 |
 |
 |
 |
''ئەراپاتنى كىم ئۆلتۈرگەن؟'' بۇ گۇمانلىق مەسلە ھازىر ئوتتۇرا شەرق رايۇندا بارغانچە غۇلغۇلا قوزغىماقتا. ئەراپاتنىڭ قالدۇق نەرسىلىرى ئىچىدىن جاننى ئالدىغان خېمىيلىك ماددا پولۇنىينىڭ بارلىقى بايقالغاندىن كىيىن پەلەستىننىڭ بۇ سابىق رەھبىرىنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى تالاش-تارتشىشىلار ھازىر ئوتتۇرا شەرىق رايۇندىكى ئەڭ سەزگۈر تىمىغا ئايلنىپ قالدى. پەلەستىنلىكلەر تۇشمۇ-تۇشتىن ئىسرائىيلىكلەرگە قاراپ قولىنى شىلتىپ ئۇلارنى« نۇمۇسسىزلار» دەپ ئەيىپلىمەكتە ۋە مەسخىرە قىلماقتا،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ''11-سىنتەبىر ۋەقەسى''نىمۇ ئىسرائيلىكلەر قىلغان. «ئەراپات زادى زەھەرلىنىپ ئۆلگەنمۇ- يوق؟»دىگەن مەسلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇل قالغان خۇتۇنى ۋە پەلەستىن مىللىي ھاكىميەت ئورگىنى ئەراپاتنىڭ قەۋرىسىنى ئېچىپ مىيىتنى تەكشۈرەيدىغانلىقىنى بىلدۇردى. تارىختا مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ قەۋرىسىنى ئېچىپ مىيىتىنى تەكشۈرگەن ئىشلار كۆپ بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقىسىدەك داغدۇغا قوزغايدىغنى كۆپ ئۇچۇرمايدۇ، ئامرېكا «خىرىستيان ئىلمىي رىسالىسى»ژورنىلدا ئېيتىلىشچە:ئەگەر قەۋرىنى ئېچىپ تەكشۈرگەندىن كىيىن ئەراپاتنىڭ قەسىتكە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكى مۇقۇملاشتۇرۇلسا بىر مەيدان بوران-چاپقۇن يىتىپ كىلىشى مۇمكىنكەن. روسسىيە تاراتقۇلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ :«ئەگەر ئىىسرائىليەنىڭ بۇ ئىشنى قىلغانلىقى ئىسپاتلانسا ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئىسرائىليە ئوتتۇرسىدا يېڭى بىر قېتىملىق تۇقۇنۇش مەيدانغا كىلىپ بۇرايۇندا ئېغىر داۋالغۇش كىلىپ چىقىشى مۇمكىن»دىدى.
مەنبە:يەرشارى تورى http://world.huanqiu.com/roll/2012-07/2887876.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-6 07:48 PM
|
 |
 |
 |
 |
|