|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار،قېرىنداشلار!
تەڭرىتاغ باغرىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2011-يىللىق خەلقئارالىق چېدىر بايرىمى ۋە مەملىكەتلىك دالا ۋەلسىپىت مۇسابىقىسى داغدۇغىلىق باشلىنىپ،ماھىرلىرىمىز يۇرتىمىزغا شەرەپ ئېلىپ كېلىپ بۈگۈن مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئاياغلاشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىگە ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى سۆز قىلدى ۋە مۇسابىقىغە ئۇتۇقلۇق تىلىدى.
دالا ۋەلسىپىتى ،دالىدا ئۇزۇنغا يۈگۈرەش قاتارلىق مۇسابىقىلەردە باتۇر ئوغلانلىرىمىز ۋە جەسۇر قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىرىنى كۆرسەتتى ۋە يۇرتىمىزغا شۇنداقلا مىللىتىمىزگە شەرەپ ئېلىپ كەلدى.
ئالدى بىلەن ئوغۇللار دالا ۋەلسىپىتى مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن باتۇر ئوغلانىمىز پەيزۇللا قاسىمنى زىيارەت قىلدىم ۋە قىسقىغىنە سۆھپەتتە بولدۇق.
ئۆزماكان:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىزنىڭ چىمپىيون بولغىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.سىز قىسقىچە تەرجىمەھالىڭىزنى بىزگەسۆزلەپ بەرسىڭىز.
پەيزۇللا قاسىم:
بولىدۇ.ئىسمىم پەيزۇللا قاسىم.يۇرتۇم كورلا خوشۇتتىن.1983-يىلى11-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان.
ئۆزماكان:
سىز ۋەلسىپىت مىنىش ھەركىتىنى قاچان ياخشى كۆرۈپ قالغان؟
پەيزۇللا قاسىم:
11يېشىمغۇ دەيمەن.مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى 25 كىلومېتىر بولغاچقادادامنڭ ۋەلسىپىتىنى دائىم ئەپ قاچاتتىم.شۇنداق قىلىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ۋەلىسپىتكە بولغان ئالاھىدە بىر خىل ياخشى كۆرۈش پەيدا بولدى.
ئۆزماكان:
قاچاندىن باشلاپ مۇسابىقىغە قاتناشتىڭىز ۋە قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشتىڭىز؟
پەيزۇللا قاسىم:
2003-يىلى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدا 26 -بولدۇم.بۇ مېنىڭ تۇنجى مۇسابىقەم.
ئۆزماكان:
بۇ نەتىجىڭىزگە رازىمۇ؟
پەيزۇللا قاسىم:
ياق!چۈنكى مەن مىنىۋاتقان ۋالسىپىت مىڭ نەچچە سوملۇق ئەرزان ۋەلسىپىت.ھەر قېتىم مەسق تۈگىگەندىن كېيىن ۋەلسىپىتىمنى تىقىپ قوياتتىم.
ئۆزماكان:
نىمىشقا؟
پەيزۇللا قاسىم:
باشقىلارنىڭ ۋەلسىپىتى ياخشى مۇسابىقە ۋەلسىپىتى .مېنىڭ بولسا ئادەتتىكى ۋەلسىپىت شۇنۇڭغا.....ھا ھا ھا .
2005-يىلى 北山羊 ئۆتكۈزگەنرايون مۇسابىقىسىدە1-،مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىدە2- بولدۇم.3-6-گىچە بولغان نەتىجەم بەك كۆپ.
ئۆزماكان:
خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشقانمۇ؟
پەيزۇللا قاسىم:
قاتناشقان.2010-يىلى چوڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق دالا ۋەلسىپىت مۇسابىقىسىدە 5-،ئاسىيا بويىچە بىرىنچى بولدۇم.
2010-يىلى12-ئايدا دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مۇسابىقىدە 33-بولدۇم.
ئۆزماكان:
بۇ نەتىجىڭىزگە قانداق قارايسىز؟
ئازراق رازى ئەمەس.چۈنكى تىل ئۇخمىغاچقا كۆرسىتىش تاختىلىرىدىكى سۆزلەرنى تونۇماي ئارتۇق يول مېڭىپ كۆپ جاپا تارتتىم.بولمىسا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشكە كۆزۈم يېتەتتى.
ئۆزماكان:
بۈگۈنكى مۇسابىقە نەتىجىڭىزگە رازىمۇ؟
پەيزۇللا قاسىم:
رازى.چۈنكى بىزنىڭ كوماندىدىكى ماھىرلاردىن سىرت. مەخسۇس ماھىرلار يوقكەن.سىزمۇ ياخشى مىندىڭىز.ھا ھا ھا .
ئۆزماكان:نەدىكىنى.مۇسابىقىنى تۈگىتەلىگىنىمگە خوش مەن.
سىز شىنجاڭنىڭ ۋەلسىپىت ھەركىتىگە قانداق قارايسىز:
پەيزۇللا قاسىم:
شىنجاڭدا بۇنداق مۇسابىقىلەر يىلدا بىرەر قېتىم ئۆتكۈزىلىدۇ ياكى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ.بولسا مۇشۇنداق مۇسابىقىلەر كۆپرەك ئۇيۇشتۇرۇلسا ،يىگىت ۋە قىزلىرىمىز كۆپرەك قاتناشسا دەپ ئويلايمەن.مۇھىمى بىزنى ۋە ۋەلسىپىت مۇسابىقىسىنى ئويۇشتۇرىدىغان ئورۇن ۋە قوللىغۇچى ئورۇن شەخسلەر كۆپرەك چىقسا.........
ئۆزماكان:مەن بارلىق تورداشلارغا ۋە يۇرتىمىزدىكى بارلىق يۇرتداشلارنىڭ نامىدىن سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىزنى يەنە بىر قېتىم قۇتلۇقلايمەن.خۇدايىم بۇيرىسا تېخىمۇ كۆپ ۋە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.سۆھپەتتە بولغىنىڭىزغا رەھمەت.
دالا ۋەلسىپىت مۇسابىقىسىدە 3-بولغان يىگىت باتمۇڭ 86-يىلى 2 -ئاينىڭ21 -كۈنى كۆرلىدا تۇغۇلغان.مىللىتى موڭغۇل.يىەىرمە نەچچە مەيدان مۇسابىقىغە قاتناشقان.3قېتىم چىمپىيون بولغان.بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 160كىلومېتىرلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرەش مۇسابىقىسىدە 6-بولغان.
دالىدا يۈگىرەش مۇسابىقىسىدە 7-بولغان يىگىتىمىز ھەسەنجان ئابلەت.
دالىدا يۈگۈرەش مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن باتۇر ئوغلان ئىبراھىم.مىللىتى تاجىك.
قىزلار دالىدا يۈگۈرەش مۇسابىقىسى ۋە ۋەلسىپىت مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان باتۇر قىزىمىز رەيھان ئىماش .قازاق.
دالىدا يۈگۈرەش يولى بىر قەدەر قىيىن بولۇپ،ئەڭ ئىگىز جاي 3100مېتىر كېلىدۇ.مۇشۇنداق جاپالىق مۇساپىلەرنى بېسىپ ، يۇرتىمىزغا شەرەپ ئېلىپ كەلگەن قىز - يىگىتلىرىمىزگە ئاپرىن!
مۇسابىقە باشلىنىشىغا ئارتىسلار سەرخىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر بېسچى
بۇ مۇسابىقىدا پېقىر ئۆزماكان دالا ۋەلسىپىت تۈرىدە 14-بولدى.سەت بولدى.لېكىن ئىشتىن سىرتقى ماھىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇشۇنداق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ماھىرلار بىلەن بىللە مۇسابىقىغە قاتناشقىنىمغا تولىمۇ خوشالمەن!
مەنبە:ئۆزماكان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-5 09:56 PM
|
|
|
|
|
|