مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1374|ئىنكاس: 14

قەھۋەخانىدىكى سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4464
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 03:56:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                           قەھۋەخاندىكى سۆھبەت
             جىرىڭ جىرىڭ! ئىشىك ئۈستىدىكى قوڭغۇراق سايراپ،30 نەچچە ياش ئەتراپىدىكى ،پوزۇر كىيىنگەن بىر ئەركىشى ،قويۇق قەھۋە ھىدى قاپلىغان قەھۋەخانىغا كىرىپ كەلدى .
           '' خەيىرلىك چۈش! قارشى ئالىمىز!'' ياش ئايال خوجايىن يىقىملىق ئەھۋال سورىدى.
          ئەركىشى تەكەللۇپ بىلەن كۈلۈپقىنە بېقشىنى لىڭشىتغاچ پۇكەي ئالدىغا كىلىپ ئولتۇردى ۋە ئايالغا قاراپ ''قەھۋە'' دېدى.
        بولىدۇ ،سەل ساخلاڭ دېدى ئايال خوجايىن كۈلۈپ تۇرۇپ، ۋە پىشقان ھەركەتلىرى بىلەن قەھۋە نوقۇتىنى ئىزىپ ، قەھۋە دەملىدى.
ئەر تىخچە كۈلۈمسىرگەچ ئايالنىڭ قەھۋە دەملىگىنىگە قاراپ ھەربىر ھەركىتىدىن ھوزۇرلىنىۋاتاتاتتى.
            ئۇزاق ئۆتمەي ئايال بىر ئىستاكان قويۇق دەملەنگەن قەھۋەنى كۆتۈرۈپ كەلدى :
                ''قىنى مەرھەمەت! ''
        '' رەھمەت !'' ئەر ئىستاكاننى ئاغزىغا ئەكىلىپ، ئاستا بىر يۇتۇم ئوتلىدى.
       ''بىرىنچى قىتىم كىلىشىڭىزمۇ؟؟'' ئايال خوجايىن سورىدى.
       ''شۇنداق''.
       'سىزچە بىزنىڭ بۇ قەھۋەخانا قانداقراقكەن.'' سورىدى ئايال خوجايىن .
       يامان ئەمەس، موھىتى خىلى ياخشىكەن.
      ''مەن ئۆزۈممۇ ياخشى كۆرىمەن، گەرچە سودىسى ياخشى بولمىسىمۇ ، يولدىشىم بىلەن ئىككىمىز نىڭ يەنىلا تاقىۋىتىشكە كۆزىمىز قىيمىدى.''
     '' ھە......'' ئەر ئازراق ھىسداشلىق قىلغاندەك بىشىنى لىڭشىتىپ ،يەنە بىر يۇتۇم قەھۋە   ئىشتى.
     ئىككىسى بىر ھازا جىمىپ كىتىشتى ،  بوش قالغان قەھۋەخانىنى ساكىس موزىكىسى  بىر ئالدى.ئەر تۇيۇقسىز جىمجىتلىقنى بۇزدى.
  ”ھى.....م قانداق دىسەم بولا؟ ئەر بىشىنى تۇتۇپ نىم قىلىشىنى بىلمىگەن ھالدابىر دەم تۇرۇپ
''يا بولمىسا سز ئاۋال ئاڭلاپ بىقىڭ'' مەن ھىكايەمنى سۆزلەي.
ئايال خوجايىن بىشىنى لېڭشىتىپ ئەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندىدى.
   ئەر: '' مېنىڭ بۇرۇن ناھايىتى ياخشى بىر قىز دوستۇم بار ئىدى ، ئىككىمز يۈرۈپ توي قىلماقچىمۇ بولۇشقان، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھىسيات ناھايىتى ئادەتتىكىدەك ھەم تىنىچ تەرەققى قىلغان ، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدە ئۇنداق بوران چاپقۇن ياكى    ئەۋجىگە چىققان قىزغىنلىق دىگەندەك ئەھۋاللارمۇ يوق, ئىنتايىن ئاددى ئىدى. لىكىن مەن بىرىنچى قىتىم ئۇنى كۆرگەن چىغىمدا بىر سېھرى كۈچ ، بىر ئاۋاز ، مېنى ئىتتىرىپ ماڭا : دەل شۇ ! سەن ئۇزاقتىن بېرى ساقلاۋاتقان قىز دەل شۇ دىگەندەك بىلىنگەن. مېنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى ئۇنىڭ ماڭا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى، مەن قوبۇل قىلدىم . ھەممىسى شۇنداق ئوڭۇشلۇق ، مەن بەخىت ئىچىدە مەس بولدۇم ، بىراق،....''        بىراق!!!''  
   '' بىر ئىش بولدىما ''.
  ئايال خوجايىن ھىكايە ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى, ئۇ ئەرنىڭ گىپىنى بۆلدى .
     ''ئىن.....'' ئەر بىشىنى تۆۋەن سېلىپ بىردەم تۇرۋالغاندىن كېيىن گىپىنى داۋاملاشتۇردى:
     مەن پەقەت بەخىتنىڭ ئارقىسىغا قاباھەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئۇنتۇپتىمە. بىزگە چاي ئىچىكۈزۈشنىڭ ئالدىنقى ئېيىدا بىركۈن ئاخشىمى ئۇ.....  ئۇ زوراۋانلىققا ئۇچىرىدى  ''ھە'' ئايال خوجايىن ھەيرانلىقتا يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىراپ سالدى.
''ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم ! ئەگەر مەن ئۇنى ئاپىرىپ قويۇشتا چىڭ تۇرغان بولسام ياخشى بولاتتى! ''  ئەر ئۈستەلگە مۇش بىلەن بىرنى سالدى,  ئستاكاندىكى قەھۋە كۈچلۇك تتىرەش سەۋەبىدىن چاچراپ چىقتى.
سزنىڭ مەندىن سورىماقچى بولغىنىڭىز بۇلا ئەمەستۇ؟ ئايال خوجايىن ئۈستەلنى سۈرۈتكەچ سورىدى.
    '' ياق ! بۇلا ئەمەس !  مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسياتىم بۇنىڭلىق بىلەن تەۋرىنىپ قالغىنى يوق, مەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك چاي ئىچكۈزۈشنى كۈتتۈم , ئەپسۇس دەل بىزگە چاي ئىچكۈزدىغان كۈنى ئۇ.... ئېسلىپ ئۆلىۋالماقچى بوپتۇ.
ئەر نىڭ ئاۋازى تۆۋەنلەپ ئۆزگىرىپ كەتتى, ئۇنىڭ چىرايىدىن ئەينى چاغدا قانچىلىك ئازاپلانغىنىنى كۆرۈۋىلىش تەس ئەمەس ئىدى.
   ''ئەمسە ئۇ ئېسلىۋالغاندا ئۇنىڭغا بىر ئىش بولدىمۇ قانداق؟ ئايال خوجايىن بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشتىن كۆزىنى يوغان ئىچىپ،جىددىلدشكەن ھالدا ئەرگە قاراپ قالغانىدى.  '' بەخىتكە يارىشا بىز ۋاختىدا بايقاپ دوختۇرخانىغا ئاپارغان چاغدا ئۇنىڭ تىنىقى بار ئىدى ، پەقەت كۆكرىكى گە بىر مەزگىل ھاۋا يىتىشمىگەچكە ھوشسىز ھالاتكە كىلىپ قالغان ئىدى ، ئەينى ۋاقىتتا دوختۇر ئۇنى ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قىلىش خەۋىپى بار دېدى.
خوجايىن ئايال يىنىك بىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن :''كىيىن ئۇ ھوشغا كەلدىمۇ '' .
   ''  شۇنداق!  ھوشىغا كەلدى''
   لېكىن مەن ئۇنىڭ ھوشىغا كەلگەنلىنى ئاڭلاپ خوشاللىقىمدا ئۇنى كۆرگىلى بارغاندا، ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى تەرپىدىن توسىۋىلىندىم،ئۇلار مېنى كىرىگىلى قويمىدى.
    ''نېمەئۈچۈن؟ ئاتا-ئانىسى نېمىشقا سىزنى كىرگىلى قويمايدۇ؟''
    '' ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تىزلىنىپ تۇرۇپ مەندىن ئۆتۈنۈپ تۇرۋالدى ، ئەسلىدە ئۇ خاتېرسىنى يوقاتقان ئىكەن،ئۇنىڭ يوقاتقىنى دەل مەن بىلەن تونۇشقاندىن كىيىنكى خاتېرىسى ئىكەن، دوختۇرنىڭ دىيىشىچە بۇ تاللاش خارەكتېرلىك خاتېرىسنى يوقۇتۇش بولۇپ ، بىمار ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندا، ئۆزىنى قاچۇرۇش خارەكتېرلىك بەزى خاتېرىلىرىنى يوشۇرۇپ قالىدىكەن . ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ماڭا يىلىنىپ ۋاختىنچە ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولماسلىقىمنى ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالدى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۇ بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنـــتۇپ كەتسە ئۇنىڭغا پايدىلىق ئىكەن. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولسام ئۇنى يەنە بۇرۇنقى ئىشلار ئېچىگە سۆرەپ ئىلىپ كىرىشىمدىن ۋە ئۇنىڭ يەنە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
   '' ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ دىگىنىمۇ خاتا ئەمەس، ئىشقىلىپ ۋاختىنچىغۇ، ئۇنىڭ سالامەتلىگى ئەسلىگە كىلىپ ، كەيپىياتى تۇراقلاشقاندا بىرىپ كۆرۈشسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ '' خوجايىن ئايال ئەرنىڭ گىپىگە جاۋاپ قايتۇردى.
ئەر زورۇقۇپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتتى، ئۇنىڭ يۈزىنى سۆرۈنلۈك قاپلىدى،'' ۋاقىتلىق دىگەن سۆزنىڭ قانچە ئۇزۇننى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەمسز؟ ئون يىل !  مەن  ئون يىل ئۇ يوق كۈنلەرنى ئۆتكۆزدۈم، ئارىلاپ يولدا ئۇچرتىپ قالساممۇ ناتونۇش كىشىدەك ئۇنىڭ بىلەن مۈرەمنى سۈركەپ ئۆتۈپ كىتىمە.''  ئەر ھۆكىرەپ ۋاقىرۋىتىدىغاندەكلا ئىدى،'' بۇنداق كۈننى ئۆتكۈزۈشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى، سۆيمەكچى بولغان ئادىمىنى ، سۆيەلمەسلىك نىمىدىگەن ئازاپلىق!!
      ''گەرچە شۇنچە ئازاپلىق بولسىمۇ يەنىلا مۇشۇ يولنى تاللىغانسز!'' خوجايىن ئايال ئەرنىڭ چىراي ئىپادىسىنى   كۆرۈپ ئىنتايىن مۇلايىملىشىپ كەتكەنىدى.
    ئەر ئايالنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىنى كۆرۈپ سەل پەسكويغا چۈشتى ۋە باش لېڭشىتقاچ دېدى:
            ''ئىن!  بۈگۈن دەل ئون بولدى!''
    '' ھە!!راسما !سىز نى تەبرىكلەيمەن، ئون يىل تىرىشىپ چىداپسز ، بۈگۈن ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە بولىدىغاب بوپتۇ!'' دىدى خوجايىن ئايال خۇشال بولغان ھالدا.
   ''توغرا، بىراق ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ، ئون يىل بولدى مىنىڭ كۆڭلۈم ئۆزگەرمىدى لېكىن ئۇچۇ؟؟ ئەگەر ئۇ ئاللىقاچان باشقا بىرىنى تىپىۋالغان بولىسچۇ، ھەتتا توي قىلىپ بولغان بولسىچۇ؟''
       '' بۇ دەل مېنىڭ سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم'' ئەر سەل جىددىلەشكەندەك ئالدىدىكى ياش ئايال خوجايىنغا قاراپ، تىنىچلىنىپ ئۇنىڭ جاۋاپ بىرىشىنى كۈتتى .
'' ھىم....!! ئايال قولى بىلەن بېشىنى تىرەپ ، بىر نۇقىغا تىلگەنچە ئەرنىڭ سوئالىنى ئويلاۋاتاتتى
  '' سىز ئۇنى شۇنچە بەك ياخشى كۆرگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ سزنى ئۇنتۇپ كەتكىنى ئۇنچە موھىم
ئەمەس، ئۇنى قايتىدىن يەنە بىر قىتىم قوغلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قىتىم مۇھەببەتلىشەشسىڭىزمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بولغان تەقدىرىدىمۇ ھىچقىسى يوق
، ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكەلسىڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ'' دېدى ئايال كۆلۈپ تۇرۇپ.
  '' بىراق!''  ئايالنىڭ چىرايىنى كەسكىنلىك قاپلىدى، ئەگەر ئۇ ئاللىقاچان توي قىلىپ بولغان بولسا، ئۇنىڭدا سز ۋاز كېچىڭ!1\''
'' بىزگە ئوخشاش توي قىلىپ بولغانلارنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرۈدىغىنى دەل باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇش''
  ''شۇنداقمۇ'' دېدى ئەر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ سوغۇققىنە.
   ''شۇنداق!''  شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئۆيىنى بۇزغانلاردىن بولۇپ قالماڭ جۇمۇ ''
دېدى ئايال .
   جىلدىرىڭ!!! ئىشىك ئۈستىدىكى قوڭغۇراق يەنە جىرىڭشىپ، ئىشىكتىن ئەمدىلا دەرىستىن چۈشكەن بىرقانچە ئوقۇغۇچى كىرىپ كەلدى، ئايال خوجايىن ئالدىراپ پۇكەيگە بىرىپ يىڭى كىرگەنلەر بىلەن سالاملاشتى.
   ''توغرا!!'' ئايال خوجايىن تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك ، قايرىلىپ ئەردىن سورىدى:
نېمىشقا بۇلانى مەندىن سورايسىز، بىز پەقەت بىرىنچى قىتىم كۆرۈشكەن تۇرساق!!''
  ''ھى.....م  نېمە ئۈچۈندۇ.... بەلكىم ئۇ بۇرۇن ماڭا توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن مەن بىلەن قەھۋەخانا ئاچىمە دىگەنلىكى ئۈچۈن بولسا كېرەك!!''
''ھە!!! مۇنداق دەڭ'' دېدى ئايال.
  ئىن !! مۇشۇنداق خالاس! مۇشۇنداق خالاس! مۇشۇنداق خالاس .....!! ئەر توختىماي ئوخشاش بىر گەپنى تەكرارلاپ ، خۇددى ئۆزىنى قايىل قىلماقچى بولغاندەك ئىدى. مۇزىكا توختىدى ، ئۆي ئىچىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاراڭلىشىپ كۈلۈشكەن جاراڭلىق زىل ئاۋازى قاپلىدى. ئەر بېشىنى تۆۋەن سىلىپ ئوغۇلۇقچە ئايالنىڭ قولىدىكى تويلۇق ئۈزۈككە قارىدى، كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ئىسسىق
ياش ئاستا-ئاستا ئاللىقاچان مۇزلاپ قالغان قەھۋەگە سىرغىپ چۈشتى.
مەنبە تەشۋىقات ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5230 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 06:22:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق ئېچىنىشلىق ، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغىرتىپ ......بۇلارغا بەكلا ھېسداشلىقىم كەلدى .

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47565
يازما سانى: 210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1332 سائەت
تىزىم: 2011-7-12
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 06:46:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال خوجايىن بۇ ئەرنىڭ ئۆزىنى دەۋاتقانلىقىنى سەزمىگەنمىدۇ ؟    ھېچ بولمىسا ئېسىلىپ ئۆلىۋالماقچى بولغانلىقىنى دىگەندە  ...    خاتىرسىنى يوقاتتى دىسەك ، بۇرۇن قەھۋەخانا ئېچىش ئۇيى باركەنتۇق ، بۇنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ .         ھېكايە ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ .  مۇشۇنداق يېقىشلىق ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئايال خوجايىن ھىكايە ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى, ئۇ ئەرنىڭ گىپىنى بۆلدى .
     ''ئىن.....''                         مۇشۇ( ئىن )  نىڭ ئورنىغا (ھە) ياكى (ھەئە) بولسا بوپتىكەن . ئىن دىسە خەنچىنى تەرجىمە قىلغاندەكلا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asat708 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-8 10:07 PM  


80ياش ھايات 30مىڭ كۈن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 147
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2154
تۆھپە نۇمۇرى: 462
توردا: 1997 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 06:49:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەل ئۆزى شۇكەن،ئۆزىنى شۇنداق تۇتالايدىغان ئاشىق -مەشۇقلارغا مەن بەك قايىل

نىمە ئۈچۈن بۆشۈك بىلەن قەۋرىنىڭ شەكلى ئوخشاش،ھەرئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۈچۈن ياسىلىدۇ پەرقى شۇكى بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن بىرى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈندۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2794 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 07:12:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال خۇجايىن شۇ كەندە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81615
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 08:53:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەتلەشسە ئادەتتىكىدەك مۇھەببەتلەشسە،شەرمى-ھايا بىلەن،تىز تەرەققى قىلغان مۇھەببەت تىز ئاخىرلىشىدۇ!

‹ دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى كۆرگەندە ھالال ياشاپ ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ۋىجدانى قاينايدۇ: بوشاڭلارنى كۆرگەندە تىرىشچان، ئىشچان ئادەمنىڭ ئىچى تىت تىت بولىدۇ ›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 09:30:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئانام،نىمىدىگەن تەسىرلىك'

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6390
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1288 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 09:55:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايال خوجايىن ھەقىقەتەنمۇ بەخىتلىككەن.

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئۇنتۇلماس نەپرەت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81712
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3265
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 01:10:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ ئەر ئايالنى 10 يىل ساقلاپتۇ -دە .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 03:13:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ئىكەن،ئا ئەرگە  قايىل بولدۇم،مۇھاببىتىگە نېمە دېگەن سادىق -ھە....

ئۇ قىز دەل قەھۋەخاناىنىڭ ئايال خوجايىنىكەن-دە ،ئۇ ئايال ئۆزى ئىكەنلىكنى بىلگەنمىدۇ....؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش