دىل كۆكۈمدە پارلىغان چولپان ئۆزۈڭ،
ئاھۇ كۆزۈڭ جاننى ئالدىغۇ دىلبەر.
كۆيگىنىمنى بىلمەيسەن بەلكىم،
سەن ھالىمدىن بىخەۋەرسەن،بىخەۋەر.
تىرىشقىن ،تىرماش ئىگىلە بىلىم،
بىلىم ئۇ تۈگىمەس بايلىقتۇر ھامان.
ئويۇننى بىلىمدىن مۇھىم دەپ بىلىپ،
ياشلىقنى ئۆز قولۇڭدا قىلمىغىن پايخان.
مىسرانىم ھەممىگە بەرگەچ خۇشاللىق،
سۆيۈندى ئۇنىڭدىن بارچە ئەل –ئاۋام.
ئىجىل –ئىناق ئۆتسەك مۇنبەردە.
دىللار شادلىنىپ بولاتتى بايرام.
ئەسكەرتىش : يۇقارقى ئۈچ كۇبلىت شېئىر ئايرىم مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان شېئىرلاردۇر، مۇشائىرە قائىدىسى كۇبلىتلارنىڭ ئاخىرقى مىسراسى باش مىسرا قىلىنىپ باشلىنىدۇ،ئەگەر باشقا شەكىل،باشقا مەزمۇندىكى شېئىرلارنى يېزىپ بېقىشنى خالايدىغانلار بولسا ئۇنىڭغىمۇ مەرھەمەت،چۈنكى مۇنبەر ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئۈنچىلىرىنى چاچىدىغان سورۇن.....
قېنى ئەمسە ، مەرھەمەت...مېنى نائۈمىتتە قويمىغايسىلەر.....
مەنبە : كۆڭۈل ئۈنچىلىرىم