30مىڭ يۈەن ئالغان پارخورغا پەقەت ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىلا بىرىلدى.
جەنگۇبازىرىدا 2003-يىلى سۇئاپىتى يۈزبەرگەندە، بۇكەنىتگە ئەنخۇي ئۆلكىلىك قەنت-تاماكا شىركىتى 2مىليۇن يۈەن قۇتقۇزۇش ياردىمى بىرىدۇ، بۇپۇلنى ئەينى چاغدا جەنگۇ بازارلىق پارتىكومغا شۇجى بولغان ۋاڭ يۆتكەن ئىشلىتىپ 1مىلىيۇن200مىڭ سوم بىلەن ياشانغانلارنى بېقىش ساناتۇرىيىسى قۇرىدۇ ۋە يەنە 280مىڭ سوم بىلەن پۇختىلاش ئېلىپ بارىدۇ، بۇقۇرلۇشلارنى بىردەك خېرىدار چاقىرىش رەسمىيىتىنى ئۈتۈمەيلا ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، 30مىڭ سوم پارئالغان ئىدى. بۇۋەقە پاش بۇلۇپ دەلىللەنگەندىن كىيىن ناھيىدىن پەقەت پارتىيەئچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىلا بىرىدۇ.
30مىڭ سوم پارئالدى دېگەنلىك، نۆۋەتتىكى پارخورلۇق سوممىسى نەچچە يۈزمىلىيۇنغا يەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ھەقىقەتەنمۇ ئازپارھىساپلىنىدۇ، ئەممابۇ پارخورلارنى قانۇننىڭ جازاسىدىن قاچۇرۇشتىكى سەۋەپ بۇلالمايدۇ. دۆۋلىتىمىز جىنايى ئىشلارقانۇنىنىڭ383-ماددىسىنىڭ 3- تارمىقىدا مۇنداق بەلگۈلەنگەن:" شەخىسلەرنىڭ پارئېلىش سوممىسى 5مىڭ سومدىن ئارتۇق، 50مىڭ سومدىن تۈۋەن بولسا بىريىللدىن يۇقىرى 7يىلدىن تۈۋەن قاماققا ھۈكۈم قىلىنىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بۇلسا، 7يىلدىن يۇقىرى 10يىلدىن تۈۋەن قاماققا ھۈكۈم قىلىنىدۇ.شەخىسلەر خىيانەت قىلغان سومما 5مىڭ سومدىن يۇقىرى 10مىڭ سومغا يەتمىسە، جىنايىتىدىن پۇشايمان قىلىپ ئىپادىسى ئاكتىپ بولسا ۋە زاڭ پۇلنى تاپشۇرسا جىنايىتىنى يىنىكلىتىشكە ۋە كەچۈرۈم قىلىشقا بۇلىدۇ، ئەمما ئۈزى تۇرۇشلۇق ئۇرۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقتىن مەمۇرى جازابەرسە بۇلىدۇ".
يۇقارقى قانۇن بەلگۈلىمىسىدىن شۇنى كۈرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى، ئەسلى ۋاڭ قانۇنى جازاغا تارتىلىشى كېرەك بۇلۇپ، پارتىيەئىنتىزامى جازاسى ياكى مەمۇرى جازا بىرىپ ئىشنى تۈگۈتۈشكە بولمايتى. ئەمما شۇجايدا بولسا پارتىيە ئىتىزامى مەمۇرى ئىنتىزاملار دۆلەت قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرغان، بۇنىڭ سەۋەبى ھۇقۇق كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىدە. بۇپارخور 30مىڭ سوم پارئالغاندىن كىيىن، جازالانمايلا قالماستىن بەلكى تېخى ئەمەل-دەرجىسى يەنە ئۆسكەن، ئۇنىڭ تەلىيى نېمەئۈچۈن شۇنداق ئوڭ؟
نۆۋەتتە بەزى جايلاردا رەھبەرلەر بىرتەرەپتىن پارخورلۇق قىلسا يەنە بىرتەرەپتىن دەرىجىسى ئۈسۈۋاتىدۇ.بۇنىڭ نەتىجىسى ئاخىرقى ھىساپتا كىچىك پارخورلار چوڭ پارخورغا ئايلىنىۋاتىدۇ، چوڭ پارخورلار غايەت زور پارخورغا ئايلىنىۋاتىدۇ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش " تۈن قاراڭغۇسىدا" ئېلىپ بېرىلغاچ ئەمەلدارلىق سورۇنلىرىدا ماناشۇنداق ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ.
يۇقارقى ئىشلار پارتىيەۋە ھۈكۈمەتنىڭ ئىشەنجىلىك بۇلىشغا تەسىريەتكۈزمەكتە.
مەنبە: سۇخۇتورى.ئەسلى مەنبە:
http://star.news.sohu.com/20120708/n347586641.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yadikar- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-8 05:22 PM