نادىر فىلىم:«ئاماننىساخان»توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى 1993-يىلى ئىشلىگەن)
سىنارىست-سەيپىدىن ئەزىزى،ۋاڭيەن.رىژىسۇر-ۋاڭ يەن، ۋاڭ شىڭجۈن.ئاساسلىق روللاردا:
ئاماننىساخان-مونىرەئەنسەردىن.ئابدۇرىشىتخان-مىرادىل ئابلىمىت.يادىكار خېنىم-خۇرشىدە تۇردى.
مەخمۇت ئاكا- سادىقھاجى ساتتار قاتارلىقلار
فىلىم ھەققىدە چۈشەنچە:
بۇ فىلىمدە ئاماننىساخان 16-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئايال مۇزىكانىت،شائىرە بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىخىدا بىردىن-بىر موھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان ئايال باش قەھرىمان.ئۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىكى 12مۇقامنى رەتلەش جەھەتتە زور تۆھپە قوشىدۇ. كىچە-كۈندۈز جاپالىق ئىشلەپ، 12مۇقامنى رەتلەش جەريانىدا قاتتىق ھېرىپ-چارچىغانلىقتىن پەقەت 34 ياشقا كىرىپلا ئالامدىن ئۆتىدۇ. بىراق ئۇ مول سەنئەت بايلىقلىرىنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىسىنىڭ «مۇزىكا پىشىۋاسى»دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. فىلىمدە ئاماننىساخاننىڭ ئاقكۆڭۈل،ئىشچانلىقى بايان قىلىنسا، مۇزىكا جەھەتتىكى زور تۆھپىسىمۇ ئەكىسئەتتۈرىلىدۇ. شۇنداقلا يەنە رەڭدار مۇھەببەت ھىكايىسى بايان قىلىنىپ، ئابدىرشىتخاننىڭ خانىشىغا ئايلانغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. فىلىمدە مۇشۇ بىر مەزگىللىك تارىخنى بايان قىلىش ئارقىلىق 16-ئەسىردىكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ روناق تاپقان دەۋرىنى ئەكىسئەتتۈرىدۇ. ئاماننىساخان فىلىمى نادىر مىللىي مەدىنىيەت مىراسىغا ئايلانغان.بۇ فىلىم جوڭگۇ كىنوچىلىق باشقارمىسى تەرىپىدىن ھەم مەمىلكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىمىسىدىكى كىنولارنى باھالاش يىغىنىدا ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن فىلىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بۇ فىلىمدە رول ئالغان ئاكتىيۇرلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. فىلىم تۇنجى قويۇلۇش ۋاختىدا بۇ فىلىمدىكى ئاساسلىق ئاكتىيۇرلار سەھنىدە ئۆزىنىڭ تالانتىنى كۆرسۈتۈپ بولغاندىن كىيىن ياكى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن فىلىم ئاندىن رەسمى قويۇلغان.
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 6-ئىيۇل يېزىلدى. قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باغإةن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-6 12:44 PM