zanjir34 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 02:23 AM 
مىنڭچە ئۇ تورداش ھۆكۈمران بىلەن ئاتاماننى بىر ئادە ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىزنىڭ مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىق مەن كىچىككىنە ئەسكەرتىش بەرمەكچىمەن.
ئائىلىمىزدىكى مۇھىم ئىشلار تۈپەيلى تورغا نەچچە كۈن كىرەلمىگىنىمگە ھەقىقەتەن سىز دېگەندەك تۆھمەتلەر يېغىپ كېتىپتۇ. بۇ تۆھمەتنى يەنە كېلىپ ئاغزىدىن ئاللاھ نامىنى چۈشۈرمەي ئىنكاس يېزىۋاتقان بىر نەچچە خوتۇن كىشى يېزىپ، نۇرغۇن تورداشلار ئارىسىدا چۈشۈنەلمەسلىك پەيدا قىپتۇ.
مېنى ئاتامان يەنە باشقا كېچىك ئىسىمدا كىرىپ باشقىلارغا ھاقارەت قىلدى دېگەندەك تۆھمەتلەر مىسرانىمدىن ھالقىپ باشقا مۇنبەر يۈزىدىمۇ كۆرۈلۈپتۇ. ئەپسۇس بولارنى تولىمۇ كېچىكىپ كۈرۈپتىمەن. ئۆز ۋاقتىدىلا بۇلارنى كۆرگەن بولسام تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىپ قوياتتىم.
بۈگۈن بۇ تېمىدا يەنە مۇشۇ گەپلەر چىققان ئىكەن ، چوقۇم لايىقىدا جاۋاب بېرىشىم كېرەك دەپ بۇ گەپلەرنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئۇ خوتۇنلارنىڭ ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېچىتقۇلۇق قىلىۋاتقانلارنىڭ يازغانلىرى پۈتۈنلەي تۆھمەت.
كەمىنە تور نامىم ھۆكۈمران دېگەن ئىسىمنىمۇ نۇرغۇن تاللاش ئارقىلىق قوللانغان. كىچىك ئىسىم قوللىنىش باشقىلارنى ياللاش دېگەندەك ناچار قىلىقنى قىلىش مېنىڭ ياشاش لوغىتىمدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان. ھەم مەڭگۇ بولمايدۇ.
مەن باشقۇرغۇچى بولۇشتىن ئىلگىرىلا ھەر بىر تېمىغا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن يەنى ئەقلىمنى ھېسسىياتىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇندۇرۇپ تۇرۇپ ئىنكاس يېزىپ كەلگەن. شۇ سەۋەپ تورداشلارنىڭ تاللىشى بىلەن بۇ باشقۇرغۇچىلىقتىن ئىبارەت ئالى ‹‹ھوقۇق››قا ئېرىشكەنمەن.
باشقۇرغۇچىلىقنى ئەزەلدىن ھوقۇق ئەمەس بەلكى زىممەمگە يۈكلەنگەن ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ، قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىش بېجىرگەنلىكىم ئۈچۈن ئازغىنە مۇنبەر پۇلى ئۈچۈن ئىڭراۋاتقان بەزى تورداشلارنىڭ توھمىتىگە نائىل بولۇۋاتىمەن. ئەمما بۇنىڭدىن قىلچە ئۆكۈنمەيمەن. ئۇلار مەن ئۈچۈن ئويلىنىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ.
شۇڭا تورداشلارغا بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغىنىم كەمىنە ھۆكۈمران ئەزەلدىن مۇشۇ بىرلا ئىسىمنى قوللىنىپ كەلگەن . ئاتامان ۋە باشقىلارنى مەن پەقەت تور يۈزىدىلا ئۇچراتقان، ئۇلارنىڭ كىملىكى، يۇرتى مەن ئۈچۈن نامەلۇم. باشقىلارنىڭ ئورۇنسىز تۆھمەتلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
مەن پەقەتلا ھۆكۈمران . تور دۇنياسىدا ھېچكىمنىڭ ھېچكىمى ئەمەس.
پەقەت مەۋھۇم دۇنيادىكى مەۋھۇم ھوقۇق، مەۋھۇم ئابرۇي، مەۋھۇم بايلىقلارنىڭ ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى، نېمىنىڭ ھەقىقى مەنپەئەت ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن چاغدىلا ماڭا تۆھمەت قىلىۋاتقانلار چوقۇم ئۆز ئىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ.
شۇڭا باشقۇرغۇچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قابىليەتلىك تورداشلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىقنى ھوقۇق ئەمەس بەلكى مەجبۇرىيەت ، مەسئۇلىيەت دەپ تونۇپ ئىش بېجىرىشىنى، ئەڭ مۇھىمى باشقۇرغۇچى بولغان تورداشلارنىڭ شەخسى مۇناسىۋەتنى مۇنبەر مەشغۇلاتىغا ئارلاشتۇرماسلىقنى، ئاپتور ئىسمىغا ئەمەس تېمىنىڭ ئەھمىيىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىشىنى، ئۆزىنى مۇنبەردە ھېچكىمنى تونۇماسلىق پەقەت ئەسەرنىلا تونۇش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ ئىش بېجىرىشنى سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-8 12:46 PM