تۇخۇ،قۇشقاچ ۋە مۈشۈك
(مەسەل)
گۈزەل باغۇ-بوستانلىق مەھەللىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بىر قورۇدا،تۇخا،مۈشۈك،ئىت قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ناھايتى ئىناق ياشايدىكەن.
ئۆي ئىگىسىمۇ بۇلارنىڭ ئىناقلىقىدىن بەكمۇ خوشالكەن ھەم بۇلارغا بەكمۇ ئامراقكەن.ئىت بىلەن مۈشۈك ناھايتى كەم سۆز ئىكەن.ئۇنىڭ ئەكىسچە تۇخۇ بولسا ھاكاۋۇر،مەنمەنچىكەن.
بىر كۈنى مۈشۈك ئەمدىلا كۆزى ئېچىلغان ئاسلانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ،سىرىتقا ئاپتاپ سۇندۇرغىلى ئېلىپ چىقىپتۇ.بۇنى كۆرگەن تۇخۇ مۈشۈكنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
-ھەي بۇرادەر ئەمدى قوپتۇڭما،تاڭ ئاتقىلى نەۋاق،-دەپتۇ.
-شۇنداق مەن ئەمدىلا تالاغا چىقتىم ،-دەپتۇ مۈشۈك ئۇيقۇ چىراي كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ.
-ھەي،خىجىل بولماي دېگەن گېپىڭنى قارا،بۇ ئۆيدە ئىت بىلەن ئىككىڭلار ناھايتى بەخىتلىك جۇمۇ.ئىتمۇ كۈن بويى سايىغا كىرۋېلىپ ئۇخلايدۇ،تېخى ئاۋۇ ئاخمەق ئىگىمىزچۇ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى تائاملارنى راسلايدۇ.سەنمۇ يۇمشاق ئۇرۇن كۆرپىلەر ئۈستىدە ھارماي ئۇخلايسەن،تېخى سېنى ئەتىۋارلاپ ناننى يۇمشاق چايناپ بېرىشلىرىچۇ،قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ ئەركىلتىپ كېتىشلىرىچۇ تېخى.بۇ قورۇدا ھەممىدىن جاپا تارتىۋاتقىنى مەن،تۆت تال قۇناقنى توپىغا چېچىپ بېرىدۇ.تويساقمۇ شۇ تويمىساقمۇ شۇ،ئەتىدىن كەچكىچە قاتتىق يەرلەرنى تاتلاپ قۇرۇت -قۇڭغۇزلارنى تېرىپ يەپ جان باقىدىغان گەپ،بىزنى قاچان تۇخۇم تۇغاركىن دەپ كەينىمىزدىن مارلاپ يۈرۈشلىرىچۇ تېخى،بىز سەنچىلىك بىرەر كۈن راھەت كۆرسەك بۇ قورۇنى تۇخۇمغا توشقۇزۋېتەتتۇق،خورازلىرىمىزنىڭمۇ جاپاسى خېلى بار،تاڭ سەھەردە ئىنسانلارنى ئورنىدىن تۇرۇشقا ئۈندىمىسە تېخى....بىز مۇشۇنداق جاپا تارتىپ ئىشىك ئالدىغا كەلسەك بىزنى قوغلاشلىرىچۇ.سەن يەنە خىجىل بولماي كۈن چۈشكىچە ئۇخلامسەن،-دەپتۇ تۇخا.
مۈشۈكنىڭ تۇخا بىلەن گەپ تالاشقىسى كەلمەي،باللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ كېتىپتۇ.ئاسلانلارنىڭ ئارىسىدا چىچەن بىر ئاسلان ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئاپىسىدىن سوراپتۇ:
-ئاپا ،تۇخا ئاچام دېگەندەك بىز ۋە ئىت تاغاملار راستىنلا تەييارتاپ ھۇرۇنما؟-دەپ سوراپتۇ.
بالىسنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالىدىن ئانا مۈشۈك قانداق چۈشەندۈرىشىنى بىلمەي تۇرسا،پىشايۋان ئاستىغا ئېسىپ قۇيۇلغان قەپەستىكى قۇشقاچ گەپ باشلاپتۇ:
-ھەي ئاسلانچاق،تۇخا دېگەن نېمىنى بىلەتتى،سىلەرمۇ ئاۋال چوڭ بولۇڭلارچۇ ئاندىن بىلىسىلەر.ئاپاڭلارنىڭمۇ ئىنسانلارغا ھەم بۇ ئائىلىگە قوشقان تۆھپىسى زور. ئىنسانلارنىڭ مىڭ جاپادا يىغقان ئاشلىقلىرىنى چاشقانلارنىڭ ئوغۇرلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،كېچىچە چارلاش ئېلىپ بارىدۇ،ئاشۇ تۇخا يەۋەتقان داندىمۇ ئاپاڭلارنىڭ تۆھپىسى بار.
ئىتقا كەلسەك كۈندۈزى ئۇخلىغان بىلەن ئۇمۇ كچىچە ئۇخلىماي ئۆيگە ئوغرى كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،شۇڭا ئىگىمىز خاتىرجەم ئۇخلايدۇ ئەمەسمۇ،تۇخۇ ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزگەن بىلەن ئۇلارنىڭمۇ ئانچە -مۇنچە سالىدىغان زىيىنى بار،مەسلەن ھويلىلارغا چىچىپ ھويلا تازلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ.يەنە تېرىغان سەي-كۆكتاتلارنىمۇ تاتلاپ بۇزىدۇ،ماڭا قاراڭلار مەنمۇ كۈن بويى ئىسىل دان،پاكىز سۇ ئىچىپ ياشىغان بىلەن،خۇجايىنىمىز سەللا خاپا بولۇپ قالسا،سايراپ كۆڭلىنى ئاچىمەن.ساڭا بىر سۆز قالدۇراي ئاسلانچاق،قوي مەڭگۈ ئۆچكە بولالمايدۇ،ئۆچكە قۇي بولالمايدۇ.تۇخا قىلغاننى سەن قىلالمايسەن،سەن قىلغاننى تۇخا قىلالمايدۇ،-دەپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ قۇشقاچ.
مەنبە-قەلىمىم (تۇردى مەزمۇت)