" تەكشۈرۈش "
(ساتىرا)
ئىشخانىدىن بىر كۈنلەر چىقىپ كېتەر "تەكشۈرۈش"،
زىرىكسىلا يۇرتمۇ-يۇرت كىزىپ كېتەر"تەكشۈرۈش"،
" تەكشۈرۈش"نىڭ پەيزىنى سۈرۈپ كېتەر "تەكشۈرۈش"،
ئاران كەلگەن ئارامنى بۇزۇپ كېتەر "تەكشۈرۈش"،
دايىم شەنبە يەكشەنبە كىلىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".
قارشى ئالدۇق ھارمىدۇق كېلەر پات-پات گۈلدۈرلەپ،
تەكشۈرۈشى يۈزەكى كەتمەس ئانچە ئىچكىرلەپ،
( ئۈچ-تۆت كۈندە تەكشۈرۈپ بولالامدۇ بىر-بىرلەپ)
ئىشلىرىمىز كېتەرمۇ شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرلەپ،
ئات ئۈستىدە گۈللەرنى كۆرۈپ كېتەر "تەكشۈرۈش".
قايسى يۇرتتا قايسى چاغ، قايسى مىۋە پىشقاننى،
نىشانلايدۇ ئالدىدىن دەستىخانلار مول چاغنى،
ساقىت قىلماس نەزەردىن قىرغاۋۇلنى-توشقاننى،
باھا بېرەر "ياخشى!"دەپ شىرەگە جىق تىزغاننى،
ھەقسىز نازۇ-نىممەتلەر يېقىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".
قاپاقلىرى تۈرۈلەر باشلىمىساق باغلارغا،
كۈندە يۆتكەپ-يېڭىلاپ ئايرىم ئارامگاھلارغا،
رېستۇرانلار تار كىلىپ مەنزىرىلىك تاغلارغا،
قىلۇر ئىما-ئىشارەت تانسا،ناخشا-سازلارغا،
بۇ دەملەردىن شاتلىنىپ،كۈلۈپ كېتەر"تەكشۈرۈش".
سەۋەپ بولۇر كىسىشكە نەچچە قوينىڭ بېشىنى،
( پۇرسەت نەدە ئىلغاشقا قايسى ئەركەك-چىشىنى)
يىمەك-ئىچمەك مول شۇنچە ساناپ بولماس خىلىنى،
"بىز كەلدۇق"دەپ تۆۋەننىڭ مۈكچەيتىدۇ بېلىنى،
جىق يەپ سېسىق كىكىرىپ يۈرۈپ كېتەر "تەكشۈرۈش".
ياتقان بىلەن ئۈيىدە بارمۇ شۇنداق تاماقلار؟
پىتىر مانتا،نارىن چۆپ،سامسا،تونۇر كاۋاپلار،
بوتولكىسى مىڭ كويلۇق كاتتا ھاراق-شاراپلار،
ئىچكىنىگە تەنتەنە،بارمۇ ئالقىش-چاۋاكلار،
شوڭا تىنماي سەپەرگە مېڭىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".
يالغان يازغان سان-ساناق،ئارخىپلارنى ۋاراقلاپ،
شان-شەرەپكە ئېرىشەر جىق كۈتكىنى پالاقلاپ،
باھا نەدە،ئىش نەدە ئەمىليەتتىن يىراقلاپ،
كۆرەڭلەيدۇ ساختىلىق،ھەقىقەتنى تۇۋاقلاپ،
ئىشنى شۇنداق تەكشۈرسە سېسىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".
"تۆۋەن" ئاتلىق سىيىرنى ئاچ موزايدەك ئېمەدۇر،
كۈتۈش ئاددى بوپ قالسا بىزگە توڭ-توڭ تېگەدۇر،
تۇرۇپ بەرسەك " خوش-خوش"دەپ تەخەي قىلىپ مىنەدۇر،
بۈگۈن بىرنى ئۇزاتساق ئەتە بىرسى كېلەدۇر،
يۇرتنى بەڭۋاش كەلكۈندەك بېسىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".
نامى شۇنداق چىرايلىق " خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش"،
ئەمما بۈگۈن كۆردۇقكى،ئەسلى مەقسەت يەپ يۈرۈش،
ئەۋج ئالدى پۇقرادا شوڭا ئۇنى سەت كۆرۈش،
بىر خوشاللىق ئىش شۇكى:"تەكشۈرۈش"نى كەتكۈزۈش،
گەپ قىلمىساق ھەددىدىن ئېشىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".
زىرىكىشى پەس بولۇپ سۈرۈپ راھەت پەيزىنى،
ئېلىپ ماڭار ياناردا بېشى سوغات-زەللىنى،
(بىرىپ بولدى خىزمەتكە كۆڭلىدە سان-بەلگىنى)
شۇ يول بىلەن ياندۇرار،ئۇمۇ كۆڭۈل قەرزىنى،
دەپتىرىگە"ئىلغار"دەپ يېزىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".
چىقتى "پاكلىق مىزانىي" مەركەز يازغان كىتاپقا،
كۆرمىدىڭمۇ كور بولۇپ كەلدى نۇرى ئەتراپقا،
ئوبدان ئۈگەن"مىزان"نى تىقىپ قويما ئىشكاپقا،
ئەس-ھۇشۇڭنى يوقاتما چىقىۋېلىپ پىكاپقا،
بېشىمىزدا ياڭاقنى چېقىپ كېتەر "تەكشۈرۈش".
*********
مەنبە: ئۆزقەلىمىم( ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-7 09:30 AM