مېھرىگۈل ئابلىمىت
كۆردىممىكىن شۇنچە گۈزەل چۈش،
جىمجىتقىنە كىردىڭ دىلىمغا.
گۈلىستاندا تۇتۇپ قولۇمنى،
گەپ كەلمەيتى پەقەت تىلىڭغا.
ئويغانمىسام دېدىم ئۇيقۇدىن،
ئىسكەنجىرەپ جۇدالىقىڭدىن.
تەڭ ئۇخلىسام بەخت كۈيىدە،
ئېچىلامسەن دىل ئاغرىقلاردىن....
مېھىر بەرسەم ساڭا بىر ئۆمۈر،
تۇتالامسەن ۋاپا قولۇمنى.
پەرھادىم دەپ كۈلسەم باغرىڭدا،
يارالامسەن شۇندا تاغلارنى.
سەۋر بىلەن سۈرتۈپ يېشىمنى،
يۇتالامسەن پىغانلىرىمنى؟
مۇھاببەتتە ياندۇرالامسەن،
كۆيۈپ ئۆچكەن گۈلخانلىرىمنى؟...
<يىغلىما گۈلۈم ،سەن مېنىڭ مىھرىم>؛
دىيەلەمسەنكىن پىشانەم سۆيۈپ.
ئاۋۇندۇرۇپ سەن ۋاپا بېغىڭدا،
ئۆتەلەمسەنكىن بىر ئۆمۈر كۆيۈپ.
ئۈمۈدۈم شۇ بۇ ھاياتلاردا،
تۇتسام دەيمەن مىھىر قولۇڭنى،
ئازاپلارنىڭ ئاچچىق ئۆيىدە،
چالالىساڭ ۋاپا كۈيىڭنى.
قۇيۇپ كەتتىم ، ساڭا جىق سۇئال؛
سەۋىر بىلەن بەرگىن ھەق جاۋاپ.
مىھرىڭ كەتتى غېرىپ مۇڭ بىلەن،
ئىشەنچ چۆلىگە ۋاپادا قاراپ.