|
|
|
|
1. كومپىيۇتۇر ئادەم
بۇ كىنو 85-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا ئىنتايىن تونۇشقۇ دەيمەن! بالىلىق دەۋرنىڭ ئەڭ گۈزەل تەسەۋۋۇرى مۇشۇ كىنو بىلەن يىتىلگەن...
2.جەننەتنىڭ قەھرى
بۇ تېلۋىزىيە-تىياتىرى 95-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا ئەڭ تونۇش بولۇشى مۇمكىن! قەھرىمانلىقنىڭ ئەڭ يارقىن سىمفونىيىسى مۇشۇ تېلۋىزىيە-تىيارتىرىدا ئەكىس ئېتىدۇ...
3.پىنسىيىگە چىققان ساقچى
بۇ كىنونى تورداشلارنىڭ ھەممىسى بىلىدىغۇ دەيمەن ... بۇ فىرانسىيەنىڭ ئاتاقلىق كومىدىيە ئارتىسى لۇيى.دې.فېنىسنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ يەنە <<ساقچى ۋە تاشقى پىلانت ئادىمى>> ،<<سان پاۋلۇدىكى ساقچىلار>>،<<ساقچىلار نىيۇيورۇكتا>>،<<ساقچىنىڭ تويى>>،<<ساقچىلار ئارام ئالماقتا>>،<<ساقچىلار ۋە قىز ساقچىلار>> قاتارلىق 6 يۈرۈشلۈك كىنولىرىمۇ بار.بۇ كىنولارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرتىلىدا ئاۋاز بىرىلىپ پىلاستىنكا قىلىپ تارقىتىلغان... مەندە ھەممىسى بار...(ھىي...ھىي)
4.فان توماس
بۇ كىنومۇ يۇقارقى ئارتىس لۇيې.دې.فېنسىنىڭ بولۇپ ، يېشى 35تىن ئاشقانلارغا ناھايىتى تونۇش بولۇشى مۇمكىن... ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان كىنو...
5.ئىشخانىدىكى ئىشلار
بۇ كىنو تورداشلارغا ئىنتايىن تونۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن،ھېچ بولمىغاندا كىنو ناخشىسى شۇنداقتۇ... ئىسىڭىزگە كەلدىمۇ؟
6.تەقدىرنىڭ چاقچىقى
مۇھەببەت ھىكايىسى تەسۋىرلەنگەن بۇ كومىدىيىلىك كىنو خېلى كۆپ قىسىم تورداشلارغا تونۇشلۇق...
7.دىسكو چولپىنى
80-يىللاردا تازا قىززىپ قويۇلغان بۇكىنو ھەممە تورداشلار ئىنتايىن تونۇش!!! بولۇپ كىنونىڭ ناخشىسى... جىمى...جىمى...جىمى...ئاچا...ئاچا...ئاچا......ھىي..ھىي..ھىي...
8.تۆھمەت
مىكسىكا تېلۋىزىيە-تىياتىرى <<تۆھمەت>>نى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنۇتۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن...
9.دېدەك ئىزورا
بۇ فىلىمنى ئوخشاشلا مىكسىكا ئىشلىگەن ... ئېسىڭلارغا كەلدىمۇ؟
10.كۆۋرۈك
يۇگۇسلاۋىيە فىلىمى كۆۋرۈكنى ھەممەيلەن بىلىمىز ، كىنو ناخشىسىنى ھەتتا كىچىكلەرمۇ بىلىشى مۇمكىن...
11.كىچىك ھەيدى
ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان ئۇماق قىز ھەيدىنىڭ كىنولىرى ناھايىتىمۇ كۆپ... ھەيدىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس بۇيىل 84ياشقا كىردىغۇ دەيمەن...
12.مۇتلەق ھاكىم
كومۇدىيە ساھاسىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق چولپان چارلىز چاپلىننى پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلىدۇ دېسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز... ئۇنىڭ كىنولىرى ، يۈرۈشلۈك فىلىملىرى ھەقىقەتەنمۇ بەك ...كۆپ.....
تورداشلار مەن مۇشۇنچىلىكلا بىلىدىكەنمەن... قالغىنى ئىسىمگە كەلمىدى بولغاي... كەم قالغىنى بولسا ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلاپ بىرەسىلەر!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا QUTIZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-7 07:44 PM
|
|
|
|
|
|