نەچچە كۈندىن بۇيان مىنى بەك بوزەك قىلىپ كەتتىڭلار-ھە؟ سىلەرنى قىينىلىپ قالمىسۇن،تىز-تىز تىپىۋىلىپ خۇش بوپلۇپ كەتسۇن،دىسەم ئويلىغىنىمدىنمۇ تىز تىپىۋىلىپ مىنى ئوسال قىلىپ قويغىنىڭلار يەتمىگەندەك بىرمۇنچە ئىقتىسادتىنمۇ ئايرىدىڭلار...مەيلى، باشتا يوللىغانلىرىم پىراكتىكا ئىدى،مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا مەشىق، ئەمدى سىلەرگە ئۇنداق ئاسان بوزەك بولىدىغان مەلىكە يوق، قىنى بۇنى بىر تىپىپ بىقىڭلار، بۇنى تىپىۋالساڭلار مۇكاپات خىلى كاتتا-ھە؟
بۇنىڭدىن كىيىن قىيىنلىشىپ ماڭىدۇ
شۇڭا ئويۇن قائىدىسىگە رىئايە قىلىڭلار-ھە؟ خاتالاشقۇچىلار ئۆززۈڭلارنى سوراپ ھىساۋاتقا پۇل ئۇرۇڭلار، مۇنبەر پۇلىنى مۇشۇنداق خەجلىمىسەك بولمايدىغان ئوخشايدۇ.
ئامرىكا غەربنى ئىچىش دەۋرىدە،تېكساس ئىشتاتىنىڭ قاقاس چۆلىدە مۇنبەت تۇپراق ئىزدەش ئۈچۈن كۆچۈۋاتقان كىشىلەر ئون نەچچە مەپىدىن تەشكىل تاپقان ھارۋا ئەترىتىگە ئەگىشىپ ،ئاستا-ئاستا ئىلگىرلەۋاتاتتى.
قىپقىزىل كەچكى شەپەق تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ھەممە ئادەمنىڭ قورسىقى ئىچىپ كەتكەن ئىدى،ھارۋىلارنى توختىتىپ بارگاھ قۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، چارلىغۇچى كىلىپ ئالدى تەرەپتە قورغان بارلىقىنى ئىيتتى.
ئاي كۆتۈرۈلۈپ تۈن قاراڭغۇسى بولغان چاغدا،كىشلەر ئاخىرى ئۇ قورغاننى كۆردى.
تولۇن ئاي يورۇتۇپ تۇرغان زىمىندا،قورغاننىڭ سايىسىنى غۇۋا كۆرگىلى بولاتتى. ئېھتىمال چىراغ ئۆچۈرۈلۈپ،
مۇداپىيە قىسىم ئۇخلۋاتقان بولسا كىرەك. چىراغ يورۇقى پەقەتلا كۆرۈنمەيتتى.ئۇلار ھىندىيانلارنىڭ زىيىنىنى يەتكۈچە تارتقان ئىدى،شۇڭا باشلامچى ئىھتىياتچان بولدى. ئۇ دۇربۇن بىلەن ئەستايىدىل كۆزىتىۋاتقان ئىدى،تۇيۇقسىز قورغاندىكى ئىگىز بايراق سۇپىسىدا ھەربىي بايراقنىڭ كېمە شامىلىدا لەپىلدەۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئۇ دەرھال كۆپچىلىككە:تىز يۇشۇرۇنۇڭلار،ئالدى تەرەپتە خەتەر بار،دەپ بۇيرۇق قىلدى.
قورسىقى ئىچىپ كەتكەن كىشلەر نارازى بولۇپ،ئۇنىڭدىن ئالدى تەرەپتە خەتەر بارلىقىغا ئىشەندۈرىدىغان
پاكىت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.
<<ئۇ قورغان ئاللىقاچان ھىندىيانلار تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىنىپ يۇقۇتۇلۇپ بولدى>> ،باشلامچى كىسىپ ئىيتتى،ئاندىن ئۆزىنىڭ سەۋەبىنى ئىيتتى. كۆپچىلىك چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ ئامان-ئىسەن چىكىندى.
سىلەر دەپ بىقىڭلار، باشلامچى نىمىگە ئاساسەن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ؟
__رازۋىتچىك ھىكايىلىرى__مەلىكە.