مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 564|ئىنكاس: 17

ئۇيغۇر ئېلانچىلىقى ھەققىدە ئىككى كەلىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتس

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3000
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار،ئەتىگەن مۇنبەرگە يوللانغان <يۇقىرى مائاش بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز>دېگەن تېمىنى ئېچىپ قارىسام، شىنجاڭ قوچقار مەبلەغ تەرەققىيات شىركىتى قارمىقىدىكى ئاتامان ئېلان سىتودىيىسىگە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى بىلەن بىرگە مەزكۇر سىتودىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشلىگەن ئېلانلارنىڭ ۋىدىئوسى يوللىنىپتۇ،قارىسام بۇ سىتودىيە ئىشلىگەن ئېلانلار كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە مۇيەسسەر بولغان ئېلانلار ئىكەن،گەرچە ئۇيغۇر ئېلانچىلىقى توغرىسىدا ھەر قايسى مەتبۇئات ۋە مۇنبەرلەردە مۇنازىرە بولغان بولسىمۇ مەن يەنىلا  تۆۋەندىكى كۆز قاراشلىرىم ئارقىلىق تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم.


راست گەپ قىلسام ئېلان دېگەن بىلەن قەتئىي خوشۇم يوق ئىدى،نېمىشقا بولماقچىدى؟ھېلىقىدەك تېتىقسىز ئېلانلارنىڭ تەسىرىدىن بولمامدۇ،ئەمما مۇشۇ  ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن رۇقىيە ئوبۇلقاسىم رول ئېلىشىدا ئىشلەنگەن ‹مەشرەپ› كىرئالغۇسىنىڭ ئېلانى،ئوماق،تاتلىق بالىلىرىمىز كۆرۈنىشىدىكى سەبىيلەر‹ئالتۇن بوۋاق›سۈت پاراشوكىنىڭ ئېلانى(ئارتىستلارغۇ ئېلاندا ئۆز ئىقتىدارى بىلەن ئوبراز يارىتىدۇ،ئەمما بۇ ئېلاندىكى ئوماقلىرىمىزنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى ئادەمنى شۇنچىلىك سۆيۈندۈرىدۇ،كىچىك بالىلار رول ئالىدىغان ئېلاننى ئىشلەش باشقا ئېلانلارنى ئىشلەشكە قارىغاندا تەسرەك دەپ ئويلايمەن،چۈنكى ئۇ دېگەن كىچىك بالىدە،قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن خۇدايىم!)،بىر تىرىشچان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئالغان ئىخلاس فېرىمانى ‹بىر ئاقكۆڭۈل كىشىدىن...›دەپ ئاتا-ئانىسىغا ئەۋەتسە جاپاكەش ئاتا-ئانا بالىسىغا قىسىنىپ بالىسىغا ئەۋەتىدۇ.....(بۇ ئېلاننى تۇنجى كۆرگىنىمدە ھەقىقەتەن تەسىرلەنگەن،بۇ ھەرگىزمۇ بىر ئېلانلا بولۇپ قالماستىن بىزگە بېرىلگەن بىر ئەخلاق تەربىيىسى دەپ قارايمەن).مانا مۇشۇ ئېلانلار قاچاندىن باشلاپ تېلىۋىزوردا قويۇلدى،شۇ چاغدىن باشلاپ مەندە ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىغا نىسبەتەن ئۈمۈد تۇغۇلدى،تېلىۋىزوردا بىر قېتىم قويسا بىر قېتىم كۆردۈم،يېنىش-يېنىشلاپ كۆرسەممۇ زېرىكمىدىم،نېمە ئۈچۈن؟چۈنكى ياخشى ئىشلەنگەن بىر ئېلان ئېلان ئۈنۈمىگە يېتىپلا قالماستىن ئادەمگە بىر خىل بەدىئىي زوق ئاتا قىلالىسا ئاندىن ئادەمدە بىزارلىق تۇيغۇسى بولمايدۇ،بۇندىن بۇرۇنمۇ بىزدە نۇرغۇن ياخشى ئېلانلار ئىشلەنگەن ھەم ھېلىھەم ئىشلىنىۋاتىدۇ،بىراق دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە بولمىغىنىدەك ئۇ-بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن ئۇلارنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاۋاتىدۇ،تېلىۋىزوردا شۇنداقلا ئېلان قويغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىڭ؟! تىزگىنەكنى پاسىلدىتىپ بېسىپ قانال يۆتكەڭ. ئۇكامغا دەپ كېتىمەن بەزىدە:
- ئۇكام،ئا ئېلاننى 快进قىلىۋېتە!(تېز ئۆتكۈزىۋېتە!).
دادام دەپ كېتىدۇ بەزىدە:
-ئېلان چىقمايدىغان تېلىۋىزور بولسا بىرىنجىلەپ ئالاتتىم.
مانا بىزدىكى ئەھۋال،تېخى بەزىدە مۇنبەرلەردە ‹چەتئەل ئېلانلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ›دېگەن تېمىلارنى كۆرۈپ قالىمەن،ئاندىن بېسىپ ئولتۇرۇپ بەزى ئېلانلارنى كۈلكە ئىچىدە،بەزىلىرنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆرىمەن،مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىنى چۈشۈرمەكچى ئەمەس،بايا دېدىمغۇ،بىزدىمۇ ياخشى-يامانغا تىپ بولالىغىدەك ئېلانلار نۇرغۇن ئەمەلىيەتتە.
ئاشۇ چەتئەللىكلەر ئىشلىگەن ئېلاننى بىز ئىشلىيەلمەسمىزما؟مىللەت توغرىسىدا گەپ بولسا ھەممىمىز ‹بىز دېگەن ئانداق ئۇلۇغ مىللەت يەي،مانداق ئەقىللىق مىللەت يەي›دەپ سۆزلەيمىز،توغرا!بىز ئەقىللىق مىللەت،خەق قىلغاننى بىزمۇ قىلالايمىز،ئاپامنىڭ بىر گېپى بولىدىغان،‹بالام،ھەممە ئىش قىلماسلىقتىن قالىدۇ› دەپ.راستكەن،ھەممە ئىش قىلماسلىقتىن قالىدىكەن،قىلايلى دېسەك مەبلەغ كاممۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ھەر قانچە بولسا؟!چۈنكى قايسى بىر سودىگەر ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ ئېلانىنىڭ ياخشى ئىشلىنىپ بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلىنىشىنى خالىمايدۇ؟ئۇنداقتا بىزدە نېمە كەم؟؟؟؟ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىمىزدا نېمە كەم؟؟؟؟؟
مەن تۆۋەندە بىر قانچە شەخسى پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسسام.
1-ئېلان سۆزى چوقۇم ياخشى بولىشى كېرەك،ھەرگىزمۇ داڭلىق چولپاننى ئېكرانغا چىقىرىپ پالانچى مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەن ئىدىم،ئاق بولدۇم،كۆك بولدۇم دېگەندەك كالتا-كۆسەي،قۇلاققا خوش ياقمايدىغان سۆزنى ئىشلەتمەسلىك لازىم،بۇنداق ئېلانلار بەزى بىر قىسىم ئەخمەق ئادەملەرنى ئالداپ بىر مەزگىللىك سېتىۋىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان بىلەن ھامان دەسمىسى غالتەككە چىقىدۇ ھەم ئېلان قىلىنىۋاتقان مەھسۇلات ھەر قانچە ياخشى ،سۈپەتلىك بولسىمۇ كۆرگەن ئادەمنى بىرىنجىدىن ئېلاندىن بىزار قىلسا ئىككىنجىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتقا نىسبەتەن بىزارلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.ئېسىمىزدە بولسۇنكى،ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك!!!
2- ئېلان سېنارىيىسى ياكى ئېلان ۋەقەلىكى ئاددى،چۈشىنىشلىك،ئادەمگە بەدىئىي ھۇزۇر ئاتا قىلالايدىغان بولىشى كېرەك،شۇندىلا كۆرۈرمەنلەردە ئېلانغا ھەم .ئېلاندىكى مەھسۇلاتقا نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش پەيدا بولۇپ ئاخىرىدا ئېلان ئىشلەتكۈچى سودىگەرنىڭ ھەم ئېلان ئىشلىگۈچىنىڭ ھاردۇقى چىقىدىغان نەتىجە ھاسىل بولىدۇ.
3- ئېلان ئىشلەشتىكى تېخنىكىلارغا تېخمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم،مەيلى ئۇ ئېلان فانتازىيىلىك قىلىپ ئىشلەنسۇن،ياكى ئەمەلىي ئىشلەنسۇن،ئىشلەش جەريانىدىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم،ھەرگىزمۇ ئېلان ئىشلەش ئۈچۈنلا ئىشلىمەسلىك لازىم،تېلىۋىزور ئېلانى دېگەننى كۆز بىلەن كۆرۈپ قەلىپ بىلەن ھېس قىلىدىغان بىر مىكرو كىنو دېسەك ئارتۇق كەتمەس،شۇڭلاشقا ھەر قايسى ئېلان ئىشلگۈچى ئۇستىلار تېخنىكىغا پىششىق بولۇپ ئەلنىڭ كۆزىنى ھەم قەلبىنى ئالدايدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك.
مەن ئېلان ئىشلىگۈچى بولمىغاچقا ئېلان ئىشلەشتىكى تېخنىكىلارنى بىلىپ كەتمەيمەن،شۇڭلاشقا بۇ يەردە تېخنىكا مەسىلىسىنى سۆزلەۋېرىش ئېلان تېخنىكلىرىغا ئارتۇقچە ھېساپلىنىشى مۇمكىن،مەن پەقەت شۇنى دېمەكچىمەنكى،ئۆز ئىشىمىزغا مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىمىز كەڭ ئېلان كۆرۈرمەنلىرىگە مەسئۇل بولغىنىمز!!!


گۈللا بولسا گۈل ئەمەس،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.

دەپ يېزىلغىنىدەك ‹ئېلانلا بولسا ئېلان ئەمەس،ئېلاندەك مەناسى بولمىسا!›






مېنىڭ ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىغا نىسبەتەن قاراشلىرىم مۇشۇنچىلىك.شەخسى كۆز قارىشىمغا نىسبەتەن تورداشلارنىڭ پىكرى بولسا ئۇيغۇر ئېلانچىلىقى توغرىسىدا پىكىرلەشسەك بولىدۇ،ھەم تورداشلارنىڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ ئېلاننى كۆپ قويىۋېلىشى بىلەن بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىنى ئارلاشتۇرۋالماسلىقىنى شۇنداقلا ئۇزاقتىن بۇيان ئېلان ساھەسىدە جاپا چېكىپ،بىزگە نادىر ئېلانلارنى سۇنغان جاپاكەش قېرىنداشلارغا ھەم ئاتامان ئېلان سىتودىيەسىدىكى قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،ياراتقۇچى قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن!!!


2012-يىل 7-ئاينىڭ 5-كۈنى

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان، نەپرەت بوپ كۆرۈنەر ئەكسىم ئەينەكتىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 533
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستۇم ئەمدى  شۇ  بىزمۇ بازارغا قۇغۇن ئەپچىقىپ قالساق  ياخشى قۇغۇن ئاى قۇغۇن تاتلىق قۇغۇن شىكە قۇغۇن دەپ ساتقانغا ئوخشاش بۇلارمۇ ئازراق تەشۋىق قىلىپ ماختىمىسا كىشىلەرمەسھۇلاتنى تۇنىمىسا قانداق ئالىدۇ ، بۇنىمۇ توغرا چۈشۈنۈش كېرەك

پەخرىم بىلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ بۇخەتنى بېسىپ كىېىپ كۈرۈڭ
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت
بېسىڭ مەرھەمەت

ھەي جۇڭگۇچىلىق

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5667
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4580 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ مۇھىمى مەھسۇلات ياخشى بولسا ئىلانىنىڭ مەن ئۈچۈن قانداق بولشى بەرىبىر

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82421
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيدۇ مەن ئېلانلانى كورىمەن مەنمۇ ئېلانچىلىق كەسپىدە لىكىن مۇشۇ دوختۇر  خانىنىڭ ئېلانلىرى زە  

http://1001keqa.blogbus.com

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 582
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   قوزام بىزباللار يۈرۈشلۈك چاچ سۇپۇنلىرى
تېما ئېگىسگە كۆپ رەھمەت.  مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇنلار بىلەن خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە!

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11531
تۆھپە نۇمۇرى: 1411
توردا: 3300 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقتى 6 سائەت ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
   
مەن ئامراق ئېلانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىدە سىلەر ئىشلەپتىكەنسىلەردە؟راست گەپ قىلسام ئېلان دېگەن بىلەن قەتئىي خوشۇم يوق ئىدى،نېمىشقا بولماقچىدى؟ھېلىقىدەك تېتىقسىز ئېلانلارنىڭ تەسىرىدىن بولمامدۇ،ئەمما مۇشۇ  ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن رۇقىيە ئوبۇلقاسىم رول ئېلىشىدا ئىشلەنگەن ‹مەشرەپ› كىرئالغۇسىنىڭ ئېلانى،ئوماق،تاتلىق بالىلىرىمىز كۆرۈنىشىدىكى سەبىيلەر‹ئالتۇن بوۋاق›سۈت پاراشوكىنىڭ ئېلانى(ئارتىستلارغۇ ئېلاندا ئۆز ئىقتىدارى بىلەن ئوبراز يارىتىدۇ،ئەمما بۇ ئېلاندىكى ئوماقلىرىمىزنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى ئادەمنى شۇنچىلىك سۆيۈندۈرىدۇ،كىچىك بالىلار رول ئالىدىغان ئېلاننى ئىشلەش باشقا ئېلانلارنى ئىشلەشكە قارىغاندا تەسرەك دەپ ئويلايمەن،چۈنكى ئۇ دېگەن كىچىك بالىدە،قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن خۇدايىم!)،بىر تىرىشچان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئالغان ئىخلاس فېرىمانى ‹بىر ئاقكۆڭۈل كىشىدىن...›دەپ ئاتا-ئانىسىغا ئەۋەتسە جاپاكەش ئاتا-ئانا بالىسىغا قىسىنىپ بالىسىغا ئەۋەتىدۇ.....(بۇ ئېلاننى تۇنجى كۆرگىنىمدە ھەقىقەتەن تەسىرلەنگەن،بۇ ھەرگىزمۇ بىر ئېلانلا بولۇپ قالماستىن بىزگە بېرىلگەن بىر ئەخلاق تەربىيىسى دەپ قارايمەن).مانا مۇشۇ ئېلانلار قاچاندىن باشلاپ تېلىۋىزوردا قويۇلدى،شۇ چاغدىن باشلاپ مەندە ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىغا نىسبەتەن ئۈمۈد تۇغۇلدى،تېلىۋىزوردا بىر قېتىم قويسا بىر قېتىم كۆردۈم،يېنىش-يېنىشلاپ كۆرسەممۇ زېرىكمىدىم،نېمە ئۈچۈن؟چۈنكى ياخشى ئىشلەنگەن بىر ئېلان ئېلان ئۈنۈمىگە يېتىپلا قالماستىن ئادەمگە بىر خىل بەدىئىي زوق ئاتا قىلالىسا ئاندىن ئادەمدە بىزارلىق تۇيغۇسى بولمايدۇ،بۇندىن بۇرۇنمۇ بىزدە نۇرغۇن ياخشى ئېلانلار ئىشلەنگەن ھەم ھېلىھەم ئىشلىنىۋاتىدۇ،بىراق دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە بولمىغىنىدەك ئۇ-بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن ئۇلارنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاۋاتىدۇ،تېلىۋىزوردا شۇنداقلا ئېلان قويغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىڭ؟! تىزگىنەكنى پاسىلدىتىپ بېسىپ قانال يۆتكەڭ. ئۇكامغا دەپ كېتىمەن بەزىدە:
- ئۇكام،ئا ئېلاننى 快进قىلىۋېتە!(تېز ئۆتكۈزىۋېتە!).
دادام دەپ كېتىدۇ بەزىدە:
-ئېلان چىقمايدىغان تېلىۋىزور بولسا بىرىنجىلەپ ئالاتتىم.
مانا بىزدىكى ئەھۋال،تېخى بەزىدە مۇنبەرلەردە ‹چەتئەل ئېلانلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ›دېگەن تېمىلارنى كۆرۈپ قالىمەن،ئاندىن بېسىپ ئولتۇرۇپ بەزى ئېلانلارنى كۈلكە ئىچىدە،بەزىلىرنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆرىمەن،مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىنى چۈشۈرمەكچى ئەمەس،بايا دېدىمغۇ،بىزدىمۇ ياخشى-يامانغا تىپ بولالىغىدەك ئېلانلار نۇرغۇن ئەمەلىيەتتە.
ئاشۇ چەتئەللىكلەر ئىشلىگەن ئېلاننى بىز ئىشلىيەلمەسمىزما؟مىللەت توغرىسىدا گەپ بولسا ھەممىمىز ‹بىز دېگەن ئانداق ئۇلۇغ مىللەت يەي،مانداق ئەقىللىق مىللەت يەي›دەپ سۆزلەيمىز،توغرا!بىز ئەقىللىق مىللەت،خەق قىلغاننى بىزمۇ قىلالايمىز،ئاپامنىڭ بىر گېپى بولىدىغان،‹بالام،ھەممە ئىش قىلماسلىقتىن قالىدۇ› دەپ.راستكەن،ھەممە ئىش قىلماسلىقتىن قالىدىكەن،قىلايلى دېسەك مەبلەغ كاممۇ؟ ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ھەر قانچە بولسا؟!چۈنكى قايسى بىر سودىگەر ئۆز مەھسۇلاتىنىڭ ئېلانىنىڭ ياخشى ئىشلىنىپ بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلىنىشىنى خالىمايدۇ؟ئۇنداقتا بىزدە نېمە كەم؟؟؟؟ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىمىزدا نېمە كەم؟؟؟؟؟
مەن تۆۋەندە بىر قانچە شەخسى پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسسام.
1-ئېلان سۆزى چوقۇم ياخشى بولىشى كېرەك،ھەرگىزمۇ داڭلىق چولپاننى ئېكرانغا چىقىرىپ پالانچى مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەن ئىدىم،ئاق بولدۇم،كۆك بولدۇم دېگەندەك كالتا-كۆسەي،قۇلاققا خوش ياقمايدىغان سۆزنى ئىشلەتمەسلىك لازىم،بۇنداق ئېلانلار بەزى بىر قىسىم ئەخمەق ئادەملەرنى ئالداپ بىر مەزگىللىك سېتىۋىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان بىلەن ھامان دەسمىسى غالتەككە چىقىدۇ ھەم ئېلان قىلىنىۋاتقان مەھسۇلات ھەر قانچە ياخشى ،سۈپەتلىك بولسىمۇ كۆرگەن ئادەمنى بىرىنجىدىن ئېلاندىن بىزار قىلسا ئىككىنجىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتقا نىسبەتەن بىزارلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.ئېسىمىزدە بولسۇنكى،ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك!!!
2- ئېلان سېنارىيىسى ياكى ئېلان ۋەقەلىكى ئاددى،چۈشىنىشلىك،ئادەمگە بەدىئىي ھۇزۇر ئاتا قىلالايدىغان بولىشى كېرەك،شۇندىلا كۆرۈرمەنلەردە ئېلانغا ھەم .ئېلاندىكى مەھسۇلاتقا نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش پەيدا بولۇپ ئاخىرىدا ئېلان ئىشلەتكۈچى سودىگەرنىڭ ھەم ئېلان ئىشلىگۈچىنىڭ ھاردۇقى چىقىدىغان نەتىجە ھاسىل بولىدۇ.
3- ئېلان ئىشلەشتىكى تېخنىكىلارغا تېخمۇ ئەھمىيەت بېرىش لازىم،مەيلى ئۇ ئېلان فانتازىيىلىك قىلىپ ئىشلەنسۇن،ياكى ئەمەلىي ئىشلەنسۇن،ئىشلەش جەريانىدىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم،ھەرگىزمۇ ئېلان ئىشلەش ئۈچۈنلا ئىشلىمەسلىك لازىم،تېلىۋىزور ئېلانى دېگەننى كۆز بىلەن كۆرۈپ قەلىپ بىلەن ھېس قىلىدىغان بىر مىكرو كىنو دېسەك ئارتۇق كەتمەس،شۇڭلاشقا ھەر قايسى ئېلان ئىشلگۈچى ئۇستىلار تېخنىكىغا پىششىق بولۇپ ئەلنىڭ كۆزىنى ھەم قەلبىنى ئالدايدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك.
مەن ئېلان ئىشلىگۈچى بولمىغاچقا ئېلان ئىشلەشتىكى تېخنىكىلارنى بىلىپ كەتمەيمەن،شۇڭلاشقا بۇ يەردە تېخنىكا مەسىلىسىنى سۆزلەۋېرىش ئېلان تېخنىكلىرىغا ئارتۇقچە ھېساپلىنىشى مۇمكىن،مەن پەقەت شۇنى دېمەكچىمەنكى،ئۆز ئىشىمىزغا مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىمىز كەڭ ئېلان كۆرۈرمەنلىرىگە مەسئۇل بولغىنىمز!!!


گۈللا بولسا گۈل ئەمەس،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.

دەپ يېزىلغىنىدەك ‹ئېلانلا بولسا ئېلان ئەمەس،ئېلاندەك مەناسى بولمىسا!›






مېنىڭ ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىغا نىسبەتەن قاراشلىرىم مۇشۇنچىلىك.شەخسى كۆز قارىشىمغا نىسبەتەن تورداشلارنىڭ پىكرى بولسا ئۇيغۇر ئېلانچىلىقى توغرىسىدا پىكىرلەشسەك بولىدۇ،ھەم تورداشلارنىڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ ئېلاننى كۆپ قويىۋېلىشى بىلەن بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىنى ئارلاشتۇرۋالماسلىقىنى شۇنداقلا ئۇزاقتىن بۇيان ئېلان ساھەسىدە جاپا چېكىپ،بىزگە نادىر ئېلانلارنى سۇنغان جاپاكەش قېرىنداشلارغا ھەم ئاتامان ئېلان سىتودىيەسىدىكى قېرىنداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،ياراتقۇچى قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن!!!


  ئىنكاسلىرىڭىزدىن رەتلەپسىز ھە https://uyghur-archive.com/misranim/thread-82167-3-1.html


ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81412
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2012-7-7
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتس

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3000
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaliptax يوللىغان ۋاقتى  2012-7-5 10:26 PM
دوستۇم ئەمدى  شۇ  بىزمۇ بازارغا قۇغۇن ئەپچىقىپ قالساق   ...

قېرىندىشىم،سىزنىڭ دېگىنىڭىزمۇ توغرا،ھازىرقى كەسكىن سودا رىقابىتىدە ئەلۋەتتە ئېلانغا سەل قاراشقا بولمايدۇ،بىراق مەقسىتىمنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىگەن ئوخشايسىز.مەنمۇ شۇ ماختىمىسۇن دېمىدىم،ماختىسۇن،بىراق كۆزنىڭ ئىچىنى پۇشۇرمايدىغان،ئادەمنى بىزار قىلمايدىغان،قۇلاققا خوش ياقىدىغان قىلىپ ماختىسۇن دېمەكچى خالاس.......

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان، نەپرەت بوپ كۆرۈنەر ئەكسىم ئەينەكتىن.

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتس

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3000
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2012-7-9
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Jim يوللىغان ۋاقتى  2012-7-5 10:38 PM
ۋاقتى 6 سائەت ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
   
مەن ئامراق ئېل ...

شۇنداق،ئەتىگەن ‹يۇقىرى مائاش بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز›دېگەن تېمىدىكى مەن ئامراق ئېلانلارنى كۆرۈپ ئازراق ئىنكاس يېزىپ قوياي دەپ بىر يېزىشىم بىلەنلا ،نەدىن كەلدىكىن بۇ ئىلھام،باش كۆتۈرمەيلا يېزىپ كېتىپتىمەن،قارىسام بىر مۇنچە نەرسە يېزىلىپ كېتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئايرىم تېما سۈپىتىدە يوللاشنى لايىق تېپىپ ئەۋەتكەن ئىدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن يېقىندىن بۇيان بىزدىكى تېلىۋىزىيە ئېلانلىرى توغرۇلۇق ئويلىنىۋاتقان ئىدىم،قارىسام بۇ ئېلانلار بۈگۈن نەقلا ئۇچراپ قالدى،شۇڭا ئويلىغانلىرىمنى تۆكۈپلىۋاتتىمغۇ.

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان، نەپرەت بوپ كۆرۈنەر ئەكسىم ئەينەكتىن.

—Face Book—

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34430
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3081
تۆھپە نۇمۇرى: 107
توردا: 645 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-7-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېلان دەپلا  ئىشلەردىغان بۇلۇپ كەتتى ،  . ،. ، كىشىلېرىمىز  .

                ئەمما  قۇللايمەن .  

سۈيۈملۇك دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ‹ئاتا-ئانام›غا رەھمەت ئېيتىمەن ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش