|
|
|
|
نادىر فىلىم:«گۈزەل ماكان» توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى 2005-يىلى ئىشلىگەن.) سىنارىست-ماۋىنجۈن.رىژىسۇر-گاۋ فېڭ. ئاساسلىق روللاردا: ئالىمجان تۇرسۇنبەكرى،دەلىلقان قادىر قاتارلىقلار فىلىم ھەققىدە چۈشەنچە: «گۈزەل ماكان» دېگەن بۇ فىلىمنى دۆلەت رادىيۇ-تىلۋىزىيە باش ئىدارىسى كۆرسەتكەن دۆلەت بايرىمىنىڭ 55يىللىقىنى خاتىرلەشكە سوۋغا قىلغان فىلىملارنىڭ بېرى. شۇنداقلا ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن سۈرەتكە ئېلىنغان فىلىم. فىلىم پەقەت 90كۈن سەرپ قىلىپ، سۈرەتكە ئېلىشنى تاماملاپ،باشقا ئىجادىيەتلەرنىمۇ پۈتتۈرگەن. قازاق ياش يىگىت ئامانتاي ئالىي مەكتەپنىڭ چىرايلىق قىز ئوقۇغۇچىسى-ماھىرەنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ۋە زامانىۋىلاشقان شەھەر تۇرمۇشىنى قوغلۇشۇش ئۈچۈن، دادىسىنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي، جاھىللىق بىلەن يايلاقتىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ غايىسى بويىچە، كەلگۈسى تۇرمۇشىنى تاللايدۇ. يايلاقتىن ئايرىلغان ۋاقىتتا ئامانتاي دادىسى بىلەن خوشلىشىدۇ. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزى ۋە دادىسى،يۈرۈتداشلىرى ۋە ئۇنى بېقىپ ئۆستۈرگەن يايلاققا بولغان مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىدۇ. يايلاق يەنىلا گۈزەل،كىگىز ئۆيلەر ئاۋالقىدەكلا پاكىز. ئەمما بۇ ئائىلە كىشىللىرى بازار ئىگىلىگىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىغا دۇچ كىلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىق مىھرى-مۇھەببەت بىر- بىرىگە قىيمىغان ھالدا خوشلىشىدۇ. بۇ فىلىم قازاق خەلقىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ۋە مۇھەببەت ھىكايىسىنى تىما قىلغان. رىيال تۇرمۇشتىكى ئىختىسات راۋاجلانغان ۋەزىيەت ئاستىدا باي بولغان قازاق چارۋۇچىلارنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان ئەن-ئەنىۋىلىك ۋە زامانىۋىيلىق،ئاتا-بالىلىق مىھرى-مۇھەببەت بىلەن يايلاق مەدىنىيىتى بىلەن شەھەر مەدىنىيىتى ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش جەريانى بايان قىلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، فىلىم گۈزەل ھەم سىرلىق يايلاق مەنزىرسى ئارقىلىق ئۆزىگە خاس خاراكتىر كۈچكە تولغان شىنجاڭ مەدىنىيىتىگە بولغان ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قاتارلىقلارنى ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە مىللەتتىن ھالقىغان ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ھىسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. فىلىم زامانىۋىي تۈسكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە دەۋىر ھالقىغان ئۇزاق تارىخقا باغلىنىشلىق بولغان ئۆزىگە خاس قازاق مەدىنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى ئىپادىلىگەن. شۇنداقلا ھىسىيات جەھەتتىكى زىددىيەت ۋە تاللاشنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. بۇ فىلىمدىكى ئەر باش پىرسۇناژ ئاخىرىدا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ، بىر سۆز قىلىدۇ. « مەن ھازىر ماڭدىم. ئەمما مەن كىيىن يەنە يايلاققا قايتىپ كىلىمەن.»ئەمىليەتتە ھەر بىر مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسى شۇ مىللەت كىشىللىرى بىلەن مەنىۋىي جەھەتتىن باغلىنىشلىق. ئۇ مەڭگۈ بىزنىڭ گۈزەل ماكانىمىز. «گۈزەل ماكان»فىلىمى بىر خىل ئەنئەنىۋىلىك كۆز قاراش بىلەن يايلاقتىكى يىزا-كەنت مەدىنىيىتى بىلن شەھەرلەردىكى ئەنئەنىۋىي مەدىنىيەتنىڭ شەددەتلىك توقۇنىشى ۋە زىددىيىتىنى ئىپادىلىگەن.ئامانتاي ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئوتتۇرسىدىكى مەدىنىيەت جەھەتتىكى تاللاش ،توقۇنۇش ۋە قارشى تۇرۇشنى ئىپادىلىگەن ھەم يەنە ئاخىرىدا ماھىرلىق بىلەن ئەن ئەنىۋىي نەزىريە ئارقىلىق ۋە ئاشۇتوقۇنۇش ۋە زىددىيەتنى چۈشەنگەن.فىلىمدە «ئات»نىڭ ئوبرازى پەقەت قاتناش قۇرالى بولۇپلا قالماستىن ۋەقەلىكنى بايان قىلىشتىكى موھىم ھالقا قىلغان. ئادەم ۋە ئاتنىڭ مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئادەمنى تەسىرلەندۈرگەن.فىلىمدە مىللىي مەدىنىيەتكە نىسبىتەن ئىزدىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش ئېلىپ بېرىلغان.بۇ فىلىمنى مەلۇم بىر مىللەتتىن ھالقىشقا تۈرۈتكە بولغان. شۇ سەۋەپتىن بۇ فىلىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى كىنو بايرىمىدا مىللىي تىما قىلىنغان ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. بەختىمىزگە يارىشا ئەينى ۋاقىتتا جوڭگۇغا ئارام ئېلىشقا كەلگەن قازىقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زوڭتۇڭى نەزەربايىف خەينەن سەييادا «گۈزەل ماكان»فىلىمىنى كۆرگەن ھەم يۇقىرى باھا بەرگەن. شۇ سەۋەپتىن بۇ فىلىم جوڭگۇدىكى قازاق مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكىسئەتتۈرگەن بولۇپلا قالماي، يەنە قازىقىستان جۇمھۇريىتىگىچە كېڭەيگەن. 2005-يىلى2-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ فىلىم قازىقىستاننىڭ پايىتەختى ئاستانىدە تۇنجى قىتىم غەلبىلىك قويۇلغان. بۇ جوڭگۇنىڭ تۇنجى قىتىم دۆۋلىتىمىزدە ئىشلىگەن فىلىملىرىنىڭ قازىقىستان قاتارلىق دۆۋلەتلەرگە كېڭەيتكەنلىگىدىن دېرەك بەردى ھەمدە قازاق مىللىتىنىڭ يۇقىرى دەرجىدە ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ بەرگەن باھاسى بولسا بۇ فىلىم 10نەچچە يىللاردىن بۇيانقى «تەڭرىتاغ قىزىل گۈلى»،«يىتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى»دىن كىيىنكى قازاق مىللىتىنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن موھىم نادىر فىلىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى يېزىلدى. قەشقەر
|
|
|
|
|
|