2012-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرۈشكە بولىدۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 5 - ئىيۇل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى ئېلان قىلدى. ئاتا - ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ:
شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى (www.xjedu.cn) غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى بىلەن توردا ئۇچۇر تولدۇرغان دەسلەپكى شىفىر ئارقى−لىق تەكشۈرسە بولىدۇ؛ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjezs.cn) غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى بىلەن توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى شىفىرى ئارقىلىق تەكشۈرسە بولىدۇ.
كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلىرى شىنجاڭ رەقەملەشكەن مەكتەپ تورى( www.xj.10086.cn) غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ ۋە ئىسپاتلاش شىفىرى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى قىسقا ئۇچۇر بىلەن يان تېلېفونغا يوللىسا بولىدۇ؛ شىنجاڭ سىم−سىز شەھەر تورى (wap.xjwxcs.com ياكى www.xjwxcs.com)غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرى ئارقىلىق تەكشۈرسە بولىدۇ.
كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلىرى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق LQCXغا 41 خانىلىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرىنى قوشۇپ 10658333 گە يوللىسا، قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسى توغرىسىدا قىسقا ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ.
جۇڭگو تېلېگرافى ئابۇنىچىلىرى 16885666 غا تېلېفون بېرىپ، قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.
شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە تورى ئابۇنىچىلىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ھەرىكەتچان سۇپىدىكى كۆرسەتمە ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى تۆنۈگۈن باشلانغان بولۇپ 8- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە 0- تۈركۈمگە؛ مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە تولۇق كۇرس 1- تۈركۈمگە، مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە 2- تۈركۈمگە؛ مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە 3- تۈركۈمگە مۇددەتتىن بۇرۇن قۇبۇل قىلىش؛ 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە تولۇق كورس 3- تۈركۈمگە؛ 8- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە مەخسۇس كۇرس 0- تۈركۈمگە؛ 8- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە مەخسۇس كۇرس 1- تۈركۈمگە؛ 8- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە مەخسۇس كۇرس 2- تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدىكەن.
.
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-7 02:00 AM