سورۇندىشىڭلاردىن سىلەرگە سېغىنىشلىق سالام ، سالامەتمۇسىلەر . 
سېسىق سۆز سەنئىتى
(سۆز ئويۇنى)
   سورۇنلاردا سىزگە سېسىق سۆزلەر سۆزلەنگەندۇ ،سىزمۇ سورۇنداشلارغا سېسىق سۆزلەرنى سۆزلىگەنسىز سەنئەتخۇمارلىقىمىزدىن ، سۆزمەنلىكىمىزدىن سېسىق سۆزلەر سورۇنلىرىمىزغا ، سۆھبەتلىرىمىزگە سىڭىشكەن . سەللا سىنچىلىسىڭىز سودا-سىتىقلاردىمۇ ، ساماۋەرخانىلاردىنمۇ ،سەيپۇڭخانىلاردىنمۇ ، سەتىراچخانىلاردىنمۇ ، سىنىپلاردىنمۇ .......  سەھنىلەردىنمۇ سەرخىل ،ساز  سېسىق سۆزلەرنى سېزەلەيسىز .
   سەمىڭىزگە سېلىڭكى ، سىزگە سېسىق سۆزلەر سۆزلەنگەندە : سىقىلىش ،سەتلىشىش (گەپكە چىدىماي ئۇرۇش-تالاش قىلىش)تەك سەۋەنلەردىن ساقلىنىڭ . سېسىق سۆزلىگەنلەرنى سىلكىمەڭ ، سەنلىمەڭ ، سالماقلىقىڭىزنى ساقلاڭ . سېسىق سۆز سۆزلىسىڭىز : سۆزىڭىز سەۋەبىدىن سورۇنداشلىرىڭىزنى سارغايتماڭ ، سورۇن سەزگىدەك سەگەكلىكنى ساقلاڭ . سارايدىكى سۆزلەرنى سارايدا ، ساتمىدىكى سۆزلەرنى ساتمىدا سۆزلەڭ . سارايدىكى سۆزلەرنى ساتمىدا سۆزلىمەڭ ، ساتمىدىكى سۆزلەرنى سارايغا سۆرىمەڭ .
   سېزەلىسىڭىز ، سېسىق سۆزلەرمۇ سەنئەتتۇر ، سېسىق سۆزلەردىكى سېسىقلىق ، سەت سۆكۈشلەر ، سەرخىل سۆزلەر سەنئەتتۇر . سەۋەبىنى سورىسىڭىز ، سېسىق سۆزلەردە سەۋەنلىك ، سەتلىك سۆكۈلىدۇ ، سۆزلىگۈچى سۆزمەننىڭ سېزىمىدا سەرخىللاشتۇرۇلغان  ساز سۆزلەر سۆزلىنىدۇ ، سېسىق سۆزلەردىكى سېسىقلىق سەنئەتتە سۇغۇرىلىدۇ .
  سەنئەتنى سۆيگەنكەنسىز سىنئەت سانىلىدىغان سېسىق سۆزلەرنىمۇ سۆيۈڭ . سۆيۈنۈپ سۆزلەڭ .  
سۆزلىسەڭلا سانالمايدۇ سېسىق سۆز ،
سورايدۇ سېسىق سۆز سېزىم سەۋىيە .
سۆزلىرىڭدىن سورۇنداشلار سۆيۈنسۇن ،
سېسىق سۆز سۆزلىسەڭ سېزىپرەك سۆزلە .
مەنبە : نەپرەت
**************************************************************************************************************
تۆۋەندە سېسىق سۆزلەرنىڭ ئانا ماكانى بولغان قەشقەردىن ئىككى يۇمۇر ئاڭلاڭلار .gif)
1.  قەشقەردىن شىمال تەرەپلەرگە ئۆتۈپ تىجارەت قىلىدىغان ئىككەيلەن  بىر كۈنى غۇلجىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ چۆچۈرە بۇيرۇتۇپتۇ ، ئاشخانىدا ئادم كۆپرەك بولغاچقا مۇلازىم ئاشنى ئەكەپتۇ لىكىن قوشۇق ئەكەلمەپتۇ ، ئىككىيلەن بىر قىتىم دېسىمۇ يەنە ئەكىلىپ بەرمەپتۇ .بۇلارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ئاشنى كۆتۈرۈپ خوجايىننىڭ ئالدىغا ئاپىرىتۇ ،
  - قايسا ئۇكام سىلى ما ئاشخانىنىڭ لوبىنىما ؟
  - ھەئە ،
  - ئەمسە ئۇكام ، خاپۇمماي ما ئاشقا قايلاپ قويسا ، بىز ئىيي قەشقەگە دېككىدە چۈشۈپ قوشۇق ئىچىقىۋالىلى .
2. ئۈرۈمچىدىن بىر ئايال قەشقەرگە تۇغقان يوقلىغىلى كەپتۇ ، بىر كۈنى ئۇ تۇغقىنى بىلەن بىللە بازارغا سەي-كۆكتات  ئالغىلى 
بىللە چىقىپتۇ ۋە بىر پالەك ساتىدىغا بوۋاينىڭ ئالدىغا كەپتۇ ، يىڭى پالەك بولغاچقا ئازراق توپا ئىكەن . ئۇ ئايال ئىتتىكلا :
  « ۋاي-ۋۇي ، بۇ پالەكلەر نىمانداق توپا » دەپتۇ .
ھىلىقى بوۋاي ئايالنىڭ ئۈستى بىشىغا شۇنداق بىر قارىۋىتىپ دەپتۇ : «ماڭ قايلىسا خاااااان ،  سىلنىڭ ژۇتتا پالەكنى گىلەمنىڭ تۆپىسىگە تىرامدا ؟؛ »  
مەنبە : ئاڭلىغانلىرىم .
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەپرەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-8 12:52 PM