تۈن كېچە ئاي يىغلاپ بەرمەكتە گۈلگە
1
بىر تال گۈل پەرىشان ، تۇرار مۇڭلۇنۇپ،
بەرگىنى سىيلايدۇ ئاينىڭ نۇرلىرى.
چېچىدا ئاقىدۇ تۈنلەر شاقىراپ،
ئۆزىگە سۆزلەيدۇ ھەر تال غۇنچىسى.
رەتمۇ-رەت ھىجراننى ئالدىغا سېلىپ،
كېلىدۇ ئەتراپتىن تاڭنىڭ شەپىسى.
سۇلاردەك شاۋقۇنلاپ ئاقار تۇيغۇلار،
ئاھ ، بۇنداق تۈنلەردىن ئۆتتى قانچىسى.
گۈللەردە كۆكلىگەن گۈزەللىك ئارا،
دەردىنى سۆزلەيدۇ يۇلتۇزلارغا ئاي.
كۆيىدۇ بىر يۈرەك گۈلنى قۇچاقلاپ،
چاڭقىغان كۈيىدە مۇڭلىرى تالاي.
قىيىنلىق قىسىدۇ تۈندە ئۆركەشلەپ،
يالغۇزلۇق مۇڭىنى ئوقۇيدۇ كۈيگە.
كۈيىدۇ چاراسلاپ تۈنلەر چوغلۇنۇپ،
ئاي يىغلاپ بەرمەكتە ئاھىنى گۈلگە.
2
قەلبىگە ياغماقتا كېچىنىڭ چوغى،
بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى باغلاردا يىغلار.
تاشىدۇ دېڭىزلار كۆزلەردە كۆيۈپ،
گۈللەرنىڭ ھىدلىرى دولقۇنلاپ ئاقار .
چاراسلاپ يېرىلار تۈندە تەنھالىق،
تۇيغۇلار بىردىنلا سۆزدىن توختىدى.
شاماللار ئارغامچا قىلغان چاچلاردا،
سىرتماق سېلىنغان جانلار قاقشىدى.
گۈللەرنىڭ بەرگىدەك قانىدى ئاسمان،
ئۈزۈلگەن تارلاردا يىغلار بۇقۇلداپ.
يۈرەكلەر تىترەيدۇ مىسكىن غازاڭدەك،
تاشلاردا يېلىنجار بىر ئۇزۇن ئازاپ.
يۈرەككە قول سېلىپ جىمجىت پىغاندا،
غېرىپلىق شاقىراپ ئاقماقتا تۈنگە.
بىر سۆز بار ئىچىدە دېيەلمەي كەلگەن،
ئاي يىغلاپ بەرمەكتە ئاھىنى گۈلگە.