مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 720|ئىنكاس: 23

بىز ماڭغان يولدا ماڭماڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىز ماڭغان يولدا ماڭماڭلار
ئەكبەر جاپپار دەردى

ــــ بىر زەھەر چەككۈچىنىڭ بايانى

ئەقلىمگە كەلسەم، دادام ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەھەرنىڭ ئاۋات بىر كوچىسىدا ئاشخانا ئاچىدىكەن. بىز ئولتۇرغان ئۆيدىن باشقا شەھەر ئىچىدە ئىككى يەردە ئۆيىمىز، خېلىلا كۆپ ئىقتىسادىمىز بار ئىدى. بىز ئۈچ بالا ئىدۇق. بىر ئاكام، بىر ئىنىم بار ئىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا چىققان چېغىمدا، ئاكام تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزدى. ئاكامنىڭ ئوقۇشقا رايى بولمىغاچقا دادام ئۇنى ئاشخانىدا ئىشلىتىشكە باشلىدى. مەنمۇ كەپسىز بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ دەرسلەرگە تازا قىزىقماس بولۇپ قالدىم. ئاتا –- ئانىسى تىجارەت قىلىدىغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەكتەپتىن كېچىپ، تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەندىمۇ مەكتەپتە ئوقۇماي تىجارەت قىلىش ئويى تۇغۇلدى. بىر كۈنى بۇ ئويۇمنى ئانامغا دېدىم:
- بالام، ئاكاڭنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولمىغانلىقى ھەم بىرەر بالىمىز ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلسۇن دەپ ئويلىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالدۇق. زامان كۈندىن –- كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بىلىم بولمىسا كۈن ئېلىش تەس بولىدىغان كۈنلەر كېلىۋاتىدۇ. ئاكاڭنى ئوقۇتالمىغىنىمزمۇ يېتەر، داداڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۇكاڭ بىلەن سېنى ئالىي مەكتەپلەردە، بولسا چەت ئەللەردە ۋايىغا يەتكۈچى ئوقۇتايلى دېيىشتۇق، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچى بولما، ئۇكاڭغىمۇ تەربىيە قىل، ئۇمۇ يوقىلاڭ خىياللارنى قىلمىسۇن، ھەر ئىككىڭلار كەلگۈسىدە چوقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولىمىز دېگەن نىشان بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىڭلار، - دېدى ئانام.
ئاغزىمنىڭ ئۇچىدا ھە دەپ قويغان بولساممۇ، نېمىشقىكىن ئوقۇشقا تازا قىزىقمىدىم، بارا – بارا نەتىجىلىرىممۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىقىدىغان ۋاقتىمدا، ئۆيدىكىلەر ئىككى يەردىكى ئۆينى سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچىدە ئاشخانا ئاچىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ شۇ يەردە ماكانلىشىپ قالدۇق. ئانام بىر نەچچە كۈن قاتراپ يۈرۈپ مېنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا، ئۇكامنى بىرىنچى يىللىقىغا ئورۇنلاشتۇردى. دادام ئاۋات بىر كوچىدىن خېلىلا چوڭ ئاشخانىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ تىجارەت باشلىدى. ئاشخانىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى. دادام دائىم ئۇكام بىلەن ماڭا:
- بالىلىرىم، پۇلنى مەن گۆرۈمگە ئېلىپ كەتكىلى ئەمەس، بەلكى سىلەرنى كەلگۈسىدە ياخشىراق كۈن كۆرەرمىكىن، دەپ تىپىۋاتىمەن. ئاكاڭلارغۇ ئاخىرىغىچە ئوقۇيالمىدى، شۇڭا سىلەر چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇڭلار، - دەيتتى.
دادام قانداق ۋاقىتتا پۇل دېسەك بېرەتتى. كىيىملىرىمىز پۇزۇر، يېمەك – ئىچمىكىمىز مول ئىدى. ئوقۇشۇم باشتىن –- ئاخىر ياخشى بولمىغاچقا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىدىم. ئاتا –- ئانامغا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىپ ئۆزۈمنىڭ چىقىش يولىنى تاپاي دېسە ماقۇل بولۇشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش كۇرسىغا قاتناشتىم. ئۇكامنىڭ ئوقۇشىمۇ ياخشى بولمىغاچقا، مەندەك ئاقىۋەتكە قالماي دېدىمۇ قانداق، ئۆيدىكىلەر شۇنچە تەربىيە قىلسىمۇ ئۇنىماي مەكتەپتىن چىقىۋالدى. ئۇ بىر مەزگىل بىكار يۈرگەندەن كېيىن دۇكاندىن بىرنى سېتىۋېلىپ كىيىم – كېچەك تىجارىتى قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ سودىسى يۈرۈشۈپ خېلى كۆپ پۇل تاپتى. چەت ئەل تىلى كۇرسىدا ئوقۇش جەريانىدا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ قالدىم. ئۇلارنىڭ تەسىرىدە دەسلىپىدە تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشنى ئۆگەندىم. كېيىن كۇرسقا بارىمەن دەپ دادامدىن پۇل ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، كۇرسقا بارماي ئويۇن -– تاماشا بىلەن كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم. بىر كۈنى يېڭىدىن تونۇشقان بىر دوستۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ئۇنىڭ دوستى بىر نەچچە قىزلار بىلەن ئولتۇرۇش قىلىۋېتىپتىكەن. بىز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار «باشلامدۇق» دېيىشىپ بىر –- بىرىگە مەنىلىك قارىشىۋەتكەندىن كېيىن تاماكىنىڭ فار -– فۇر قەغىزىنىڭ ئۈستىگە ئۇندەك نەرسىدىن بۇغداي چوڭلۇقىدا ئېلىپ، قەغەزنىڭ ئاستىغا چاقماق يېقىپ، ئۇنىڭدىن چىققان سۇس تۈتۈننى ھۇزۇرلىنىپ شوراشقا باشلىدى. خىروئىن ھەققىدە ئانچە -– مۇنچە خەۋەردار بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ «خىروئىن» چېكىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. مېنى باشلاپ كەلگەن ئاغىنەم:
- چېكىپ باقامسەن؟ - دېدى ماڭا قاراپ.
- ياق، - دېدىم.
- كەيىپتىن يانغاننى ئوغۇل بالا دېمەيمىز، - دېدى بىر قىز ماڭا قاراپ مەسخىرە تەلەپپۇزىدا.
مۇشۇ يېشىمغىچە بىرەرسىنىڭ بۇنداق مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچراپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ گەپلىرى ماڭا بەكلا ئېغىر كەلدى. قىز بالىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ ئولتۇرغىچە چەكسەم چېكەي، بىر قېتىم چەككەنگە ئۆگىنىپ قالماسمەن دەپ ئويلىدىم -– دە، بىرسىنىڭ ياردىمى بىلەن چېكىپ بېقىۋېدىم كۆڭلۈم ئېلىشىپ، خۇدۇمنى يوقاتقان ھالدا جايىمدا ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى ھېلىقى دوستۇم يەنە بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى. قارىسام «خىروئىن» چېكىۋاتقان سورۇننىڭ ئۈستىگە بېرىپتۇق. تۈرلۈك تاپا – تەنە بىلەن يەنە چېكىپ قالدىم. ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە چېكىپ يۈرۈپ بىر ئاي ئىچىدە ئۆزۈممۇ بىلمەيلا ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالدىم. ئۇنى چېكىشنى ئۆگىنىپ قويغان دوستلىرىممۇ مېنى ئىزدىمەيدىغان بولۇۋالدى. دادامدىن ھەر خىل باھانىلەر بىلەن پۇل ئېلىپ باشقا چېكىدىغانلاردىن ساتىدىغان يەرلەرنى سوراپ، بىر يىلدەك يوشۇرۇنچە چېكىپ يۈردۈم. بىر كۈنى دادامدىن يەنە پۇل سورىدىم:
- يېقىندىن بېرى پۇلنى بەك خەجلەيدىغان بولۇۋالدىڭ، نېمىگە ئىشلىتىۋاتىسەن؟ - دەپ سورىدى دادام. تۇتامى يوق سەۋەبلەرنى كۆرسەتتىم. دادام كۆزۈمنىڭ ئىچىگە بىر قارىۋېتىپ 30 يۈەن بەردى. 30 يۈەنگە نېمە كېلىدۇ دەيسىز؟ ئاشخانىنىڭ غەللىسىدىن ئالاي دېسەم ئاشخانا نەچچە كۈندىن بېرى تاقاقلىق ئىدى. ئاكام توي قىلىپ ئايرىم ئۆي تۇتقان ئىدى. ئاخىر ئۇنىڭدىن پۇل ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە باردىم. ئاكام دوستلىرى بىلەن «خىروئىن» چېكىۋاتقاننىڭ ئۈستىگىلا كىرىپتىمەن. كۆزۈمگە ئىشەنمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ئاكام مېنى كۆرۈپ: «چەككىنىمنى دادامغا دەپ قويما» دەپ بەش يۈز يۈەن بەردى. كۆڭلۈمدە: «ئاكاممۇ خىروئىن چېكىدىكەندە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ پۇل ئالاي» دېگەنلەرنى ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ بىر قېتىم دادامدىن ئالسام يەنە بىر قېتىمدا ئانامدىن، بىردە ئاكامدىن، بىردە ئاشخانا غەللىسىدىن پۇل ئېلىپ كۇرسقىمۇ بارماي خىروئىن چېكىش بىلەن كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. بىر كۈنى بىر دوستۇم بىلەن پات -– پات خىروئىن سېتىپ بېرىدىغان ئادەمنىڭ ئۆيىگە بارساق، ئۇكام ئۇ ئۆيدە قورسىقىنى تۇتۇپ ۋايجانلاپ تولغىنىپ، ھېلىقى ئادەمگە نېسىگە خىروئىن بەرگەن بولسىڭىز دەپ يېلىنغىلى تۇرۇپتۇ، ئۇكامنى كۆرۈپ بېشىمدىن بىر قاپاق سۇ تۆكۈلگەندەك ئەندىكىپ كەتتىم. دېمەك بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئاكا -– ئۇكا خىروئىنغا خۇمار بولغانىدۇق. ئاكىسى بولغاندىكىن نېمىشقا چېكىسەن دەپ تەنبىھ بېرەي دېسەم ئۆزۈممۇ چېكىدىغانلىقىم ئۈچۈن قاتتىق گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدىم.
- ئۇكام، سەن بولساڭمۇ بۇ ئىشنى قىلمىساڭ بولمامدۇ؟ - دېدىم كۆڭلۈم پەرىشان ھالدا.
- جېنىم ئاكا، يامانلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ئەقىلسىزلىق قىلىپ چېكىپ ساپتىمەن. ماڭا بىر بولاق ئېلىپ بەرگىن، بەك قىينىلىپ كەتتىم. ساڭا قەسەم قىلاي، خۇمارىممۇ ئانچە ئېغىر ئەمەس، بۈگۈن بىر چېكىۋالسام، ئەتىدىن باشلاپ قەتئىي چەكمەيمەن، - دەپ يېلىندى ئۇكام.
ئۇ نىجىسنىڭ خۇمارىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ بىر بولاق ئېلىپ بەردىم.
بىر كۈنى دادام بىز ئۈچ ئاكا – ئۇكىنى ئۆيگە سولىدى:
- قارىسام نەچچە يىلدىن بېرى يولدىن چىقىپ كېتىشتىڭ، ئىنسان بالىسى بولغاندىكىن تۈزۈلۈپ قالار دېسەم ئۆزۈڭنى بىلىشمىدىڭ. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى گۇمان قىلىپ يۈرگەن ئىدىم. بۈگۈن باشقىلاردىن ئاڭلىسام سەن ئۈچ ھايۋان خىروئىن چېكىشىدىكەنسەن. ئاشخانا غەللىسىدىكى، ئۆيدىكى پۇللار نېمىشقا پات –- پات ئازلاپ كېتىدىغاندۇ دېسەم، ئەسلىي سەن ھايۋانلارنىڭ ئەگرى قوللىرى تەگكەن ئىكەن، بۈگۈن ماڭا راست گېپىڭنى قىلىش، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نىجىسنى چېكىشەمسەن ياكى تاشلىشامسەن؟ ئەگەر تاشلىيالمايمىز دېيىشسەڭ مۇشۇش شەھەردە خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغانلارنى داۋالايدىغان ئورۇن بار ئىكەن، شۇ يەرگە ئاپىرىپ بېرىمەن، - دەپ ۋارقىرىدى دادام قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا.
- جېنىم بالىلىرىم شۇ نىجىسنى چېكىشنى قاچاندىن باشلاپ ئۆگىنىپ قالغانسىلەر؟ ئالتۇغا بەرگۈسىز ئۈچ ئوغلىمىز بار دەپ پەخىرلىنىپ يۈرگەن ئەمەسمىدۇق؟ جەمەتىمىزمۇ يۇرتتا خېلى ئابرۇيلۇق جەمەت، جەمەتىمىزدىن ئەزەلدىن سىلەردەك ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم چىقىپ باقمىغان. ئاڭلىسام ئۇنى چەككەن ئادەم بىر خىل نىجىس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ سېسىپ تۈگەرمىش، - دېدى ئانام زار –- زار يىغلاپ.
ئانىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق نالە –- زارىدىن بىزمۇ يىغلاپ تاشلىدۇق. ئاكام زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا باردى، ئۇكام بىلەن ئىككىمىز ھېچكىمگە ئارلاشماي، دادامنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانغا يىغلاپ تۇرۇپ ۋەدىلەر بەردۇق. خىروئىن دېگەن بۇ ئېزىتقۇ ئالۋاستىنىڭ ھىيلىسى تولىمۇ، ياكى بىزنىڭ ئىرادىمىز ئاجىزمۇ، ئاكام زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا ئۈچ ئاي ياتقان بولسىمۇ، چىقىپلا يەنە چېكىۋالدى. ئۇكام بىلەن مەنمۇ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بىر -– بىرىمىزدىن يوشۇرۇنچە چېكىپ يۈردۇق. ئۇكام دەسمىيىسىدىن ئايرىلىپ دۇكىنىنى سېتىۋەتتى. ئاكا -– ئۇكا ئۈچىمىز زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن بىرسىمىز قايتىپ كەلسەك يەنە بىرسىمىز بېرىپ ئىككى ئۈچ قېتىمدىن داۋالانغان بولساقمۇ چىقىپلا يەنە چەكتۇق. ئاتا -– ئانىمىزنىڭ قىلغان تەربىيەلىرى زادىلا ئۈنۈم بەرمىدى. بىزمۇ ئەمدى چەكمەيلى دېيىشىپ قاتتىق قەسەملەرنى قىلىشقان بولساقمۇ، نېمىشقىكىن بۇرۇن ئۇ نىجىسنى بىرگە چەككەن تونۇشلىرىمىزنى كۆرسەك ياكى خىروئىن سېتىۋالغان كوچىدىن ئۆتسەك يانچۇقىمىزدا بىرەر يۈز يۈەن بولسىلا قىلغان قەسەملەرنى ئۇنتۇپ يەنە چەكتۇق. ئارىلىقتا ئاكام ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بىر مەزگىل داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپلا يەنە چەكتى. ئولتۇرغان ئۆيىنىمۇ سېتىۋېتىپ، ئايالى بىلەن ئاجراشتى. ئاكا -– ئۇكا ئۈچىمىز قەرز ئالغان ئادەملەر دادامنى ئىزدەپ ئۇنى ئارامىدا قويمىدى. دادام قەرزلەرنى قايتۇرۇپ بولالماي ئولتۇرغان ئۆيىمىز ۋە ئاشخانىنى سېتىۋېتىپ، قەرزنى قايتۇرۇپ بىزنى ئېلىپ يۇرتىمىزغا قايتىپ كەلدى.
يۇرتقا كېلىپ ھەپتە ئۆيمەي، ئۆيدىكىلەر سىرتقا چىقىپ كەتكەندە ئاكام ئۆيدىكى قىممەت باھالىق بىساتلاردىن نەچچىنى سېتىۋېتىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. كېيىن ئاڭلىساق ئىچكىرىگە كېتىپتۇ. كېيىنچە مەنمۇ، ئۇكاممۇ بىر –- بىرىمىز بىلەن بەسلەشكەندەك ئاتا –- ئانىمىزدىن يوشۇرۇنچە ئۆيدىكى سەرەمجان، ئانامنىڭ مىراس قالغان، تويلۇقىغا ئالغان ئالتۇن ھالقا، بىلەيزۈكلىرىدىن تارتىپ ھەممىسىنى سېتىپ ئىسقا تېگىشىپ بولدۇق. بىر ئايدىن كېيىن ئۇكام بىر تۇغقىنىمىزدىن «دادام بېرىدۇ» دەپ بەش مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەرقانچە ئەسكى بولساقمۇ ئاتا -– ئانا دېگەن پەرزەنتلىرىگە چىدىمايدىكەن. ئىككى پەرزەنتىدىن ئايرىلغان بىچارە ئانام تولا يىغلاپ كېسەلچان بولۇپ قالدى. دادام دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ كۈنبويى قاپىقى ئېچىلماي يۈرىدىغان بولۇپ قالدى:
- ئادەم بالىسى ئەمەس ئۈچ ھايۋاننى بېقىپتىمەن، بۇ ھايۋانلار بىر ئۆمۈر جاپادا تاپقان پۇللىرىمنى ئىسقا تېگىشىپ مېنى سويغان پىيازدەك قىلىپ قويۇشتى. ئويلىسام بۇ ھايۋانلارنىڭ خىروئىن چېكىشى ئۈچۈن پۇل تېپىپ بېرىپ، نۇرغۇن گۇناھنى گەدىنىمگە ئارتىۋاپتىمەن. يېشىممۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، ئەمدى پۇل تاپىدىغان ئىشنى قىلماي گۇناھىمغا توۋا قىلىدىغان ئىشنى قىلاي، - دەپ ھەسرەتلىك نالە قىلاتتى دادام.
ئائىلىمىز ئاھالىلەر كومىتېتىدىن بەرگەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. بىر كۈنى بىرەيلەن خىروئىننى ئۇكۇل قىلىپ تومۇرىغا ئۇرۇۋېتىپ، كۆز ئالدىمدىلا ئۆلدى. بەدىنىمنى تىترەك بېسىپ، كۆزۈمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى. ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، بىر چاغدا قارىسام ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن. ئۆز – ئۆزۈمگە: «مۇشۇ نىجىس ئالۋاستىنىڭ ئىپلاس چاڭگىلىدىن قۇتۇلاي» دېدىمدە ئىككىلەنمەيلا ج خ ئىدارىسىگە كىرىپ مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇلار تەلىپىمگە قوشۇلۇپ، ئىككى يىللىق مۇددەت بىلەن «مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى» غا ئەكىلىپ قويدى. «مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى» غا كېلىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن يېڭىدىن كەلگەنلەر قاتارىغا سەپ سالسام بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئاكاممۇ شۇ قاتاردا تۇرۇپتۇ. ئانام يوقلاپ چىققانداق ئاڭلىسام ئۇكاممۇ ئۈرۈمچىدىكى «مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنى» دا ئىكەن. دادام بىچارە بىزنىڭ گېپىمىز چىقسىلا: «ئوغۇللىرىمنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ قېلىشىغا مەن سەۋەبكار، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيەلىيەلمىدىم»، دەپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىدىكەن. بىز ئۈچ ئاكا –- ئۇكا مېھرىبان ئانىمىزنىڭ باغرىنى يېرىپ چىققان ئىنسان بولساقمۇ، ئىنسان ماڭىدىغان يوللاردا ماڭماپتۇق. خىروئىن چەككەن چاغلىرىمنى ئويلىسام: «دادام بىچارىنىڭ بىر ئۆمۈر جاپا -– مۇشەققەتتە تاپقان پۇللىرى، ئىككى يەردىكى زېمىن ئۆيلىرى، بۇرۇنقى باياشات، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىز، ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدى نەدە قالدى؟ بىز شۇ نىجىسنى چېكىشتىن زادى نېمە پايدىغا ئېرىشتۇق؟ بىزنى نۇرغۇن ئارزۇ – ئۈمىدلەر بىلەن ئارزۇلاپ قاتارغا قوشقان ئاشۇ جاپاكەش ئاتا -– ئانىمىزغا زادى نېمە ئىشلار قىلىپ بەردۇق؟» دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە يېنىشلاپ سوئال قويىمەن. پۇشايمان يېشىم تاراملاپ تۆكۈلىدۇ. ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ تۇرۇپ: «ئەي ئەزىز قېرىنداشلىرىم، بىز ماڭغان يوللاردا ماڭماڭلار، ئۆز – ئۆزۈڭلارنى نابۇت قىلماڭلار!» دەپ ئۈنلۈك توۋلىغۇم كېلىدۇ.

                                                                     مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئېلىندى

تۇرمۇش مەڭگۇ ئاچ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2633
يازما سانى: 835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6674
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
- كەيىپتىن يانغاننى ئوغۇل بالا دېمەيمىز، - دېدى بىر قىز ماڭا قاراپ مەسخىرە تەلەپپۇزىدا.
مۇشۇ يېشىمغىچە بىرەرسىنىڭ بۇنداق مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچراپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ گەپلىرى ماڭا بەكلا ئېغىر كەلدى. قىز بالىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ ئولتۇرغىچە چەكسەم چېكەي، بىر قېتىم چەككەنگە ئۆگىنىپ قالماسمەن دەپ ئويلىدىم -– دە، بىرسىنىڭ ياردىمى بىلەن چېكىپ بېقىۋېدىم كۆڭلۈم ئېلىشىپ، خۇدۇمنى يوقاتقان ھالدا جايىمدا ئۇخلاپ قاپتىمەن.

سىز  مۇشۇ  قىزنىڭ  ئاشۇ بىر ئېغىز گىپى  بىلەنلا چىكىپ ۋەيران بوپسىز، توۋا.........


شۇنداق قىلىپ گۈلدەك بىر ئائىلە خازان بولدى ........

كىملەرنىڭ ئەزىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8755
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 4173 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىنى تۈنۈگۈن باشقا مۇنبەردە ئوقۇپ، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالغان.
تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغدا بىزنىڭ سىنىپتىدن ئۈچ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن چېكىندۈرگەن، بىرسى قىز بالا، ئىككى ئوغۇل بالا ئىدى. ئۇلار كەينى مەيداندا نەشە چىكىۋاتقان چاغدا، ئوقۇتقۇچىلار نەق مەيداندىلا تۇتىۋاپتىكەن.
ئاق تاماكا، نەشە ئىسمىنى ئاڭلىساممۇ، شۇنداق بىر يىرگىنىمەن. مەن تۇنۇيدىغان يەنە بىر ئۇماق بىر قىزمۇ 23 ياشقا كىرگەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، زىيالىنىڭ بالىسى تۇرۇپ، شۇ مەلئۇننى چىكىپ نەچچە ئاي بۇرۇن قېتىپ قالدى.
بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىكى يېڭى سېلىنغان ئولتۇراق رايوندا نەچچە كۈن بۇرۇن ئۈچ ئاقچىنى تۇتۇپ كەتتى دەپ ئاڭلىدىم.
بىر مەھەللىك يەنە بىر قوشنىمىز بار، كىچىك دۇكىنى بار ئادەم. كۈندە دېگۈدەك، ماشنىلىق، تاكسى ماشنىلىق ياش بالىلار كىرىپ چىققانى كۆرىمەن. بەكلا كۆپ. كېيىن ئۆيدىكىلەردىن ئاڭلىسام نەشە چەككىلى كېلىدۇ دەيدۇ. خۇدايىم توۋا دەي. جەمئىيەتتىكى كۆپلىگەن ياش بالىلار شۇ نەرسىگە ئۆگىنىپ كەتكەندەكلا.
ئىنسانلار شۇنداق ئەقىللىق تۇرۇپ، نېمىشقا ئۆزى قۇلى بىلەن ئۆزىنى ئۆلۈمگە زورلايدىغاندۇ؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Davan_Axkuqi + 10 20-ئوتتۇردا ئوقۇغانما؟

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

جەننەت+دوزاخ = ھايات

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82271
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zokra يوللىغان ۋاقتى  2012-7-7 10:12 AM
- كەيىپتىن يانغاننى ئوغۇل بالا دېمەيمىز، - دېدى بىر قىز  ...

بېشىڭىزدىكى زۆھرە دىگەن خەتنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولمامدۇ ؟

بىلمەي تۇرۇپ يازدىڭىزمۇ ياكى بىلىپ تۇرۇپ يېزىۋەردىڭىزمۇ

مۇشۇ يەرگە بىر نەرسە يېزىپ قويساڭ دوستلىرىڭ كۆرەلەيدۇ دەيدىغۇ ! ھى ھى ھى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 260
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-7-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىمە دىيىشمىنى بىلەلمىدىم جۇمۇ!!!

كۈلگەنلەر كۈلىۋەرمەيدۇ........................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 376
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر  زەھەرلىك چېكىملىك ياشلىرىمىزدا بارغانسېرى ئېغىر ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلانماقتا . بۇ ئاپەت خەلقنىڭ ئۈمىدى بولغان ياشلارنى بەختسىزلەر، مەھبۇسلار، ساراڭلار، جەسەتلەر لاگىرىغا ئىتتىرمەكتە . شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى ، مىللەتنى يالغۇز توپ-زەمبىرەكلا ئەمەس، چېكىملىك نەيچىسى، ئىچىملىك رومكىسى بىلەن بۇزۇقچىلىقمۇ خار-زەبۇن قىلالايدۇ، دېگەنىدى ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن .     ئەڭ يېڭى سىتستسىتىكىغا قارىغاندا شىنجاڭدا ھازىر 33974نەپەر ئەيدىز ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بار ئىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 27058نەپەر، خەنزۇلار 2337 نەپەر، خۇيزۇ 1315 نەپەر، 3264 نەپىرى باشقا مىللەتلەر، ئاياللار 10594 نەپەر، بالىلار 559 نەپەر ئىكەن .   ھۇشيار بولايلى ! ئەتراپىمىزدا ئەشۇنداق ئىس-تۈتەكسىز قۇراللار ناھايىتى كۆپ . ئىس تۈتەكسىز بومبىلار بىلەن ئۆزىمىزنى پارتىلاتمايلى !

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 1635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21017
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2924 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆرسەم كۆڭلۈم بىر قىسما بوپ قالىدىكەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

تاجىڭ~ئەخلاق

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 1728
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7480
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 7151 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنجى قېتىم ئوقۇشۇم بۇ تىمىنى مىسرانىمدا،يوللاپ ياخشى قىلىپسىز ~!بۇ بىر چوڭ ئىبرەت

دىل ئازار،خۇدا بىزار~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81246
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 592
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ نمە دىيشىمنى بىلەلمىدىم دوسلار.

ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە~

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1249
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51744
تۆھپە نۇمۇرى: 504
توردا: 1815 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە نەرسە بىر قېتىم بىلەن باشلىنىدۇ دە.

بىرگە بىر دېمە، بىرگە بىر ئەمەس، مىڭغا بىرمەن~      http://blog.sina.com.cn/neyze
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش