ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى . ھازىر ئالدىنقى تىمامنىڭ داۋامى ھىكايىسى بولغان مۇھەببەت ھەممىگە قادىر ئەمەسنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى .
ئالدىنقى تىما ؛
مۇھەببەت قۇربانى
مۇھەببەت ھەممىگە قادىر ئەمەس .
مەرھابا بىلەن دىلفۇرە يىقىن دوسلاردىن بولۇپ ، بۇلار ھەر ئىككىلسىنىڭ ئائىلىسى ئىسلامنى چۈشەنگەن ئائىلىلەردىن ئىدى . ئائىلىدە ئەرنىڭ دىگىنى يۇقىرى ئورۇننى ئىگەللەيتتى . ئايالى ئىتائەتچان ئائىلىدىن ئىدى . يۇرۇش تۈرىشىمۇ ناھايىتى پاكىز ھەم ئىسلامىي ئىدى . ئۇلار تولۇقسىزدىن كىيىن چىقىپ كىتىپ بىرسى دىلفۇرە تىككۈچىلىكتە ئوقىدى . مەرھابا بىر مەزگىل ئوقۇغاندىن كىيىن ئىشلەشنى توغرا تىپىپ بىر سودا ساراينىڭ دۇككىنىدا كىيىم-كىچەك سىتىشتا ئىشلىدى . مۇئاشى خىلى ياخشى ئىدى . بۇلار ئىككىلىسى 10 نەچچە يىللىق دوسلاردىن بولۇپ ، خىلى يىقىن ئۆتەتتى . ئۇلار ئىشتىن چۈشكەندە بىللە ئۆيگە قايتاتتى . ھەم بىللە ئۈگۈنۈشكە ئىشقا بىللە چىقاتتى . مەرھابانىڭ رۇخسارى ھەم كىيىشى ناھايىتى يارىشىملىق بولغاچقا ، ئۆزىگە بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق كەلتۇرەتتى .. يەنى ئوغۇللار كەينىگە كىرىۋالاتتى . لىكىن رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى ....
كىيىن مەرھابا بىر نەچچە قىتىم ئىش ئورنىنى يۆتكىدى . ھەممىسى دادىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بولاتتى . چۈنكى دادىسىنىڭ دىگىنى دىگەن ئىدى . ئانىسى بولسا ئىتائەتچان ئايال بولغاچقا يان تاياق بولدىغان كىشىمۇ يوق ئىدى . شۇڭا ئامالىمۇ يوق ئىدى . لىكىن بۇمۇ قارشى تۇرغىدەك ئىش ئەمەس ئىدى . چۈنكى بۇ ئورۇنلاردا ئۆزىنى ئاۋارە قىلىدىغانلار يوق ئىدى ،
دىلفۇرە بولسا ئەمدى 18نىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ ، بىر قىتىم توي قىلىپ ئاجراشقان دىسەكمۇ بولدۇ . ئۇ ئىسلامىي ئائىلىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ ئىسلامنى كىشى كاللىسىدا قانداق چۈشەنسە ئىشقا قارتا پوزىتىيەسى شۇنداق بولدىغاندەك تويغا ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپمۇ باقمىسام تونۇشمىسام دىگەن باھانىلار بىلەن قارشى تۇرسىمۇ ئامال بولمىدى . چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىرسى بار ئىدى . ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىنى باشقا بىرسى بولسىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىۋەردى . ھەم تويغا قارتا قىزغىنلىقىنى قوزغاتمىدى ،،.ئاجرىشىشنى نىيەت قىلىپ توي قىلغان ئىدى .
تۇنجى توي قىلغان ۋاقىتلاردا ئۇ ئىرىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولمىدى . ھەم سوغۇق مۇئامىلىدە بولدى ، يولدىشىمۇ شۇنداق ياخشى مۇئامىلىدە بولسا تەتۇرلۇق قىلىپ تۇرۋالدى . كۆڭلىدە ئاشۇ باشقا بىرسى بار ئىدى . كىيىن ئۇنىڭ توي قىلغانلىق خەۋرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئازاپلاندى . لىكىن ئورنىغا كەلمەيتتى . چۈنكى ياخشى كۆرۈش بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا ئەپ چىقالمايدىغانلىقىنى بايقىغان چىقىغدا ناھايىتى كىچىككەن ئىدى . ياخشى كۆرۈشنى دەپ كۆز ئالدىدىكى بەختنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى . كىيىن يولدىشىمۇ كىچە كىرمەيدىغان . ئۈنىڭ بىلەن كارى بولمايدىغان بولۇپ قالدى . ئامال يوق بىشىدا ئىززىتىنى قىلسا بىلمىگەن ئەمدى بىلگەندە ئىززەتلىگۈچى يوق . ئامال يوق بىر نىكاھ مۇشۇنداق ئاياغلاشتى . كىچىك تۇرۇپ تۇل قالدى دىسەك بولىدۇ . شۇنداق قىلىپ تۇنجى خاتا تاللىشى ئۇنى بىر قىتىم توي قىلغان يامان ئاتاققا قالدۇرۇپ قويدى . شۇندىن كىيىن قانداقلا بولسۇن يىگىت بولغان ئىكەن بىر قىزنى ئۆز ئەمرىگە ئىلىشنى خالايدۇ . يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام . ھامىنى ئاشكارلىنىدۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر نەچچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ يىنىشىپ كەتتى .
شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ كاللىسىدا ئاجراشساممۇ بىر بالام بولسا ئۆزۇم ئىشلەپ ئۆزۇم خان يۇرۇپ ، بالامنى بىقىپ ياشاش دىگەندەك خاتا قاراش ئىڭىدە پەيدا بولدى .
دىلفۇرەنىڭ ھاياتىنى ھىچ نەرسىگە ئەس قاتمايدىغان ياخشى كۆرۈش بىر تەرەپ قىلىپ بولغان ئىدى .
ئەمدى مەرھابانىڭ ھاياتىغا كەلسەك ، ئۇ شۇنداق يۇرۇش جەريانىدا يىقىن بىر يەردە ئىشلەيدىغان ئەركىن ئىسىملىك بىر بالا كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنىدىغان بولۇپ قالدى . بىر نەچچە قىتىم ئاشخانىدا ئۇچرۇشۇپ قالاتتى .. ئۇنىڭ قىلىقلىرى قىزىقارلىق ھەم خۇشچاقچاق بالا بولۇپ بىر قىتىم بىر بىرسىگە كۆزى چۈشۈپ قىلىشتى . قىز ھەم خىجىل بولغاندەك يەرگە قارىۋالدى . ئۇمۇ پات-پاي قاراپ قوياتتى . شۇنىڭ بىلەن يۇرەكلەرگە ئوت تۇتاشتى . كىيىن قانداقتۇر بىر بىرسىنىڭ تىلفۇن نومرىنى قولغا كەلتۇرۇشتى . ھەم كۆرۈشۈپ قالدى . كىم بىلدۇ شۇنداقلا توغرا كەپ ئىككەيلەن توردا پاراڭلىشىپ قىلىپ كىيىن بىر بىرسىنىڭ ئاشخانىدا كۆرۈشكەن ھىلىقى قىز ۋە ئوغۇللىقىنى بىلگەندە يۇرەكلىرى قىن-قىنىغا پاتماي قالدى . يىگىتمۇ شۇنداق سالاپەتلىك ھەم 5 ۋاخ نامازنى تاشلىمايدىغان ئۆز ئىشى بىلەن دوسلىرى بىلەن ناھايىتى ئىجىل ئۆتىدىغان بالا ئىكەنلىكى ئۇنىڭغا ئايان بولدى . قىزنىڭمۇ شۇنداق ياخشى قىز ئىكەنلىكى ھەم ناھايىتى ئەدەپلىك قىز ئىكەنلىكىنى بىلدى . ھەم بىر بىرسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈشۈپ قالدى .كۆرۈشكەن ۋاقتى ئۇزاققا بارمىسىمۇ خۇددى ئۇزاق يىللىق ئاشىق-مەشۇقتەك يۇرۇپ كەتتى .
كىيىن قىزنىڭ دادىسى قىزنىڭ ماقۇللىقىسىز بىرسىگە قىزنى بىرىش توغرىسىدا دىيىشىپ قويغان ئىدى . قىز ئاڭلاپ بىشىغا بىر چۆگۈن قايناقسۇ قۇيغاندەك بولۇپ قالدى . چۈنكى ئۇ يىگىتى ئەركىننى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى . لىكىن دادىسىنىڭ بۇيرىقى بۇيرۇق . ئۆزى قارشى تۇرۇپ بولالمايتتى . ياخشى كۆرىدىغىنى بار دىيىشتىن ئۇيالدى . نىمە قىلىشى كىرەك بىلمەيتتى .
كىيىن ئەركىنگە بۇنى قانداق دىيىش بىر تەسكە چۈشتى ، شۇنداق تەستە دىگەندە ئەركىننىڭ چىرايىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇنى تىخىمۇ قورقۇتۇپ ئايلاندۇرۇپ قويدى .لىكىن يەنىلا ئۆز خۇدىنى بىلەتتى . ئەركىن بولسا ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۆيى ئالدىغا ئاپىرىپ قويدى . ھەم ئۆزىنى چەتكە ئالدى . ئائىلىسىدىكىلەرگە تىلفۇن قىلغۇزۇپ ئىلىپ چىقىپ كىتىشىتى . كىيىن كۆرۈشكەندە يىگىت مەرھابانى بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، ئۆيگە باردىغانلىقى توغرىسىدا سۆز ئاشتى . لىكىن توي ۋاقتى ھەممە نەرسىسى بىكىتىلىپ بولغان ئىدى . يىگىت شۇنداق سۆزلەر ئارىسىدا كىيىن بولسىمۇ سىنى ساقلايمەن . مەن سنى ياخشى كۆرىمەن دىدى . ھەم چىرايلىقچە خوشلاشتى . كىيىن مەرھابانىڭ تويى بولدى . يىگىتنى تويغا كىلىشىنى ئىيتتى . لىكىن يىگىت يىراقتىنلا ئۇنىڭ توي ماشىنسىدىن چۈشكەنلىكىنى كۆردى . يۇرىكى دەرتكە تولدى .، ھەم دوستىنىڭ ياردىمىدە سوۋغىسىنى ئۇنىڭ دوستىغا يەتكۇزدى . سوۋغىسى بولسا بىر قۇرئان بىلەن تەسۋى ئىدى .
كىيىن ئۇلار توردا بىر نەچچە قىتىم خەت يىزىشىپ قالدى . پاراڭلىشىش جەريانىدا قىز بىلەن قىيئانا مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەسلىكىنى ، ئۇرۇشۇپ قالدىغانلىقىنى بىلدى . يىگىت بولسا بۇنداق ئىشلاردا ناھايىتى ئىغىر سالماق بولىشىنى ،، ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرمەسلىكىنى قايتا قايتا تەكىتلىدى . ھەم ياخشى ئۆتۈپ كىتىشىنى ئەسكەرتتى ،
قىزدا بولسا قاچان بولسۇن مەن سىنى ساقلايمەن سىنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن سۆز ئۇ توي قىلىپ ئاجراشقاندىن كىيىنمۇ ئۇنى قوبۇپ قىلىدۇ دەپ چۈشەندى .
ھەم بىر كۈنى يىگىتكە ، ئەگەر مەن ئاجرىشىپ كەتسەم مىنى قوبۇل قىلامسىز ؟ قوسقۇمدا بار بولسىچۇ دىگەن دىمەككە ئاسان لىكىن ۋەزنى ئىغىر بۇ سۇئالنى سورىدى . يىگىت داڭ قىتىپ قالدى .
قانداق قىلىشى كىرەك ، زادى قانداق قىلىشى كىرەك .
بىلىپ قويۇڭكى ھەقىقى مۇھەببەت نىكاھتىن كىيىن بولىدۇ . ھەرگىز نىكاھتىن بۇرۇنقى مۇھەببەت ئادەمنى شۇنداق ھەر كويغا ھەر ئۇسۇلغان سالىدۇ . شۇڭا مۇھەببەت دىگەن بۇ چوڭقۇر ھاڭ ئۇستىدىكى پولات سىمدا مىڭىپ ئۆتۈشنى خالىسىڭىز ھەقىقى مۇھەببىتىڭىزنى يولدىشىڭىزغا بىرىڭ . ئاندىنلا بەخىت ئامەت سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ .
سەمىمىي پىكىر تەكلىۋىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن . قاينىمىغا ئاساستا مۇنازىرە قىلىشنى خالايمەن .
كىيىنكى ھىكايە ؛ مىھىر مۇھەببەتسىز ئائىلە بولماس
مەنبە ل ياۋايى .