مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1873|ئىنكاس: 25

زامانىمىزدىكى دىئالوگلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 02:07:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرنىڭ دىيىشگەن بەزى گەپ سۆزلىرى كىشىنى سۆيۈندۈرسە، بەزى كىشىلەرنىڭ گەپ سۆزلىرى كىشىنىڭ دىلىنى غەش قىلىدۇ. تۆۋەندە قۇلىقىمغا كىرىپ قالغان بەزى دىئالوگلارنى سىلەرگە سۇندۇم،  نېمىلەرنى ھېس قىلىپ، قانداق باھا بېرىش، كىشىلىك دۇنيا قاراش، تۇرمۇش قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك.

_: مەھەللىمىزدىكى ھېلىقى مىيىپ ياش قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلىپ كېتىپتۇ ھە؟
_: شۇنداق، يەكشەنبە كۈنلىرى ئېشەك ھارۋىسى بىلەن كىراكەشلىك قىلىپ يۈرەتتى.
_: بالاقازا كەلسە ئامال يوقدە....
_: بەرگەن رىزققا شۈكرى قىلمىدى، خۇدايا تۆۋە دەپ ئۆيىدە ئولتۇرغان بولسا مۇشۇ ئىش يوق. ناشۈكۈرلىكنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇنداق بولىدۇ.
( ئۇلار گېپىنى قىلىشىۋاتقان يىگىت، مۇشۇ مەھەللىدىكى مېيىپ دېھقان يىگىت، ئۇنىڭغا باھا بەرگىنى بولسا ئۇزۇن يىل مائارىپتا ئىشلىگەن، ھازىر پىنسىيە مۇئاشى بىلەن ياشاۋاتقان بىر پېشقەدەم مائارىپچى)

_:ئاداش، چىژلىقما، ئۆييۈڭدىكىلەر سالامەت ما، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولاپتا، نېمىش قىلىۋاتىسە ھازىر؟ توي قىلدىڭمۇ يا؟
_: مەن ياخشى تۇدۇم، بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىمەن. تېخى توي قىلمىدىم.
_: ۋىيەي، قايلا، 26 ياشقا چىرىپ توي قىلمىدىڭما؟ قايلا، مېنىڭ ھازىر ئىككى بالامبا، بىژسى ئۆيدە قاغان، ما بالام بىلەن بازاغا چىققان. مېنىڭ كەينىمدە قالدىڭ جىما، ھەي، كىيىن كۆرشىلى جىما، خوش....
_: ئالدىرماي قىلامە توينى..... ماقۇل، خوش ئەمىسە.....
(ئاۋۇ چوكاننىڭ يېشى ئاۋۇ مۇئەللىمە بىلەن تەڭ، ھازىر ئۇ چوكان دېھقانچىلىق بىلەن تېرىكچىلىك قىلىدۇ، ئاۋۇ مۇئەللىمە بولسا، ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدىلا ھازىر ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىكىلەر بايقاپ، ئۇنىڭ بىلەن شۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلىش توغرىسىدا توختام تۈزۈشكەن ياش مۇئەللىمە ئىدى).

_: مازاردىن مەدەت تىلەش شىرىك ئەمەلدۇر، ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ. ئافاق خۇجا دىگەن مۇنافىقنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغانلىق بولىدۇ.....
_: سەن كىچىك، نېمىنى بىلەتتىڭ؟ سەن تېخى پىرلىرىمغا تىل تەگكۈزگىدەك بولدۇڭما؟ يامان بولىدۇ جۇمۇ....
_: سىلىنىڭ ماڭا دىن توغرىسىدا مۇنداق سەپسەتە سۆزلەشلىرىگە سالاھىيەتلىرى توشمايدۇ، ئالدى بىلەن قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى، "سەھىھىل بۇخارى جەۋھەرلىرى" ناملىق ھەدىسنى تولۇق چۈشىنىپ ئوقۇپ ئاندىن ماڭا بۇ توغرىسىدا گەپ قىلسىلا. ئۇنداق مۇنافىققا ئەگەشسە گۇناھ بولىدۇ...
_:......ھېم! (زەردە بىلەن ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى)
(ماڭا تەنبىھ بېرىۋاتقنى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئىدى)


_: ئاداش، چۈشتىن كىيىن نىمىش قىلىسىلە؟
_: بالام ئۈچۈن كىتاب ئالغىلى بارايمىكى، بالام (3ياش ئەتراپىدا) مېنىڭ كىتاب ئوقۇپ بېرىشىمگە قەۋەت ئامراق چىكەتتى، كىتاب ئوقۇپ بەر دەپ ئادەمنى ئارامخۇدا ئولتۇرغۇزمايدۇ، ھاھا.....

(ئۇنىڭ ئايالى ئوقۇتقۇچى، ئۆزى دۆلەت كادىرى ئىدى)





مەنبە: ئىجتىمائىي تۇرمۇش.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 03:49:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
، تىما بىلەن بىر ئاز مۇناسىۋىتى بار دەپ ئويلىدىم شۇڭا ئىنكاس قىلىپ يوللاپ قويدۇم!تىما قىلىپ يوللسام ئەخلەتخانىدىن ئورۇن ئاپتۇ،ئانچە قاملاشمىغان بولسا كېرەك!

بىر كۈنى ئىتىمىنى كوچىدا ئەركىلىتىپ تۇراتتىم،تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن كىلىۋاتقان بىرجۈپ  ياش قوشنامغا كۆزۈم چۈشتى،فىرانسيە گۈزەللىرىدەك تار ھەم قىسقا كۆينەك كىيگەن،چىچىنى ئاللىقانداقتۇر بىر ئىنىق بولمىغان رەڭلەردە بويىۋالغان ئايال ،مەس بولۇپ ئارانلا مىڭىۋاتقان يولدىشىنى يۆلەشتۈرۈپ مەھەللە دوقمۇشىدىن كىرىپ كىلىۋاتاتتى. مەن ئانچە ھەيران بولمىغان نەزەردە سۇس قاراپ قويۇپ ئىتىمىنى ئەركىلىتشنى داۋاملاشتۇردۇم .
باشقىلار ئۆينى كۆتۈرۈپ كەتسىمۇ ،مۆشۈك كىلىپ قۇيرۇقىنى چىشلەپ ئوينىسىمۇ جىملا تۇرىدىغان بۇ ئىت تۇيۇقسىزلا يىقىنلاپ كىلىۋاتقان ئۇ ئىككىسگە قاراپ ،چىشلىرىنى چىقىرىپ خىرىس قىلىۋاتاتتى.توۋا نىمە كارامەت بۇ دىدىم ئىچىمدە. ھەم خىياللار ئىلكىگە خەرىق بولدۇم ،ئىتنىڭ زەنجىرى تۇيۇقسزلا قۇلۇمدىن چىقىپ كەتتى،مەن ھەرقانچە چاقىرىپمۇ توسىۋالالمىدىم،ئادەمىنى تىخىمۇ ھەيران قالدۇردىغىنى ئىت بىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا گويا ئۇلارنى ئۇسسۇلغا تەكىلىپ قىلىۋاتقاندەك قۇيرۇقلىرنى شىپاڭلىتىپ ئەركىلەۋاتاتتى،ئايال ناھايىتى بىزار بولغان تەلەپپۇزدا؛
-ماڭا ھوي ،سىڭكو. يوقۇل بۇيەرىدىن،- دەپلا ناھايىتى بىزەپ گەپلەر بىلەن ئىتىنى تىللاشقا باشلىدى ،مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك نۇمۇس قىلىدىم ،ياقامىنى چىشلەپ ،ئىتىنڭ زەنجىرىنى قولۇمغا ئالدىمىدە ئىتنى ئۆي تەرەپكە قاراپ سۆرىدىم،ئىت زادىلا ماڭغىلى ئۇنىمىدى گويا بۇ ئىككى قىرىنىدىشىدىن ئايرىلغۇسى يوقتەكلا، تۇيۇقسىز ئىت بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئۇ ئايالنىڭ ئاپئاق يالىڭاچ پاچاقلىرىغا سىيۋەتتى ،ئاپلا چوڭ ئىش چىقىدىغان بولدى دىدىمدە ئۇنى كۆچەپ تارتتىم ،ئايالنىڭ پاچاقلىرىدىن ئىقىپ چۈشۈۋاتقان ئىت سۈيدۈكى ئايالغا يۆلىنىپ تۇرغان ئەرنىڭ ئىشتانلىرىغىچە ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى.
-كەچۈرۈڭلار ،تولىمۇ سەت ئىش بولدى -دىدىدىم مەن ناھايىىتى خېجىل بولۇپ. ئۇ ئايال مەس ئىرىنى قويىۋىتىپ مەن تەرەپكە قاراپ قول شىلتىپ :
-ھۇ .ھارامدىن بولغان لامىزەللە ،سەن قەستەن قىلىدىڭ ،-بىر شاپىلاق يۈزۈمگىلا تەگىدى،تۇيۇقسز تەگگەن بۇ شاپىلاق مىنى كاڭگىرتىپ قويغان ئىدى. ئادەملەر يىغىلىشقا باشلىدى،ھەممە بىر نەرسىلەرنى دەپ پىچىرلىشۋاتاتتى ،مەن بۇنداق ئادەملەر ئوتتۇرسىدا ،كاچات زەربىسدىن قىزارغان يۈزۈمىى تۇتۇپ تۇرۇشىتىن بەكمۇ نۇمۇس قىلىدىم ۋە ئىتىنى ئىلىپ ئۆي تەرەپكە قاراپ مىڭىشقا تەمشەلدىم ،كىمىدۇر بىرىنىڭ گەپلىرى قۇلقىم تۈۋىدە:
-بىز بەك كۆپ قىتىم دىدۇق بۇ خەققە،-مەن ئىچىمىدە خەلىق بۇ خەقىنى تازا ئەيىپلەشسۇن خوپ بولدى دىدىم ،لىكىن گەپنىڭ ئاخىرى ۋە مۇلاھىزىلەر مىنى بەكمۇ ھەيران قىلدى ،تاسلا قالغان ئىدى ئۇيغۇر بولۇپ يارالغانغا زازلانغىنى.
--ئىت باقسا يامان بولىدۇ،ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ،بۇ خەقلەرنى خىلى بىر مۇسۇلمان دەپ يۈرگەن .ئىت باقىدىكەن ئەمەسمۇ. .....توۋا ئىت باقماڭلار يامان بولىدۇ دەپ جىق دىدۇق بولمىسا ،بۇ ئىتنىمۇ خالتىغا سولاپ بىر قانچا قىتىم يىراققا ئاپىرىپ تاشلىۋەتتۇق ،يەنە قايتىپ كىلىۋاپتۇ دىمەمسىلەر ، ئىت سۈيدۇكى تەكگەن ئىشتانداناماز ئوقۇش ھارام،ئىت پۇراپ قويسىمۇ.....بۇنداق ئىت بىقىپ مەھەللمىزگە پەرىشتە يىقىن كەلتۈرمەيدىغان بولۇشتى بۇ خەق ،....ھە شۇ گەپ ،پەرىشتىلەر كەلمىگەچكە بىز خەقتە بەركەت يوق.ھالىمىز شۇ،......
ئىتىنى ئادەملەر توپىدىن يۈتلەپ ئەپچىقتىم ،ئالدىمىدا تۇرغان بۇ تىلسز جانىۋار راستلا شۇنچە چوڭ گۇناھلارنىڭ سەۋەبچىسمدۇ؟اللە ياراتقان بۇ ھايۋاننى غۇبارسىز ،پاك دەپ ئويلايتىمغۇ؟ئادەملەر ئۇ ئىككى ئىتتىنمۇ بەتەر مەخلۇقنى ئۇنتۇشقان،كونا سەنەم بويىچە يامان بولدۇلارنى باشلىغان ئىدى...... ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇمدە بۇ ئىتىقا بولغان ئامراقلىقىم ھەسسلەپ ئاشتى ،چۈنكى مەن بىر ھەقىقەتىنى، يەنى بەزىدە ئىنسانلار بىر ئىتچىلىك بولالمايدىكەن دىگەننى تونۇپ يەتكەن ئىدىم!.....

، تىما بىلەن بىر ئاز مۇناسىۋىتى بار دەپ ئويلىدىم شۇڭا ئىنكاس قىلىپ يوللاپ قويدۇم!تىما قىلىپ يوللسام ئەخلەتخانىدىن ئورۇن ئاپتۇ،ئانچە قاملاشمىغان بولسا كېرەك!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-7 03:57 PM  


ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10341
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3032 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 04:10:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەمدى بۇ تېمىغا نېمە دىگۈلۈك ؟؟؟

جەمئىيەت دېگەندە ھەر خىل ھەرخىل ھەر ياڭزا ئادەملەر بولىدۇ. بۇخىل ئادەملەر ھەممەمىللەت ھەممە دۆلەت ھەممە جايدا چۇقۇم مەۋجۈت ، پەقەت بۇخىل ئادەملەر بولغاچقىلا سەمىمىي ، ئاقكۆڭۈل ئادەملەر كۆزگە روشەن چېلىقىپ تۇرىدۇ.

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20197
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2262 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 04:38:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 04:40:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئادەملەرنىڭ ئۆسۈپ - يىتىلىش مۇھىتى ، ئائىلە تەربىسى ، خاراكتىرى ، مىجەزى  ئوخشاش بولمىغاچقا ئوخشاش بىر ئىشقا كۆز قاراشلىرى ھەر خىل بولىدۇ ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 04:42:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat110 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-7 03:49 PM
، تىما بىلەن بىر ئاز مۇناسىۋىتى بار دەپ ئويلىدىم شۇڭا ئ ...

    ئەمىسە خوشنىلىرىڭىز « قىزىم ساڭا ئىيتاي ، كىلىنىم سەن ئاڭلا » دىگەندەك يول تۇتقان ئوخشايدۇ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 04:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76525
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3079
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-2-25
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 05:42:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13701
تۆھپە نۇمۇرى: 2034
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 05:48:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسسمىم  مايسىخان 35 ياش ، خوتەندىن . مەن توي قىلغىلى توققۇز يىل بولغان بولسىمۇ ، ھامىلدار بولالمىغاندىم ، دوختۇرخانىدا تەكشۈرەتسەم ، كىسەللىك سەۋەبى ناھايتى ئىنىق ئىدى ......................... داۋالىنىش ئىشەنچەمنى يوقاتقان ئىدىم ئۈرۈمچى تۇغماسلىقنى داۋالاش  مەركىزى ش ش دوختۇرخانىسىدىكى ۋاڭ دوختۇر منى قايتىدىن ئانا بولۇشقا ئىگە قىلدى ۋاڭ دوختۇرغا  رەھمەت  ھەشقاللا  مەن چۈشۈمدىمۇ بۇكۈننى كىلەر دەپ ئويلىمىغان ئۇ راسلا داڭلىق دوختۇركەن بۇرۇنراق بارسام بولۇپتىكەن ............. ئىرىممۇ خۇش بولدى شۇ دوختۇرخانىدا نەسىللىنىپ كەلدىم ....................... پەقەت توغرا داۋالاش ئۇسۇلى بولسىلا ھەرقانداق ئۇرۇغدىن بالا بولىدىكەن ھا ھا ھا  تۇغماسلىق كىسىلنى داۋالىغىلى بولىدىكەن كۆپ خوتۇنلار ئۇرۇمچىگە بىرىپ  پالانى دوختۇرخانىدىكى تۇغماسلىقنى داۋالايدىغان ۋاڭ دوختۇر بىلەن خۇي مۇدىرغا تەكشۇرتىپ كەلسىكەن دىگەن ئۈمۈدىم بار بۇلارنىڭ ياردىمىدە بالىسىنىڭ كۈلكە ئاۋازىنى بالدۇرراق ئاڭلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .
مانا  بۇمۇ  بۇ تىمىغا لايىق كىلىدىغان ئاجايىپ پااراڭلار   نېمىنى ھىس قىلدىڭلار تورداشلار ؟؟؟؟

ئىمىنجان ھىدايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7886
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2028 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 05:55:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنجى   دىئالوگقا   بولغان  قارىشىم  _   مەكتەپ  ،  مائارىپ  تەربىيسى  ،  كىتاب  
بىر  ئادەمنىڭ   تالانىت  ،  ئەخلاق  ،  كىشىلىك  مۇناسىۋەت  ،  ئىقتىدارىنى  ئۆلچەيدىغان
ئۆلچەم  ئەمەس  ...

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش