مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 260|ئىنكاس: 6

ساقىشچى شىئېرلىرى(1-توپلام) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14076
تۆھپە نۇمۇرى: 1015
توردا: 1871 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۈگۈن...



بۈگۈن

ئاق لىباس كەيدى زېمىن،
ئايغا قاچقان پەرىلەر ئۈچۈن،
تۇتقاندەك ماتام.

بۈگۈن
باھار چىللاپ ناخشا ئىيىتقانلار،
قوۋۇرغىسىدا كامېر تەشكەنلەر...
ئايغا قاراپ،
چىقتى سەپەرگە،
مۇھاببەتلىك قەلبىنى يۈدۈپ،
زېمىندا قالمىدى ئادەم.

بۈگۈن
تونۇردا ئوت يوق،
بىراق
چوڭ ئانام
تونۇرغا لەڭمەن ياقماقتا.
ئايدىكىلەرگە سوۋغا قىلاي دەپ!

بۈگۈن
ئوغۇزخان كىردى نۆل ياشقا،
نۆلمۇ ئوخشار،
كۆكتىكى ئايغا.

2011-يىلى 12-ئاينىڭ19-كۈنى

.



قەبرىستاندىكى خىياللار



ئالدىمدا تۇرىدۇ چەكسىز بۆشۇكلەر...
چۇۋۇلغان بەزىسى،بەزىسى تىمەن.
يىنىمدا تۇرغىنى يېڭى بىر بۆشۇك،
ئۇنىڭدىن تېپىلماس زەررىچە ئېۋەن.

ۋە لىكىن
ئاڭلانماس ھىچقايسىسىدىن،
«ئەللەي بالام، ئەللەي...!»
بەلكىم
بۇ ناخشىمۇ بىھاجەتتۇر،
«ياتقاندۇ بوۋاق
جەننەتنىڭ خۇشبۇي پۇرىقى ئىچىدە
ئۇخلاپ ئوماق».

ئاي شولىسى
بوشۇككە قادالغان ھىلال ئاي
ئەسلەتتى ئۆزۇمنىڭ نەدىلىكىنى.
زەڭ سىلىپ قارىسام ،
            كۆرۇندى ماڭا:
سۆيگۈ- مۇھاببەت
ئۇزۇلگەن زامان
ھۆرمەت-ئېھتىرام
پارلىغان چولپان
سەۋدايى ئاشىق
....
ئەسلى بىلسەم
بۇ يەرگە-
كۆمۇلگەن ئۆتمۇش،
ھەممىسى ئەسلى
ئاۋازسىز قەبرە.
سۇكىناتتا تۇرار ئالدىمدا،
ئۇنى ئەسلەيدۇ،ئەسلەيدۇ پەقەت،
نەۋرە ۋە ئەۋرە.

پەقەت
شىۋاق باسقان دۇمچەك قەبرىدىن،
ئاڭلاندى
شىۋېرلىغان ئاۋاز ،
«كۆز ياشلىرىڭىنى توكمىگىن ھەرگىز!»
سىغىنغىن پەقەت مىنى سەۋرىدىن.

يەنە كەلدى:
«مەن كۆرەلمىدىم، كۆرىسەن تىخى
يېڭى ئاسمان،
يېڭى يۇلتۇز،
يېڭى ئاي،
يېڭى كۇن! »

قولۇمنى كۆتۇرۇپ تۇتۇش قىلدىم،
دۇئا- دۇرىتقا :
ئىيىتقىنا قېنى ،ئاڭلايمەنمۇ ؟
«يېڭى كۇلكە،
يېڭى يىغا،
يېڭى تىل
يېڭى ئۈن؟!....»

2011-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۇنى


تەتۇر چاقماقلار


(1)

سوقۇلدۇم تامغا ،
ياق....
تام ماڭا سوقۇلدى.
مانا بۇ «ناخشا »،
ھازىرغىچە ئوقۇلدى.

(2)

دوپپا
ياراشمىدى بېشىمغا،
ئالماشتۇردۇم سەللىگە !

(3)

سۆيگۈ
قاچان تۇغۇلغان بولغىيتى؟!
بىلەلمىدىم ھىچ .

(4)

يامغۇر
يېشىمۇ سەن ئۇيغۇرنىڭ؟
ياكى ۋەتەن ئىشقىدا،
سەرسان بولغان ئاشىقنىڭ ؟

(5)

ئاھ، دېدىم
كۆزلىرىمگە سانجىلدى يۇلتۇز.
ئامدى مەندىن تەرك ئەتتى،
مەن ئامراق كۇندۇز.

(6)

مومكىنمىدۇ
دوسلىرىمنى سىلىپ ئەلگەككە
تاسقاپ كۆرۇش؟

(7)

يۇلتۇزلار ئاسماندا
بىر - بىرىنى بوغۇشتى.
قالدى پەقەت ،
ئاخىر قالىدۇ،
ئاي بىلەن قۇياش.



2011-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۇنى



بۈگۈن ....

بۈگۈن
كىچىكىپ بولسىمۇ سورۇدۇم ئىسمىمنى،
دېدى دۇنيا : سەن مۇقام !
      دېدى ئەنە : سەن تەكلىماكان !
                 دېدى يەنە : سەن ئۆلگەن روھ.............
              دېدى ئاكاممۇ : سەن ئۇيقۇدىكى بالا !
                         ئويغانماي يىتىۋەر .
                         بەك مۇزلۇق تالا ،
                          ئەرىكسىز كېتىۋەر .

بۈگۈن
كىچىكىپ بولسىمۇ سورۇدۇم مەن.
مەن دىدىم : نېمانچە كۆپ مىنىڭ ئىسمىم ؟
                     نېمانچە كۆپ مىنىڭ بىسىمىم ؟

بۈگۈن
غايىپتىن كەلدى سادا،
ئالدىم جاۋابنى.
بىلىۋالدىم ئەسلىمنى.
ئۇقۇۋالدىم نەسلىمنى.
بىراق ،
تېخىمۇ كۆپ سۇئالغا تولدۇم .
ئەمما ، سۇئال سورىماس بولدۇم .

بۇگۇن يەنە
"ئۆلىۋالدى بىر بوۋاق قوشنام ".
غەمكىن كۆڭلى
پىغانلىق قەلبى
                   ئۇ ، كەلمەسكە كەتتى .
                               ئۇ ، ئارمانغا يەتتى !


2008- يىل 3- ئاينىڭ 25- كۇنى ، ئۈرۈمچى


ئۇچ يۈرۈكۈم بار مىنىڭ


يۈرۈكۈمنىڭ ئوڭ تەرپىدە كۈن بار ،
يۈرۈكۈمنىڭ سول تەرپىدە ئاي بار ،
شۇڭا دەيمەن،
ئۇچ يۈرۈكۈم بار مىنىڭ !
ئۇچ يۈرەك...
بىرى تەندە مۇھاببەتچۈن سوقىدۇ،
بىرى ئەلدە ئەرىك ئۇچۇن چاچار نۇر ،
بىرى كەسىپ -ئىختىراغا بولار تۇر !
ئۇچ يۈرەك...
بىرى ۋەتەن غىمىدە ،
بىرى قىلار باھار خىتابى ،چىكىپ  ھەم  پىراق ،
بىرى ئائىلە ئۇچۇن ياقىدۇ چىراق !
ئۇچ يۈرەك...
بىرى ياشلىق ناخشىسىنى ئوقۇيدۇ،
بىرى سىخى ، بارچە ئەلگە باقىدۇ،
بىرى خائىن ! ، ئۇمۇ ماڭا ياقىدۇ .

2007.11.24.ئۈرۈمچى


مەنبە: قەلەم(ساقىشچى)






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-7 03:33 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ilim-pen + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 260
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-7-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياخشى يىزىپسىز ! ئاللا قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.............

كۈلگەنلەر كۈلىۋەرمەيدۇ........................

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5187
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 45628
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2154 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىىل يېنىك،بىر -بىرىدىن چوڭقۇر مەنالار بىلەن يۇغۇرۇلغان چاچما شېئىرلىرىڭىزنى زور ئىشتىيا ق ھەم چوڭقۇر ئيچىدە ئوقۇپ چىقتىم.....

‹‹ساقىشچى››سىزنىڭ تەخەللۇسىڭىزمۇ؟ئىلگىرىمۇ مۇشۇ نامدا بىرقانچە  يازمىلارنى ئوقۇغۇنۇم ئېسىمدە، خاتا سۆزلەپ سالغان بولسام ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز؟

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10205
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 7343 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقلىي تەپەككۇر قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ مۇشۇنداق قويۇق ھېسىياتقا تولغان شېئىرنى يازغىنىغا ئىشەنمەيلا قالدىم . شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ .قارىغاندا ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن ھېسسىي تەپەككۇر يۈغۈرۈلسا نەتىجىسى دىئالىكتىك تەپەككۇر بولامدۇ نېمە ؟

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28007
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6471
تۆھپە نۇمۇرى: 920
توردا: 2533 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-7-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ شېئىرلاركەنغۇ بۇ.
چوڭ ئانام
تونۇرغا لەڭمەن ياقماقتا.....

ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇسىنى ئاقتۇرسىمۇ
يىمە نامەرت ئېشىنى ئاچلىق سىنى ئۆلتۈسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81849
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2012-7-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى شېئىرلاركەن!

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17779
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم~ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شئېرلار ئىكەن.ساقىشىچى دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى دەپ بەرگەرگەن بولسىڭىز؟

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش