|
|
|
|
خان مادرىت كۇلۇبى بالداقسىمان ئەترەت تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باشنارارەتچىسى، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى فېرناندو ۋە خېڭدا مادرىتپۇتبول مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق كىشىلەر ئۈرۈمچى ۋە سانجى شەھىرىدەياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولىغا قارىتا ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇلارتەكشۈرۈش داۋامىدا بالىلاردىن پاس، توپ ئېلىپ مېڭىش، توپنى كونترول قىلىش، ۋارتاغاتوپ ئۇرۇش ۋە ئەمەلىي مۇسابىقىدىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈر بويىچە سۈرئەت، كۈچ،چىدامچانلىق، ماسلىشىشچانلىقى، ئېلاستىكىلىقى ۋە ئەقىلىي قابىلىيىتىدىن ئىبارەتئالتە تەرەپتىن سىناق ئېلىپ ئاخىرىدا40 نەچچە ئۆسمۈر خېڭدا مادرىت پۇتبول مەكتىپىنىڭشىنجاڭدىكى تۇنجى سىنىقىدىن ئۆتتى.
سىناق ئېلىش ئارقىلىق ئۇلار مۇخبىرغا بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپنۇرغۇن تۆۋەن ياشتىكى بالىلارنىڭ ناھايىتى ياخشى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئېگىزسەكرەش ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، يەنە ناھايىتى شوخ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئىپادىلەشئىستىكىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىمۇنەۋۋەر توپچى بولۇشتىكى يوشۇرۇن ساپا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ھەقتىكى خەۋەر چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، توققۇز ياشلىق كىچىكئۈمىد يۇلتۇزى مىسراننىڭ شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ خېڭدا مادرىت پۇتبولمەكتىپىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۋالغان خەۋىرى تارقالدى. بۇ خەۋەر جۇڭگو ۋەئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنى قوللايدىغان بارلىق كىشىلەرنى ئالەمچە خوش قىلىۋەتتى.ئىشىنىمىزكى، كىچىك پۇتبولچىمىز ۋە بىزنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىمىز مىسران ئۆزتىرىشچانلىقى بىلەن شەرەپ قۇچۇپ جۇڭگو پۇتبولچىلىقى ۋە بىزنىڭ پۇتبول ئارزۇلىرىمىزنىڭئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشىدۇ.
بىز مىسرانجاننى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان ئاتا-ئانىسى ۋە ئۈچيىلدىن بۇيان قەھرىتان سوغۇق ۋە تومۇز ئىسسىققا قارىماي ئۇنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەنتېرىنىر مىرزاكىمغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز .
ھۇررا مۇنبىرىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا genius220 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-7 12:56 PM
|
|
|
|
|
|