سەھرا قىزى سەن
قۇياشتىن تامغان نۇرنىڭ ئۆزى سەن،
گۈلزارلىقىمنىڭ قىزىل گۈلى سەن.
مېھنەتتە پىشقان لەۋزى ھالال، پاك،
سۆيگۈسى گۈلخان سەھرا قىزى سەن .
دىلىم سۇ ئىچەر شىرىن سۆزۈڭدىن،
يۈرەك سەگىيدۇ ئاھۇ كۆزۈڭدىن.
كۈلۈپ يۈر جانان ھەسرەت چەكمىگىن،
ئۆچمىسۇن شادلىق چوغى يۈزۈڭدىن.
گۈللەر ھەيرەنە كىرسەڭ باغلارغا،
ئايمۇ خىجالەت چىقساڭ ئايدىڭغا.
پەرىلەر كۆرۈپ ئۇنتۇپ ئۆزىنى ،
بېشىنى قويار ئوتلۇق باغرىڭغا.
گۈللەرنىڭ گۈلى، لېۋەن ، ئۈزى سەن،
ھاياتلىقىمنىڭ تەمى ، تۇزى سەن .
كۆزۈڭدە كۈيەر ئوتلۇق ھاياجان،
پەرىشتە سۈپەت سەھرا قىزى سەن.
سۆيگۈسى گۈلخان سەھرا قىزى سەن،
پەرىشتە سۈپەت سەھرا قىزى سەن.