يۈرەكنىڭ بەرگىگە ياغماقتا يامغۇر
توخسۇن ھۈسىيىن ئەلقۇت
1 --_________ دىرىزە تىكلىپ تۇرماقتا ماڭا
تەنھالىق بېتىگە شېئىر يازىمەن ،
قەلەمگە ئىچكۈزۈپ كۆز ياشلىرىمنى .
بوغۇلۇپ -بوغۇلۇپ سۆزلەيمەن يەنە ،
تۆت تامغا غېرىبلىق ، چاڭقاشلىرىمنى :
ھەي ئىسىت ... جىمجىتلا ئۆتتى ئونبەش كۈن ،
تېنىمگە مەستىخۇشلۇق تاراپ باقمىدى .
خۇمارلىق كۆزىدە باققانچە ماڭا ،
كارۋىتىم چېچىنى تاراپ باقمىدى .
دىرىزە تىكىلىپ تۇرماقتا ماڭا ،
گوياكى بىر تاتلىق گېپى باردەكلا ،
بىر ئىقىم ئاقماقتا تومۇرلىرىمدا ،
قېنىمغا مىڭ ئاتەش قۇيۇلغاندەكلا ...
2 ________ قوۋزاقلار باغرىدا تاتلىق جىلمىيىش
ئەجەبمۇ چاغ بۈگۈن يامغۇرنىڭ كەيپى ،
شاخلاردىن شاخلارغا سىرغىيدۇ مەستىخۇش .
بىر ئەزگۈ شادلىقنىڭ باراۋىتىدە
زېمىننىڭ تىنىقى ئاڭلىنار پۇش -پۇش
ھەر چىمدىم تۇپراقتا مىڭ گىياھ كۈلەر،
ھەر گىياھ لېۋىدە كۈلكە ناتىۋان .
نۇر سۆيگەن يۈرەكنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا ،
يۇيۇنۇپ پاكلىنار يېشىل ھاياجان .
بىر تىنىق ، پەقەتلا بىرلا تىنىقتا ،
توغراقلار ھۈپپىدە كەتتى ياشىرىپ
قوۋزاقلار باغرىدا تاتلىق جىلمىيىش ،
زاماندىن زامانغا چىقتى بىخ يېرىپ .
تەرلىمەكتە يۈرىكىم سىم - سىم
بۇلاق بېشى قىياقلار بىھۇش ....
مەجنۇنتاللار پىچىرلىشىدۇ .
پوتىسىنى بوشىتىپ تۇرۇپ ،
چېكەتكىلەر ۋىچىرلىشىدۇ .
چىغىرتماقنىڭ پايانى قىنى ؟
ياپراقلىرى قىرىق كوكۇلا .
قىرىق قىزنىڭ قىرىق نازىدا ،
تېپىرلايدۇ گىرىمسەن شولا .
قۇچىقىمدا يۇلتۇزلۇق ئاسمان ،
ئۇ گوياكى چەكسىز باياۋان .
پەسىللەرنىڭ قىسىلچىلىقىدا ،
بەرگىللىرى يۇيۇلغان تامام
سايىسىدا يازنىڭ بۇ ئەسنا ،
تەرلىمەكتە يۈرىكىم سىم - سىم
ئۆز - ئۆزۈمنى سۆيدۈم ئاۋايلاپ ،
تەرلەپ - پىشىپ ئاخىرقى قېتىم .
يۈرەكنىڭ بەرگىگە ياغماقتا يامغۇر
يۈرەكنىڭ بەرگىگە ياغماقتا يامغۇر ،
گوياكى خىيالدەك يىنىك تاراسلاپ .
بىر سايە كېزىدۇ ناخۇش دىلىمدا ،
ئۈگە - ئۈگىلىرىمنى تاتلىق تاراشلاپ .
ئاسمانغا بوي سوزغان بولجا تىرەكنىڭ ،
شېخىدا بىر قاغا تۇرار شۈمشىيىپ .
كوكاتنىڭ لەۋلىرى گەپ يۇقى بۇدەم ،
سىماپ رەڭ بىر ھېساپتا بارىدۇ كويۇپ .
ئىككى تەن - ئىككى روھ ، ئىككى خىل دۇنيا ،
ئارىدا سىر ھىكمەت تولۇپ ياتىدۇ .
خۇشلۇق ۋە ناخۇشلۇق ئاراچلىرىدىن ،
بىر ناخشا كۈلكىدەك پارلاۋاتىدۇ .
ئاپتۇر گۇما ناھىيە كىلياڭ يىزىلىق خەلىق ھۆكىمىتىدە
مەنبە : تارىم ژۇرنىلى 2012 يىل 4 - سانىدىن
2012 - يىل 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى