«مۇقام ئۇستازى» دراممىسى توغرىسىدا
(بۇ دراممىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىگىنىڭ مىللىي ئوپىرا دۈيى 1980-يىللىرى ئوينىغان.) ئاپتۇرى-مەمەتئېلى زۇنۇن.رىژىسۇر-ئابدۇقادىر يۈسۈپ. ئاساسلىق روللاردا: تۇردى ئاخۇن-ئابلىكىم روزى.ئىمىن ئاخۇن-ئابلىز ئايۇپ. جىنەستە-تاجىگۈل.ئەنىۋەر-ئەرشىدىن بەختىنساخان-ھۆرىگۇل راشىدىن موللا-مەمەت ياقۇپ.خوجا داموللا-ئابدۇقادىر ھاجى نەزەر دەرۋىش-قۇربان ئىسلام. قورچاق جۈيجاڭ-يولۋاسخان ئىمىن قاتارلىقلار. دراممنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ دراممىدىكى تۇردى ئاخۇن ئاكا 1881-يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ بۇلاقسۇ رايۇنى بارىن يىزىسىنىڭ تۆتكۆل مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىسىمۇ ئاتاغلىق مۇقامچى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر ئىدى. تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى كونىشەھەردە، ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرى يېڭىساردا،1939-يىلدىن 1949-يىلغىچە بولغان ھاياتى قاغىلىقتا، ئۇندىن كىيىنكى ئۆمرى يەكەن ۋە قەشقەر شەھرىدە ئۆتكەن.1945-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تۇردى ئاخۇن ئاكا ئائىلسىدە باللىرى ۋە شاگىرىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ساز چېلىپ مۇقام ئېيتىۋاتقاندا خوجا داموللام ۋە ئۇنىڭ مورىتلىرى ھويلىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، مۇقام ئۆگىنىۋاتقان ياشلارنى ھاقارەتلەيدۇ ھەمدە« مۇقام ئېيتىش ھارام»دەپ ساز چېلىپ مۇقام ئېيتىشنى چەكلەيدۇ. تۇردى ئاخۇن ئاكا قاتارلىقلارنىڭ ئۇلارغا رەددىيە بېرىشى ئارقىسىدا بۇ مۇشتۇمزورلار دەككىسىنى يەپ چىقىپ كىتىدۇ. 1946-يىلى تۇردى ئاخۇن ئاكا قاغىلىقتا مۇقام تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ تۇرغان مەزگىلدە خوجا داموللا تۇيۇقسىز يالغاندىن ئويدۇرما خەت يېزىپ، چايغا تەكلىپ قىلىدۇ. تۇردى ئاخۇن ئاكا ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ، ھاياتىدىن ئايرىلغىلى قىل ئۈستىدە قالىدۇ. نەتىجىدە ئىنىسى-ئىمىن ئاخۇن ۋە دوستلىرىنىڭ ھۇشيارلىق بىلەن يارىدەم بېرىشى ئارقىسىدا تۇردى ئاخۇن ئاكىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. 1947-يىلى خوجا داموللا، نەزەر دەرۋىش قاتارلىق سوپى ئىشانلار تۇردى ئاخۇن ئاكىغا تۆھمەت توقۇپ، قارىلاپ زىندانغا تاشلايدۇ. بۇ چاغدا خەلقپەرۋەر تىلماچ ئەپەندىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا گومىنداڭ جۈيجاڭى بىلەن خوجا داموللىنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، ئۇلارنى قارشىلاشتۇرۇپ،« ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇپ،» ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، 2-قېتىم تۇردى ئاخۇن ئاكىنى تۈرمىدىن ئېلىپچىقىپ، ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. تۇردى ئاخۇن ئاكا بېشىغا ھەرقانچە كۈلپەت كەلسىمۇ مۇقامنى رەتلەش،قوغداشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشىنى بىر كۈنمۇ توختۇتۇپ قويمايدۇ. دۆۋلىتىمىز ئازات بولغاندىن كىيىن پارتىيىمىزنىڭ رەھبەرلىگىدە تۇردى ئاخۇن ئاكا شاگىرىتلىرىغا مۇقام ئېيتىش، مۇزىكا چېلىش،مۇقامنى رەتلەش قاتارلىق كەسپىنى ئۆگىتىپ ھەر دەرجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. بۇ دراممىدا تۇردى ئاخۇن ئاكا باشچىلغىدىكى مۇقامچىلار بىلەن سوپى ئىشانلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشنى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەپ،بۇ دراممىدا كومىدىيىلىك ئالاھىدىلىگىنى بايان قىلغان.ئاپتۇر مەمەتئېلى زۇنۇن بۇ دراممىنى يېزىش ۋە سەھنىلەشتۈرۈش جەھەتلەردە ئالاھىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. تۇردى ئاخۇن ئاكا رولىدىكى ئابلىكىم روزى باش قەھرىمان رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ ۋە 12مۇقام ئاساسىدا ئورۇنلانغان ناخشىلارنى ياڭراق ئاۋازى بىلەن جانلىق ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن مەدىھلىشىگە ئېرىشكەن. بىز بۇ دراممىنى ئىشلەش ئۈچۈن ئەجىر قىلغان بارلىق سەنئەتكارلارغا چوڭقۇر تەشەككۇرىمىزنى بىلدۈرىمىز. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى يېزىلدى. قەشقەر
|