نىم دىسەم بولار
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مالىم ،
_ ۋەئەلەيكۇم سالام .
_ تورغا چىققانما ؟ ،
_ ياقەي ، بەك چارچاپ كىتىپتىكەنمە ، ئارام ئىلىپ ياتقانتىم ،
_ چ چ رىڭىزدىن ئۇچۇر كەپتىكەن ، << بارمۇ دەپ >> ، ئۇچۇر قايتۇرسام جاۋاپ يوق ، سىز ئاچمىدىڭىزما ؟ ،
_ توۋا دەڭە ، ئۇخلاۋاتقانتىم ،
_ ھىم ، ئەمسە ئارام ئىلىڭ ،
_ سىزمۇ شۇ ئاللاغا ئامانەت .
_ ئاللاغا ئامانەت .
<< توۋا چ چ رىمنى چىم ئاچقاندۇ ؟ >> دىگەنلەرنى ئويلىغاچ ، سائەتكە قارىسام ،سائەت دەل 11 بوپتۇ ، شىركەتتىن ئىستىپا بەرگەندىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىنى قىلغاچ ياخشى ئارراممۇ ئىلىۋاپتىمەن ، يۇقۇرلاپ كەتكەن كۆزۈمنىڭ بىسىمىمۇ ئەسلىگە كەلگەنىدى ،
ئەتتىگەنلىك نامازغا تۇرۇپ تاھارەتنى ئىلىپلام مەسچىتكە ماڭدىم ، سائەت 2:45 لەت ئۆتكەن بولۇپ ، تۇيۇقسىز ، يىقىن دوستۇم ئابدۇسەمىگە ۋە رۇقىيەگە تىلىفۇن قىلغۇم كەپ كەتتى ، نىمىشقىكىن ئۇخمايمەن ، ئۇلارنىمۇ نامازغا ئويغۇتۇپ قويۇشنى ئويلىغان ئىدىم ، ئەمما ئىلگىرى بۈگۈنكىدەك بۇنداق تىلىفۇن قىلغۇممۇ كەلمىگەن ، ھەم قىلىپ كەتمەيتىم . ئەمما تىلىفۇنۇمنى ئابدۇسەمى بىسىۋەتتى ، شۇنىڭ بىلەن رۇقىيەگىمۇ ئۇرغۇم كەلمىدى ، كۆڭلۈمدە << قىزبالا بولغانكىن ، نامازدىن چىقىپ قىلاي >> دىگەنلەرنى ئويلۇدۇمدە مەسچىتكە كىرىپ كەتتىم ، ئەمما ئۇ ئىككىيلەن خىيالىمدىم كەتمىگىنىدى .
مەسچىتكە كىرىپ ياشانغان ، مىيىپ ياكى ئورنىدىن ئۆرە تۇرالمايدىغانلار ئۈچۈن ئوڭ يان تامغا يىقىن قىلىپ ياسالغان ئورۇندۇقلۇق ئۈستەلنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا كىلىپ << سۈرە ۋاقىئە >> نى ئوقۇۋاتىمەن ، كەينىمدە بىر كىشى بولسا تامغا يۆلەنگەنچە تەسپىھ سىيرىماقتا ،
تۇيۇقسىز سىرتتا تۆمۈلەرلەرنىڭ سىلكىنگەن ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى ، ئارقىدىن ئاۋازلار كۈچىيىشكە باشلىدى ، كۆڭلۈمدە بوران چىققان بولسا بەلكىم شۇ بوراننىڭ تەسىرىدە شۇنداق بولغان بولسا دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم .
سائەت 3:05 مىنۇت ئۆتكەن بولۇپ ، مەن يەنىلا زىھنىم بىلەن قۇرئان ئوقۇۋاتقان ئىدىم ، ئوقۇۋاتقاچ << سۈرە ۋاقىئە >> دىكى << زەققۇم >> دىگەن خەتنى ئوقۇپ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئەسلەپ قالدىم ، ئىلگىرى مۇشۇ سۆزنى بىريەردە ئوقۇغانداق قىلاتتىم ، خۇددى بىرى قۇلۇقۇمغا تولىمۇ سۈرلۈك << زەققۇم ، زەققۇم ، زەققۇم >> دىگەندەك بىلىنىۋاتاتتى ،
مەن ئولتۇرغان ئۈستەل مىدىرلاشقا باشلىدى ، كۆڭلۈمدە يىنىمدىكى ئادەم مىدىرلاتقان ئوخشايدۇ دەپ كەينىمگە قارىشىمغا ، پۈتۈن مەسچىتتىكى جامائەتلەر : << لائىلەھە ئىللەلاھۇ مۇھەممەدەررەسۇلۇللاھ >> دىگىنىنى ئاڭلاپلا يەر تەۋرىگەننى سەزدىم ، شۇ زامان خىيالىمغا ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىم يادىمدىن كەچتى ، قورقۇنۇش ، بۇ قورقۇنۇش يەر تەۋرىگەنلىك سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكى قىىلغان گۇناھلىرىمنىڭ قورقۇنجىلىرى ئىدى ، ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىمنىڭ قورقۇنجىسى ئىدى .
ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ھىلىمۇ ، 2002 يىلى تولۇقسىزدىكى ۋاختىمدا سىنىپتىكى ئۈستەللەر تاراقشىپ كەتكەندە ھەممىز مۇئەللىمگە قاراپمۇ قويماي 2-قەۋەتتىن پەسكە ئۇدۇل چۈكەن ئىدۇق ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن ئاشقان بولۇپ مەكتەپ مۇدىرى پۈتۈن بالىلارنى كانايدا مەكتەپ ئوتتۇرىغا تىزىپ ئەتە كىلىشنى ئىيىتقانىدى . بىزشۇنداق خۇشال بولۇپ كەتكەنىدۇق . ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس .
قۇرئاننى سۆيدۈم ۋە يەنە ئوقۇشقا باشلىدىم .
<< سۈرە ۋاقىئە >> نى ئوقۇپ بولدۇم ۋە سەپ قاتارىغا بىرىپ << تۆۋە ئىستىغفار >> ئوقۇدۇم ، كاللامغا ئابدۇسەمى ۋە رۇقىيەلەر كىلىۋالدى ، تۇيۇقسىز قۇلۇقۇمغا بىرسى << زەققۇم ، زەققۇم ، زەققۇم >> دىگەندەك ، دىگەندىمۇ شۇنداق سۈرلۈك ھالەتتە دىگەندەك .
ناماز ئوقۇلۇپ بولۇندى شۇنداق قورقۇنجى ئىچىدە ، يەرتەۋرىگەندە كەچكەن خىياللار كاللامنى ئىگىلىۋالغان ئىدى . سىرىتقا چىقىپ ، رۇقىيەگە تىلىفۇن قىلدىم ، ئەمما ئىتىك ، تۆۋە ئۇلارنىڭ ئىسىمدىن مۇشۇنداق ۋاقىتتا كەچكىنى تولىمۇ ھەيران قالارلىق .
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش تىچمۇ ؟
_ ۋەلەيكۇم سالام ئاداش ، خۇداغا شۈكرى ،
_ تىلىفۇن قىلسام بىسىۋەتتىڭ ئەتتىگەن ، _ دىدىم كۆڭلۈمدىكىنى بىلدۈرۈش مەخسىتىدە ،
_ ئۇنداق ئەمەستۇ ،
_ راس ، ئاداش كەچتە ۋاقىتىڭ بولسا مارى بىروۋوندا كۆرۈشەيلى .
_ بولىدۇ .
بىز شۇنداق دىيىشىپ خوشلاشتۇق ، نىمىشقىكىن خيالىمدىن << زەققۇم >> دىگەن سۆز نىرى كەتمەيىتتى ، خۇددى بىرى ھىلىمۇ قۇلۇقۇمنىڭ قىشىغا كىلىپ ، شۇنداق سۈرلۈك ھالەتتە << زەققۇم ، زەققۇم ، زەققۇم >> دەۋاتقاندەك ، بۇ خەتنىڭ مەنىسى بىريەردە كۆرگەن ، ئەمما نەدە كۆرگەنلىكىم ۋە نىمە مەنىسى بارلىقىنى ئىسىمگە ئالالمىدىم ، شۇنداق قىلىپ ئانامغا تىلىفۇن قىلدىم .
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا ،
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام ،
_ قانداق نىمىش قىلىپ تۇردىڭىز ،
بىر قىسقىچىلا پاراڭلىشىپ ئەتتىگەن يەر تەۋرىگەنلىكىنى دەپ بەردىم ۋە ئانامغا كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىم .
_ ئانا << زەققۇم >> دىگەن نىمە ؟ .
_ قانداق چۈشىڭىزگە كىرىپ قاپتۇمۇ ؟ يا ئاشۇ توغۇرلۇق بىرە چۈش كۆردىڭىزما ؟ ،
_ ياق قۇرئاندا كۆرگەنتىم ، شۇ مەنىسى سورۇشۇم ،
_ << زەققۇم >> دىگەن دوزاختا بولىدىغان ، زەھەردىن ئاچچىق ، چوڭلۇقى ئىشەكنىڭ بىشىدەك بولىدىغان بىرخىل مىۋە .
_ ھە ، ئەمسە تىلىفۇن قويۇۋەتتىم ، ئۆزلىرىنى ئاسرىسىلا ، ئاللاھقا ئامانەت .
تىلىفۇننى قويۇۋەتتىم ، مەنمۇ مەنىسىنى شۇنداق كۆرگەنلىكىم ئىسىمگە كەلدى ، تىنىم شۈركۈنۈپ كەتتى ، ئەتتىگەن ناماز ئوقۇۋاتقاندا ، ناماز ئوقۇۋىتىپ ئۆلۈپ كەتسەم ... دىگەنلەرمۇ خىيالىمدىن كەچكەن ئىدى .
كەچتە ئابدۇسەمى بىلەن كۆرۈشتۈم ، رۇقىيەمۇ بىللە كەلگەن ئىدى ، ئەتتىگەن ئۇلارغا ئۆزۈمچىلا قاتتىق تىلىفۇن قىلغۇم كەلگەنلىكىنى دەپ بەردىم ، ئابدۇسەمى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ :
_ رەھمەت ئاداش ، ئەتتىگەن نامازغا تۇرۇپ تاھارەت ئىلىپ ماڭسام تۇيۇقسىز يەر تەۋرىدى ، فىرقەت ( بىرگە تۇرىدىغان ياتاقدىشى ) ئويغۇنۇپ كىتىپ شۇنداق قورقۇپ كەتتى ، ئۇ : << ئاداش ئەمدى قانداق قىلىمىز >> دىگەنتى ، ئاداش خۇدايىم بار قورىقما دەپ ،
_ ئەتتىگەن تۇرۇپ نامىزىمنى ئوقۇپ ، تامىقىمنى يەپ بولۇپ ، ئىشقا ماڭاي دىسەم ئاپام << كىچىدىن يەر تەۋرەپ چۈش كۆرۈپتىمەن دىگەنتى ، شىركەتكە كىلىپ توردىن يەر تەۋرىگەنلىكىنى كۆرۈپ بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كەلدى ئاپامنىڭ گىپىگە ، بىر تۇرۇپ قورقۇپ كەتتىم . _ دەپ گەپ قىستۇردى رۇقىيە .
_ ئەتتىگەن چچ رىمدا سىزگە نىمدەپ ئۇچۇر كەپتۇ _ ، دەپ سورۇدۇم رۇقىيەدىن .
_ شۇ << بارمۇ >> دەپ ئۇچۇر كەپتۇ ، ئۇچۇر قايتۇرسام جاۋاپ يوق ، شۇنىڭ بىلەن سىزگە تىلىفۇن قىلىشىم ، چچ رىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى كىم ئۇقاتتى ،
_ ھىچكىم ئۇخمايتى .
ئۆيگە قايتىۋاتىمەن ، كۆڭلۈمگە 5 ئاي ئىلگىركى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار كەلدى ،
ئۇ ۋاقىتتا مەن خوتەنگە مەلۈم ئىشلار سەۋەپلىك بارغان بولۇپ ، بىركۈنى كەچتە تورخانىغا كىردىم ، سائەت 9 لەر ئەتراپىدا ئىدى . توردا يىقىن قېرىندىشىم مۇھەممەدنىڭ چچ رى يورۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭغا پىنيىنچە << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >> دەپ ئۇچۇر قىلدىم . ئەمما ئۇ خەنزۇچە خەت قايتۇردى . مەن ئۇنىڭغا كۆرۈنمە چاستوتا ئەۋەتتىم . دوستۇم مۇھەممەد مىنىڭ ئەڭ يىقىن قىرىندىشىم بولۇپ ، ھازىر چەت ئەلدە ئىدى .
كۆرۈنمە چاستوتا ئۇلاندى . مۇھەممەدنىڭ چىرايىمۇ كۆرۈندى ، ئەمما ئاۋازى يوق ، مەن ئۇيغۇچە مەنەدە پىنيىنچە خەت يازسام دوستۇم خەتنى خەنزۇچە يىزىشنى ئىيىتتى ، شۇنداق قىلىپ بىرقۇر ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ماڭا پۇل سەپ بىرىشنى ئىيىتتى ، سەۋەبىنى سورۇمۇدۇم ، ھەمدە قانچىلىق ئىكەنلىكىنى سورۇدۇم ، 2000 مىڭ كوي دىدى دوستۇم ، ماقۇل دەپ بانكا كارتا نۇمۇرىنى سورۇدۇم ،
6228481822516407612 : 收款人名称 :吴冠胜 农业银行
كۆرۈپلام خەنزۇنىڭ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ۋە سەل ھەيران قالدىم . ئەمما كۆرۈنمە چاستوتىدا دوستۇم كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن پۇل سىلىش ئۈچۈن تورخانىدىن چىقىپ كەتتىم ، ئەمما ھەيران ئىدىم پۇل سەپ بەرمەكچى بولغۇنۇم 吴冠胜 ئىسىملىك ئىدى .
يولدا ماڭغاچ ئۇنىڭ قىز دوستىغا تىلىفۇن قىلىپ مۇھەممەدنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى سورۇدۇم ، مۇھەممەدنىڭ قىز دوستى ماڭا سەل تۇرۇپ ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بىرىدىغانلىقىنى ئىيىتتى .
ئەتىسى مەن خوتەندە زادىلا خەلىقئارالىق تىلىفۇن تاپالمىدىم . ئاخىرى تورخانىغا كىرىپ مۇھەممەدكە ماڭا چوقۇم تىلىفۇن قىلىشنى ئىيتىپ ئۇچۇر قالدۇردۇم .
ئالاھەزەل 5 سائەتلەردىن كىيىن باشلىمى 00 بىلەن باشلانغا نۇمۇردىن تىلىفۇن كەلدى
_ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،
_ ۋەئەلەيكۇم سالام .
بىرقۇر ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن مەن پۇلنىڭ گىپىنى چقاردىم ، دوستۇم ھەيران قالدى ، مەن ئاخشام توردىكى ئەھۋاللارنى دەپ بەردىم دوستۇم راسلا بەك ھەيران قالدى .
ئىش ئايدىڭلاشتى ، شۇكرى خۇدايىم .
مانا مۇشۇ ئىشلارنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزدۈم ، مىنىڭ چچ رىممۇ شۇنداق بولغاندىمۇ ؟ .
فەرىدەگە تىلىفۇن قىلدىم ئالمىدى ، يەنە قىلدىم يەنە ئالمىدى ، ئۇچۇرقىلدىم جاۋاپ يوق ،
ئۆيگە كەلدىم ۋە يەنە فەرىدەگە تىلىفۇن ، ئۇ تىلىفۇننى ئالدى ئەمما شۇنداق قوپال ، ئەزەلدىن ماڭا مۇنداق قوپاللىق قىلمايىتتى . نىمە ئىشلىقىنى سورۇسام دەپ بەرمىدى . كۆڭلۈمدە بىرەسى چچ رىمدا قالايمىقان گەپ قىلغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئۇ ئىشلارنىمۇ سورۇدۇم ئەمما ئۇنداق بولمىغانلىقىنى دەپلا قويۇۋەتتى .
ئەتىسى چچ رىمنى ئىچىۋىدىم راسلا چچرىمىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئىچىلغانلىقىنى ھىس قىلدىم ئىچىدىكى ئادەملىرىمنىڭ ئورنى مەلۈم جەھەتتىن ئۆزگەرگەن ئىدى ، << يىقىندا ئالاقىلاشقانلار >> قاتارىنى ئاچتىم ، ساپلا مەن ئانچە ئۇچۇرلاشمايدىغان ئادەملەر ئۈستى تەرىپىدە تىزىلىپ كەتكەنىدى .
ئىشقىلىپ خىلى يەرلىرى ئۆزگەرگەن ئىدى . ھەتتا << ئوت يالقۇنىدىن ئۆتۈش >> خەنزۇچە : 穿越火线
دىگەن ئويۇنغا 1 ھەپتىلىك كىرىشىم چەكلەنگەنىدى .
<< ھەي فەرىدەگە نىم ئۇچۇر قىلغاندۇ چچ رىمنى ئاچقۇچى ، يا ھىلىقى مۇھەممەدنىڭ چچ رىنى ئاچقۇچىغا ئوخشاش پۇلنىڭ گىپىنى قىلغانمىدۇ >> . مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ فەرىدەگە يەنە تىلىفۇن قىلدىم . ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىر توردا ئىكەنلىكىنى ئىيىتتى . مەن ئۇنىڭغا توردا كۆرۈشۈشنى ئىيتىپ كۆرۈنمە چاستوتا يوللۇدۇم ، ئەمما ئۇ ماڭا سۆزلەشكۈچتە پاراڭلىشىش توغۇرلۇق ئۇچۇر قىلدى ۋە سۆزلەشكۈچنى ئەۋەتتى . ئۇ يەنىلا شۇنداق توڭ ھالەتتە ئىدى . سەۋەبىنى يەنىلا ئۇقالمىدىم .
ئۇنىڭ بىلەن توردا تونۇشقىلى 5 ئايدىن ئاشقان بولۇپ ، گۇاڭجۇدىكى مەلۈم بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيتى . رۇقىيە بىلەن ئىككىسىنى دوسلاشتۇرۇپ قويغانىدىم ، سەۋەبى ئۆزۈمنىڭ قانداقلىقىمنى ئۆزۈم دەپ بىرىشىم ھاجەتسىز .
رۇقىيە بىلەنمۇ ئاۋۋال توردا تونۇشقان ئىدىم .
رۇقىيەگە تىلىفۇن قىلىپ فەرىدە بىلەن بولغان ئىشلارنى دەپ بەردىم ۋە بەلكىم فەرىدەگە بىرەسى چچ رىمدا قالايمىقان ئۇچۇر قىلغان بولۇشى ئىھتىماللىقىنى دەپ بەردىم ۋە ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلىپ بىقىشنى ئىيىتتىم . رۇقىيە ماقۇل بولۇپ قويۇۋەتتى .
مەن ئىككىلى چچ رىمنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئۆزگەرتتىم . قىززىق ئىلگىرى دائىم ئىككى چچ رىمدا تورغا چىقسام داۋاملىق بىرىدە << مەخپىي نۇمۇرنى ئۆزگەرتىش >> مەزمۇنىدا ئۇچۇر چىقاتتى ، مەزمۇنىدا بىرىنىڭ چچ رىمنى ئاچقانلىق مەزمۇنى بار ئىدى ، قانچە قىتىم ئۆزگەرتسەممۇ تورغا چىققان ھامان شۇ مەزمۇن چىقىۋالاتتى ، ئەمما بۇ مەزمۇن ئىزچىل پەقەت بىر چچ رىمدىلا چىقىۋالاتتى . ئەمما ئىچىدىكى مەزمۇنلاردا ھىچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمايتتى ، بۇقىتىم رۇقىيەگە ئۇچۇر قىلغىنى بۇ چچ رىم ئەمەس ئىدى ، ئۇنى ئادەتتە ئاچسام ئۇنداق مەزمۇنلار يوق ئىدى .
تورغا چىقىۋاتىمەن ، يەنە يىنىك دەرىجىدە يەر تەۋرەش بولدى . چچ رىمنىڭ تەكشۈرۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز چچ رىمدا ئۆزۈمنىڭ چچ ھويلامغا سىرىق مەزمۇن يوللانغانلىقىنى كۆردۈم ، شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى . تىخى بەزەن ئورۇقلىتىش دورىلىرى مەزمۇنىدىكى ئىلانلار ۋە رەسىملىرىنىمۇ كۆردۈم . ئىلگىرى مەن بۇنداق مەزمۇن يوللىغان دوسلۇرۇمنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالاتتىم ، << توۋا ما ئاغىنەمنى ئۇنداق قىلماس دىسەم >> دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم . ئەمدى بولغاندا ھىس قىلدىمكى بۇنى چچ ئىگىلىرىنىڭ ئۆزى يوللىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم .
( چچ ھويلامغا يوللانغا رەسىملەرنىڭ قىسمەن يىرىنى ئاقارتىۋەتتىم ، ۋە بەزىلىرىدىكى سىرىق رەسىمنى يۇيۇپ پەقەت شۇ رەسىمگە چاپلانغان تور ئادىرسىنى چىقىرىپ قويدۇم ، بۇنىڭدا شۇ توربەتنى قۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ . )