 |
 |
 |
 |
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى« جوڭگو ۋە ئىسلام مەدىنيتى»خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغنى جوڭگو ئىمجىتمائىي پەنلەر ئاكادىميسىدە ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىمقى يىغنغا جوڭگو تەرەپتىن جوڭگو ئىجىتمائىي پەنلەر ئاكادىميسى،دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى،گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەرەققىيات مەركىزى،بېيجىڭ ئونۋېرستىتى،مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتى،جوڭگو ئىسلام ئىنىستىتوتى،،بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام ئىنىستىتوتى،شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئونۋېرسىتىتى،جوڭگو پەن-تېخنىكا ئونۋېرسىتىتى،نىڭشىيائىجىتمائىي پەنلەر ئاكادىميسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ،چەتئەللەردىن تۈركىيە،سەئۇدى ئەرەبىستان،مىسىر ،قاتار،ئەنگىليە،ئامرىكا،مالايسىيە،پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
يىغىن ۋەكىللرى«جوڭگو بىلەن مۇسۇلمان دونياسىنىڭ تارىخى باغلىنشى »،«جوڭگو بىلەن مۇسۇلمان دونياسىنىڭ سەنئەت ئالماشتۇرىشى ۋە ئۆزئارا تەسىرى »،«ھۆججەتلەر ۋە تىل»،«ئىلم-پەن، دىن ۋەئىدىيە»،«ھازىرقى دونيا بىلەن مۇسۇلمان دونياسىنىڭ مۇناسىۋىتى»دىگەن 6تىمىنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمداجوڭگو ئىجىتمائىي پەنلەر ئاكادىميسنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېيگۇاڭ ،ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىۋى ئەھمەرىدىن .ئېھسان ئوغلى ،تاشقى ئىشلار مىنىستىر مۇئاۋىنى جەي جۇەن،ئىسلام تارىخى،مەدنىيىتى ۋە سەنئەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى خالىد.ئەيلۇن ، جوڭگو ئىجىتمائىي پەنلەر ئاكادىميسى دىن تەتققات ئورنىنىڭ باشلىقى جو شىنڭپىڭ ئىلگىرى-كىيىن تەبىرىك سۆزى قىلدى. بۇيىغىنغا قاتناشقانلاردىن يەنە جوڭگو ئىسلام جەمئيتىنڭ مۇئاۋىن باشلقى ئادىلجان ،گوۋۇيۈەن تەرەققيات-تەتقىقات مەركىزى مىللەتلەر تەرەققىيات ئورننىڭ باشلقى جاۋشۇچىڭ جوڭگو ئىجىتمائىي پەنلەر ئاكادىميسى غەربىي ئافرىقا تەتقىقات ئورننىڭ باشلىقى ياڭ گۇاڭ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئالىملار ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن 10دۆلەتنىڭ جوڭگودىكى ئەلچىلىرى قاتناشتى.
بۇ قېتمقى يىغىننى جوڭگو ئىجىتمائىي پەنلەر ئاكادىميسى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OIC) نىڭ قارمىقىدىكى ئىسلام تارىخى،مەدنىيىتى ۋە سەنئەت مەركىزى(IRCICA) ھەمكارلىشىپ ئاچقان بۇلۇپ جوڭگو ئىجىتمائىي پەنلەر ئاكادىميسى دونيىا دىنلىرى تەتقىقات ئورنى ئۈستىگە ئالغان بىر قېتىملىق خەلىقئارالىق سەۋيىگە ئىگە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغنى بولدى ھەمدە دېپلوماتتيە مىنىستىرلكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئىگە ئېرىشتى.
يەرشارىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ جوڭخۇا مەدىنىيتى بىلەن ئىسلام مەدىنىيىتى ئوتتورسىدىكى ئالماشتۇرۇش،مەدىنيەتلەر دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم رىئال ئەھمىيەتكە ئىگەبۇلۇپ قالدى.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ چاقىرىلشى جوڭگو بىلەن ئىسلام مەدنىيىتى سىياسىي ۋە مەدىنيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
جوڭگو ئىجىتمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېيگۇاڭ
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىۋى ئەھمەرىدىن ئېھسان ئوغلى
ئىسلام تارىخى،مەدنىيىتى ۋە سەنئەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى خالىد.ئەيلۇن
،تاشقى ئىشلار مىنىستىر مۇئاۋىنى جەي جۇەن
مەنبە:نۇر ئىسلام تورى http://www.norislam.com/?viewnews-14804
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-5 08:07 PM
|
 |
 |
 |
 |
|