مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 162|ئىنكاس: 1

ئىرادىمىزگە ئاسىلىق قىلمايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 298
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىرادىمىزگە ئاسىلىق قىلمايلى            


  ئا.مۆلجەرلى


ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى  ئۈزىمىزنىڭ ئىمانى ـ ئىنسانى ئىرادىمىزگە ئاسىلىق قىلمايلى...!!!


ئىرادە _ ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى بىرخىل غايىۋى كۇشتىن ئىبارەت بۇلۇپ، بۇخىل كۇچ ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىغا روھلۇق-تىتىك ، جانلىق-تەمكىنلىك ، غايىلىك-نىشانلىق ، جىددى ۋە سالماقلىقتىن ئىبارەت مەنىۋى كەيپىياتلارنى بەخىش ئىتىدۇ . ئەنە شۇ مەنىۋى كەيپىيات ئىچىدە تۈرلى جانلىق پىكىرلەرنىڭ  ئورتىغا چىقىشى بىلەن ، ئىنسان ئۈزىنىڭ ئالدىغا قويغان مەقسەت-مۇددىئالىرى ۋە  شۇنىڭدەك    ئاجايىپ يېڭىلىقلار مەيدانغا كېلىدۇ .
  بۇ دۇنيادا ئىرادىسىز ئادەم بولمىسا كېرەك! ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بىرخىل ئىرادىسى بۇلىدۇ ، ئەنە شۇ ئىرادىسى بىلەن كۈندۈلۈك ئىش-ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ . ئەنە شۇ ئىرادىسى بىلەن ئۈزىنىڭ كەلگۈسى ھاياتى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ۋە تۇتماقچى بولغان پىرىنسىپاللىق يوللرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئەقلىگە لايىق-رەۋىشتە تەخمىن قىلىدۇ ۋە شۇ تەخمىن قىلغان يۇلى بۇيىچە قەدەم باسىدۇ .
بۇخىل قەدەم بېسىشلار جەمىيەتنىڭ ئۆزگىرىشچان تەسىرى بىلەن ، بەزىدە ئەسلى تەخمىن قىلغان يولى بۇيىچە مېڭىلسا ، بەزىدە دەل ئۇنىڭ ئەكسى بولغان قارمۇ-قارشى ھالاتلىك يۈلۈنۈشكە مېڭىشقا دۇچ كېلىدۇ . بۇنداق قارشىلىقنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىشقا يەنىلا شۇ كىشىدە مۇستەھكەم ئىمان ۋە دادىل-تەۋرەنمەس ئىرادە بۇلىشى كەرەك .
كىمكى شۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچكەلسە ، ئۆزىدىكى دادىل ئىئاردىسى بىلەن شۇ مەسىلىنى ئۆز ۋەزىيىتىگە ۋە ماھىتىگە قاراپ ئىمانغا تەسىر يەتمەيدىغان ، ئۇمۇمنىڭ مەنپەئەتىنى يۇقۇرى ئورۇندا قويغان ئاساستا، باشقا ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن توغرا بىر تەرەپ قىلىشى زۈرۈر .
ئەگەر ئۇنداق بولماي ئۈزى بىلگەنچە شەخسىيەتچىلىك ۋە بىلەرمەنلىك قىلىپ كۆپچىللىكنىڭ ئەقلىگە بويسۇنمىسا ، ياكى ئۆزى ئۇ مەسىلىنى توغرا بىر-تەرەپ قىلالمىسا ، ياكى ئەسلى ئىرادىسى بولغان يۈلۈنۈشنى تاشلاپ ئەكسىچە يول تۇتسا ، ئۇنداقتا ئۇ كىشىدە دادىل-تەۋرەنمەس ئىئارەدە دىگەن ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان بۇلىدۇ . مانا بۇنداق كىشى ئەلئارىسىدا پاسسىپ ياكى  ئىرادىسىز ( مەۋقەسىز ) ئىنسان دىيىلىدۇ .
تۈۋەندە ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنى تەكشۇرۈپ كۆرەيلى !
بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا بىرقانچە تۈرلى غايىۋى ( ئىرادە تۈسى شەكىللەنگەن ) مەنىۋى كەيپىياتلار ئورۇنلاشقان . بۇنداق مەنىۋى كەيپىيات ئەلۋەتتە بىزنى يوق يەردىن ياراتقان ئاللاھ تەرپىدىن بىرىلگەن بۇلۇپ، بۇ مەنىۋى ئۇزۇقنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن مېھرىبان ئانىمىز ئۆزىنىڭ بى-باھا ئاق-سۈتى بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەل ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەنىدى. ئاتا-ئانىمىز بولسا  بىزدىن ئاجايىپ ئارزۇ-ئارمانلارنى كۈتكەن ھالدا، بارلىقىنى بىزنىڭ كەلگۈسى بەختىمىز ئۈچۈن تەغدىم قىلغان ۋە  تۈرلى بىلم يۇرتلىرىدا ئۇقۇتقانئىدى .مەسىلەن بۇنى بىرقانچە تۈرگە ئايرىپ كۆرىدىغان بولساق تۈۋەندىكىچە خۇلاسە چىقىدۇ.
ئا_ بىز كىچىگىمىزدىن باشلاپلا ئۇقۇشنى ئىرادە قىلدۇقمۇ ؟
ب_ شۇ ئۇقۇشنى پۈتتۇرگىچە قانداق ئارزۇ-ئارمانلاردا بولدۇق ؟
س_ شۇ ئۇقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ماڭماقچى بولغان يۇلىمىز ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانىمىز قايسى ئىدى ؟
د_ ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ جەمىيەتكە چىققىنىمىزدىن كېيىنكى ماڭغان يۇلىمىز قايسى بولدى ؟
ئا_ ئەۋۋەلقى سەبى ۋاقتىمىزدىكى پاك ئىرادىمىز بىلەن ناھايىتى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۇقۇدۇق .
ب_ ئۇقۇش جەريانىدا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈت ۋە جەمىيەتكە قوشماقچى بولغان ئاجايىپ تۆھپەلەردىن ئىبارەت ئارزۇ-ئارمانلاردا بولدۇق .
س_ ئۇقۇش جەريانىدا ئالغان تۈرلى بىلىملىرىمىز بىلەن دىنى-ئىسلام، ۋەتەن-مىللەتكە تۆھپە قۇشاش، بۇ ئىرادىمىزدىن ھەرگىز قايىتماسلىق توغرىسىدا قەسەم قىلىشتۇق .
د_ ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ جەمىياتكە چىققاندىن كېيىن بولسا،  ماڭغان يوللىرىمىز ئوخشاشمىغان ۋەياكى ئويلىمىغان يوللار بولدى .
بۇنىڭ سەۋەبى ھەممىگە چۈشىنىشلىك (مەھكۇملۇقتىن ئىبارەت) بولسىمۇ، بىراق بەزىلەرنىڭ تۇتقان يۇلى ئەسلى ئىرادىسىگە تۈپتىن خىلاپ يوللار بولدى .
مەسىلەن _ (1)- ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇش پۈتتۈرپ ، تۈرلى كەسىپ ئىگىسى بۇلۇپ قايىتقان بىرقىسىم بىلىم ئىگىلىرى (مىللىتىمىزنىڭ زىيالىلىرى) ئۆز ئىلىم-ساھەسىدە ئاز-ۋاقىت ۋەتەن-مىللىتىمىزگە قۇلىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي  جەمىيەتتىكى بەزى ھادىسلەر ياكى بەزى تۇرمۇش شارائىتلىرىنى كۆرۈپلا، دەرھال ئۆز ئىرادىسىگە قارشى، ۋىجدانىغا خىلاپ بولغان ھالدا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى ۋە ماڭماقچى بولغان ئەسلى يۇلىنى تاشلاپ، ئۈزى ئۈچۈن ۋاقىتلىق پايدىلىق دەپ قارىغان ئىشلارغا قەدەم بېسىپلا قالماي، ئۇقۇشتىكى ئارزۇسى، مىللى غايىسى ۋە كەلگۈسىگە قوشماقچى بولغان تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ شەخسى ھاياتىنىلا ئويلايدىغان پاسسىپ، ئىرادىسىز ئىنسانلارغا ئايلاندى .
جەمىيەتتىكى خەلىقىمىزنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن ئارزۇ-ئارمانلىرىغا تۇپا چاشتى. مىللىتىمىزنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن ئىززەت-ھۆرمەتلىرىگە ۋاپاسىزلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن يازغان شۇئارلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن ئۇقۇپ روھى ئۇزۇق ئېلىۋاتقان ئىخلاسمەن-ئۇقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەكلىرىگە  سوغوق سۇ سېپىپ، پايدىلىق ئىلمى يازمىلار قاتارىدا ئۇششاق غەيۋەت-شىكايەتلەر، ئۆز-ئارا تىل-ھاقارەتلىك زىددىيەتلەر ئورۇن ئالدى. ئاقىۋەتتە ئۆز-ئارا ئىشەنجىسىزلىك روھى كەيپىيات شەكىللەندۈردى. مانا بۇنداق تۇراقسىز ئىدىيەلەر نەتىجىسىدە، ئىخلاسمەن-مۇلايىم مىللىتىمىزنىڭ روھى-كەيپىياتىغا ئېغىر - ئۈمۈتسىزلىكلەرنى كەلتۇردى .
ئۇچۇغراق قىلىپ ئېيىتقاندا ئۇلار _  ئۆز-ۋىجدانىغا زۇلۇم، مىللى ئىرادىسىگە ھاقارەت، ئانا-سۈتىگە خىيانەت قىلدىغان تۇزكوز ئىنسانلار  قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشتى .

(2)- يۇرت ئىچى ۋە سىرتىدا بۇلۇپ ئالى مەرىپەت ئورۇنلىرىدا ۋە تۈرلۈك مەدرىسلەردە ئۇقۇپ جەمىيەتكە قايىتقان ۋە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز خىزمەت قىلىۋاقان كۆپساندىكى قېرىنداشلاردىن باشقا، بەزى بىرتۈركۈم (ئازساندىكى) ئىلىم ئىگىلىرى، جەمىيەتكە قايتىپ ئۆزلىرىنىڭ مەدرىستىكى دەۋرىدە توپلىغان يۈكسەك ئىرادىسى بىلەن مەلۇم ۋاقىت، دىنى-ئىسلامغا ۋە ۋەتەن-مىللەتكە ئەستايىدىل خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، دەۋرىنىڭ ئۆزگىرىشى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى دىگەندەك سەۋەپلەر ۋە دۇنياۋى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن،  قۇرئان-ھەدىستىن ئۇقىغان-بىلگەن ئىلاھى نىزامغا قارشى ھالدا، بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئېسىگە ئالماستىن، مەسجىدلەردە ۋە خۇسۇسى سورۇنلاردا جامائەتلەرگە قىلغان يۈكسەك سادالىق ( ئەي....جامائەت ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بۇ دۇنيا پانى، ئۇ دۇنيا باقىدۇر. ئاللاھ يۇلىدا ئۆلسەك جەننەتكە كىرىمىز) دىگەن جاراڭلىق نەسىھەتلىرىنى، بۇ نەسىھەتتىن تەسىرلەنگەن ئىخلاسمەن مۇسۇلمان مىللىتىمىزنىڭ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرشۈپ يۈرگەنلىكىنى، شۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايمىز دەپ يۇرت ئاتلاپ بارغانلىقىنى، بۇلار بىزنىڭ يىتەكچى ئىماملىرىمىز، يول باشچىلىرىمىز دەپ تۆرنىڭ بېشىدىن ئۇرۇن بەرگەنلىكىنى، ماڭسا كەشىسىنى توغرىلىغانلىقىنى، ئۆزلىرى يىمىسىمۇ ئۇلارغا يوللۇق قىلغانلىقلىرىنى تامامەن ئۇنتۇلغان ھالدا پانى دۇنياغا غەرىق بۇلۇشتى. بەزىلىرى چەتئەلگە چىقىپلا ۋەتەندىكى سالاھىيەتلىرىنى تامامەن ئۇنۇتتى. ھەمدە ۋەتەندە توۋلىغان سادالىرى ئىچىگە كىرىپلا كەتتىكى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشكەنلىكى سەۋەبىدىن ئېغىر راھەتسىزلىكلەرنى كۆرگەن ۋە ...دوختۇرىانىلاردا يېتىۋاتقان قېرىنداشلار ئېسىگىمۇ كەلمىدى. ۋەتەندە بەرگەن ۋەدىلىرىنى سىرىتقا چىققاندا ئۇرۇندىمىدى. شۇنچە پۇرسەتلەر قولدىن كەتتىكى قۇرئانى كەرىمنىڭ ئىلاھى ھۆكمى ۋە ھەدىسى رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمىرـپەرمانلىرىغا ئەمەل  قىلماستىن (ئات مىنىش، سۇ ئۈزۈش ... ) قاتارلىق پەرىزلەردىن بىرىنىمۇ ئۈگەنمىدى. ھەتتا بەزىلىرى مۇمكىن بولسا ئۆزلىرىنى دىندا ئۇقىمىغان بۇلۇپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ئاقىۋەت ۋەتەندىكى ئىمتىيازىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانى بولمىغان شۇ ياقا يۇرتلاردا ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيالىق ئىشلىرىغا بىرىلىپ، ئىلىم بەرگەن ئۇستازىنىڭ ۋەسىيىتىگە ۋە ئىخلسمەن مۇسۇلمانلار ئالدىدا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزلىرى سەزمىگەن ھالدا ئاللاھ تەرپىدىن بىرىلگەن ئىلىمغا خىيانەت قىلىشماقتا.

ئۇچۇغراق قىلىپ ئېيىتقاندا ئۇلار _ ئۆز ۋىجدانىغا زۇلۇم، مىللى ئىرادىسىگە ھاقارەت، ئۇقۇتقان ئۇستازى ۋە ئاتا-ئانىسىغا تۇزكۇرلۇق، كالامۇللاھنى تۇتۇپ تۇرۇپ قىلغان ئەھدى-پەيمەنلىرىغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قالدۇرغان ئىلىم مىراسىنى ئەمىلى جارى قىلدۇرماي، ئىلىمنى خار قىلىشتەك  خاتالىقلارنى سادىر قىلغاندىن تاشقىرى ، ئاللاھنىڭ بەرگەن ئىلىم ئامانىتىگە خىيانەت قىلىشماقتا .

يەنە بەزىلىرى ۋىجدان-غۇرۇرىغا خىلاپ ھالدا، ئىنسان تۇرمايدىغان پاسكىنا مۇھىت ئىچىدە ئىشلەپ ھاياتىنى داۋام قىلماقتا .
بۇنداق ياشاش ئەسلى ئىنسان پىترىتىگە تامامەن زىت بۇلۇپلا قالماي، ئىمان نىمىتىگە ساھىپ بولغان پاك-قەلىب ئىگىلىرىگە مۇتلەق ياراشمايدىغان يىرگىنىشلىك ئىللەت. شۇنداقلا ھەقىقى مۇسۇلمانلىق پەزىلىتىگە تامامەن خىلاپ كىلىدىغان روھى كېسەللىك.  

ھازىر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بىلىم ساھىپلىرى ئارىسىدا (دىنى ۋە پەننى ساھەدە بۇلۇپ) 250 دىن ئارتۇق ئىلىم-بىلم ئىگىلىرى (دوكتۇر، ئىنجىنىر، ماگىستىر، ئاسپىرانت...قاتارلىقلار بار ئىكەن . ئەنە شۇ ئىلىم ئىگىلىرى ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى تۇنۇپ ، ھىچ بولمىغاندا  كۈندىلىك بىر سائەت ۋاقتىنى شۇ ئەزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ كېلەچەكى، ئەركىن ھايات تۇرمۇشى ئۈچۈن ئاتاپ، ھازىرقى بۇلاۋاتقان بىچارىلىك مۇھىت  ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، ھەر ئايدا بىر پارچە ئىلمى ماقالە يازسا . ياكى بولمىسا بىرەر ئاتاغلىق شەخىسلەر تەرپىدىن يېزىلغان كىتاپتىن بىر-ئىككى بەت تەرجىمە قىلسا، بۇ يازمىلارنى جەملەيدىغان بىر بىرلىك ئوتتۇرغا چىقىپ، شۇ يازما ئەسەرلەرنى ۋە تەرجىمىلەرنى توپلاپ، ئۆز ساھەسى بۇيىچە رەتلەپ تەھرىرلەپ چىقسا، ئاخىردا قانداق نەتىجە كۆرسىتىدىغانلىقى ھەممەمىزگە ئايان .
مەسىلەن _  ھەر ئايدا يېزىلغان ۋە تەرجىمە قىلىنغان ئىلمى ئەسەرلەر سانى 500 بەت يازما ماقالە. ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، سىياسى، ئەدەبى قاتارلىق  ساھەلەر....!  500 بەت تەرجىمە ماقالە، ئىقتىسادى ، ئىجتىمائىي ، ئەدەبى، سىياسى قاتارلىق ساھەلەر...  !.
بۇ يازمىلارنى ئۆز تەرتىبى بۇيىچە رەتلەپ چىققاندا،  ھەرئېيىغا ئەڭ  ئاز بولغاندىمۇ 400 بەتلىك كىتاپتىن ئىككىسى نەشىرگە تەييار بۇلىدۇ .
مانا بۇنداق ئىلگىرلەش، مىللىتىمىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيۋسىنى يۇقرى كۆتۈرۈش، نادانلىقتىن قۇتقۇزۇپ ھازىرقى يېڭى دەۋرىدىكى ئىلم ساھەلىرى بىلەن تۇنۇشتۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينايدىغان قەلەم كۈرىشىدىن ئىبارەت . بۇخىل خىزمەتلەر ھىچبولمىسا كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ پايدىلىق بولغان مەدەنى-مىراسلارنى ھازىرلاش دىمەكتۇر !  ئەنە شۇنداق قىممەتلىك  مىراسلارنى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا تارىقتىن ساۋاق، كەلگغسى ئۈچۈن چىراق ياقىلسا، شۇ ئارقىلىق ئۈستىمىزدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئازبولسىمۇ ئادا قىلغان ۋاقىتتا، بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنىڭ ئىمانى-ئىنسانى ئىرادىمىزگە خىلاپلىق قىلغان بولمايمىز .
ئەگەر بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى  ئىمانى ـ ئىنسانى ئىرادىمىز مۇستەھكەم، ۋىجدانى مەسئۇلىيەتچالىقىمىز كۈچلۈك، ۋەتەن-مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئارزۇيىمىز راس بۇلىدىغان بولسا، دۇنيانىڭ قايسى بۇلۇڭلىرىدا ياشىشىمىزدىن قەتئىنەزەر، ئۆز ئىرادىمىزگە ئاسىلىق قىلمايلى !!!.

                مەنبە - ئۆز قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   möljarli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-5 11:29 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
كارۋان + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17779
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكەممەل ياخشى يېزىلغان ئىككى ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ چقتىم.ئەسەر يېزىش قابىليىتىڭىز بولۇپ قۇيىدىكەن.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش