مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 472|ئىنكاس: 13

ئەڭگۈشتەر(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھاياتلىق ئادەمن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35164
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 991
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 1386 سائەت
تىزىم: 2011-3-25
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

           ئاينۇر بۇ ناھيىدىكى خېلى ئابرۇيلۇق بىرتىجارەتچىنىڭ قىزى بۇلۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپلا دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۈتۈپ ناھيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئورۇنلاشتى، ئۇ ئۈزىمۇ خېلى چىرايلىق، كىيىنىشلىرىمۇ خېلى مودا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت ئورنىمۇ ياخشىبولغاچقا ،خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنلا ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغانلار كۈپىيىپكەتتى.بىر تەرەپتىن يىگىتلەر ئۇنىڭغا تېلىغۇن قىلىپ،كۆڭۈل ئىزھار قىلىشاتتى،يەنەبىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۈيىگە داسقان قىلىپ قىز سوراپ كىلىۋاتقانلارمۇ بارغانسىرىكۈپىيىپ كىتىۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدارە-ئورگانلاردائىشلەيدىغانلارمۇ،ئوقۇتقۇچىلارمۇ،تىجارەتچىلەرمۇ، ساقچىلارمۇ بار ئىدى.

        ئۇدەسلەپتە تېخى يېڭىلا خىزمەتكە چىققاننى باھانە قىلىپ،ئۇلارنىڭ  تەلىۋىنى چىرايلىقچە رەت قىلدى،ئۆيىدىكىلەرگىمۇقىز سوراپ كەلگەنلەرگە  شۇنداق دەپ جاۋاپبىرىشنى تاپىلىدى،ھەم ئۇنىڭ ھازىرچە تېخى توي قىلغۇسى يوق ئىدى،ئۇنىڭ دىل يارىسىتېخى ساقايمىغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ ئارىدىن بىر يىل ۋاقىت ئۆتكەندە بىر كۈنىتۇيۇقسىز ئاينۇرنىڭ دادىسى ئېغىز ئېچىپ قالدى:

   ‹‹قىزىم،سىزمۇ چوڭ بۇلۇپقالدىڭىز،خىزمەتكە چىققىنىڭىزغىمۇ بىر يىل بۇلۇپ قالدى،ئەمدى ئۈمۈرلۈك ئىشىڭىزنى ئويلىشىدىغان ۋاقتىڭىزمۇ كەپ  قالدى،قىز چوڭ بولسا ياتلىق بۇلىدۇ،ئوغۇل چوڭبولسا ئۆيلىنىدۇ دەيدىغان گەپ بار،مىنىڭ بىر بۇرادىرىمنىڭ بىر ئوغلى بار ئىدى،ئۈزىتىجارەتچى،قالايمىقان كەيپى-ساپا ئىشلىرى يوق مىنىڭ كۆز ئالدىمدىلا چوڭ بولغانيۇۋاش بالا،ئۈزىمۇ خېلى كىلىشكەن،شۇ بۇرادىرىم خېلى بۇرۇنلا بۇ گەپنى پۇراتقانئىدى،مەن ۋاقتى كەلسۇن دىگەن ئىدىم،ئويلاپ باقسام ئەمدى ۋاقتى كەلگەندەكتۇرىدۇ،شۇڭا سىزمۇ بۇ ئىشنى ئويلىنىپ بېقىڭ،ھازىرلا جاۋاپ بىرىڭ دىمەيمەن،ئويلىنىپبۇلۇپ جاۋاپ بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.››دىدى.

     تا ھازىرغىچەدادىسىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۈتۈپ باقمىغان ئاينۇر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق خىجىلبۇلۇپ كەتتى،ئۇنىڭ يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى،ئۇ بوشقىنا ماقۇلدىدى-دە ،ياتاق ئۈيىگە كىرىپ كەتتى.

     شۇ كىچە ئۇ تاڭئاتقۇچە كىرپىك قاقمىدى،ئۈ ئۈنسىز ياش تۈكەتتى،ئۈزىنى ئەيىپلەيىتتى،يۈرەك باغرىخۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ،ئىچىنى خۇددى بىر نەرسە غاجاۋاتقاندەكتولغىناتتى،ئازابلىناتتى،ئاتا-ئانىسىنى ئويلايىتتى،ئۇ دادىسىنى  قەۋەتلا ھۆرمەتلەيىتتى،مۇشۇ كەمگە كەلگۈچە دادىسىنىڭسۆزىنى قەتئى يىرىپ باقمىغان ئىدى،ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ئۇ دادىسىغا ماقۇلدىيىشى كېرەكمۇ؟ماقۇل دىسە ئۇ دادىسىنىڭ دوستىنىڭ ئوغلى  تۇرسا،تاساددىبى ‹‹ئۆتكەل››دىن ئۆتەلمەي قېلىپ،بۇ ئىش ھەممە يەردە  ئاشكارىلىنىپ قالسا.ئۇ دادىسىنىڭ يۈزىگە قانداق قارايدۇ؟ رەت قىلسا قانداق رەت قىلىدۇ؟نىمە دەپ سەۋەپكۆرسىتىدۇ؟

     ئەسلىدە ئاينۇر ئالى مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا  ئوقۇۋاتقان چاغدا،مەكتىپىدە بىر نۇرۇزبايرىمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى،بۇ پائالىيەتتە  باشقا فاكولتېتتا  ئۈزىدىن بىر قاراريوقىرى ئوقۇيدىغان ئابلەت ئىسىملىك بىر بالا نۇرۇز بايرىمىغا ئاتاپ،ئۈزى يازغان بىر شىئىرنى دىكلاماتسىيە قىلدى،شىئىرناھايىتى ياخشى يېزىلغان ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بالىمۇ ناھايىتى كىلىشكەن بالائىدى،ئاينۇرمۇ ئەدەبىياتقا قىزىققاچقا ئۇنىڭ شىئىرىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاڭلىدى.ئۇشىئىر ئوقۇۋاتقان چاغدا يېنىدىكى دوستى ئاينۇرنى نوقىدى:

    -بۇ بالىنى تونۇمسەن؟

-ياق،كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن.

-ئۇ قانۇن فاكولتىتىدا ئوقۇيدۇ،ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭرەئىسى،دەرىستىمۇ بەك ياخشى،ھەم بەك كىلىشكەن ،شۇ فاكولتىتتىكى نۇرغۇن قىزلارئۇنىڭغا كۈيۈك.

  -ئۇنى سەن قانداقتونۇيسەن؟

  بىز بىر يۇرۇتلۇق،ئۇمەندىن بىر قارار يۇقىرى ئوقىغان.

       شۇ چاغدا ئاينۇردابۇ بالىغا نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش پەيدا بۇلۇپ  قالدى،دىمىسىمۇ ئۇ بالا تۇرقىدىنلا كىشىگە بىر خىل يېقىشلىق تەسىر بېرەتتى.

        -تۇنۇشتۇرۇپقويامسەن؟ئاينۇر ئۈزىمۇ بىلمەيلا بۇ گەپ ئاغزىدىن چىقىپ كەتتى.

   -سەنمۇ قىزىقىپقالدىڭما؟دوستى قىزىقىپ سورىدى.

  ئۇ نىمە دىيىشىنى بىلمەيتۇرۇپلا قالدى،ئۇ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.

  -بولدى ،قىزارما،-دىدىدوستى چاقچاق قىلىپ-چاتاق يوق،دىدى.

شۇنداق قىلىپ مەلۇم بىر پۇرسەتتە ئاينۇر ئابلەت بىلەن تۇنۇشۇپقالدى،ئابلەت ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىق ئىدى،يېزىقچىلىق جەھەتتىنمۇ شۇنداق قابىلىيىتىبار ئىدى،ئۇنىڭ بىر نەچچە ئەسىرى خېلى نۇپۇزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغانئىدى،ئاينۇرنىڭمۇ بۇ جەھەتتە خېلى تالانتى بار ئىدى،ئۇلار دەسلەپتە مۇشۇ تەرەپتىنپىكىر ئالماشتۇردى،يازغان نەرسىللىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپكۆرەتتى،باھالىشاتتى،كىيىن بارا-بارا تۇرمۇش توغرىلىق ،ھەتتا مۇھاببەت توغرىلىقپاراڭلارنى قىلىشقا باشلىدى،ئۇلارنىڭ ئالاقىسى بارغانسىرى  قۇيۇقلاشتى،كۈندە دىگۈدەك كۈرىشىدىغان ھالەتكەيەتتى،ئاينۇر ئابلەتنى  ھەقىقەتەن ياخشىكۈرۈپ قالغان ئىدى،ئۇنى بىردەم كۆرمىسە چىدىمايىتتى،ھەر خىل باھانە سەۋەبلەر بىلەنئۇنى سىنىپىغا ئىزدەپ چىقاتتى،قانداق ئىشنى قىلالمىسا،تۇرمۇشتا قانداق مەسلىگەيۇلۇقسا،دەرھال ئابلەتنى ئىزدەيىتتى،ئابلەت دەسلەپتە ئاينۇرنى سىڭلىسى ئورنىداكۆردى،لىكىن بارا-بارا ئۇمۇ  ئاينۇرنىياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى،شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىككىسى يۈرۈپقالدى،ئۇلارنىڭ كۈنلىرى مەنىلىك ئۈتەتتى،ئابلەتمۇ

ئاينۇرغا شۇنچىلىك كۈڭۈل بۈلەتتى،ئۇلاربىر-بىرىنى ھۆرمەتلىشەتتى.

   ئابلەت ئوقۇشپۈتتۈرىدىغان يىلى بىرىنچى مەۋسۈمدە ئۇلار مەۋسۈملۈك   ئىمتىھانلىرىنى بىرىپ بولغاندىن كىيىن ،بىريەرگە بېرىپ قانغۇدەك بىر ئويناپ ھاردۇق چىقىرىشقا پۈتۈشتى،شۇنداق قىلىپ ئۇلاركۈتكەن كۈنمۇ يىتىپ  كەلدى .

      ئۇ كۈنى كىچىچە قاتتىق قار ياغقان بۇلۇپ،ئەتىسى پۈتۈن ئەتراپ ئاپئاق لىباس كەيگەندەك شۇنداق چىرايلىق بۇلۇپكەتكەندى،ئۇلار شۇنداق خۇشال ھالدا سەھەردىلا شىمىگۇ قار تېيىلىش مەيدانىغا قاراپيۈرۈپ كەتتى.

        ئۇ كۈنى ئۇلارشۇنداق خۇشال ئويناشتى،بەلكىم ھەر ئىككىلىسى تا مۇشۇ كەمگىچە  بۇنچىلىك خۇشال ئويناپ باقمىغان بولساكېرەك،بۇلۇپمۇ ئاينۇر ئىنتايىن خۇشال ئىدى.ئۇلار ئۇ يەردىن كەچرەك قايتىشتى،تاماقيەپ بۇلۇپ ئاندىن مەكتەپكە قايتىدىغانغا دىيىشىپ،خېلى كاتتا بىر ئاشخانىنىڭ  ئايرىمخانىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇشتى،بۈگۈن ئاينۇرباشقىچىلا ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى،ئۇ خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالغانئىدى،ئۇلار تاماق يەپ بۇلۇپ بىردەم پاراڭلىشىپ  ئولتۇردى،ئابلەت  ئاينۇرنىڭ رۇخسىتىنى  ئېلىپ ئازراق پىۋا ئىچتى،بىردەمدىن كىيىن ئابلەتكە ھاراق تەسىر قىلدىمۇ قانداقئۇنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ كەتكەن ئىدى،ئاينۇر ئۇنىڭغا بارغانسىرى چىرايلىق كۈرۈنۈپكىتىپ باراتتى،ئۇ ئاستا ئاينۇرنىڭ يېنىغا كىلىپ ئاينۇرنى ئۈزىگە تارىتتى،ئاينۇريەرگە قارىۋالدى ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكىدىمۇ تەسۋېرلىگۈسىز بىر ئېقىم پەيدا بولدى،ئۇنىڭمۇ ئابلەتنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتقۇسى بار ئىدى...

      ئۇلار تەبئىيلا قۇچاقلىشىپ قالدى،ئۇلارنىڭ نەپسى تىزلىشىپ كەتكەن ئىدى..........بىر دەمدىن كىيىنئۇلار قايىتماقچى بۇلۇپ سائەتكە قارىدى،بۇ چاغدا سائەت ئونبىردىن ئېشىپ كەتكەنئىدى،بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن ياتاقنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ بولاتتى.

ئۇ ئىككىسىنىڭ رايى بويىچە بولغاندا ،ئىككىلىسىنىڭ ياتاققاقايىتقۇسى يوق ئىدى.

  -قانداق قىلىمىز ؟-دىدى ئابلەت ئاينۇرنىڭ كۈزىگە قاراپ تۇرۇپ

-بىلمەيمەن،ئاينۇر يەرگەقارىۋالدى،ئۇنىڭ بىر يەرلىرىدىن قايىتقۇسى بولمىسىمۇ ،يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق تەشۋىشلىنىۋاتاتتى ،ئۇنىڭ بۇنداق ئىشقا تۇنجى قېتىم يۇلۇقىشى ئىدى، ئەگەر ياتاققا قايىتمىسا ئېنىقلا ياتاقداشلىرىنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قالاتتى.

-ئەمىسە بىرەر يەردىن ياتاق ئېلىپ كىرىپ كىتەيلى.

      ئاينۇر ئابلەتكە ئۈنسىز ئەگەشتى،لىكىنكۆڭلىدىكى قورقۇش بارغانسىرى كۈچىيىۋاتاتتى.لىكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئابلەتكەئىشىنەتتى.

     ئۇلار يېقىن ئەتراپتىن بىر كىشلىك ياتاقئالدى،ياتاققا كىرگەندىن كىيىن ئۇلار دەسلەپتە سەل قورۇنۇپ قېلىشتى،كىيىنبارا-بارا ئۆزلىشىپ قالدى،ئاينۇردىكى قورقۇنۇچمۇ خېلى بېسىقتى،لىكىن ئۇ يەنىلائابلەت بىلەن بىللە تۇرالىغىنىدىن خۇشال ئىدى.بىر چاغدا ئاينۇرنىڭ ئۇيقۇسىكەلگەندەك بولدى،ئۇ ئۇخلاشنى ئويلاپ ئاندىن ئەتراپقا سەپسالدى،بۇ يەردە بىرلاكارۋات  بار ئىدى،

      ئۇلار كىيىملىرى بىلەنلا كارۋاتقاچىقتى،دەسلەپتە ئىككىسى ئىككى چەتتە ياتتى،لىكىن بارغانسىرى بىر-بىرىگەيېقىنلاشتى،ئۇلارنىڭ بارغانسىرى سۆزلىرى قولاشمايۋاتاتتى،ھەر ئىككىلىسىنىڭ يۈرىكىخۇددى ھېلىلا قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سۇقۇپ كىتىۋاتاتتى،ھەر ئىككىلىسى ئۈزىنىشۇنچە كونتىرول قىلىشقا تىرىشقان ئىدى،بىراق.......

        ئەتىسى ئۇلار قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈنشۇنچىلىك پۇشايمان قىلىشتى،ئاينۇرتوختىماستىن يىغلاۋاتاتتى،ئابلەت بولسا نىمەقىلارىنى بىلمەي ،ياندا بېشىنى  چاڭگاللاپئولتۇراتتى،ئۇنىڭ كاللىسىدىمۇ ھەر تۈرلۈك سۇئاللار ئۇنى قىينايىتتى،ئەمدى قانداققىلىش كېرەك؟ئاخىرى ئابلەت قەتئى نىيەتكە كەلدى.

-ئورنۇڭدىنتۇر-دىدى ئۇ ئاينۇرنىڭ قۇلىدىن تارتىپ-خاتىرجەم بول،مەن ئۇنداق ۋىجدانسىزلاردىنئەمەس،مەن قىلغان ئىشىمغا ئىگە بولىمەن، مەن چۇقۇم سەن بىلەن توي قىلىمەن.سىنى ئەمرىمگە ئالىمەن.

      ئاينۇر توختىماستىنيىغلاۋاتاتتى،ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ كۈزىگە كۈرۈنۈپلا تۇرۇۋالغاندى،ئاتا-ئانىسى ئۇنىبىر قىز دەپ قانچىلىك ئەتىۋارلىمىغان دەيسىز،ئۇ ئەمدى ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈزىگە قانداققارايدۇ؟

      ئابلەتنىڭ سۆزلىرى ئۇنى خېلى خاتىرجەمقىلدى،ئۇلار يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن ، سىرىتقا چىقماقچى بۇلۇپ تەييارلاندى،ئاينۇرنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىمئىدى،ئۇ ئۈزىنى ئاران-ئاران تۇتۇپ تۇرىۋاتاتتى،ئابلەتنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولغانبولسىمۇ ،لىكىن ئاينۇرغا چاندۇرمىدى،ئۇ ئاينۇرغا تەسەللى بەرمەكچى بۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىۋىدى،ئاينۇر ئۇنىڭغا شۇنداق چىرايلىقكۈرۈنۈپ كەتتى،ئۇ باشقىلاردىن قىزلار توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن تېخىمۇ چىرايلىقبۇلۇپ كىتىدۇ دەپ ئاڭلىغاندى.‹‹شۇ گەپ راست ئىكەندە›› دىدى ئۇ ئىچىدە،

   ئۇلارچىقىپ تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ،مەكتىۋىگە قايىتتى،يولدا كەلگۈچە ئاينۇربىر    ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى،لىكىن ئابلەتئاينۇرنى خاتىرجەم  قىلىش ئۈچۈن ،يولداكەلگۈچە ئۇنىڭغا نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى، بۇ ئىش يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ  ئۇ ئىكىكىسى مۇھاببەتلەشكەن دەسلەپكى ۋاقىتتىلائاينۇر بىلەن توي قىلىش قارارىغا كىلىپ بولغان ئىدى.

     ئۇلار قىشلىق تەتىلگە قۇيۇپ بىرىلدى،ئۇئىكىكىسى ئىكىكى يۇرۇتلۇق بولغاچقا ،قىيالمىغان ھالدا ئۆز يۇرۇتلىرىغاقايتىشتى،مۇشۇ بىر ئاي تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەر ئىكىكىلىسى    ئۈچۈن بىر مەسىلە ئىدى،ھىجران ئازابىتارىتسىمۇ،ۋىجدان ئازابى تارىتسىمۇ قانداق قىلسا قىلىپ ئۇلار تەتىلنى تۈگىتىپ يەنەمەكتىۋىگە قايىتتى.

     ئىككىنچى مەۋسۈمدە ئابلەت ئوقۇشپۈتتۈرىدىغان بولغاچقا ،ئىلمى ماقالە يېزىش ئىشلىرى بىلەن بەكلا ئالدىراش بۇلۇپكەتتى،لىكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاينۇرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۇنتۇپقالمىدى،كۈرۈشەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا تىلىغۇن قىلىپ تەسەللى بېرەتتى،ئىشلىرىغاكۈڭۈل بۈلەتتى،لىكىن ئاينۇرنىڭ ئىلگىرىكى خۇشاللىقى يوقالغاندى،ئۇ ئابلەت بىلەنكۈرۈشكەندە زورىغا كۈلۈپ قوياتتى،ئۇنىڭغا ماسلىشاتتى،باشقا ۋاقىتلاردا بولساياتاقتىن چىقمايىتتى،كىتاب ئوقۇشنى باھانە قىلىپ كارۋىتىدىن چۈشمەي ئولتۇراتتى،بۇئىش ئۇنىڭغا بەكلا ئەلەم بۇلۇپ كەتكەندى،ھېلىمۇ ياخشى ئابلەت ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇپئۇنى خېلى خاتىرجەم قىلغاندى.

    ئابلەت ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقىتيېقىنلاشقانسىرى ئاينۇرنى بىر قورقۇنىچ بېسىۋالدى،ئۇ   ئابلەتسىز كۈنلىرىنى تەسەۋۇر قىلالمايىتتى،ئابلەتبولمىسا ئۇ بۇ بىر يىلنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟ ئۇنىڭغا كىم تەسەللى بېرىدۇ؟شۇنىڭبىلەن ئۇ بىر كۈنى ئابلەتنى ئىزدەپ چىقتى،ئىكىكىسى  تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ،ئاينۇر يىغلاپ تۇرۇپ بۇئويىنى ئابلەتكە ئېيىتتى،ئابلەتمۇ دەل مۇشۇ  مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى،ئۇلار ئاخىرىمەسلىھەتلىشىپ ئاينۇرنىڭ ئوقۇشى پۈتكىچە ئابلەت مۇشۇ يەردە تۇرۇپ،بىرەر يەردەئىشلەپ تۇرىدىغان،ئاينۇر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئىكىكىسى يۇرۇتقا قايتىپ تويقىلىدىغانغا دىيىشتى،

      يازلىق تەتىل تۇشۇپ ،مەكتەپكە يىغىلىشقا نەچچەكۈن ۋاقىت قالغان چاغدا،بىر كۈنى ئابلەت ئاينۇرغا تېلىغۇن قىلىپ ،دادىسىنىڭكىسلىنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغانلىقىنى ،يەنە بىرەر ئايدىن  كىيىن ئاندىن ئۈرۈمچىگەبارالايدىغانلىقىنى،ئاينۇرنىڭ خاتىرجەم كىتىۋىرىشىنى ئېيىتتى،ئاينۇر ئا مالسىزمەكتىۋىگە قايىتتى، ئۇ كۆڭلىدە ئابلەتنى چۇقۇم كىلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى،ئۇئابلەتكە  شۇنچىلىك ئىشىنەتتىكى ،دۇنيائۆزگەرسىمۇ ئابلەت ئۆزگەرمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى،دىمىسىمۇ ئۇ تا ھازىرغىچەئاينۇرنى شۇنچىلىك خاتىرجەم قىلىپ كەلگەن ئىدى.لىكىن ئەپسۇس،ئابلەت شۇ يوقالغانچەئاينۇرغا قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى،ئۇ يۇرتىغا قايتىپلا تىلىغۇن نۇمۇرلىرىدىن تارتىپئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى،

    ئاينۇر ئۇنى بىر ئايغىچە توغراچۈشەندى،كۆڭلىدە ‹‹ئۇ بەلكىم دادىسىنىڭ كىسىلى ئېغىرراق بولغان بولسا دادىسىغا  ھەمراھ بۇلۇۋاتقاندۇ،بەلكىم شۇ ئىشلار بىر تەرەپبولغاندا چۇقۇم مىنى ئىزدەيدۇ ›› دەپ ئۈزىگە تەسەللى بەردى،لىكىن ئابلەت بۇنداقئىز-دېرەكسىزلا يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ ئەنسىرەشكە باشلىدى، ئۇ ئۆز-ئۆزىدىنسورايىتتى ‹‹ئابلەت مىنى ئالىمەن دەپ تۇرۇپ نىمىشقا مىنى ئىزدىمەيدۇ؟ئەگەر ئۇنىڭمىنى راستىنلا تاشلىۋىتىش نىيىتى بار بولسا ،نىمىشقا ماڭا تا ھازىرغىچە بۇنداقياخشى مۇئامىلە قىلىپ ،مىنى خاتىرجەم قىلغان بولغىيدى ،ئۇ يۇرۇتقا  قايىتقاندىن كىيىن ،ئۆيىدىكىلەر بىزنىڭئىشىمىزنى بىلىپ قۇشۇلماي قالغاندىمۇ؟يا بولمىسا ئابلەت باشقا بىرسىنىتېپىۋالغانمىدۇ؟››.ئاينۇر   بارا-بارائۇنىڭغا ئۆچ بۇلۇشقا باشلىدى،يەنە كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە ئۇنى ئاقلىغۇسى كېلەتتى،بۇ رىئاللىقىنى قۇبۇل قىلغۇسى كەلمەيىتتى.لىكىن  ئامال قانچە؟  ئابلەت ئۇنى راستىنلا تاشلىۋەتكەن ئىدى.

     ئاينۇر يىغلىدى،قاقشىدى،ئۇنىڭدىن شۇنچىلىكئۈمۈتسىزلەندى،دۇنيادىكى بارىلىق ئەرلەرگە ئۆچ  بولدى،ئۇنىڭغا ئۈزىنى بۇنداق تېزلا تۇتقۇزۇپ قويغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمانقىلدى،لىكىن  ئەمدى ئورنىغا كەلمەيىتتى.ئاينۇرشۇنداق ئازاب ۋە پۇشايمان ئىچىدە بۇ بىر يىلنى تۈگىتىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنئىدى،مانا ئەمدى ئۇ توي قىلىشتىن ئىبارەت بۇ رىئاللىقىتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،ئۇكەلگۈسىدىكى يولدىشىغا نىمە دەپ جاۋاپ قىلىدۇ؟

     ئۇ دادىسىنىڭ گەپلىرىنى ئويلاندى،قانچىلىكئويلانسىمۇ ئۇ يەنىلا مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۈتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيىتتى،دادىسىنىڭگېپىنى تېخى يىرالمايىتتى،ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟

    ئارىدىن ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتتى،بىر كۈنى دادىسىئاينۇرنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن سورىدى.

   -قىزىم ،ئويلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟

- ھەئە،-بوش ئاۋازدا جاۋاپ بەردى ئۇ.

-قانداق ئويلاشتىڭىز؟

-سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك بولسۇن.

    ئۇ بېشىمغا كەلگەننى كۈرەرمەن دەپ ئويلىغانئىدى.

   شۇنداق قىلىپ ئاينۇر ئۇ بالا بىلەن كۈرۈشتى،ئۇنىڭئىسمى ئەنىۋەر ئىدى .ئەنىۋەر ئاينۇر ئويلىغاندىنمۇ يۇۋاش ئىدى،ئۇ قەتئى ئارتۇق گەپقىلمايىتتى،شىرىن –شېكەر سۆزلەرنى قىلىپ قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنىغۇ  ئەسلا بىلمەيىتتى،ئاينۇرنىڭ سۇئاللىرىغا كۈلۈپتۇرۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بېرەتتى .لىكىن ئۈزى ئارتۇقچە سۇئاللارنىسورىمايىتتى.ئۇنىڭ بۇنداقلىقىدىن ئاينۇر شۇنچىلىك خۇشال بولدى،ئۇ كۆڭلىدە ‹‹ئۇ بەكزىغىرلاپ كەتمەس ››دەپ ئويلىدى.

     ئۇلار كۈرۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ئەنىۋەرنىڭ  ئۈيىدىكىلەر ئاينۇرنىڭ ئۈيىگە چوڭ چاي ئەكىردى،  چايمۇ شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈلدى،ھەرئىككىلا تەرەپنىڭ ئادەملىرى بۇ ناھيىدىكى شۇنداق يۈز ئابرويلۇق ئادەملەر ئىدى.ئوغۇلتەرەپ ئاينۇرغا شۇنچىلىك كۆپ تويلۇقلارنى ئەكەلگەن  ئىدى.

     بىر ھەپتىدىن كىيىن توي بولدى ،ئاينۇر بۇكۈنى شۇنچىلىك چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى، تويغا كەلگەن بارىلىق مېھمانلار بۇ ئىككەيلەننى خۇدا قوشقان بىر جۈپلەرئىكەن دەپ ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن بەخت تىلەشتى،ھەر ئىككى تەرەپتىكى چوڭلارمۇ بۇئىككەيلەننىڭ تويىدىن شۇنچىلىك رازى ئىدى.ئەپسۇس!بۇ بەخت ئاينۇرغا نىسىپ بولمىدى.

    توي كۈنى كەچتە يەڭگىلەر ئاينۇرنى ھۇجىرائۆيگە ئەكىرىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىشتى.بىر چاغدا ئەنىۋەر  كىرىپ كەلدى،ئۇ قارىماققائىنتايىن خۇشال كۈرۈنەتتى،ئۇلار بىردەم ئۇيان-بۇياندىن پاراڭلاشتى،كېين ئاستايېتىپ قېلىشتى......

    ئەتىسى تېخى تاڭ يورۇماستىلا ئەنىۋەر  بوي-بېشىنىمۇ يۇيمايلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى،ئۇئاينۇرغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان ئىدى،لىكىن ئاينۇر ئۇ چىقىپ كىتىشتىن ئىلگىرىئۇنىڭ شۇنچىلىك  ئازابلانغانلىقىنى ھىسقىلىپ يەتكەن ئىدى،لىكىن ئۇ نىمىمۇ دىيەلىسۇن؟

     ئاينۇر ئورنىدىن تۇرۇپ يۇيۇندى،ئۇ كۆڭلىدەبەلكىم بۈگۈن ئۈتۈپ كەتسە،ئۇ ئاچچىقىدىن يېنىپ قالار دەپ ئويلىدى،لىكىن ئۇ ئۈزىنىڭبۈگۈنلا بۇ ئۆيدىن قوغلىنىپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

      تاڭ سۈزۈلگەندە،ئەنىۋەر ئانىسىغا تېلىغۇنقىلدى،ئانىسى ئوغلىنىڭ بۇنداق ئەتىگەندە تېلىغۇن قىلغانلىقىدىن كۆڭلى قانداقتۇربىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى.

     -ۋەي،بالام ،نىمە ئىش بولدى؟

    -ئانا،دىدى ئەنىۋەر ناھايىتىمۇ بوشئاۋازدا،-كىلىنىڭنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوي.

   -بالام،نىمە دىدىڭ؟ئەنىۋەرنىڭ ئانىسى بېشىدىنبىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتى،ئۇ نىمە ئىش يۈز بەرگىنىنى بىلگەن ئىدى.

    ئەنىۋەر گەپنى دەپ بۇلۇپلا تېلىغۇننىقۇيىۋەتتى.ئەنىۋەرنىڭ ئانىسى نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى،راستىلا ئوغلىدىگەندەك قىلاي دىسە،ئۇ قۇدىسىغا نىمە دەيدۇ؟ئۇلار خېلى يېقىن ئۈتىدىغان ئادەملەرئىدى.ئەگە ئۇنداق قىلماي دىسە ،مۇشۇنداق بىر قىزنى كىلىن قىلىشقا ئۇنىڭ ۋىجدانىيول قويمايىتتى.ئۇ ئاخىرى بۇ گەپلەرنى يەڭگىلەرگە دىدى،يەڭگىلەرمۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپھەيران قېلىشتى،ئۇلار ئاينۇرنى ھەرگىزمۇ بۇنداق ناپاك ئىشنى قىلىدۇ دەپ ئويلىمىغانئىدى.

   - قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە دەپتىكەن،-دىدىئاينۇرنىڭ يەڭگە بۇلۇپ كەلگەن بىر ھاممىسى-

قىزىمىز ئەقىلسىزلىك قىلىپقۇيۇپتۇ،ئەمدى قىزنى دىمىگەن تەقدىردىمۇ قىزنىڭ ئاتا ئانىسىنى ئويلاپمۇ بولسا بۇئىشنى بولدى قىلىۋەتسەڭلار،

    باشقا يەڭگىلەرمۇ سالا-سۇلۇ قىلشتى،ئۇلاريەنىلا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاينۇرنىڭ گۇناھىنى تىلەشتى،بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولغانئەنىۋەرنىڭ چوڭ ئاچىسى دەرھال ئوتتۇرىغا چۈشتى.

   ‹‹قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى دېسەك،ئۇنىكەچۈرىۋەتسەك دەيمىز،لىكىن بۇ ئىشلارنى ھەممىمىز بىلىپ بولدۇق،ئەمدى ئۇنداق قىزنىبۇ ئۆيدە تۇرغۇزۇشقا بىزنىڭ كۆڭلىمىز كۈتۈرمەيدۇ،ئىنىمىزنىڭ ئۇنى خۇتۇن قىلىشقىمۇكۆڭلى كۈتۈرمەيدۇ،ئۇ قىز ئۈزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرىنى ساقلىيالماپتۇ،بىرقىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم نەرسە بولمايدۇ،بۇنداق خۇتۇننى مىنىڭچە سەل ۋىجدانى  بار ،ئۈزىنى ئەركەك سانايدىغانلار ھەرگىزمۇئۈمۈرلۈك ھەمراھى قىلىپ تاللىمايدۇ،خۇتۇن كىشى    دىگەن ئۆينىڭ بەركىتى،بۇنداق ناپاك خۇتۇنلارقەدەم باسقان ئۆي چۇقۇم رۇناق تاپمايدۇ.ئەڭ ياخشىسى ئۇنى بىزگىمۇ كۆرسەتمەيئاتا-ئانىسىنىڭ قۇلىغا تاپشۇرۇپ بىرىشسىلە.ئاپارغان تويلۇق،سالغان داستىخانلىرىمىزسەدىقە بۇلۇپ كەتسۇن.››دىدى .ئەنىۋەرنىڭ ئانىسىمۇ بۇ قىزىنىڭ پىكىرىنىقوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    شۇنداق قىلىپ يەڭگىلەر ئاينۇرنىڭ يۈكتاقىسىنى يۇغۇشتۇرۇپ ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىلىشتى،   ئاينۇر بېشىنىمۇ كۈتۈرمەي ،ھويلىدا چاي ئىچىپئولتۇرغان ئاتا-ئانىسىغىمۇ،تۇققانلىرىغىمۇ گەپ قىلمايلا ،يىغلىغان پېتىم ياتاقئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

    ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشلارنى كۈرۈپھەيرانۇ-ھەس قالدى،يەڭگە بۇلۇپ كەلگەنلەر بولغان ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمايئۇلارغا يەتكۈزدى،ئاينۇرنىڭ دادىسى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپلا ھۇشىدىن كەتتى،ئاينۇرنىڭئانىسى بولسا بولغان ئىشلارنى ئاڭقىرالماي روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەكلا ئولتۇرۇپقالغان ئىدى.

     ئاينۇر بۇ بىر ھەپتىدىن بېرىتاياق-توقماق،تىل دەشناملارنىڭ دەستىدىن ئورنىدىنمۇ تۇرالمىدى،شۇ بىچارە ئانا يەنەتىللىسىمۇ،ئۇرسىمۇ شۇ يۈرەك پارىسىغا چىدىماي يەنە ئۇنىڭ بېشىنى سىلايىتتى،ئۇنىڭغائىچ ئاغرىتاتتى،ئۇنىڭغا سۇ ئىچكۈزەتتى،بىر نەرسىلەرنى يىگۈزەتتى،ئاينۇر بولساتورۇسقا قاراپ يىغلاپ ياتاتتى،ئۇ خۇدادىن ئۈزىنىڭ ئۈلۈمىنى  تىلەيىتتى،بىر كىچىدىلا بۇ يۇرۇتنى تاشلاپچىقىپ كىتىشنى ئويلايىتتى.راسىت گەپنى قىلغاندا ئۇ ئۈزىنىڭ بۇنچىلىك ئېغىر كۈنگەقالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى.ئەگەر مۇشۇ ئىشلار يۈز بەرگەننىڭ ئورنىغا ئۇ بىرساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ،بىر ئۈمۈر ئاغرىق ئازابى تارىتقان بولسا،شۇنىڭغارازى بولاتتى.

     ئارىدىن ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىنئۇ ئىشقا چىقتى،ئۇنىڭ بۇ ئىشى پۈتۈن ناھيىگە پۇر كەتكەن ئىدى،شۇڭا ھەممە ئادەمئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قارايىتتى،ھەتتا خىزمەتداشلىرىمۇ  ئۇنىڭغا ئۇچۇق چىراي ئاچمىدى،ئۇنىڭغىمۇ خۇددىھەممە ئادەم ‹‹بۇزۇق››دەپ تىللاۋاتقاندەكتۇيۇلدى،ئۇ يولدىمۇ خۇدۇكسىرەپ خاتىرجەمماڭالمىدى،ئۇ مۇشۇ بىر كۈندىلا بۇ دۇنيالىقتا بارمۇ-يوق بۇلۇپ كەتكەندى،بۇنداقتۇيغۇ ھەقىقەتەن ئازابلىق ئىدى،ئۇ بىر قىز بالا ئۈچۈن شەرمى-ھايانىڭ نەقەدەرمۇھىملىقىنى ئەمدى تېخىمۇ ھىس قىلغان ئىدى،چۈنكى ئۇنىڭ ئەنە شۇ بىر  قېتىملىق خاتالىقى ئۇنى مۇشۇنداق كۈنگەقويغاندى،ئۇنىلا ئەمەس ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ بۇ  شەھەردە تۇرغۇسىز قىلىۋەتكەندى.ئۇ بۇ ئىشلارنى ئابلەتتىنىمۇ كۆرمىدى،پەقەتئۈزىدىنلا كۆردى،ئەگەر ئۇ چىڭ تۇرىۋالغان بولسا ئابلەتمۇ ئۇنى ئۇنچىۋالامەجبۇرلىماس ئىدى.

     ئۇ بۈگۈنلا بۇ يەردەتۇرسا ئەمدى بولمايدىغانلىقىنى چۇڭقۇر  ھىسقىلىپ يەتتى ۋە كىچىچە تەييارلىق قىلىپ ئەتىسىلا ئاتا-ئانىسىغىمۇ دىمەيلائۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى،ئۇ ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى يوق بۇ شەھەردەھەممىنى قايتىدىن باشلىماقچى ،قايتىدىن باش كۈتۈرۈپ ئاياللارنىڭمۇ ئۇنچىۋالا ئاجىز ئەمەسلىكىنى  ئىسپاتلىماقچى ئىدى.

       ئاينۇرنىڭ كەتكەنلىكىنى بىلىپ ،ئاينۇرنىڭئانىسى بىر تەرەپتىن قىزىدىن ئايرىلغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان بولسا،يەنە بىرتەرەپتىن ئۇ ئاينۇرنىڭ بۇ يەردە قانداق كۈنگە قالىدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئۇنىڭ بۇيولنى تاللىغىنىدىن خۇشال بولدى،ئۇ ئاللادىن ئاينۇرغا ئىنساب ۋە ئامانلىق تىلىدى.


مەنبە:ئۆز قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-6 08:10 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
afxar + 50 ئاز بولسىمۇ ئەپ قۇيار.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

تۈركەنە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 533
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  ياخشى بەك ياخشى يېزىلىپتۇ قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن

پەخرىم بىلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ بۇخەتنى بېسىپ كىېىپ كۈرۈڭ
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت

ھەي جۇڭگۇچىلىق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5667
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4580 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق ئىشلار دىگەن جىق بوپ] كەتتىغۇ ھازىر ....شۇڭا  مەكتەپتىكى مۇھاببەت خۇدايىمغا ئامانەت دەپتىكەن  ...

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81687
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايە ئەمەسكەن ،
ھەقىقى بولغان ئىشتەك قىلىدۇ ،!    شۇنداقمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24430
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3067
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ،ئىسىت ئابلەت دېگەننىڭ ئوغۇل بالا بولۇپ قالغىنى.......

ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن  بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24430
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3067
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2012-7-6 08:36 PM
ئۇنداق ئىشلار دىگەن جىق بوپ] كەتتىغۇ ھازىر ....شۇڭا  مەكت ...


ئادەم چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك بولمايدۇ، بەلكى سۆيۈملۈك بولغاچقا چىرايلىق بۇلىدۇ.سۆيۈملۈك بولۇش ئۈچۈن  بىرلا يول بار ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش.باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۇنچىۋالا ئۇڭاي ئەمەس ...

تىمتاس لېرىكا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1844
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق كۈنگە قالىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇ كۈنگە قالغۇچە بالدۇراق  باشقا شەھەرگە كەتكەن بولسىچۇ....، قەدىرلىمىسەڭ ئۆزۈڭنى  قەدىرسىزسەن ئۆزگىگە  دىگەن شۇدە ..


ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5194
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 45537
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2154 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك چىقىپتۇ ھېكايىڭىزنىڭ....

ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئەنگۈشتىرىدىن ئايرىلىپ قالغان قىز ،خارلىقتا ياشايدۇ....

تەكلىپ: ئىملاغا دىققەت قىلىپ كەتسىڭىز،بەزى جايلىرىدا ئىككى خەتنىڭ ئاخىرقى ھەرىپلىرى قوشۇلۇپ بىر خەت بولۇپ قاپتۇ....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئاۋال يۈرەك ئاندىن كۆزيىغلايدۇ

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3326
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 6321 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزبالا بىر پارچە ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ.ئۇنىڭغا چېكىت قويۇلدىمۇ مەڭگۈ ئۆچۈرۈپمۇ چىقىرالمايدۇ....

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78072
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچ ۋاختى قىزلار بىلەن كورۇشكەن ئوغۇللارمۇ، بۇلۇپمۇ  ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزلار بىلەن كورۇشكەندە، ۋاقىتنى سوزۇپ كەچ قىلۋەتسىلا،  بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇ قىزنى ياتاققا ئەكىرەلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، قىزلارمۇ شۇنداق بۇلىشىنى خالايدىغان بۇلۇپ كەتكەن تۇرسا(ئاز بىرقىسمىنى ھېساپقا ئالمىغاندا،ئالتۇنغا تىگۇشكىسىز قىزلىرىمىز بار)،  مىنىڭچە بۇھېكايە ئۇنداقلارغا ئىبرەت بولماسمىكىن، ئەقلى بارلىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى توي قىلىشتىن كىيىنكى ئىشلارنى ئويلايدۇ، لىكىن بىر قېتىم ئەرگە تىگىپ چىقىپلا، يەنە تەگسە بۇلىۋېردىغان ئىش تۇرسا، ئوينىۋالسام نىمە بوپتۇ ،ئوغۇللارمۇ ئويناپ ئويناپ يەنە توي قىلدىكەنغۇ، ئوزى يىگىت ئەمەس تۇرۇپ،يەنە قز تاماسى قىلامدىكە، دەپ يەنە ئوز ئىشىنى  قىلىۋېرىدۇ،ئوغۇللىرىمىزمۇ لاتىلىشپ كەتتۇق، بۇندا دىسەم مۇنبەردىكى ئەركەكلىرىمىزنىڭ غورۇرىغا تىگىپ كەتمىسۇن،شۇ قىزلىرىمىزنى ئوزىمىز قوغدىيالمىدۇق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش