|
|
|
|
ۋەيران بولغان تىنچلىق
بۇرۇنقى زاماندا بۈك –باراقسان ئورمانىڭ قاق ئوتتۇرسىدا سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك ،دولقۇنلاپ ئېقىپ تۇردىغان بىر دەريا بولغان ئىكەن . بۇ دەريانى بويلاپ بىر تەرپىدە شىر ، يولۋاس، بۆرىلەرنىڭ باشچىلىقىدا قىرغاۋۇل،بۇركۈت،لاچىن،سار ،زىراپە ، ئېيىق ، توشقان ،مۈشۈكلەر .يەنە بىر تەرپىدە بولسا بۇغا،جەرەن ، پىللارنىڭ باشچىلىقىدا قۇشقاچ ، قاغا ، سوپسوپياڭ ،تىيىن ،مايمۇن ، تۈلكە قاتارلىقلار ياشايدىكەن . ھەر قېتىم كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرى قىش پەسلىنىڭ باشلىرى دەريا سۈيى پەسلەپ تۇردىكەن ، بىراق ئىككى تەرەپتىكى ھايۋانلار ھەرگىزمۇ ئۆزئارا ئالاقە ئېلىپ بارمايدىكەن . بىر كۈنى بىر قېرى توشقان ئۆلۈپ قاپتۇ .ئۇنىڭ جۈپتى كۆڭلى يېرىم ھالدا ئىككىسى پات-پات كېلىپ تۇردىغان دەريا بويىغا كەپتۇ . قارىسا ئۇيەردە بىر كىچىك ئورەك تۇرغىدەك ، ئۇ بېرىپ جۈپتىنى سۆرەپ ئەكىلىپ ئۇ ئورەككە كۆمۈپ قويۇپتۇ . بۇنى كۆرگەن سار كۆمۈپ قويغان تاپنى كولاپ ئېلىپ تازا مەززە قىلىپ يەپتۇ . بۇنىڭ پۇرقى دەريانىڭ قارشى تەرپىگىچە بېرىپتۇ . تاقىتى تاق بولغان قاغا ئۆزىنى تۇتۋالالماي دەريانىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ سار بىلەن ئولجا تالىشىپتۇ ، ئۇلارنىڭ جېدىلدىن بىئارام بولغان شىر دەرھال يېتىپ كېلىپ تونىمايدىغان بىر قۇشنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ . ۋە ئۆز تەۋەلىكىگە كېتىشنى بۇنىڭدىن كىيىن كەلمەسلىكىنى بولمىسا كېلەركى قېتىم قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ سارنى ئۆز يولىغا مېڭىشقا بۇيرۇپ كېتىپ قاپتۇ . شىرنىڭ سالاپىتىنى ئىش بىجىرشىنىڭ تولىمۇ ئادىللىقىنى كۆرگەن قۇشقاچ دەرھال شىرنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ بېرىپ : ـــ سىز ياخشى قىلمىدىڭىز ، بىكا بىر ئىشچىنى قويۇپ بەردىڭىز ، ئۇنى بوش قويماڭ ، دەريانىڭ ئۇ قېتىدا يەنە نۇرغۇن ئىشچان ھايۋان گۈزەل زىمىن بار ، ئۇلارنى بويسۇندۇرسىڭىز سىز جاھاندا بىر بولىسىز . تونمايدىغان بىرنىڭ ئالاجوقا سۆزلەپ يۈرگىندى ئەجەپلەنگەن شىر ياساۋۇللارغا ئۇنىڭ تىلىنى كېسىشنى بۇيرۇپتۇ . شۇنىڭ بىلەن قۇشقاچ گەپ قىلالماي «ۋىچ-ۋىچ ، ۋىچ –ۋىچ »دەيدىغان بولۇپ قاپتۇ . قۇشقاچنىڭ ھالىنى كۆرگەن تۈلكە ئۇنى مازاق قىلىپ شىرنى ئۆزى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش نىيتىدە بوپتۇ. ۋە ئۆز تەرپىدىن ھەرخىل ئېسىل يىمەكلىك ، تىيىندىن گۈزەل ، مايمۇندەك قىزقارلىق ھايۋانلارنى ئالداپ يۈرۈپ توختىماي سوۋغا قىپتۇ . بۇ ھالدىن خۇشال بولغان شىر دەريانىڭ ئۇ قېتىغا بەكلا قىزىقىپ قاپتۇ ۋە شىر ،يولۋاس ، بۆرە ، لاچىن، بۈركۈتلەردىن قوشۇن توپلاپ ھوجۇم قىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى سۈيى ئەلۋەك ، ئىككى تەرپىدە ھەرخىل ھايۋانلار خۇشال ياشايدىغان ،بۈك –باراقسانلىق ئورمان پۈتۈنلەي نەچچە يىلغا سوزۇلغان قانلىق ئۇرۇشتا نابۇت بوپتۇ . تۈلكىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكىنىگە ئىچى ئېچىشقان شىر پۈتۈن قوشۇننى توپلاپ تۈلكىنى ھالاك قىپتۇ ، ۋە ئۇرۇشنى توختىتىپ نابۇت بولغان ئورماندىن ئۆزلىرىگە پاناھلىق جاي تېپىش ئۈچۈن مېڭىپتۇ . ئورمان ئاز ھايۋانلار كۆپ بولغاچقا بۇرۇنقىدەك ئىناق ئۆتەلمەي زىمىن تالشىش ئۇرشى ئۇزۇن يىل داۋاملىشىپ كېتىپتۇ ۋە ئۇلار بۇرۇنقىدەك ئىناق ئۆتەلمەي بىر –بىرىنى كۆرسە نەشتەر سانجىيدىغان ھالەتكە يېتىپتۇ . كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھايۋانلارنىڭ كۈنى بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ . 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى( 23:19) ئا.ئابلىز (ئۇچارى ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-5 11:06 PM
|
|
|
|
|
|