنى ياخىشى باشقۇرمىسا ، ئىگە بولمىسا بولمغىندەك .... قىيامەتتە شۇنداق سۇئاللار ئىلىنىدۇ ،  ئايال بىر تۇققان ھەمشىرەڭلارغا ئىگە بولۇڭلار . ئۇلارغا كۆز قۇلاق بولۇڭلار ، كۈيئوغۇل بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىڭلار . ئاشۇرۋەتمەڭلار . چۈنكى ئۇ شۇ ئۆينىڭ يۈكىنى ئەپ چىكەتتى ئەمەسمۇ !      

ئاياللار بۇ دۇنيادا ئەرلەرگە بىرىلگەن ئەڭ چوڭ نىھمەت . ئۇنى قەدىرلەش كىرەك . تۇرمۇش ھەرگىزمۇ بىر ئادەمدىن چىقمايدۇ ، ئىككى ئادەمنىڭ مۇھەببىتىدە ھاسىل بولىدۇ .

ئاياللارغا ئىغىر ئىشلار بولسا قىلىپ بىرىڭلار ،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئۆيىدە  ئەر - ئايال دەيدىغان خىزمەت يوق ئىدى . قولىمىزدىن كەلسە قىلىپ بەرگەنگە سايىم بولۇپ كەتمەيمىز . قوساق ئاچسا تاماق ئىتىشنى بىلگەنلىك ھەرگىزمۇ يامان ئىش ئەمەس .  

ئاللاھ خالىسا ئەتە بىر تىما يازىمەن ئەر - ئايال .... نىمە بولىدۇ دەپ

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7234
تۆھپە نۇمۇرى: 516
توردا: 7904 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قىزلارنىڭ مۇشۇنداق بۇلۇپ كىتىشىدە ئۇ قىزنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەركەكلەرنىڭ مەسئولىيىتى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايمەن . چۇنكى ئۆيدە ئۇيالمىغان قىز سىرتتا ئەلۋەتتە ئۇيالمايدۇدە!

مەخسوس ئاياللار كيۇ كيۇ توپ نۇمۇرى(ئەرلەرنىڭ سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ):216013264
مەخسوس جىگەر كېسەللىكلىرى توپ نۇمۇرى(جىگەر كېسەللىرى ھەم مەسلىھەت بېرىشنى خالايدىغان دوختۇرلار)219711309

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-8 11:05 PM
توغرا پىكىر ؟ ھازىر جەمىيەت مۇشۇنداق يوسۇندا كىتىپ بار ...

تىمىڭىزغا قاراپ قالدۇق ئەمىسە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بەزى قىزلىرىمىزنى كۆرگەن ياۋرۇپالىقلار ئۇلار قايسى پىلانىتتىندۇ دەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 541
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-7-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئىسىمدە قېلىشچە  مەن 3 ئاي ئىلگىرى http://bilimkop.blogbus.com  گە يوللىغان

پەخرىم بىلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ بۇخەتنى بېسىپ كىېىپ كۈرۈڭ
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش