مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8720|ئىنكاس: 55

فېرناندونىڭ ئۇيغۇر يىگىتىگە كۆزى چۈشتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر تىنىقىڭن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12459
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 889
توردا: 1642 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 11:54:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خان مادرىت كوماندىسى باش نازارەتچىسى فېرناندونىڭ توققۇز ياشلىق ئۇيغۇر يىگىتىگە كۆزى چۈشتى

ياشىن تورى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 2-كۈنى خان مادرىت كۇلۇبى بالداقسىمان ئەترەت تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باش نارارەتچىسى، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى فېرناندو باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ «شىنجاڭ مېنى ھەيران قالدۇردى ھەم بەك خوش قىلىۋەتتى» دېدى.
    فېرناندو ۋە خېڭدا مادرىت پۇتبول مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق كىشىلەر ئۈرۈمچى ۋە سانجى شەھىرىدە ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبولىغا قارىتا ئىككى كۈنلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. خېڭدا مادرىت پۇتبول مەكتىپىنىڭ تېرىنىرلار ئەترىتىدىكى ئاساسلىق شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىم بۇ ئىككەيلەننىڭ مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولىشى يەنە ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
    1-ئىيۇل فېرناندو ۋە جۇ سۈيئەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ مېھمانخانىدا ئازراق ئارام ئېلىۋىلىپلا شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىگە يېتىپ كېلىپ شەخسەن ئۆزلىرى 40 نەچچە بالىلارغا قارىتا پۇتبول ئاساسىي ساپا سىنىقى ئېلىپ باردى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: «جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەربىر مەيدان مۇسابىقىسىنى نەچچە تۈمەن ئادەم كېلىپ كۆرىدىكەن، بۇنىڭدىن شىنجاڭدا پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق. ئاڭلىشىمىزچە بۇ يەردە ناھايىتى قالتىس پۇتبولچى نوتىلار بار ئىكەن، بىز ئۇلارنىڭ بىزنىڭ مەكتەپكە بېرىپ ئىلمىي، سىستىمىلىق بولغان مەشىقنى قوبۇل قىلىپ جۇڭگو پۇتبولچىلىقى شۇنداقلا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
    بۇ قېتىم سىناققا قاتناشقان 40 نەچچە ئۆسمۈرنىڭ ھەممىسى خېڭدا مادرىت پۇتبول مەكتىپىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى سىنىقىدىن ئۆتكەن بالىلار، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار سۈرئەت، كۈچ، چىدامچانلىق، ماسلىشىشچانلىقى، ئېلاستىكىلىقى ۋە ئەقىلىي قابىلىيىتىدىن ئىبارەت ئالتە تەرەپتىن سىناق ئېلىپ بارغان. سىناق پاس، توپ ئېلىپ مېڭىش، توپنى كونترول قىلىش، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ۋە ئەمەلىي مۇسابىقىدىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
    سىناق داۋامىدا بىر قارىمۇتۇق كىچىك بالا فېرناندونىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ باشقىلاردىن بىر باش پاكار بالا مەيلى توپ ئېلىش، پاس بېرىش ۋە يۈگۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە بولسۇن ھامان ناھايىتى تەبىئىي ۋە راۋان بىر خىل تەسىر بەرگەن، فېرناندو پات-پات چاۋاك چېلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ تۇردى.
    مۇخبىر مەيداندا تۇرغان بۇ كىچىك بالىنىڭ تېرىنىرى مىرزاقېيۇمدىن ئىگىلىشىچە، بۇ بالىنىڭ ئىسمى ئابدۇللا ئىكەن، بۇ يىل ئاران توققۇز ياشتا بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئىككى يىل ئىشتىن سىرتقى مەشىقنى قوبۇل قىلغان بولغان، بۇ يىل يىل بېشىدا ئۇنىڭ ئىلگىرلىشى ناھايىتى تېز بولغان، ھەتتا ئۆزىدىن ئىككى-ئۈچ ياش چوڭ بالىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئالاھىدە كۆزگە كۆرىنىپ تۇرىدىكەن.
    سىناق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن فېرناندو بۇ بالىنىڭ يېنىغا چاقىرۋىلىپ خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوش بولغىنىچە مۇخبىرغا «بۈگۈنكى سىناقتا يېرىمدە بالىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، بۇ بالا بۈگۈن ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بىرى.»
    بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىگە قارىتا جۇ سۈيئەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ بىز نۇرغۇن تۆۋەن ياشتىكى بالىلارنىڭ ناھايىتى ياخشى ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئېگىز سەكرەش ماھارىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، يەنە ناھايىتى شوخ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئىپادىلەش ئىستىكىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالدۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇنەۋۋەر توپچى بولۇشتىكى يوشۇرۇن ساپا»
    جۇ سۈيئەننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، خېڭدا مادرىت پۇتبول مەكتىپى بۇرۇنقى پۇتبول مەكتەپلىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، مەدەنىيەت دەرسلىرىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن، بىر ھەپتىدە ئاران ئۈچ قېتىم پۇتبول مەشىقى ۋە بىر مەيدان مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولۇپ، بۇ مادرىت ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول مەشىقى ئۇقىمىغا تەقلىد قىلىنغانىكەن. بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ ئالتە ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان پۇتبولنىڭ ئاساسىي تېخنىكىسىنى ئۆگىنىدىغان ئالتۇن دەۋرىدە پۇتبولغا بولغان قىزىقىشىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق ئىكەن. بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مەدەنىيەت ساپاسى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدار بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇپ قېلىشىدىكى مۇھىم ئامىلكەن.
    فېرناندو بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا قىلغان سەپىرىدىن ناھايىتى رازى بولغان بولۇپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا نۇرغۇن قالتىس بالىلار بارئىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تېخنىكىسىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ، مەن بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئازراق قۇربانلىق بېرىپ، بالىلىرىنىڭ ئۆز باغرىدىن ئايرىپ ئىلمىي، كەسپىي، سېستىمىلىق بولغان پۇتبول مەشىقىنى قوبۇل قىلىشقا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»






مەنبە: نۇر تورى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-7 12:27 PM  


ھەربىر تىنىقىڭنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمە!

سەبىر قىلاي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80769
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 12:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس!

بىز بەش نەرسىنى دەپ بەش نەرسىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز،پۇلنى دەپ ھالاللىقتىن،گۈزەللىكنى دەپ ھايادىن،ئىشرەتنى دەپ ھاياتتىن،مۇھابەتنى دەپ ئاتا ئانىدىن،مىراسنى دەپ قېرىنداشتىن.

ۋەتەننى سۆيۈش ئى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28041
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6790
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1798 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 12:57:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە قالتىس تالانتلىق بالىلاربار . كىيىن چىقىرىمىز كۆرۈپ قالىسەن دۇنيا!!!!!!!!!!!!

دۇئا قلسا ھەرۋاقىت مۆمىن مۇسۇلمان،
تىلەيدۇ دوزاقتىن بولماقنى ئامان.
ۋەلىكىن دوزاقنىڭ ئۆزى ئىتارمىش،
‹‹مەن ئۆزەم قورقىمەن ناداندىن يامان››

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81615
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 01:31:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹ دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى كۆرگەندە ھالال ياشاپ ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ۋىجدانى قاينايدۇ: بوشاڭلارنى كۆرگەندە تىرىشچان، ئىشچان ئادەمنىڭ ئىچى تىت تىت بولىدۇ ›
jarulla77 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 02:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49694
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 02:23:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزى چۈشكەندىكىن ئېلىپلا كەتمەي .
ئۇلىنىڭ كۆزى چۈشكىنى يەرلىكتىلا بىتەرەپ بۇلۇدۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9334
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 994 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 02:24:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇتبول ئويناشمۇ قانغا مۇناسىۋەتلىك .تىما ئىگىسىگە رەھمەت .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 02:36:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ ئىسپانىيەدە بۇ يەردىكىگە قارىغاندا ياخشى تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بېرىڭلار بالىلار ،دۇنيا سىلەرنى بىلسۇن!

مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6717
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7029 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 02:49:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
WATAN520 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-6 12:57 PM
بىزدە قالتىس تالانتلىق بالىلاربار . كىيىن چىقىرىمىز كۆ ...

بۇ ئىنكاسقا ئەگەشتىم....

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6216
يازما سانى: 824
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12200
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 2471 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 03:08:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەل ۋاقتىدىلا چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كەتسە ياخشى بولمىسا ئىچكىردىكى كۇلۇبقا بەرسە شۇ تۈگەيدۇ ```
سېستىملىق مەشىق قىلسا چەتئەلدىىكىلەرنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ ```

ئۇلۇغ ئاللا ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش