مۇھەببەت ۋە ئەر -خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا 
مۇھەببەت ئەسلى ياشانغاندا يېتىلىدۇ   .
ھەقىقى مۇھەببەتتە مۇزدا قىزىلگۈل ئۈنۈدۇ  ، تاشمۇ مىۋە بىرىدۇ  . بۇنداق مۇھەببەتتىن گۈلدۈرماما مۇزىكىغا ئايلىنىدۇ  ، چاقماق مەڭگۈلۈك يۇرۇقلۇق بىرىدۇ  .
بالىنىڭ ئۆگىيى بولۇدۇ ئەمما ئايالنىڭ ئۆگىيى بولمايدۇ  .
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن ، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن  .
مۇھەببەت  - دۇتار  ، ئېھتىيات قىلىپ تۇتمىساڭ ، تارىسى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ  .
تەشەببۇسكارلىق ئەركەكتىن باشلىنىشى  كېرەك   ، چۈنكى بۇلبۇلنىڭمۇ ئەكىكى سايرايدۇ  - دە  .
ئەر كىشى قايسى چاغدا كوچىغا چىقىپ كېتىدۇ  ؟  -  ئەگەر ئىزدىگىنىنى ئۆيدىن تاپالمىسا   .
ئەردىن كالتەك يىگىنىڭدە جېنىڭ بىلەن دىلىڭ ئاغرىيدۇ   .
ئەر - خوتۇن ئوتتۇرسىدا پەردە بولۇشى كېرەك  ،  مانا بۇ پەردىنىڭ كۆتۈرۈلمەسلىگى ئۈچۈن  ، ئەر -خوتۇن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك  . پەردە كۆتۈرۈلدىمۇ  - بەس ، ھاياتقا دەز  كېتىدۇ  .
ئەر -خوتۇن سەن - پەن دىيىشىپ قالغان چاغلاردا ، ئەرمۇ ، ئايالمۇ  يېقىن ئادەملىرىگە  كۆڭلىنى بوشۇتۇشقا مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن ، قىزىپ كېتىپ ئائىلىنىڭ سىرىنى پاش قىلىپ قويۇپ  ، كېيىن پۇشايمانغا قالىدۇ  ...
ئۆزبالىڭىزغا ... بىرىنچى قېتىم قول كۆتىرشىڭىز قىيىن  ، بىر شاپىلاق ئۇردىڭىزمۇ - بولدى  ، ئىككىنجى قېتىم قولىڭىز ئۈزلۈكسىز كۆتۈرلىرۋىرىدۇ  ، ، ئائىلىدىمۇ شۇنداق  ، ‹‹  سەن  - پەن ›› دىيىشتىڭىزلەرمۇ  ، ئەتىسىگە ياقىلىشىش   ، ئاندىن كېيىن ئاجىرشىش ھېچ  گەپ  ئەمەس    .
مەنبە     :      ‹‹   لەززەت    سىرلىرى   ››   ناملىق  كىتاپ    .
(   شىنجاڭ خەلق  سەھىيە نەشىرياتى نەشىر  قىلغان   )