مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2886|ئىنكاس: 56

بىزدە «مۆجىزە قۇربانلىرى»... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77386
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئېنتىرنىت تور دۇنياسى ئومۇملاشقان يېقىنقى  12 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان «مۆجىزە» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن تېمىلارنى، شۇ تېمىلاردىكى ئاجايىپ-غارايىپ رەسىملەرنى  ۋە كۆرۈلمە چاستوتىلارنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز، «مۆجىزە» ئاتالغۇسىنى تولا كۆرۈپ كەتكەچكىمىكىن مۇنبەرلەردىكى بۇنداق تېمىلارنىڭ ئىپادىلىگەن مەقسىتى، ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆپچىلىك تورداشلىرىمىز ئالدىنئالا پەرەز قىلىپ بولىدۇ، بۇنداق تېمىلاردا ئىپادىلىنىدىغىنى «ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكى»، تورداشلاردىن كۈتىدىغان ئىنكاس بولسا «ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى بۇ، بەزىلەر مۇشۇنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيىتمايدۇ»، ئەگەر پەرەز قىلغىنىدەك چىقمىسا قارشى قىرغاقتىن چىقىپ ئىنكاس يېزىپ قالغان تورداشلىرىمىز «بىر كۆزلۈك قوزا» تېمىسىدەك مەنمەنچى، ھەقنى تونۇمايدىغان ئاتىلىپ كېتىدىغان گەپكەن، ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى بويىچە بولغاندا ئاشۇنداق «مۆجىزە» لەر چىقىپ تۇرمىسا ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بىردىنبىر قوبۇل قىلىنىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ، بۇلار ھەر قايسى مۇنبەرلەردە بازارغا سېلىپ كەلگەن «مۆجىزە» لەر زادى قانداق گەپ؟ ئۇلار راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟ ئىسلام دىنىنى ئاشۇنداق «مۆجىزە»بولمىسا ھەق بولمامدۇ؟   


.مېنىڭ نەزىرىمدىكى مۆجىزە ئاتالغۇسى ۋە چۈشەنچىسى   

مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنسانلار پۈتۈنلەي تەڭرىنىڭ مۆجىزسى ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ھەر بىر تەپەككۇرى، تەپەككۇر تىزلىكى، ئەستە تۇتۇش قابىليىتى دىگەندەكلەرنى ھازىرقى بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار دىگەن ئېلىكتىرون ئەسۋابلىرى بىلەن سېلىشتۇردىغان بولساق، بۇ ئەسۋابلارنىڭ تىزلىك كونتىروللىغۇچىسى ۋە ئەستە تۇتۇش دىسكىلىرىنىڭ ھەجىمى بىزنىڭ كاللىمىزدىن نەچچە ھەسسە چوڭ، ئەمما بىزنىڭ كىچىككىنە كاللىمىز، توختىماي ھەركەت قىلىپ ئارام ئېلىشنى بىلمەيدىغان كاللىمىز ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە تېز ھەم ساقلايدىغان نەرسىلىرى كۆپ، بۇ ھەقتە ئارتۇق توختىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.   

بىراق بىزنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ئېقىپ يۈرگەن مۆجىزىلەر زادى قانداق گەپ؟   
.گىگانىت ئادەم سۆڭىكى تېپىلىش «مۆجىزىسى»   



يۇقارقى رەسىمنى كۆپلىگەن تورداشلار كۆرگەن، بۇ رەسىم ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن خەۋەر تور بەتلىرىدە تارقالغان، بۇ خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە ئامرىكىنىڭ بىر تەكشۈرۈش ئەترىتى سەئۇدى ئەرەبىستاندا نېفىت قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، بۇ گىگانىت ئادەم سۆڭىكى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەر ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە تارقىلىپ «قۇرئان كەرىمدە قەيىت قىلىنغان ئاد قەۋمىنىڭ سۆڭىكى تېپىلدى» دەپ خەۋەر قىلىنىپ، بىر مەزگىل مۆجىزىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان قېرىنداشلىرىمىزنى ھاياجانغا سالغان، بىراق بۇ خەۋەر چەتئەل خەۋەرلەردە ھەقىقي ئىش ئاشكارە بولدى،
بۇ رەسىمنى كانادالىق بىر يىگىت رەسىم لاھىيىلەش مۇسابىقىسىگە تەييارلاش ئۈچۈن، ئامرىكىدىكى گىگانىت پىلنىڭ سۆڭىكىنى كولاۋاتقان رەسىمنى ئۈچ سائەت سەرىپ قىلىپ ھازىرقىدەك ئۆزگەرتىپ چىققان ئىكەن،

    مانا بۇ ئەسلى رەسىم ،ئارخىلوگلار ئەسلى  سۆڭەكنى بۇرۇنقى پىلسىمان «مامۇق»دەپ پەرەز قىلىشقان.

مەن ئەينى ۋاقىتتا بۇ خەۋەرنى تەرجىمە قىلىپ توردا ئېلان قىلغان، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن بۇ «مۆجىزە» رەسىمى يۈتمەكتە يوق يەنىلا مۇنبەرلىرىمىزدە خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە «مۆجىزە» دەپ ئېلان قىلىنىۋەردى.   


2.« مايمۇنغا ئۆزگىرىپ قالغان قىز»   
(ئاللاھ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن ساقلىغىن، ساڭا سېغىنىپ  شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن پاناھ تىلەيمەن)، بۇ ئەينى ۋاقىتتا تارقالغان «مۆجىزە» نىڭ تېمىسى  





ئۇ قىزنىڭ رەسىمىمۇ يۇقارقى رەسىم بىلەن ئوخشاش بولغاچ مۇشۇنى ئەۋەتتىم.   

بىر مەزگىل تور بەتلىرىمىزدە «مايمۇنغا ئۆزگىرىپ كەتكەن قىز مۆجىزە» ىسى تارقىلىپ كەتتى، ھەتتا كىشىلىرىمىز ئۇ رەسىمگە ئەرەپچە خەت ۋە ئاۋازلارنى كىرىشتۈرۈپ سىن ھۆججىتى ئىشلەپ، ئەرەپچە گەپنى ئاڭلىسىلا چۈشەنمىسىمۇ «قۇرئان سۈرىسى» دەپ چۈشىنىدىغان ساددا كىشىلىرىمىزنى شۇ دەرىجىدە ئالدىدىكى، ھەتتا سىنتەخسىلەرگە كۆچۈرۈپ سېتىپ ھارام پۇلنى راسا تاپتى.   

ئەمەلىيەتتە ئۇ رەسىمدىكىسى ئاۋىستىرالىيىلىك موم ھەيكەل ئۇستىسى (ئىسمىنى تاپالمىدىم) ياسىغان موم ھەيكەل ئىدى، بىراق بىزنىڭ ساددا كىشىلىرىمىز ئۇنىڭ موم ھەيكەل ئىكەنلىكىنى ئۇقماي «مۆجىزە» دەپ يۈرىۋەردى.   
كىشىلىرىمىزنىڭ ساددىلىقىدىن، پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بۇ مۆجىزىلەرمۇ تاپالمىغاندەك باشقا يەردىن چىقماي بىزنىڭ شىنجاڭدىن چىقىۋەردى، «خوتەنگە شىر چۈشتى، قاغىلىقتا يەر ئۈنۈپ چىقتى»، باشقا بىر يەردە شىر بىلەن خوراز «ئاللاھ» دەپ تەكبىر ئېيىتتى، بۇ سىنلار شۇنداق بازار تاپتىكى بەزى ئۈن-سىن سودىگەرلىرى بېسىپمۇ ئۈلگۈرتەلمىدى بولغاي.   


3.«مەككىگە چۈشكەن پەرىشتە»  

بۇ سىننى دىمىسەممۇ كۆپىنچىڭلار بىلىسىلەر، بۇ سىن يېقىندا تور دۇنياسىدا بەك داۋراڭ سېلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئاتايىن چوڭ ئۆلىمالارنىڭ بۇ سىن توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلىشىغا سەۋەپ بولدى.   
مەن بۇ سىن داۋراڭ سېلىنغاندىلا كۆرۈپ ئىشەنمىگەن، چۈنكى بىز ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىمان ئېيتىمىز، ھەم ھەر بىر ئىنساننىڭ ئوڭ-سول دۇلىسىدا بىردىن ئىككى پەرىشتىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىزيۇ، بەزى كىشىلىرىمىز مۇنداق بىر نەرسىنى ئويلاپمۇ قويۇشمىدى:   
ھەر بىرىمىزنىڭ دۇلىسىدا ئىككىدىن پەرىشتە بار تۇرۇپ، يەنە كېلىپ ئۇ پەرىشتىلەرمۇ كۈندە بامدات ۋە دىگەر نامىزى ۋاقتىدا ئالمىشىدىغان تۇرۇپ، ئەجەپ ئۇ پەرىشتىلەر بىز رەسىمگە چۈشكەندە ۋە سىنئالغۇغا ئالغاندا چىقىپ قالماي، مەككىدە پەستىكى ھەج قىلىۋاتقانلارنى سىنغا ئالماي مۇنارنى سىنغا ئېلىۋاتقاندا چىقىپ قاپتۇ؟ يەنە كېلىپ ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى ئاجىز ئىنسانلار ياسىغان سىنئالغۇلار سىنغا ئالالارمۇ؟ دىگەننى ئويلاشمايلا داۋراڭ پېتى كېتىۋەردى، شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئۆلمالىرى بۇ سىنغا ئىشەنمەسلىك توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلدى. ئەگەر شۇ بايانات ئېلان قىلىنمىغان بولسا بۇ سىننىڭ قاچىلىك داۋراڭ قىلىنىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت.   


4. يىلانغا ئايلانغان قىز فىلىمى

بۇ ھەققىدە يىقىندىن بۇيان دىيارىمىزدا ھەرخىل شەكىلدىكى گەپ سۆزلەر ئاۋۇپ كەتتى ،بەزىلەر ئۈرۈمچىدە بىر قىز شۇنداق يىلانغا ئۆزگىرىپ قاپتۇ دىسە يەنە بەزىلەر ھەرەمگە بارغان قىز كۇپۇر سۆزلەرنى قىلىپ،مۇشۇنداق بولۇپ قاپتۇ دىيىلگەن، يەنە بەزى ۋارىيانىتلىرىدا بىر باي چوكان ھەرەمگە بېرىپ كىلىپ ھاجىلارنىڭ ئەخمەقلىقلىرى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىكتىن شۇنداق بولغان دىيىلىدۇ، بىراق بۇ ساختا سەپسەتىنىڭ  كىمنىڭ نىمە مەقسەتتە بۇنى تارقتىۋاتىقىنى بىزگەقاراڭغۇ .
لىكىن پاكىتنى كۆرسىڭىز ئۇنىڭ قارا نىيىتىنى بىلەلەيسىز .

ئىنگلىزچە مەتبۇئاتلاردا دىيىلىشچە :بۇ فىلىم ئەسلى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ13-كۈنى مالايسىيەدە سۇرەتكە ئىلىنغان بولۇپ ، شۇ جايدىكى بىر دىھقاننىڭ ئىجادىيىتى  ئىكەن ،بۇ دىھقان پۇل تىپىش مەقسىتىدە بۇنى تىپىۋالدىم دەپ كۆرگەزمە قىلغان ، ئۇ مالايسىيالىق دىھقان ئەسلى بۇ بىر-جۇپ چىشى ئەركەك مەخلۇق ئىدى.پەقەت چىشىسىنى تۇتىۋالدىم  دەپ جامائەت پىكىرى توپلغان ،كىيىن بۇ جانسىز قۇرۇق مودىل خەلىق ئالەم ئالدىدا شەرمەندە بولغان بىر ۋەقە ئىكەن
.سىز «گۇگۇل »تورىغا «human headed snake
» (ئادەم باشلىق يىلان ) ،تۈرۈكچە «insan başlı yılan» دەپ يازسىڭىز بۇ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاللا بۇرۇن پاخشەك بولغىلى 2 يىل بولغان  نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالاييسىز .تۈركىيە تاراتقۇلىرىمۇ بۇنى خەۋەر قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا جاجسىنى بەرگەن

مەنبەسى، توردا تارقالغان بۇ توغرىلىق ئۇچۇرلار.


شىنجاڭ سىرىقبۇي

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17444
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9379
تۆھپە نۇمۇرى: 1030
توردا: 1753 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆجىزە  كۆز ئالدىمىزدىلا مەۋجۈت
ئاللا  ھەممىگە  قادىردۇر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sirikbuya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-6 12:41 PM  


ئۇچالايدىغان چاغدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ،سۆيەلەيدىغان چاغدا سۆيگۈدىن ۋاز كەچمەڭ

ھەي جۇڭگۇچىلىق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5215
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4569 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلكۈيىدە بار تىمىغۇ بۇ  ....ھەممە ئادەم بىلىپ بولدى بۇنىڭ ساختىلىقىنى .....

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4368
تۆھپە نۇمۇرى: 1099
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆجىزە   كۆرمەكچى بولسىڭىز   

1 -    كىيىملىرىڭىزنى  سېلىۋىتىپ ئەينەككە  قاراپ ئۆزىڭىزنى كۈزۈتۈڭ   .

  2  -   كۆز ئالدىڭىزدىكى ھەر  بىر  نەرسىنى كۈزۈتۈپ  چىقىڭ   .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-6 12:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17391
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4126
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2012-7-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي اللە! مەن باشقىسىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتىم! يىلانغا ئايلانغان قىز دىگەنگە ئشىنىپ كېتىپتىمەن!

دەرەخ ھەر قانچە ئېگىز بولسىمۇ يوپۇرمىقى ھامان يەرگە چۈشىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1739
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا نەرسىلەرنى مىسال قىلمىساقمۇ ئۆزىمىزمۇ بىر مۆجىزىغۇ قانداق دۇنياغا كەلدۇق پۈتۈن دۇنيادىكى مەۋجۇداتلار ئىنىق دەلىلغۇ

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16770
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6748 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاۋانىڭ ئۆزى مۆجىزە ، سىز نىمىشقا تىنىق ئالىسىز ، تىنىقنى ئالمىسىڭىز يۈركىڭىز توختايدۇ ، ھاۋا يۈرەكنىڭ يىقىلغۇسى ؟ ئەمسا قان چۇ ؟ قان بولمىسا ئامدەم ئۆلىدۇ ؟ تاماقچۇ ؟ تاماق يىمىسىمۇ ئۆلىدۇ ؟ سۇچۇ ؟ سۇ ئىچمىسۇ ئادەم  ئۆلىدۇ ؟    ئادەم بەدىنىڭ ھەممە يىرى مۆجىزە  ؟ ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۆجىزە يوق .  خوش  ئەمدى دەرەخقە قارايلى . دەرەخنىڭ ياغىچىنى نىمىشقا يىگىلى بولمايدۇ ؟ ئۇنىڭدىن چىققان ، مىۋىنى يىگىلى بولىدۇ ؟

ئۇيغۇرسەن مىللەتتىن  تانما ،
ئوغۇزسەن كەينىڭگە يانما .
قوشقاردىگەن ھايۋان  ئۇ .
سەن ئىنسان ئۇنى دورىما .
70% ئۇيغۇر يوققا ھىساپ ، پەقەت 30 پىرسەنتى ھايات بولسىلا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82240
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىلانغا ئايلانغان قىزنى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر توردىن تىپىپ بەردەپ بىشىمنى ئاغىرىتقان بۇنى كۆرسىتىپ قويسام بولغۇدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61687
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1081
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 638 سائەت
تىزىم: 2011-10-22
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇلارنى يالغان دېگەنلىك سەۋەبىدىن چوڭلاردىن تىل ئاڭلىغان

ئەجدادلىرىمىز ياققان ئوت،بىزنىڭ قولىمىزدا ئۆچۈپ قالمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49694
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-7-30
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
timtas007 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-6 01:02 PM
ۋاي اللە! مەن باشقىسىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتىم! يىلان ...

مەن ئەڭ ئىشەنمىگىنىم ئاشۇ .. 0 پىرسەن ئىشەنگەن مەن ئۇنىڭغا..... ياتاقتىكى باللا بىلەن سۇقۇشۇپ يۇرۇپ.. ئاخىردا مۇشۇ دەلىللەنى كۆرسىتىپ ئان ئېغىزى ئىتىلگەن ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش