رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
كەتتىڭ ئانا كەلمەسكە ئەجەپ
كەتتىڭ ئانا كەلمەسكە ئەجەپ،
قالدىم مانا سەنسىز تەمتىرەپ.
قانمىغاچقا مىھرىڭگە باغرىم،
تەلمۈرىمەن ھەر ياقتىن ئىزلەپ.
كەتتىڭ ئانا كەلمەسكە ئەجەپ،
يېتىم بولدۇم كۈلمىكىم بەك تەس.
كۆز ياشلىرىم ئاقار يامغۇردەك،
تەس كەلمەكتە ئالماقمۇ نەپەس.
كەتتىڭ ئانا كەلمەسكە ئەجەپ،
زار يىغلايمەن ئۈزۈڭنى ئەسلەپ.
دەتلىرىمگە تاپالماي داۋا،
ئۆز ئۈزەمنى قويارمەن بەزلەپ.
كەتتىڭ ئانا كەلمەسكە ئەجەپ،
يۈرەكىمدىن ھەسرەت تۈكۈلەر.
يېتىملىكنىڭ دەردى يامانكەن،
سەھەر ئاخشام قەدرىڭ ئۈتۈلەر.
كەتتىڭ ئانا كەلمەسكە ئەجەپ،
زۇلمەت ماڭا دۇنيا شۇ سەۋەپ.
ئاداشقاندەك مەنزىلدىن كارۋان،
ھاياتلىقتايۈرىمەن سەرسان.
كەتتىڭ ئانا كەلمەسكە ئەجەپ،
بىرگە كەتتى ئۆينىڭ بەركىتى.
كېچە-كۈندۈز ئەسلەيمەن سېنى،
ساڭا ياغسۇن ئاللاھ رەھمىتى.
ئەجەپ
يالغان ۋەدە قەسەملەر بىلەن،
ئۇتۇپ مىنڭ كۈڭلۈمنى ئەجەپ.
قويدۇڭ مېنى ئەلەملەر بىلەن،
تاشلاپ كىتىپ سۆيگۈمنى ئەجەپ.
يالغۇز قالدىم سۆيگۈ بېغىدا،
بۇ جۇدالىق قىينايدۇ ئەجەپ.
بەك قىينالدىم سۆيگۈڭ ئىشقىدا،
ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ سەن ئەجەپ.
ئەسلىمەيمەن دەيسەم ئۈزۈمگە،
يول قويمايدۇ بۇ كۈڭلۈم ئەجەپ.
كۈرۈنىسەن سەنلا كۆزۈمگە،
كۆرۈنمەيدۇ باشقىلار ئەجەپ.
پىراقىڭدا گەر ئۈلۈپ كەتسەم،
ئۈلۈپ كەتتىڭ دەرسەنمۇ ئەجەپ.
بىر كۈنلەردە يادىڭغا يەتسەم،
كىلەرسەنمۇ قەۋرەمگە ئەسلەپ.
ئەرزىمەيسەن
سۆيگەن ئىدىم يۈرەكتىن سېنى،
ئالداپ قويدۇڭ لىكىن سەن مېنى.
سايرىمايمەن سەن ئۈچۈن باغدا،
مىنڭ بارىم گۈلۈم دەپ قېنى.
كۆز ئالدىمدىن ئۇچتۇڭ يىراققا،
ئوخشاپ قالدىم تەنھا قولۋاققا.
دىڭىز مېنى قىلسىمۇ غەرىق،
يال ئۇرمايمەن سەن باغرى تاشقا.
ئەرزىمەيسەن ياش تۈكۈشۈمگە،
ئەرزىمەيسەن ھەم كۈتۈشۈمگە.
ئەپسۇس دەيمەن سېنى سۆيگەنگە،
ئىشەنمەيمەن ئەمدى سۆزۈڭگە.
رەنجىسەممۇ سېنىڭدىن شۇنچە،
قال دىمەيمەن سېنى دەشىت چۆلدە.
ھۆر بەختىمنى تىلەپ ئاللاھتىن،
كاككۇك كەبى سايرايمەن كۈندە.
مىراس بۇ دۇنيا
ھەمىمىز بىر ئىنسان بەرىبىر،
ياراشمايدۇ ھىچكىمگە كىبىر.
باي بول ياكى يوقسۇل كەمبىغەل،
ئۇنۇتمىغىن ئەمەس سەن خىزىر.
ئامەت كۈلۈپ باققاندا ساڭا،
كۆرەڭلىمە ئۆتمۈشكە قارا.
ئۈمۈتسىزلىك ئەڭ ئىخر كىسەل،
ئۈمۈتلىك بول يىقىلساڭ يانا.
ئۆتكەن ئۈمۈر يانماس كەينىگە،
ھەر كېم ئۈمۈر يەتكىن قەدرىگە.
مىھمان بولۇپ تۆرەلدۇق ئادەم،
كىتەرمىز ھەم بىر كۈن قەۋرىگە.
كەتكەنلەردىن مىراس بۇ دۇنيا،
بىزمۇ شۇنداق كىتەرمىز تەنھا.
ئەلدە قالسۇن ياخشى نامىمىز،
تۇپراق بولۇپ كەتسەكمۇ ئەمما.
مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرنى ئايماسلىقنى ئۈمۈت قىلمەن
رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
بورتالا ئالاتاۋدا يېزىلدى