مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1915|ئىنكاس: 34

بىر ئانىغا يىزىلغان خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9891
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8248
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 01:38:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قايسى كۈنى كىتاپ كۆرىۋېتىپ مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى "ھايات ھەققىدە"نامىدىكى نەسىرلەر توپلىمىنى ئوقۇپ قالدىم، ئۇنىڭ ئىچىدىكى "خەت "ناملىق بىر نەسىر ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى ۋە تورداشلارنىڭمۇ بۇ نەسىرنى ئوقۇپ بېقىشىنى لايىق تاپتىم . چۇنكى بۇنىڭدا سۆزلەنگەن ئىشلار بەلكىم ئەتراپىمىزدىمۇ نۇرغۇن بۇلىشى مۇمكىن.
                                                                         خەت
2008-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى،مەلۇم ئۆلكىلىك ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتىدىكىلەر بېيچۇەن ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خارابىسىنى تازلىغاندا،بىر تاپشۇرۇق دەپتىرىنى تېپىۋالدى،ئۇنىڭدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاپىسىغا يازغان خېتى بار ئىدى:
    "ئاپا، مەن خىش دۆۋىسى ئاستىدا،تېخى ھايات،مەن سىزنى سېغىندىم.
    سىزنى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك سېغىندىم.ئۆتكەن ئىشلار خۇددى كىنو كۆرىنىشىدەك كاللامدىن بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە.ئەسلىملەر ماڭا ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بولدى. ئۇلارنى يېزىۋىدىم،خۇددى سىز يېنىمدا باردەك ھېس قىلدىم.مەن چۇقۇم ھايات چىقىپ سىز بىلەن كۆرىشىمەن ئاپا!
   بۇ يەرنىڭ قانچىنچى قەۋەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن بۇ تۆتىنچى قەۋەتتكى سىنىپ ئەمەس.بىنا ئولتۇرشۇپ كەتتى . ئۈستۈمدە قىيسىيىپ قالغان سىمۇنىت تاختاي بار، ئۇنىڭ ئارىسىدىن نۇر سىرغىپ كىرۋاتىدۇ. بۇ كىمنىڭ سومكىسىكىن،ئۇنىڭدىن قەغەز-قەلەم ئېلىپ سىزگە خەت يېزىۋاتىمەن.
   پۇتۇم سەزگۈسىنى يوقاتقان بولغاچقا مىدىرلىتالمايۋاتىمەن.خېلى ۋاقىت ئىلگىرى(بىر كۈن ئىلگىرىمىكىن،بىلمەيمەن)ئەتراپىمدىكى خىش-كېسەكلەر ئارىسىدىن يىغا،نالە ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. كېچىدە بۇ ئاۋازلار تېخىمۇ ئېنىقلىشىپ،مېنى قورقۇتىۋەتتى.بولدىلا،بۇلارنى دېمەي.
   ئاپا، كىچىك ۋاقتىمدا چېچىمنى تاراپ ئۆرۈپ قوياتتىڭىز،چۈشكەن چاچلارنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قوياتتىڭىز،ئۇ چاچلارنى كۈن نۇرىغا تۇتۇپ قاراپ، قانچىلىك ئۆسكەنلىكىنى بىلىۋالاتتىم. سىز تىرنىقىمنى ئېلىپ قوياتتىڭىز، تىرناق پارچىلىرىنى كىكىردەك دورىسىنىڭ يېشىل رەڭلىك تۆمۈر قۇتىسىغا سېلىپ قوياتتىم. بۇ سىز يۇيۇپ پاكىزلىۋەتكەن تىرناقلار ئىدى.
   مەن ئاپلىسىن يېيىشكە ئامراق ئىدىم، بىر چاغدا ئاپلىسىننى تولا يەپ ئالقانلىرىممۇ سارغىيىپ كەتكەن ئىدى. لېكىن سىز ئاپلىسىن ماڭا قۇرۇق ئىسسىق كېلىدۇ، دەپ يېگىلى ئۇنمايتتىڭىز. ئاشۇ قېتىم كەچلىك مۇزاكىرىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ، كوچا چىرىغى ئاستىدا بىر ئايالنىڭ ئەخلەتلەرنى ئاختۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ باققال تاشلىۋەتكەن سېسىق ئاپلىسىنلار ئىدى. ئايال ئاپلىسىننىڭ سېسىقلىرىنى تاشلىۋېتىپ، ساقلىرىنى ھە دەپ ئاغزىغا تىقاتتى. ئەمما ئۇ ئايالنىڭ سىز ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىمەن، ئاپا! شۇ چاغدا بەك ئاچچىقىم كېلىپ، سىزنى چاقىرمايلا كېتىپ قالغانىدىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ بۇ ئىشىڭىزنى، مېنى مازاق قىلىشىدىن قورققانىدىم. سىزگە ئەمدى كوچا چىرىغى ئاستىدا سېسىق ئاپلىسىن تېرىپ يۈرمەڭ دېمەكچى بولدۇم، لېكىن ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆيگە قايتىدىغان ئۇ يولدىن ماڭمايدىغان بولدۇم. بۇ ئىشنىڭ گۈزەل ئەسلىمە بۇلۇپ قېلىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.
   ئاپا، تۇنجى ئاق چېچىڭىزنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا 35 ياشقا كىرگەنىدىڭىز . ئېسىمدە قېلىشىچە ، سىز  بىر تال ئاق چاچنى دەپ دادام بىلەن سوقۇشقان ، ئۇنى يارامسىز ، مەن كۆكتات سېتىپ ، سائەتلىك ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەچكە ، چېچىمغا بالدۇر ئاق كىرىپ كەتتى ، دەپ ئەيىپلىگەندىڭىز . ئاشۇ چاغدا گەرچە كىچىك بولساممۇ ، جېدىلىڭلارنى بەكلا تۇتامسىز ھېس قىلغان ، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە مۇزىكىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىگەچكە بىر تال ئاق چاچ ئۈچۈنمۇ ئۇرىشىۋاتىدۇ ، دەپ ئويلىغانىدىم. ھازىر چۈشەندىمكى ، گۈزەللىك دىگەن يۇپۇرماققا ئورالغان تاڭزۇڭزىغا ئوخشاش ئاددى ، چىڭ ۋە ھەقىقى بولىدىكەن .
   ئاپا ، بەرداشلىق بېرەلەمدىم - يوق ، بىلمەيمەن . ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن مادارىم قالمىدى. ئەتراپ ئاللىقاچان جىمىپ كەتتى. مەن بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە بولغاچقا ، ھەر ھالدا تەلەيلىك . 1-،2-،3-قەۋەتتىكى ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى كۆمۈلۈپ قالدى. ئەگەر ئەتىگىچە بەرداشلىق بىرەلىسەم ، بۇ سىزنى سېغىنغانلىقىمدىن ئاپا.
   سىزنىڭ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىڭىز بار ، كېچىچە ئىچىڭىزدە قارا قوزا، ئاق قوزىلارنى ساناپ چىقىسىز. تاڭ يۇرۇشقا ئاز قالغاندا ، ئەمدىلا كۆزىڭىز يومۇلغاندا سائەت سىزنى يەنە ئويغىتىۋېتىدۇ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ماڭا ناشتىلىق تەييارلايسىز.
    بۇ ئىشلارغا مەن سەل قاراپتىمەن. ئەگەر بىر ئادەم كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمىسا ھەم سەھەر تۇرسا ، كۈندە مۇشۇنداق بولىۋەرسە قانچىلىك ئازاپلىنىپ كېتەر-ھە؟! ئەينى چاغدا غوتۇلداشلىرىڭىزغا پەرۋا قىلماي ، چوڭلار ئۆزلىرىنىڭ ئازابىنى پەرزەنتلىرىنى ئۆگىنىش قىلدۇردىغان ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ قىلۋالماسلىقى كېرەك، دەپ ئويلايتتىم . ھازىر بىلدىمكى ، سىز پەقەت ئىچىڭىزدىكىنى تۆكىۋالدىكەنسىز، خالاس. مەن رەددىيە بەرگەندىن كىيىن كوتۇلدىماس بولدىڭىز. ھازىر ئاشۇ كوتۇلداشلىرىڭىزنى قانچىلىك ئاڭلىغۇم كىلىۋاتىدۇ-ھە.
    ئاپا، سىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيسىز. بىز خۇددى ئۆسۈملۈك دورىغا ئوخشاش ، ئوتنى ئۇلغايىتقانسىرى شۇنچە قىرتاقلىشىپ كېتىمىز. ئۆگىنىشى  ياخشى ئوقۇغۇچىلار مەڭگۈ ئەتىۋارلىق، ئۇلارغا ئالىي مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق، ئۇنىڭدىن قالسا پۇلدارلارنىڭ بالىلىرىغا . سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىدىم. لېكىن سىزنىڭ ئەجرىڭىزنى ، بولۇپمۇ مېنى ئالىي مەكتەپكە چوقۇم ئۆتەلەيدۇ دېگەن ئېتقادىڭىزنى دەپ بولسىمۇ مەكتەپكە بىرسى سۆرىگەندەك باراتتىم. لېكىن بۈگۈن شۇنى ئويلىدىمكى، سىلەرنىڭ جاپالىق ئەجرىڭلار ئۈچۈن بولسىمۇ ، ياخشى ئوقۇشۇم كېرەك ئىدى. لېكىن ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئارقىلىقلا ئىپادىلەنمەيدۇ. ئەگەر ھايات چىقىپ كېتەلىسەم ، مەيلى تېخنىكومدا ئوقاي ياكى ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەي ، چوقۇم نۇرغۇن پۇل تېپىپ سىلەرنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۇرىمەن.
   ئاپا، سىز ئىلگىرى"چىڭدۇدا بىر مۇنچا بار ئىكەن، مەخسۇس ئادەم دۈمبىسىنى سۈرتۈپ، تىرنىقىنى ئېلىپ، يۈزىگە يۈزلۈك چاپلاپ قويىدىكەن، نىمىدېگەن راھەت تۇرمۇش-ھە!"دېگەنىدىڭىز. سىزدىن:"دۈمبىڭىزنى ھېچكىم سۈرتۈپ قويمىغانمۇ؟"دەپ سورىسام، سىز "كىچىك ۋاقتىمدا موماڭ سۈرتۈپ باقمىغان، توي قىلغاندىن كىيىن داداڭمۇ سۈرتۈپ باقمىدى، ئۇنىڭغا سۈرتكۈزسەممۇ بولمايدۇ-دە. بۇنداق راھەت ماڭا نېسىپ بولماپتىكەن" دېگەنىدىڭىز. مەن يۇيۇنغاندا سىز دۈمبەمنى سۈرتۈپ قوياتتىڭىز، بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ كۈلۈپلا قويغاندىم . ئاپا، ئەمەلىيەتتە دۈمبىڭىزنى سۈرتۈپ قويسام بولاتتى، ھىچ بولمىغاندا مۇشۇنداق قىلغۇدەك كۈچۈم بار ئىدى. سىزمۇ مۇشۇنداق ئويلىغان ، لېكىن ئاغزىڭىزدىن چىقىرالمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن . كىيىن ئانا- بالا ئىككىمىز چىڭدۇدىكى ئاشۇ مۇنچىغا بارماقچى بولغانىدۇق. ئەگەر بارالماي قالساق ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم دۈمبىڭىزنى سۈرتۈپ قويىمەن. تەڭرىم مۇشۇنداق پۇرسەتنى ماڭا نىسىپ قىلارمۇ، بىلمەيمەن.
   تۇلۇقسىزغا چىققاندا، 300 يۇەن ئوقۇش پۇلىنى يىتتۈرۈپ قويغان ۋاقتىمدا ، مېنى ئۇرغان ۋە يارىماس دەپ تىللىغان ئىدىڭىز. ئەمەلىيەتتە، پۇلنى باشقىلار سومكامدىن ئوغىرلاپ كەتكەن ئىدى. سىز ئېلىشىپ قالغاندەك، چۈشەندۈرۈشىمگە زادى قۇلاق سالمىدىڭىز . ئىلگىرى سىزنى "قېرى جادى"دەپ يازغان ئىدىم. ئەمدى بىلدىم، سىزنىڭ بوتۇلكا يىغىپ سېتىشىڭىز، ئۆزىڭىز سەككىز ۋاتلىق لامپۇچكا ئىشلىتىپ ، 40 ۋاتلىق ئۈستەل چىرىغىنى ماڭا بىرىشىڭىز، چىلىغان كۆكتات يېيىشىڭىزدىن 300 يۈەن ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىگىنىڭىز ئېنىق تۇرمامدۇ؟ مەن باي ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئەمەس، لېكىن دەردىڭىزگە يېتىشنى ئۆگەنمەپتىمەن.
   ئاپا، سىزنىڭ قەيەردىلىكىڭىزنى بىلمەيمەن. يەر تەۋرىگەن ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ سىزدىن، دادامدىن ۋە مومامدىن غەم يىدىم. ئۈستى ئوچۇق بازاردا كۆكتات سېتىۋاتقان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىدە سائەتلىك ئىشلەۋاتقان بۇلۇپ قالماڭ. يانفۇندىنمۇ قولايلىق بىر خىل قەلىب ئالاقىسى بولسا-ھە، سىزگە ئۆزۈمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمنى ئېيتاتتىم، سىلەرنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭلارنى بىلەتتىم. ھاياتلا بولساق، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. چىلىغان كۆكتات، سەككىز ۋاتلىق لامپۇچكا، دادام ئىككىڭلارنىڭ ئاق چېچى.....بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى ئەڭ شېرىن نەرسىلەر ئىكەن.
   ئاپا، بولالمايدىغان ئوخشايمەن، كۆز ئالدىمدا خىيالىي كۆلەڭگە پەيدا بولىۋاتىدۇ. سېسىق پۇراقتىن نەپسىم سىقىلىۋاتىدۇ. بېلىمنىڭ ئاستى سەزگۈسىنى يوقاتتى. سىرتتىن ماشىنلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنۋاتىدۇ، لېكىن "قۇتقۇزۇڭلار " دەپ توۋلىغىدەكمۇ ماجالىم يوق......
        
                                        "مىللەتلەر ئەدەبىياتى " 2011 - يىللىق 6- سانىدىن
  












  






باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82588
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 02:30:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئوماق قوزام!!!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1760
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9729
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 02:31:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەكنى ئەزگۈدەكلا ئەسەركىنا بۇ...، ئانا ئەڭ ئۇلۇغ!!

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3990
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5227 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 02:34:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانچە ئەسكى بولسىمۇ ئۆز ئانىنىڭ مېھرىگە نىمە يىتىدۇ ؟؟ ئانىلارمۇ شۇ باللىرىمغا ياخشى بولسۇن دەيدۇ . بەك تەسىرلىككەن ....

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3821
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 827 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 02:35:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NAQARBALA0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-8 02:30 PM
بىزنىڭ قەشقەردە بىر قىز بار ئىدى،ئانىسى ماڭا تۇرامسەن  ...

باش سۈرتىڭلار پەيزىكەن ھە؟ بولسا ئالماشتۇرۋىتىڭلار`````

Tarixingdir ming asrlar ichra pinhon o’zbegim
Senga tengdosh Pomiru, oqsoch Tian – shan o’zbegim
So’ylasin Afrosiyobu, so’ylasin Urxun xati
Bitta tarix shodasida, bitta marjon o’zbegim

ئىمزايىمدا ئىتلارنىڭ ھەققى يوق!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9891
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8248
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 02:36:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئانا ئەڭ ئۇلۇغ،  بىزدە «بار چاغدا تىللىماڭ، يوق چاغدا يىغلىماڭ»دەيدىغان بىر ھىكمەتلىك سۆز بار، شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى:« جەننەت - ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا»

پۇل يوق!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3281
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 794 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 02:39:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NAQARBALA0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-8 02:30 PM
بىزنىڭ قەشقەردە بىر قىز بار ئىدى،ئانىسى ماڭا تۇرامسەن  ...


بۇ قىزلارنىڭ ئوغۇللاردىن ئەقىللق ئىكەنلىكىنىڭ تىپىك مىسالى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خۇش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-8 02:39 PM  


باشقىلار قىلغاننى سىزمۇ قىلالايسىز،مۇۋاپىقىيەت پەقەت سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76413
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3185
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 02:42:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا ئانا ئانا ئانا ئانا ئانا ئانا ئانا

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14212
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3374 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 02:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانادەك ئۇلۇغ قايدا بار .ئۇلارنىڭ جاپاسىغا نىمىش قىلىپ بېرەلىدۇق ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

مەن گۇلگە ئامراق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13024
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 2928 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 02:54:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جېنىم ئاپامنى ھەجەپ كۆرگۈم كەلدا؟!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aㄒamaη + 10 مىنىڭمۇ شۇنداق ھەدە ، .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش