دارۋازئەسقەربۇقېتىم مەغلۇپ بولدى
شىنجاڭ دارۋازچىلىقنىڭ ئالتىنجى ئەۋلات ۋارىسى ئەسقەر7-ئاينىڭ8-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسى جاڭپىن ناھيە شىنىيۇزەي ساياھەت رايۇنىدا تۇنجى قېتىملىق" كۈزىنى ئىتىپ قۇيۇپ پۇلات سىمدا مېڭىش" جەڭ ئېلان قلىشتا مەغلوب بولدى، ئەمما يارلىنىش ئەھۋالى كۈرۈلمىدى.
ئەسقەر ماڭغان پۇلات ئارغامچا يەريۈزىدىن 250 مىتىرئىگىز، ئۇزۇنلىقى 700 مىتىر ، ئەڭ ئىگىز جاينىڭ يانتۇقى 20گىرادۇستىن يۇقىرى بۇلۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا كۈزىنى ئىتىپ قۇيۇپ مېڭىش تەس ئىدى.
شۇكۈنى ئەتىراپنى تاماشىبىنلار قاپلىغان بۇلۇپ،نەق مەيداندىن خەۋەربىرىدىغان مۇخبىرلارمۇ كۆپ ئىدى. سائەت 10دىن 15مىنۇت ئۆتكەندە ئەسقەر كۈزىنى قىزىل رەڭدىكى شاھى بىلەن ئىتىپ قۇلىغا 30جىڭدىن ئارتۇق تەڭشەكنى كۈتۈرۈپ ئاستامېڭىشقا باشلىدى. سائەت 11دىن 10مىنۇت ئۆتكەندە نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار چۈچۈپ كەتكەنلىكتىن ۋارقىرىشىپ كەتتى، رىياسەتچى :" ئاپلا، ئەسقەر يىقىلىپ چۈشتى" دېدى.
ئەسقەر پۇلات ئارغامچىدىن پەسكە يىقىلىپ، پەستىكى تىك قىيادىكى بامبۇكزارلىق ئىچىگە چۈشكەن ئىكەن، ھەرھالدا قاتتىق چۈشۈپ كەتمىگەن ئىدى، نەچچە مىنۇتتىن كىيىن قۇتقازغۇچىلار ئۇنى يىقىلىپ چۈشكەن يەردىن ئىزلەپ تېپىپ باشلاپ چىقتى.
ئەسقەرنىڭ ئېيتىشىچە:" كۈزى ئىتىكلىك بولغاندىكىن، ئاخىرقى نوقتىغا قانچىلىك قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى، يەنە كىلىپ ھاۋا ناھايىتە ئىسسىق بولغاچقا بېشىم قېيپ تۇراتتى".
ئەسقەر دارۋازچىلىقىنىڭ ئالتىنجى ئەۋلات ۋارىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى قېتىم جىنىس دۇنيارىكورتى ياراتقان ئىدى.
http://www.chinanews.com/sh/2012/07-08/4016201.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yadikar- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-8 06:10 PM