ئاپتۇبۇستىكى «ئامەت»
«بۈگۈن تەلىيىم ئوڭدىن كەپتۇدە»دېدىم ئىچىمدە ۋە يېنىمدا ئولتۇرغان 20-21ياشلاردىكى،ئۇزۇن چاچ ،زىلۋا ،قارا كۆزئەينەك تاقىۋالغان قىزغان قاراپ قويدۇم.چوڭ ئۆي بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى يىراق بولغاچقا ،ئاپتۇبۇستا مۇشۇنداق نازىنىنلار بىلەن پاراڭلىشىپ مۇساپىنى قىسقارتىشقا ھېرىسمەن ئىدىم.
-ياخشىمۇسىز ،- دېدى ئۇ بېشىنى مەن تەرەپكە بۇراپ كۆلۈمسىرىگەن ھالدا ،تۇيۇقسىز قىلىنغان سالامدىن چۆچۈپ كەتتىم.«بۇ قىز مەن گەپ قىلىپ بولغۇچە،ماڭا سالام بەردىغۇ»،ئۆزۈمنى ئوڭشاپ سالام قايتۇرۇشقا ئاران ئۈلگۈردۇم.
-ھەياخشىمۇسىز.
ئۇ، بېشىنى مەن تەرەپكە تېخىمۇ يېقىن سوزغىنىچە،بوش ئاۋازدا گەپ قىلىشقا باشلىدى:
-مۇشۇنداق گەپ قىلسام ئاڭلىيالامدىكەنسىز؟
-ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچى سەل ۋاراڭ – چۇرۇڭكەن ،شۇنداقتىمۇ ئاڭلىدىم،ئارلىقىمىز يېقىن ئەمەسمۇ ،- دېدىم مەن ھېجىيىپ.
نېمەئۈچۈن مەن بىلەن كارىڭىز بولمايدۇ؟-دېدى ئۇ ئىللىق چېھرىنى مۇز چىرايىغا ئۆزگەرتىپ.ئۇنىڭ سۇئالى مېنىڭ تەمتىرىتىپ قويدى.ئەمدى نېمە دىگۈلۈك؟
-ياقەي،مەنمۇ ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تۇرغان ، شۇنداق تەمشىلىپ تۇرۇشۇمغا...
-ئازباھانە كۆرسىتىڭ ،مەن بىلەن كارىڭىز بولمىغىنى ئېنىق ،يەنە نېمىنى چۈشەندۈرىسىز؟-دېدى ئۇ گېپىمنىڭ ئەخىرىنى ئاڭلىمايلا .مەندە ئۇنىڭغا بىچارىلارچە تىكىلىپ قاراپتۇرۇشتىن باشقا چارە يوق ئىدى .تەلىيىمگە ئۇنىڭ چىرايىغا قايتا كۈلكە يۈگرىدى.
-مۇشۇبىچارە ھالىتىڭىزنى دەپ بولسىمۇ سىزنى كەچۈرۋېتەي ،لېكىن مۇشۇ قىلغىنىڭىز ئۈچۈنماڭا بازارغا چىقىشىپ بېرىسىز. قايسى كۈنى بىر كۆڭلەك كۆرۈپ قويغانتىم،شۇنى ئېلىشىپ بېرىڭ.
-بەك قىممەت ئەمەستۇ؟-دېدىم يانچۇقۇمنى سېلىغاچ ،-مائاشىمىزنى تېخىچە بەرمەيۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە توي – تۆكۈننىڭ جىقلىقى.
-نېمەجىق گەپ قىلىسىز ،كۆڭلەكنى ئۆزۈم ئالىمەن ،ماڭا ھەمراھ بولسىڭىزلا بولدى.
-بولىدۇ،بولىدۇ چاتاق يوق.«جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياخشى ئىش بۇلامدۇ ؟بىر گۈزەل قىزماڭا ھەمراھ بولسا يەنە كېلىپ پۇل خەجلىمىسەم .بولدى چوڭ ئۆيگە بارماپتىمەن،ئۇلارغا تېلىفۇن بېرىپ قۇياي.» - سىز نېمە دېگەن ياخشى ،ئۇنداقتا ھېلى ئاپتۇبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن بىللە بازار ئايلىنىمىز جۇمۇ ،- دېدى قىز خۇشال بولغان ھالدا ،- ئەمسە مېنى بىرنى سۈيۈپ قۇيىڭە.
«نېمە؟مەن خاتا ئاڭلىمايۋاتقاندىمەن ،بۇ گۈزەل قىز مېنى سۆيۈپ قۇيۇڭ دەۋاتامدا؟ياق ، خاتا ئاڭلىمىدىم .مەنمۇ خېلى كېلىشكەنغۇ،قىزلارنىڭ بۇنداق دېيىشى نورمال ،ھى ھى ھى ھى..»
-بىز ئاپتۇبۇستا سۆيۈملۈكۈم ،ئاممىۋى سورۇندا بۇنداق قىلساق قانداق بۇلا؟ھېلى پەسكەچۈشكەندە ...
-كارىم يوق ،مېنى سۆيۈپ قۇيىسىز،- دېدى قىز ئەركىلىگەن ھالدا .
«مەيلى نېمە بولسا بولمامدۇ ،بۇ قىز بۇنداق دەۋاتقان يەردە ، مەن ئوغۇل بالا تۇرۇپ تارتىشىپ يۈرسەم سەت تۇرار .»مەن كۆزۈمنى يۇمدۇم –دە ئاغزىمنى ئۇچلىغىنىمچە قىزغا يېقىنلاشتىم .شۇنچە يىل ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ ،بۇنداق ياخشى ئىشقا تۇنجى قېتىم يۇلۇقۇشۇم ئىدى .مانا 20سانتىمېتىر قالدى،10 سانتىمېتىر ..«پاس!»قىلىپ يۈزۈمگە تەگكەن تەستەكنىڭ ئاغرىقى ۋە ئاۋازىدىن چۆچۈپ كۆزۈمچى ئاچتىم .ئۇ قىز كۆز ئەينىكىنى ئېلىۋېتىپ ، غەزەپ بىلەن ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى .ئاپتۇبۇسنىڭ توختىشى بىلەن ئۇ مېنى «ھايۋان»دەپ تىللىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى ھەمدە شۇچاغدىلا قۇلىقىغا تاقىۋالغان كۆك چىشلىق تىڭشىغۇچىنى ئېلىۋەتتى .ئېنىقكى ،ئۇ بايامدىن بېرى تېلېفوندا پاراڭلىشىۋاتقانىدى .مەن ئاپتۇبۇستىكى ھەممەيلەننىڭ نەپرەتلىك نەزىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا ئامالسىزقالدىم.
نەجىمدىن نەسىردىن تەييارلىغان
مەنبە:قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 2012يىل 6-ئىيۇل سانىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-8 11:09 PM