|
|
|
|
قازاقستاندىكى ئاساسلىق چوڭ بايراملار ۋە ئۇزىگە خاس مىللىچە رەڭگە ئىگە ئورپ - ئادەتلەر :
مۇستەقىللىق بايرىمى : ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۇنى قازاقستاننىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى، بۇ بايرامدا بارلىق ئىشچى -خىزمەتچىلەر 3 كۇن دەم ئالىدۇ . جۇمھۇريەت مەيدانىدا ھەربي پارات ئۇتىدۇ .
نەۋرۇز بايرىمى : ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۇنىدىن باشلاپ قازاقستاندىكى بارلىق تۇركى مىللەتلەر نەۋرۇز بايرىمىنى تەبىرىكلەيدۇ ، بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر نەۋرۇز بايرىمىغا بىر ھەپتە دەم ئالىدۇ . ھەر قايسسى چوڭ شەھەرلەردە ھۇكۇمەت تەرىپىدىن تەبرىكلىنىدۇ .
قازاقستاندىكى نورۇز بايرىمى :
ئاچارچىلىقنى خاتىرلەش كۇنى : ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۇنى ، 1929~1933-يىلى سوۋېت ئىتپاقىنىڭ قولدىن ياسىغان قانخور سياسىتىنىڭ ئاستىدا ئاچارچىلىقتىن قۇربان بۇلۇپ كەتكەن 4 مىليونغا يىقىن قازاق قىرىنداشلارنى ئەسلەش كۇنى . بۇ كۇنى قازاق ياشلار ئىختيارى ھالدا بىر كۇن روزى تۇتىدۇ .
كوچمەنلەر مەدىنىيىتى : قەدىمقى كوچمەنلەر مەدەنىيىتىنى ساقلاشقا ئەھميەت بېرىدۇ ، بۇلۇپمۇ ئات مەدىنىيىتىگە قاتتىق كۆڭۈل بۈلىدۇ . ھەر يىلى دۆلەت تەرىپىدىن ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-5 11:13 PM
|
|
|
|
|
|